دەۋەت نەدىن باشلىنىدۇ؟
5-سوئال: بۇ يەردىكى ئىسلامىي جامائەتلەر ئىسلامىي دەئۋەتنى ئاۋۋال سىياسەت، ئەقىدە ۋە ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىدىن باشلاش توغرىسىدا ئىختىلاپلاشتى. ئىسلامىي دەئۋەت ئاۋۋال نەدىن باشلىنىشى كېرەك؟
ھەرەم پەتىۋا ئورگىنى پەتىۋالىرى، 12 – جىلد، 238-بەت
مۇجتەھىد پەتىۋا تورى تەرجىمە قىلدى
جاۋاب: ئەگەر دەئۋەت قىلىنغۇچى كاپىر بولسا ـــ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ـــ دەئۋەت تەۋھىد-ئەقىدىدىن باشلىنىدۇ. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (يەمەنگە ئەۋەتىلىش) ھەدىسىمۇ مۇشۇ خىل مېتودنى (يەنى كاپىرغا دەئۋەتنى تەۋھىد-ئەقىدىدىن باشلاشنى) ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر دەئۋەت قىلىنغۇچىلار مۇسۇلمانلار بولسا، ئۇلارغا قىلىنىدىغان دەئۋەت ئۇلار بىلمەي قالغان، جاھىل قالغان ياكى خاتا چۈشىنىۋالغان دىنىي ئەھكاملارنى — ئەڭ مۇھىملىرىدىن باشلاپ — ئۇلارغا بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بولىدۇ.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئەللامە ئابدۇررازاق ئەفىفىي
