جىبرىل ھەدىسى ۋە قىسقىچە شەرھى | ئەللامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلغان «قىرىق ھەدىس ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئارىمىزدا ئولتۇرغان بىر كۈنى كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا، ئۈستى بېشىدىن يولۇچىلىقتىن ھېچبىر ئەسەر كۆرۈنمەيدىغان، بىزنىڭ ئارىمىزدىكىلەردىن ھېچقايسىمىز تونۇمايدىغان بىر كىشى يېتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. تىزلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ تىزلىرىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى قولىنى ئۆزىنىڭ ئىككى يوتىسىغا قويدى. ئاندىن «ئى مۇھەممەد، ماڭا ئىسلامدىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىسلام — <لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇر-رەسۇلۇللاھ> دەپ شاھادەت ئېيتىشىڭ، نامازلارنى كامىل ئادا قىلىشىڭ، زاكاتنى بېرىشىڭ، رامزان روزىسىنى تۇتۇشۇڭ، قادىر بولالىساڭ بەيتۇللاھنى ھەج قىلىشىڭدۇر» دېۋىدى، ئۇ كىشى «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. (بۇ ھەدىسنى بايان قىلىۋاتقان) ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى:«بۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن سوئال سوراپ، ئارقىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ جاۋابىنى تەستىقلىشىدىن ھەيران قېلىشتۇق.»
ئاندىن ئۇ كىشى مۇنداق دېدى:«ماڭا ئىماننى بايان قىلىپ بەرگىن!» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىمان — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ، ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى بىلەن تەقدىرگە ئىشىنىشىڭدۇر» دېدى. ئۇ كىشى «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. ئاندىن «ماڭا ئېھساندىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئېھسان دېگەن — ئاللاھقا ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. سەن ئاللاھنى كۆرەلمىگىنىڭ بىلەن، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى «ماڭا قىيامەتتىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سورالغۇچى بۇ جەھەتتىە سورىغۇچىدىن بىلىملىك ئەمەس» دېدى. ئۇ كىشى «ئۇنداقتا ماڭا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى؛ يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە نامرات پادىچىلارنىڭ ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكىنىنى كۆرۈشۈڭ (قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر)» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كىشى قوپۇپ كېتىپ قالدى. بۇنىڭدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى ئۆمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى. مەن «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېدىم. رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇ (پەرىشتە) جىبرىئىلدۇر. سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى» دېدى. (مۇسلىم 1128) عَنْ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ أقَال : بَيْنَمَا نَحْنُ جُلُوْسٌ عِنْدَ رَسُولِ اللهِ ذَاتَ يَوْمٍ إَذْ طَلَعَ عَلَيْناَ رَجُلٌ شَدِيْدُ بَيَاضِ الثّياب شَدِيْدُ سَوَادِ الشَّعْرِ لاَ يُرَى عَلَيهِ أَثَرُ السَّفَرِ وَلاَ يَعْرِفُهُ مِنا أحَدٌ حَتى جَلَسَ إلَى النبِي فَأَسْنَدَ رُكْبَتَيْهِ إلَى رُكْبَتَيْهِ وَوَضَعَ كَفيْهِ عَلَى فَخِذِيْهِ وَقَالَ : يَا مُحَمَّدُ أَخْبِرْنِي عَنِ الإِسْلاَم ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : » الإِسْلاَمُ أَنْ تَشْهَدَ أَنْ لاَ إلَه إلاَّ اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُولُ الله ، وَتُقِيْمَ الصَّلاَة ، وَتُؤْتِيَ الزَّكَاةَ ، وَتَصُوْمَ رَمَضَانَ ، وَتَحُجَّ البيْتَ إِنِ اِسْتَطَعتَ إِليْهِ سَبِيْلاً » قَالَ: صَدَقْتَ. فَعجِبْنَا لَهُ يَسْأَلُهُ وَيُصَدِّقُهُ، قَالَ: فَأَخْبِرِنيْ عَنِ الإِيْمَانِ، قَالَ: » أَنْ تُؤمِنَ بِالله، وَمَلاِئكَتِه، وَكُتُبِهِ ، وَرُسُلِهِ ، وَالْيَومِ الآَخِر ، وَتُؤْمِنَ بِالقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرِّهِ » قَالَ: صَدَقْتَ، قَالَ فَأخْبِرْنِيْ عَنِ الإِحْسَانِ، قَالَ: » أَنْ تَعْبُدَ اللهَ كَأَنَكَ تَرَاهُ، فَإِنْ لمْ تَكُنْ تَرَاهُ فَإِنَّهُ يَرَاكَ » . قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنِ السَّاعَةِ ، قَالَ : » مَا الْمَسئُوُلُ عَنْهَا بِأَعْلَمَ مِنَ السَّائِلِ » قَالَ : فَأخْبِرْنِيْ عَنْ أَمَارَاتِها ، قَالَ : » أَنْ تَلِدَ الأَمَةُ رَبَّتَهَا ، وَأَنْ تَرى الحُفَاةَ العُرَاةَ العَالَةَ رِعَاءَ الشَّاءِ يَتَطَاوَلُوْنَ فِي البُنْيَانِ » ثْمَّ انْطَلَقَ فَلَبِثتُ مَلِيَّاً ثُمَّ قَالَ : » يَا عُمَرُ أَتَدْرِي مَنِ السَّائِلُ؟ » قُلْتُ اللهُ وَرَسُوله أَعْلَمُ قَالَ : » فَإِنَّهُ جِبْرِيْلُ أَتَاكُمْ يُعَلَّمُكُمْ دِيْنَكُمْ «
شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
* بۇ دىننىڭ ئېتىقادى ۋە ئەمەل ئاساسلىرىنى بىر يەرگە جۇغلىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىستىكى بەزى پايدىلار تۆۋەندىكىچە:
* ۋەھىينىڭ كېلىش يوللىرىدىن بىرى پەرىشتىنىڭ ئادەم شەكلىدە كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن پاراڭلىشىشىدۇر.
* پەرىشتىلەرنىڭ ئادەم شەكلىگە كىرەلەيدىغانلىقى.
* كىشىنىڭ ئىلىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىملار بار سورۇندا ئۆزى بىلىدىغان مەسىلە ھەققىدە ئۇلاردىن سوئال سوراشنىڭ دۇرۇسلۇقى.
* ئالىمنىڭ جاھىلنىڭ جاپا ۋە ئەزىيىتىگە سەبر قىلىشى. بۇنى «ئەي مۇھەممەد» دېگەن سۆزدىن (ئەسلىدە ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چاقىرىشى كېرەك) ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەدىدىن زىيادە يېقىنلىشىشىدىن بىلەلەيمىز.
* دىندىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ۋە دىننىڭ ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى.
* ئىماننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى جەھەتتە (ھەدىستىكى) رەت تەرتىپكە بىنائەن باشلىشى. (مەسىلەن، ئەڭ ئاۋۋال تەۋھىد-ئەقىدىدىكى ئاساسلارنى ئۆگىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامازنى ئۆگىنىش…دېگەندەك. شۇنداقلا، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنى توغرا رەۋىشتە تونۇشقا كۈچەش، ئاندىن پەرىشتىلىرىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى تونۇشقا كۈچەش … دېگەندەك. تەۋھىد-ئەقىدىدە مۇئەييەن ئۇل ئاساس ھازىرلىمايلا – مەسىلەن – تاھارەتتىكى ئىنچىكە مەسىلىلەر، ھەج فىقھى دېگەنلەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىك.)
* ئىمان بىلەن ئىسلام بىرلىكتە تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق ھەدىستە بايان قىلىنغاندەكتۇر.
* ئىسلام (ئىسمىنىڭ) زاھىرى ئەمەللەرگە، ئىمان (ئىسمىنىڭ) قەلبتىكى ئېتىقادقا خاس ئىكەنلىكى.
* دىننىڭ ئاساسىنىڭ مۇتلەق مەنادا لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇر-رەسۇلۇللاھ شاھادىتى ئىكەنلىكى. (بۇ سەۋەبلىك، بۇ شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى، تەلەپ تەقەززاسىنى ئەھلى سۈننەتنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى.)
* ئىككى شاھادەتنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ئىككى شاھادەتنىڭ يالغۇزلا بىرى يەنە بىرى بولمىغۇچە سەھىھ (توغرا) بولمايدۇ.
* ئاللاھنىڭ ئىبادەت (ئۇلۇھىيەت) ئارقىلىق بىر دەپ ئېتىقاد قىلىنىشى، ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇدلارنىڭ باتىللىقى.
* ئىككى شاھادەتتىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىسلامنىڭ رۇكنلىرىنىڭ (ئاساسلىرىنىڭ) ئەڭ چوڭى بەش ۋاقىت نامازدۇر.
* ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ ئالتە ئىكەنلىكى.
* ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ھەمىسىگە ئىمان ئېيتىش ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
* تەقدىرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق تۈرىدىن بولغان بارچە ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.
* بۇ ھەدىستە دىننىڭ دەرىجىلىرى بايان قىلىغان ۋە ئۇلار تۆۋەن مەرتىۋىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە قاراپ باسقۇچمۇ باسقۇچ بايان قىلىنغان. يەنى ئاۋۋال ئىسلام، ئاندىن ئىمان، ئاندىن ئېھسان. بۇنىڭغا بىنائەن، ھەر مۇھسىن مۆمىندۇر. ھەر مۆمىن مۇسۇلماندۇر. ئەمما، بۇنىڭ ئەكسى ئۇنداق ئەمەس. (مۇسۇلمان بولغانلىكى كىشى مۆمىن بولىۋەرمەيدۇ، مۆمىن بولغانلىكى كىشى مۇھسىن — ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان ۋە شۇنداق ياشايدىغان، تەقۋا ۋە سالىھ كىشى — بولالمايدۇ. ئالللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىرىشقان تەقدىردە، ئاللاھ ئىرادە قىلسا بولالايدۇ.)
* ئاللاھنى كۆرۈشنىڭ ئىسپاتى. (بۇ كۆرۈش قىيامەتتە ۋە جەننەتتە مۆمىنلەرگە خاستۇر)
* ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى زېھنىدە جانلىق ھالەتتە تۇتۇشنىڭ كىشىنى سالىھ ئەمەل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى.
* قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك پەرىشتىلىرىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبىرىمۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. جىبرىل پەرىشتىمۇ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
* قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش دىن جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىشمۇ دىننىڭ جۈملىسىدىندۇر. (مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگىمىزدا ئەللامە ئىبنى بازنىڭ «قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامىتى» دېگەن پەتىۋاسى مەۋجۇت. مۇشۇ تېمىنى گۇگۇلدىن ئىزدىسىڭىزمۇ بلوگىمىزدىن چىقىرىپ بېرىدۇ.)
* قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلىرى بار. ھەدىستە بۇ ھەقتىكى ئالامەتلەردىن ئىككى ئالامەت بايان قىلىنغان. بۇلاردىن بىرى، دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى ۋە بەدەۋى — چۆل ئەرەپلىرى —نىڭ ئېگىز بىنا سېلىش بىلەن بەسلشىشى. بۇ ئالامەت، بەدەۋىلەرنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە يەرلىشىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك مەيدانغا چىقىدۇ.
* ئەسىر ۋە قۇللارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بىر پەرزەنت — بىلمەستىن — ئانىسىنى قۇل ئورنىدا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. (مانا بۇ ھەدىستىكى «دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا…» جۈملىسىنىڭ شەرھىدۇر.)