چوڭ بولسام دادام بىلەن ئانامنى باقىمەن (بالىلار ئوقۇشلۇقى)

چوڭ بولسام دادام بىلەن ئانامنى باقىمەن

مېنىڭ ئىسمىم زەينەپ. مەن بۇ يىل بەش ياشقا كىردىم. دادامنىڭ ئىسمى ئادىل، ئانامنىڭ ئىسمى ئاينۇر. مېنىڭ ئىككى ئۇكام بار. چوڭ ئۇكامنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ، ئابدۇللاھ ئۈچ ياشقا كىردى. كىچىك ئۇكامنىڭ ئىسمى ئابدۇراھمان، ئابدۇراھمان بىر ياشقا كىردى.

دادام سودا قىلىدۇ. ئانام ئۆيدە بىزنى باقىدۇ. ئىككى ئۇكام ھەر كۈنى مەن بىلەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز. ئانام بىزگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىدۇ. قۇرئان ئاللاھنىڭ كىتابى. بىز قۇرئاننى بەك ياخشى كۆرىمىز. چوڭ بولغاندا قۇرئان يادلايمىز.

دادام ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە بىزنى باغچىغا ئاپىرىدۇ. بەزىدە بىزنى كىتاپخانىغا ئاپىرىدۇ. دادام ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە ماڭسا بەزىدە مېنى ئېلىۋالىدۇ، بەزىدە ئۇكام ئابدۇللاھنى ئېلىۋالىدۇ. ئابدۇراھمان بەك كىچىك بولغاچقا، دادام ئۇنى مەسجىدكە ئاپارمايدۇ.

بىز چوڭ بولساق دادام بىلەن ئانامنى باقىمىز. مەن چوڭ بولسام دادام بىلەن ئانامغا لەغمەن، پولو، چۆچۈرە ئېتىپ بېرىمەن. مۇشۇنداق قىلسام دادام بىلەن ئانام بەك خوش بولۇپ كېتىدۇ. چوڭ بولغاندا دادام بىلەن ئانامنى باقسا، ئاللاھمۇ خۇش بولىدۇ.

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ