نامازدىكى رۇكۇ ۋە سەجدىنىڭ مىقدارى
ئەللامە ئىبنىي ئۇسەيمىنىنىڭ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
«كېچە نامىزى ئوقۇغاندا قىيام ۋە قىرائەتنى ئۇزۇن قىلىش ياخشىمۇ ياكى، رۇكۇ بىلەن سەجدىنى ئۇزۇن قىلىش ياخشىمۇ» دەپ سورالسا، بۇنىڭغا جاۋابىمىز شۇدۇر: قايسىسى قەلبىڭگە خوش كەلسە شۇنى قىل. بەزى كىشىلەر سەجدىدىكى ھالەتتە بەكراق خۇشۇئقا ئېرىشسە، بەزى كىشىلەر قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە بەكراق خۇشۇئقا ئېرىشىدۇ. سەجدە ھالىتىدە ھېس قىلالمىغان بەزى نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا ھېس قىلىدۇ. بىراق، ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى، نامازنى، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئوقۇشتۇر. يەنى، قىيامىنى ئۇزۇن قىلغان چاغدا، رۇكۇ ۋە سەجدىمۇ ئۇزۇن قىلىش، قىيامنى قىسقا قىلغاندا، ئوخشاشلا رۇكۇ ۋە سەجدىنىمۇ قىسقا قىلىش ئەڭ پەزىلەتلىكتۇر. چۈنكى ناماز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىغا ئوخشاش (ھەر قايسى قىسىمىدىكى مىقدارى باشقا قىسىمىدىكى مىقدارغا ئويغۇن ھالدا) ئۆلچەملىك شەكىلدە بولغاي. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
-ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»، 4-جىلد 1160-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى.