شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى قايسى ۋاقىتتا تۇتۇش ئەڭ پەزىلەتلىك؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

   440-سوئال: شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى قايسى ۋاقىتتا تۇتۇش ئەڭ پەزىلەتلىك؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

   جاۋاب: ئالىملارنىڭ بىلدۈرگىنىدەك شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى روزا ھېيىتتىن كېيىنلا تۇتۇش ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇش تېخىمۇ پەزىلەتلىك. چۈنكى ھەدىستە دېيىلگىنىدەك «كېيىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن» بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق. بۇ شەرئىي دەلىللەر تەشۋىق قىلغان شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇش، مەدھىيىلەنگەن ياخشىلىققا ئېرىشىش ماقامى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۆئ‍مىن كىشىنىڭ كامىل ئىمانىنى كۆرسىتىدىغان بىر قەتئىيلىكتۇر. شۇنداق ئىكەن پۇرسەتلەرنى قاچۇرپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىشى كېيىن بېشىغا نېمە ئىش كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنى دەيمەنكى:

پۈتۈن ئىشلىردا توغرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ۋاقىتتا بەندىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى ئۇ ئەمىلىنى تېزدىن قىلىشى ۋە پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتىشىدۇر. (ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار، 440-نومۇرلۇق پەتىۋا)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى – مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ