فىقھۇل مۇيەسسەر: نامازدا ئىماملىق قىلىشى ھارام ھېسابلىنىدىغانلار كىملەر؟

 

[90] ئىككىنجى مەسىلە: ئىماملىق قىلىشى ھارام ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر

 

فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئىماملىق قىلىش ھارامدۇر.

(1) ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە ئىمام بولۇشى ھارام. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئاياللارنى باشچى قىلىۋالغان كىشىلەر ئەسلا بەخىتكە ئېرىشەلمەيدۇ» (بۇخارى 4425) دېگەن ھەدىسى بۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، شەرىئەتتىكى ئەسلى قائىدە ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنى ساقلىشى ۋە ئارقا سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ئارقىلىق تەسەتتۇرغا رىئايە قىلىشىدۇر. ئايال كىشىنىڭ ئىماملىق قىلىشى بۇ جەھەتتىكى ئاساسىي قائىدلەرگە زىت.

(2) نىجاسەتتىن پاكلانمىغان (يەنى تاھارەتسىز ۋە جۇنۇب…) كىشىنڭ، بەدىنىدە نىجاسەت بارلىقىنى بىلگەن ھالدا ئىماملىق قىلغان كىشىنىڭ ئىمام بولۇشى ھارام. ئەگەر ناماز تۈگىگەنگە قەدەر جامائەت بۇنى بىلمىسە، ئۇلارنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ.

(3) مەيلى يادقا ئوقۇسۇن، مەيلى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسۇن سۈرە فاتىھەنى ئۆلچەملىك ئوقۇيالمايدىغان؛ ياكى فاتىھەنى ئوقۇغاندا ئىدغام بولمىغان ھەرىپلەردە ئىدغام قىلىدىغان (كىرىشتۈرۈپ ئوقۇۋېتىدىغان)؛ ياكى ھەرىپلەرنىڭ بىرىنى باشقا بىرىگە ئۆزگەرتىپ ئوقۇيدىغان دەرىجىدە لەھن قىلىدىغان كىشىنىڭ ئىماملىق قىلىشى ھارام. بۇنداق بىرىنىڭ ئىماملىقى ـــ نامازنىڭ رۇكنىدىن بىرىنى ئورۇنداشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى سەۋەبلىك ـــ قىرائەت جەھەتتە ئۆزىگە ئوخشاشلارغىلا دۇرۇس.

(3) پاسىق بىدئەتچىنىڭ ئىماملىقى ھارام. بىدئىتىنى ئاشكارا قىلىدىغان ياكى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدىغان بىدئەتكە چاقىرىدىغان بىدئەتچىنىڭ ئىماملىق قىلىشى ھارام. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دېگەن:«مۇئمىن كىشى پاسىق بىلەن باراۋەر بولامدۇ؟ ياق، بۇلار باراۋەر ئەمەس.»(سۈرە سەجدە، 18-ئايەت) ئاللاھنىڭ بۇ سۆزى يۇقارقى ھۆكۈمنى قۇۋۋەتلەيدۇ. (دىندىن چىقارمايدىغان بىدئەتنى سادىر قىلغۇچىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش دۇرۇس. ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئارىىسدا بۇنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرۇلۇق ئىختىلاپ يوق. شۇنداقلا، بىدئەتچىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەيدىغان ئايەت-ھەدىسمۇ يوق. بەزى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بىدئەتچىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنى تەرك ئېتىشى جاھالەت ۋە دىندىكى ئاشقۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.-ت)

(5) رۇكۇ، سەجدە قىلىشتىن، قىيامدا تۇرۇشتىن ۋە ئولتۇرۇشتىن ئاجىز كىشىنىڭ ئىماملىقى نامازدىكى بۇ پېئىللارنى ئورۇنداش كۈچىگە ئىگە بولغان كىشىنى ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ