ئىنساننىڭ ئانا قارنىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يارىلىتىشى ھەققىدىكى ھەدىس ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەلبەرراك

ئىنساننىڭ ئانا قارنىدا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يارىلىتىش ھەققىدىكى ھەدىس ۋە شەرھى | ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەلبەرراك

مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى

ئەبى ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىزگە توغرا سۆزلۈك ۋە توغرا سۆزلۈك ئىكەنلىكى تەستىقلانغۇچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:
    «شۈبىھسىزكى، سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يارىتىلىشى قىرىق كۈندە ئىسپىرما ھالىتىدە بىر يەرگە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن شۇنىڭدىن قىرىق كۈن كېيىن ئۇيۇل قان بولىدۇ. يەنە قىرىق كۈندىن كېيىن بىر چىشلەم چوڭلۇقتىكى گۆش پارچىسى بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا روھىنى پۈۋلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ رىزىقىنى، ئەجىلىنى، ئەمىلىنى، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولىدىغانلىقىنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۆزىدىن باشقا ھەق ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن بىرى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۆزى بىلەن جەننەت ئارىىسدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ دوزاخقا كىرىدۇ. شۇنداقلا، سىلەردىن بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۆزى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىدۇ ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىپ، جەننەتكە كىرىدۇ.» (بۇخارى 3036؛ مۇسلىم 2643) عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ مَسْعُوْدْ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: حَدَّثَنَا رَسُوْلُ اللهِ ﷺ وَهُوَ الصَّادِقُ المَصْدُوْقُ : » إِنَّ أَحَدَكُمْ يُجْمَعُ خَلْقُهُ فِيْ بَطْنِ أُمِّهِ أَرْبَعِيْنَ يَوْمَاً نُطْفَةً، ثُمَّ يَكُوْنُ عَلَقَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يَكُوْنُ مُضْغَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يُرْسَلُ إِلَيْهِ المَلَكُ فَيَنفُخُ فِيْهِ الرٌّوْحَ،وَيَؤْمَرُ بِأَرْبَعِ كَلِمَاتٍ: بِكَتْبِ رِزْقِهِ وَأَجَلِهِ وَعَمَلِهِ وَشَقِيٌّ أَوْ سَعِيْدٌ. فَوَالله الَّذِي لاَ إِلَهَ غَيْرُهُ إِنََّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ حَتَّى مَا يَكُوْنُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلاذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ فَيَدْخُلُهَا، وَإِنَّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ حَتَّى مَايَكُونُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلا ذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ فَيَدْخُلُهَا «

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىستىن ئالىدىغان پايدىلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنساننىڭ ئانا قورسىقىدا قەدەم باسقۇچلار بويىچە يېتىلىدىغانلىقى ھەج ۋە مۇئمىنۇن سۈرىلىرىدىكى ئىككى ئايەتتە ئومۇمىي ھالەتتە بايان قىلغان. باشقا نۇرغۇن ھالەتتە ئايرىم-ئايرىم بايان قىلغان.

* ھامىلىنىڭ شەكىلگە كىرگۈزۈلىشى، ئۇنىڭغا روھنىڭ پۈۋلىنىشى ۋە تەقدىرىنىڭ يېزىلىشى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان مۇئەييەن پەرىشتە ياكى پەرىشتىلەر بار.

* ئىنساننىڭ بەدىنىنىڭ روھىدىن بۇرۇن يارىتىلىدىغانلىقى. روھنىڭ بەدەنگەن ھامىلە 120 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن پۈۋلىنىدىغانلىقى.

* ئىنساننىڭ قانداق بولۇشىنىڭ، رىزقىنىڭ، ئەجىلىنىڭ، ئەمىلىنىڭ، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولۇشىنىڭ ئىنسانغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا تەقدىر قىلىنىدىغانلىقى. بۇ خۇسۇسىي تەقدىردۇر. لەۋھۇل مەھفۇزدىكى تۇنجى ۋە ئومۇمىي تەقدىرگە زىت ئەمەس. بۇ تەقدىر ئىشلارنىڭ سەۋەبلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغىمۇ زىت ئەمەس.

* پەرىشتىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئاللاھ بىلدۈرمىگۈچە بىلمەيدىغانلىقى، بۇ تەقدىرنى پەقەت ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەنلا يازىدىغانلىقى.

* ئىساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ ھەم ئاشكارا، ھەم مەخپىي سەۋەبلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سەۋەبلەرنىڭ ۋە نەتىجىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ھەقىقىي ياراتقۇچى ئاللاھتۇر.

* تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋاجىپلىقى.

* ئەمەللەرنىڭ ئاخىرقى ھالىتىدىكىسى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقى.

* يامان ئاقىۋەتتىن قورقۇشنىڭ ۋە يامان ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.

* (ئاللاھ بەندىنىڭ قىلمىشىنى ئۇ قىلمىش ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىنسان يارتىلىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى بولمىغان ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشكە يېقىن قالغۇچە جەننەتنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، ئۆلۈشكە يېقىن ئەسلىدىكى توغرا ئېتىقاد ۋە ئەمىلىدىن ۋاز كېچىپ، دىندىن چىقىپ شەيتاننىڭ يولىغا كىرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشىتىن بۇرۇن، كائىناتنى يارىتىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى يوق ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇ بەندىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەچكە، پەرىشتىگە شۇنى يېزىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ بەندىنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە ئاللاھنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەمەس. بەندە ئىش ھەرىكىتىنى تاللاشتا ئەركىنلىككە ئىگە. ئاللاھ ئۇنى ھەر قانداق ئەمەلگە مەجبۇرلىمايدۇ، ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىدۇ. تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلۈپ جەننەتكە كىرىدۇ. ياكى شىرك، كۇفۇر ئۈستىدە ئۆلۈپ دوزاخقا كىرىدۇ. ۋە ياكى تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلگەن بولسىمۇ، ياخشى ئەمىلى ئاز، يامان ئەمىلى كۆپ، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرىنى كەچۈرمىگەن تەقدىردىمۇ دوزاخقا كىرىپ گۇناھى مىقدارىدا جازالىنىپ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىلىدۇ. ئاللاھ ئالدىن بىلىپ، ئالدىن يېزىپ قويىدۇ. بىر ئۇستا تىۋىپ بىمارنىڭ قولىغا كۆپ ئۇخلىسىڭىز ھورۇنلىشىپ، بەدىنىڭىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ دەپ يېزىپ بەرسە. بىمار راست دېگەندەك كۆپ ئۇخلاپ ھورۇن ۋە ئاجىز بولۇپ قالسا، بېرىپ دوختۇرغا ئۇششۇغلۇق قىلىپ، سىز مۇشۇنداق يازغاچقا مەن سىز دېگەندەك بولۇپ قالدىم دېسە قاملىشامدۇ؟)

* ياخشى ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىشنىڭ پەرزلىكى.

* پەرىشتىنىڭ روھنى ئىنسانغا پۈۋلەيدىغانلىقى. بۇ پۈۋلەشنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ پۈۋلەشنىڭ قۇرئاندىكى دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:{بىز ئۇنىڭغا روھنى پۈۋلىدۇق}(ئەنبىيا سۈرىسى، 91-ئايەت) پۈۋلەشتىن مۇراد، پەرىشتىنىڭ بالىياتقۇ تەرەپتىن پۈۋلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ