تەركىۋىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر
مۇجتەھىدلەر بلوگى تەييارلىدى
mujtehid.com
تۆمۈر ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك مۇھىم مېنىرال ماددىلار قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەنگە كېرەكلىك بىر تۈركۈم خۇسۇسىيەتلىرى مەۋجۇت. بۇ خۇسۇسىيەتلەردىن ئەڭ مۇھىمى، تۆمۈر بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا ئوكسېگىن يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بىز بەدىنىمىزگە كېرەكلىك تۆمۈرنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق قوبۇل قىلىمىز. ئادەم بەدىنىگە ھەر كۈنى كېرەكلىك بولغان تۆمۈر مىقدارى 18 مىللىگرامدۇر.
تۆۋەندە تەركىۋىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى بايان قىلىمىز.
* پالەك. يۈز گرام پىشۇرۇلغان پالەكتە 3.6 مىللىگرام تۆمۈر ماددىسى مەۋجۇت. (پالەكتە يەنە ۋىتامىن س مول.)
* ھايۋانلارنىڭ گۆشلۈك ئىچكى ئەزالىرى، شۇنداقلا ھايۋانات مېڭىسى. مەسىلەن، يۈز گرام كالا جىگىرىدە 6.5 گرام تۆمۈر مەۋجۇت.
ھايۋاناتلارنىڭ گۆشلۈك ئىچكى ئەزالىرىدا تۆمۈردىن سىرت ئاقسىل، ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن ب، مىس قاتارلىق ماددىلار مولدۇر.
بۇنىڭدىن سىرت، ھايۋاناتلارنىڭ گۆشلۈك ئىچكى ئەزلىرىدا مېڭە ۋە جىگىرىمىزگە زۆرۈر بولغان كولىن مەۋجۇتتۇر.
* پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەر. (مەسىلەن، نوقۇت، يېشىل ماش، مەرجىمەك … قاتارلىق)
بىر ئىستاكان پىشۇرۇلغان يېشىل مەرجىمەكتە مىللىگرام تۆمۈر مەۋجۇت. بۇ مىقدار سىزنىڭ كۈندىلىك تۆمۈر ئېھتىياجىڭىزنىڭ 37 پىرسەنتىنى قامدايدۇ.
پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەر تەركىۋىدە يەنە ۋىتامىن ب 9، مېنراللاردىن ماگېنىي ۋە پوتاسيۇم قاتارلىق مېنىراللاردا مولدۇر.
* قىزىل گۆشلەر. (قوي، كالا قاتارلىقلارنىڭ گۆشلىرى)
يۈز گرام پىشقان كالا گۆشىدە 2.7 گرام تۆمۈر، ئوخشاش مىقداردىكى قوي گۆشىدە 2.1 گرام تۆمۈر مەۋجۇت. بۇ كۈندىلىك تۆمۈر ئېھتىياجىمىزنىڭ ئون بەش پىرسەنتىنى قامدايدۇ.
* كاۋا ئۇرۇقى.
28 گرام كاۋا ئۇرۇقىدا 4.2 مىللىگرام تۆمۈر مەۋجۇت. بۇ كۈندىلىك تۆمۈر ئېھتىياجىمىزنىڭ 23 پىرسەنتىنى قامدايدۇ.
كاۋا ئۇرۇقىدا يەنە ۋىتامىنلاردىن ۋىتامىن ك، مېنىراللاردىن سېنىك ۋە ماگېنىي مولدۇر.
* بروكولى (يېشىل رەڭلىك، ئۈستى تەرىپى دېڭىز لۆجىسى شەكلىدىكى، كىچىكلىتىلگەن دەرەخكە ئوخشاش كۆكتات. كارناباھار ئاق رەڭلىكتۇر. بروكولى شەكلى كارناباھارغا ئوخشايدىغان يېشىل رەڭلىك كۆكتاتتۇر.)
156 گرام بروكولى تەركىۋىدە بىر مىلىگرام تۆمۈر مەۋجۇت. بۇ مىقدار كۈندۈلۈك ئېھتىياجىمىزنىڭ 6 پىرسەنتىنى قامدايدۇ. بروكولىدا يەنە ۋىتامىن س، ۋىتامىن ك، كالى ۋە باشقا ماددىلار مەۋجۇت.
* پۇرچاق ئۇيۇتمىسى.
يېرىم ئىستاكان – 126- گرام پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدا 3.6 مىللىگرام تۆمۈر مەۋجۇت. بۇ كۈندىلىك تۆمۈر ئېھتىياجىڭىزنىڭ 19 پىرسەنتىنى قامدايدۇ.
پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدا يەنە ئاقسىل، كالتىسىي، ماگېنىي قاتارلىق ماددىلار مەۋجۇت.
مۇجتەھىدلەر بلوگى تەييارلىدى
mujtehid.com
ئېنگىلىزتىلىدىكى نوپۇزلۇق ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تور بەتلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق بۇ مەزمۇننى تەييارلاپ چىقتۇق. ئۆزىڭىزنىڭ ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلاپ قويۇڭ.
ئاللاھ بارچە مۇسۇلمانلارغا ساغلام ئىمان ۋە ساغلام تەن ئاتا قىلسۇن.