ھاجەت سۇندۇرۇش ئەدەبلىرى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

ھاجەت سۇندۇرۇش ئەدەبلىرى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

فۇرقان دەۋەت مەركىزى > مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

mujtehid.com

ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ھاجەت قىلىش ئۈچۈن بارغاندا ئالدىڭلارنىمۇ، ئارقاڭلارنىمۇ قىبلىگە قاراتماڭلار. بەلكى، شەرق ياكى غەرب تەرەپكە يۈزلىنىڭلار.» ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: كېيىن شامغا كەلدۇق، ئۇ يەردە كەئبە يۆنىلىشىدىكى ھاجەتخانىلارنى كۆردۇق. ئۇنىڭدا ھاجەت قىلدۇق ۋە ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىدۇق. (بۇخارى 144؛ مۇسلىم 264)

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن ھەدىستە، ئۇ زات پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئۆيىنىڭ ئىچىدە يۈزىنى شام تەرەپكە، ئارقىسىنى كەئبە تەرەپكە قىلىپ كىچىك تەرەت قىلغان ھالەتتە كۆرگەن.(بۇخارى 148؛ مۇسلىم 266)

* ئەگەر كىشى تام بىلەن توسۇلغان يەر ئىچىدە ياكى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بار ھالەتتە (قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسىنى قىلىپ) ھاجەت قىلسا، بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق. (فىقھۇل مۇيەسسەردىن)

مەرۋان ئەلئەسغەر مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۇمەر تۆگىسىنى قىبلە تەرەپكە چۆكتۈردى ۋە ئالدىنى تۆگىسىگە قارىتىپ، ئولتۇرغان ھالەتتە كىچىك تەرەت قىلدى. مەن «ئى ئابدۇرراھماننىڭ دادىسى! بۇ ئىش چەكلەنمىگەنمىدى؟» دېدىم. ئىبنى ئۇمەر «شۇنداق، قىبلە بىلەن سېنىڭ ئاراڭ ئوچۇق ھالەتتە تەرەت قىلىشىڭ چەكلەنگەن. بىراق، سەن بىلەن قىبلە ئارىسىدا سۈترە بولىدىغان بىر نەرسە بولسا، شۇ ھالەتتە تەرەت قىلىشىڭدا ھېچ گەپ يوق.»(ئەبۇ داۋۇد 11؛ داراقۇتنى 158؛ ھاكىم 1-154؛ داراقۇتنى ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى ھاكىمغا قوشۇلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر، ئەلخازىمى ۋە ئەلبانىمۇ ‹ھەسەن› دېگەن. ئىرۋائۇل غەلىل 61-ھەدىسكە بېرىلگەن باھاغا قاراڭ)

جابىر رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىر سەپەرگە چىققان ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقلاشمىغۇچە ھاجەت قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرمايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 2؛ ئىبنى ماجە 355؛ لەۋزى ئىبنى ماجەنىڭ؛ ئىسنادى سەھىھ؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1-160)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى ھاجەتخانىغا كىرگىنىدە ئادەم بالىسىنىڭ ئەۋرىتىنى جىنلاردىن توسۇپ تۇرىدىغان پەردە كىشىنىڭ ‹بىسمىللاھ› دېيىشىدۇر.»(ئىبنى ماجە 297؛ تىرمىزى 606؛ ئەھمەد شاكىر تىرمىزى ھاشىيەسىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر› 3611 دە ‹سەھىھ› دېگەن)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولسا «بسم الله اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث» (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن؛ ئى ئاللاھ، كۆرىدىغان ۋە كۆرمەيدىغان نىجاسەتلەردىن ساڭا سېغىنىمەن) دەيتتى. (بۇخارى 142؛ مۇسلىم 375)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىدىن چىققاندا ‹«غفرانك» (سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن)› دەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 17؛ تىرمىزى 7؛ تىرمىزى ‹ھەسەن غەرىب› دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4707-دە ‹ھەسەن› دېگەن)

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت قىلماقچى بولسا، يەرگە يېقىنلاشمىغۇچە كىيىمىنى كۆتۈرمەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 14؛ تىرمىزى 14؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4652-دە ‹سەھىھ› دېگەن)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۇرغۇن سۇغا سىيىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم 281؛ بۇنىڭغا يېقىن ئىپادە-بۇخارى 239)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار كىچىك تەرەت قىلسا ئوڭ قولى بىلەن ئەۋرىتىنى تۇتمىسۇن، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن.» (بۇخارى 154؛ مۇسلىم 267؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى بۇخارىنىڭ)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لەنەتكە قالىدىغان ئۈچ ئىشتىن يىراق تۇرۇڭلار: (ئۇلار) (كىشىلەر پايدىلىنىدىغان) سۇنىڭ بويىغا، يولغا ۋە سايىگە تەرەت قىلىشتۇر.»(ئەبۇ داۋۇد 26؛ ئىبنى ماجە 328؛ سەنەدى ھەسەن؛ ئەلبانى: ئىرۋائۇل غەلىل 1-100)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىككى ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! لەنەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىككى ئىش قايسى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىشىلەر كېتىپ كېلىپ تۇرىدىغان يولغا ياكى ئۇلار سايىدايدىغان يەرلەرگە تەرەت قىلىشتۇر» دېدى. (مۇسلىم 269)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۆڭەك ياكى ھايۋاناتلارنىڭ چىقىرىندى-تېزەكلىرى بىلەن پاكلىنىشنى چەكلىگەن. (مۇسلىم 263)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ نەزىرىمدە قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاجەت قىلىش بىلەن بازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاجەت قىلىشنىڭ پەرقى يوق.»(ئىبنى ماجە 1567؛ ئەلبانى: ئىرۋائۇل غەلىل، 1-102-دە سەھىھ دېگەن)

«پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىچىك تەرەت قىلىۋاتقاندا بىر كىشى ئۇ زاتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ سالام بېرىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.»(مۇسلىم 370)

(أن النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نهى أن يبال في الجُحْر، قيل لقتادة: فما بال الجحر؟ قال: يقال: إنها مساكن الجن) قەتادە رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆشۈككە كىچىك تەرەت قىلىشنى چەكلىدى. قەتادەدىن «تۆشۈككە كىچىك تەرەت قىلىش نېمىشقا چەكلەندى؟» دەپ سورىلىۋىدى «ئېيتىلىشىچە، تۆشۈكلەر جىنلارنىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد 29؛ نەسائى 34؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر ‹ئەتتەلخىس› 1-106 دە ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنۇس سەكەننىڭ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگىنىنى نەقىل قىلغان. ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىنمۇ ‹شەرھۇل مۇمتىئ› 1-95-96 دە بۇ ھەدىسنى ‹كامىدا ھەسەن› دېگەن)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ