پەرز ناماز ئۈچۈن قامەت ئېيتىلغاندا (نەپلە) ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
مۇئەززىن پەرز ناماز ئۈچۈن ئىقامەت توۋلاشقا باشلىغاندا ھەر قانداق كىشىنىڭ بىر نەپلە نامازنى باشلاپ ئۇنى ئوقۇشى ۋە جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان پەرز نامازنى ئادا قىلىشتىن ئۇزاق قېلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ناماز ئۈچۈن قامەت ئېيتىلغاندا پەرز نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ.»(مۇسلىم 710) شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەرز ناماز ئۈچۈن قامەت ئوقۇلغاندا نەپلە ناماز ئوقۇغان ئادەمگە:«بامدات نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇماقچىمۇسەن؟» دېگەن.(مۇسلىم 711)
بىراق، بىر كىشى نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا مۇئەززىن قامەت توۋلاشنى باشلىسا، پەرز ناماز باشلاش تەكبىرىنىڭ پەزىلىتىگە يېتىشىش ۋە پەرز نامازغا يېتىشىش ئۈچۈن نامازنى (خۇشۇئ بىلەن) يەڭگىل ئوقۇپ تېز تاماملىۋېتىدۇ.
بەزى ئالىملارنىڭ قانائىتى بويىچە، بۇنداق كىشى ئەگەر نامازنىڭ بىرىنجى رەكئىتىنى ئوقۇۋاتقان بولسا، (جامائەتكە قېتىلىپ پەرز ناماز ئوقۇش ئۈچۈن) نامىزىنى بۇزىدۇ. ئەگەر ئىككىنجى رەكئەتنى ئوقۇۋاتقان بولسا نامازىنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇپ جامائەتكە قوشۇلىدۇ.