ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: شەۋۋال روزىسىنى شەۋۋال ئېيىدىكى خالىغان كۈنلەردە تۇتۇشقا بولامدۇ؟

   441-سوئال: كىشى شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى بۇ ئاي ئىچىدىكى خالىغان كۈنلەردە تۇتسا دۇرۇس بولامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋاقتى بارمۇ؟ 

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

   جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم رامىزان روزىسىنى تۇتسا، كېيىن ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» (مۇسلىم 442)

   بۇ ئالتە كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتى يوق. شەۋۋال ئېيى ئىچىدىكى خالىغان كۈنلەردە تۇتسا بولىدۇ. خالىسا ئاينىڭ بېشىدا، خالىسا ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا، خالىسا ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتىدۇ. ياكى خالىسا ئاينىڭ ئىچىدە ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇتسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ-سانالار بولسۇن! بۇ مەسىلىدە كەڭچىللىك بار. خالىسا تېزلا باشلاپ، شەۋۋال ئېيىنىڭ بېشىدىلا ئارقا-ئارقىدىن تۇتسا، بۇ ياخشىلىققا ئالدىراش جۈملىسىدىن بولۇپ، تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. لېكىن بۇ مەسىلىلىدە بىر تارچىلىق يوق، بەلكى كەڭچىللىك بار. خالىسا ئارقا-ئارقىدىن تۇتىدۇ، خالىسا ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇتىدۇ. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى پەرىز ئەمەس، نەفلە روزىدۇر. بەزى يىللاردا تۇتۇپ بەزى يىللاردا تۇتمىسىمۇ ھېچ مەسىلە يوق. (ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالىرى، 441-نومۇرلۇق پەتىۋا)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى – مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ