بامداتنىڭ ۋە شامنىڭ سۈننىتىدە كافىرۇن ۋە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش مۇستەھەپ

بامداتنىڭ ۋە شامنىڭ سۈننىتىدە كافىرۇن ۋە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش مۇستەھەپ

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال: بامدات ۋە شامنىڭ سۈننىتىدە كافىرۇن سۈرىسى بىلەن ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش مۇستەھەپمۇ؟ بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ھېسابلىنامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد باشچىلىقىدىكى «ئىسلام سوئال جاۋابلىرى» تورىنىڭ 85349-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

بارچە گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

جاۋاب: شۇنداق، بامدات ۋە شامنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدە بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇش (يەنى بامداتنىڭ سۈننىتىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن كافىرۇن سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش) مۇستەھەپ. بۇنىڭغا سەھىھ ھەدىسلەر دەلىل بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدە «قۇل يا ئەييۇھەل كافىرۇن» بىلەن «قۇل ھۇۋە ئاللاھۇ ئەھەد» نى ئوقۇغان. (مۇسلىم 726)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شامنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدە ۋە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدە «قۇل يا ئەييۇھەل كافىرۇن» بىلەن «قۇل ھۇۋە ئاللاھۇ ئەھەد» نى ئوقۇغانلىقىنى يىگىرمە قېتىم كۆزەتتىم. (ئىمام نەسائىي 992؛ ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇئ» (3\385) تا بۇ ھەدىسنىنىڭ سەنەدىنى ياخشى دېگەن. شەيخ ئەلبانى «ئەسسىلسىلەتۇس سەھىھ» (3328) تە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەھمەد شاكىر «مۇسنەد ئەھمەدنىڭ تەھقىقى» (8\89) تا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن.)

شەيخ مۇبارەكفۇرى «تۇھفەتۇل ئەخۇزى» (2\418) دا بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىرىنچى رەكئەتتە «قۇل ھۇۋە ئاللاھۇ ئەھەد»نى، ئىككىنچى رەكئەتتە «قۇل يا ئەييۇھەل كافىرۇن» نى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

كۆپلىگەن ئۆلىمالار بۇ ئىككى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، بىردەك ھالدا بۇ ئىككى سۈرىنى شۇ ئىككى سۈننەت نامازدا ئوقۇشنىڭ مۇستەھەپ (يەنى سۈننەت) ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. قاراڭ: «المغني» (1/435) ، «مغني المحتاج» (1/464) ، «الفتاوى الفقهية الكبرى» (1/192) ، الموسوعة الفقهية (27/159)

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ