ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن | شەۋۋال روزىسىغا ئائىت زۆرۈر پەتىۋالار

شەۋۋال روزىسىغا ئالاقىدار پەتىۋالار

 

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

 

فۇرقان دەۋەت مەركىزى – مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

 

   437- سوئال: ئۈستىدە رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتىشى توغرىسىدىكى قاراشلىرى نېمە؟

   جاۋاب: بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىن چىقىدۇ:« بىر كىشى رامىزان روزىسىنى تۇتسا، كېيىن ئۇنۇڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ. (مۇسلىم 440)

    بىر كىشىنىڭ ئۈستىدە قازا روزىسى بولسا ۋە شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتماقچى بولسا، بۇ شەۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى رامىزاننىڭ قازا روزىسىدىن ئىلگىرى تۇتامدۇ ياكى رامىزاننىڭ قازا روزىسىدىن كېيىن تۇتامدۇ؟

   مەسلەن: رامىزاندا 24 كۈن روزا تۇتقان ۋە ئالتە كۈنلۈك قازا روزىسى بار بولغان كىشىنىڭ ئالتە كۈنلۈك قازا روزىسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان بولسا« بۇ كىشى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتتى ۋە ئارقىدىنىلا شەۋۋال ئېيىنىڭ 6كۈنلۈك روزىسىنى تۇتتى» دېيىلمەيدۇ. شۇۋەجىدىن ئۈستىدە رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولغان ھالدا، شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان كىشىگە شەۋۋال ئېيىنىڭ روزىسىنىڭ ساۋابى يېزىلمايدۇ.

   بۇ مەسىلە ئالىملارنىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ نەفلە روزا تۇتىشى دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئىختىلاپىنىڭ دائىرسىدە ئەمەس. چۈنكى ئالىملارنىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ نەفلە روزا تۇتۇشى دۇرۇس توغرىسىدىكى ئىختىلاپى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى سىرتىدىكى نەفلە روزىلارغا قارىتىلغان. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى بولسا رامىزان روزىسىغا ئەگىشىدۇ. شۇڭا شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈنلۈك روزا تۇتۇشنىڭ ساۋابى پەقەتلا، رامىزاننىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتقان كىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن.

 

   438-سوئال: رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان ۋە رامىزان ئېيى چىقىپ  تۆت كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغان كېسەلنىڭ تۇتالمىغان روزىلىرىنى ئۇنىڭ نامىدا قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟

   جاۋاب: ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كېسەللىك كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە كەلگەن كېسەللىكلەردىن بىرى بولۇپ تاكى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان تەقدىردە  يېقىنلىرى ئۇنىڭ نامىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن قازاسىنى قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ:«سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ،تەسلىكنى ئەمەس.(سۈرە بەقەرە185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بۇ كېسەل كىشىنىڭ تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇنۇڭغا ئىمكانىيىتى بولماستىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، قازا روزىسىنى تۇتۇش ئۇنىڭ بوينىدىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن قازا روزىسىنى تۇتۇش ئۇنۇڭغا ۋاجىپ بولغان ۋاقىتقا ئۇلىشالمىغان. بۇ كىشى بەئەينى شەئبان ئېيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە ئوخشاشتۇر. شەئبان ئېيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە كەلمەكچى بولغان رامىزاننىڭ روزىسى پەرىز ئەمەس. بىراق، كېسەللىك ياخشىلىنىشتىن ئۈمۈد ئۈزۈلگەن كېسەللىكلەر تۈرىدىن بولغان چاغدا، كېسەل كىشىنىڭ تۇتالمىغان ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن پېقىرغا تويغۇدەك تائام بېرىشى پەرىز بولىدۇ.

 

   439-سۇئال: تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېلەركى رامىزانغا قەدەر تۇتمىغان كىشىنىڭ ھۆكۈمى؟

   جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرىغان:« سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ،تەسلىكنى ئەمەس.(سۈرە بەقەرە185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) شەرئى ئۆزۈر سەۋەپلىك روزا تۇتلمىغان كىشى  ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن  روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنۇڭغا بۇ روزىنى شۇ يىل ئىچىدە قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. كېلەركى زامىزانغا قەدەر كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:« بەزىدە تۇتالمىغان رامىزان روزىلىرىمنىڭ قازاسىنى تۇتۇۋېلىشقا قادىر بولالمايتىم. پەقەت شائبان ئېيىدىلا تۇتۇۋالالايتىم. (بۇخارى 441) ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بولغان ئېھتىياجلىرى سەۋەپلىك رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى شەئبان ئېيىغا قەدەر تۇتالمايتى.«مەن بۇ قازا روزىنى تۇتۇشقا قادىر بولالمايتىم، پەقەت شەئبان ئېيىدىلا تۇتۇۋالالايتىم» دېگەن بۇ سۆزى كېلەركى رامىزان كېلىشتىن ئىلگىرى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇشقا دەلىلدۇر. پەقەت كېيىنكى رامىزاندىن قالغان قازا روزىنى كەينىگە كېچىكتۈرگەن ۋاقىتتا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى، تەۋبە قىلىشى ۋە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىشى تېزدىن شۇ كۈندىن ئېتىبارەن روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. چۈنكى قازا روزىنى كېچىكتۈرۈش سەۋەپلىك ئۇ گەدەندىن ساقىت بولۇپ كەتمەيدۇ. رامىزان روزىسىنىڭ قازاسى يىل ئاتلاپ كەتسە كىشى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلغاندىن ئېتىبارەن دەرھال ئۇ روزىسىنى تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. مۇۋاپىقىيەت ئاللاھتىندۇر.

 

   440-سۇئال: شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى قايسى ۋاقىتتا تۇتۇش ئەڭ پەزىلەتلىك؟

   جاۋاب: ئالىملارنىڭ بىلدۈرگىنىدەك شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى روزا ھېيىتتىن كېيىنلا تۇتۇش ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇش تېخىمۇ پەزىلەتلىك. چۈنكى ھەدىستە دېيىلگىنىدەك «كېيىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن» بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق. بۇ شەرئىي دەلىللەر تەشۋىق قىلغان شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇش، مەدھىيىلەنگەن ياخشىلىققا ئېرىشىش ماقامى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۆمىن كىشىنىڭ كامىل ئىمانىنى كۆرسىتىدىغان بىر قەتئىيلىكتۇر. شۇنداق ئىكەن پۇرسەتلەرنى قاچۇرپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىشى كېيىن بېشىغا نېمە ئىش كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنى دەيمەنكى:

پۈتۈن ئىشلىردا توغرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ۋاقىتتا بەندىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى ئۇ ئەمىلىنى تېزدىن قىلىشى ۋە پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتىشىدۇر.

 

   441-سۇئال: كىشى شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى بۇ ئاي ئىچىدىكى خالىغان كۈنلەردە تۇتسا دۇرۇس بولامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋاقتى بارمۇ؟ مۇسۇلمانلار بۇ شەۋۋال ئېيىنىڭ 6 كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان ۋاقىتتا بۇ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى ئۇلارغا پەرىز بولۇپ ھەر يىل تۇتۇشى كېرەك بولامدۇ؟

   جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:« كىم رامىزان روزىسىنى تۇتسا، كېيىن ئۇنۇڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» (مۇسلىم 442)

   بۇ ئالتە كۈننىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوق. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئىچىدىن خالىغان كۈندە تۇتسا بولىدۇ. خالىسا ئاينىڭ بېشىدا، خالىسا ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا، خالىسا ئاينىڭ ئاخىرىدا، خالىسا ئاينىڭ ئىچىدە ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇتسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانالار بولسۇن! بۇنۇڭدا كەڭچىلىك بار . خالىسا تېزلا باشلاپ شەۋۋال ئېيىنىڭ بېشىدىلا ئارقا-ئارقىدىن تۇتسا ياخشىلىققا ئالدىراش جۈملىسىدىن بولۇپ، تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. پەقەت بۇ مەسىلىلىدە تارلىق يوق، بەلكى كەڭچىللىك بار. خالىسا ئارقا-ئارقىدىن تۇتىدۇ، خالىسا ئارلاپ-ئارلاپ تۇتىدۇ. چۈنكى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى پەرىز ئەمەس، نەفلە روزىدۇر. بەزى يىللاردا تۇتۇپ بەزى يىللاردا تۇتمىسىمۇ ھېچ مەسىلە يوق.

ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار ناملىق ئەسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ