فىقھۇل مۇيەسسەر: مۇساپىرنىڭ نامىزى ۋە ئۇنى قەسىر قىلىش
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
تۆت رەكئەتلىك (پەرز) نامازنى (ئىككى رەكئەتكە) قىسقارتىپ ئوقۇش
[98] بىرىنجى مەسىلە: نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشنىڭ (قەسىر قىلىشنىڭ) ھۆكمى
يولۇچىنىڭ تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقىنىڭ شەرىئتتە بەلگىلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئەھلى ئىلىم ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. يولۇچىنىڭ نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇشىنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكىگە قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمائ دەلىلدۇر. قۇرئاندىن دەلىل:«يەر يۈزىدە سەپەرگە چىققىنىڭلاردا ئەگەر كاپىرلارنىڭ سىلەرگە يامانلىق قىلىشىدىن قورقساڭلار، نامىزىڭلارنى قىسقارتىپ ئوقۇشۇڭلاردا ھېچ گۇناھ يوق.»(سۈرە نىسا، 101-ئايەت)
قورقۇنچ ھالىتىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس. ساھابىلەر ئەمىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش توغرىسىدا سوئال سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «(نامازنى قەسىر قىلىش) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن سەدىقىسىدۇر. ئاللاھنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېدى.(مۇسلىم 686) ئەسلىدىنلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئۇ زاتنىڭ خەلىپىلىرى ۋە ساھابىلىرى سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشنى داۋام قىلغان. ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن سەپەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە ئىدىم. ئاللاھ ئۇ زاتنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە ئۇ زات سەپەردە ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەنمۇ بىللە سەپەرلەردە بولدۇم، ئۇ زات دە ئاللاھ ۋاپات تاپقۇزغانغا قەدەر ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىدى…»(مۇسلىم 689) ئاندىن، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىمۇ بۇ قاتاردا تىلغا ئالدى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ «ئاللاھ نامازنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇقىم تۇرغاندا تۆت رەكئەت، سەپەر ھالىدە ئىكى رەكئەت قەسىر قىلىپ پەرز قىلدى» دېگەنلىكىمۇ بۇنىڭ دەلىلىدۇر.(مۇسلىم 687)
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ۋە فەقىھلەرنىڭ پېشىۋاسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن، ئاللاھ ئۆزىگە قارشى گۇناھ ئىشلارنىڭ قىلىنىشىنى يامان كۆرىدۇ، ئۆزى بەرگەن رۇخسەتلىرىنىڭ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئەھمەد 5832؛ ئەلبانى ‹ئەل ئىرۋائ› 564-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
سەپەردە نامازنى قەسىر قىلىشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكىگە ئىجمائتىن دەلىلگە كەلسەك: بۇ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكى كەسكىن بىلىنگەن ئىشتۇر. ئۈممەت، سەپەردە نامازنى قەسىر قىلىشتا ئىجمائقا كەلگەن. شۇ ۋەجىدىن، بۇ سۈننەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە رۇخسەتنى تۇتۇش ئۇنى تەرك قىلىشتىن ياخشى ۋە پەزىلەتلىك. ھەتتا، بەزى ئالىملار يولۇچىنىڭ نامىزىنى تولۇق ئوقۇشىنى مەكرۇھ دېگەن. بۇنداق بولۇشى، كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلەرنىڭ سۈننەتنى ئورۇنداشتا داۋاملىق بولۇشى ۋە بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دائىملىق پېئىلى بولۇشىدۇر.
[99] ئىككىنجى مەسىلە: قەسىر قىلىش دۇرۇس بولغان نامازلار
قىسقارتىپ قىلىنىشى دۇرۇس بولغان نامازلار تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلار بولۇپ، ئۇلار پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامىزىدىن ئىبارەت. بامدات ۋە شام نامىزىنىڭ قەسىر قىلىنمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىجمائ بار. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرىنىڭ پېئىلىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ «ئاللاھ نامازنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇقىم تۇرغاندا تۆت رەكئەت، سەپەر ھالىدە ئىكى رەكئەت قەسىر قىلىپ پەرز قىلدى» دېگەنلىكىمۇ بۇنىڭ دەلىلىدۇر.(مۇسلىم 687) مانا بۇلار قەسىر قىلىنىشى كېرەك بولغىنىنىڭ تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
[100] ئۈچىنجى مەسىلە: سەپەردە ناماز قىسقارتىپ ئوقۇش مۇساپىسى ۋە نامازنى قىسقارتىدىغان سەپەرنىڭ تۈرى
نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان مۇساپە تەخمىنەن سەكسەن كلومېتىردۇر. بۇ مۇساپە نورمال شارائىتتا يۈك بىلەن نورمال تېزلىكتە يۈرۈشتە ئىككى كۈنلۈك مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. مۇنۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر كېچە-كۈندۈزلۈك يولۇچىلىقنى سەپەر دەپ ئاتىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا بىر كېچە-كۈندۈزلۈك سەپەر قىلىشى ھالال ئەمەس.»(بۇخارى 1088؛ مۇسلىم 1339)
ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما تەخمىنەن سەكسەن كلومېتر (ئون ئالتە فەرسەخ) لىك تۆت كېچىلىك سەپەرگە چىققاندا نامىزىنى قەسىر قىلاتتى ۋە روزا تۇتمايتتى.
ئادەتتە سەپەر ـــ تىجارەت ۋە ساياھەت مەقسىدىدە قىلىنغان مۇباھ ھېسابلىنىدىغان سەپەر؛ ھەج ۋە جىھاد ئۈچۈن قىلىنغان پەرز سەپەر؛ زىيارەت ئۈچۈن ۋە ئىككىنجى قېتىملىق ھەج قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان مۇستەھەب ۋە سۈننەت ھېسابلىدىغان سەپەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھارام ئىش ئۈچۈن قىلىنغان سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. بۇ كۆپچىلىك (جۇمھۇر) ئالىملارنىڭ قارىشى ھېسابلىنىدۇ.
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى.