تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
تىلاۋەت سەجدىسى تىلاۋەت قىلغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچى ئۈچۈن سۈننەت بولۇپ، پەرز ئەمەس. سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىنىڭ تىلاۋەت سەجدىسىدىن كېيىن سەجدە قىلىشى مۇستەھەب. ئەگەر سەجدە ئايىتى ئوقۇپ سەجدە قىلمىسا، بۇ دۇرۇستۇر. دۇرۇسلۇقىنىڭ سەۋەبى، سەھىھ ھەدىستە زەيد ئىبنى سابىت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سۈرە نەجمنى ئوقۇپ بېرىپ، سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە سەجدە قىلمىغان. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشىلىق بىلدۈرمىگەن. (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم نەقىل قىلغان) (پەتىۋا ئىبنى باز 11\412)