ئەللامە ئىبنى باز | ئاياللار نامازدا ئەرلەرگە ئىمام بولالامدۇ؟

ئەللامە ئىبنى باز | ئاياللار نامازدا ئەرلەرگە ئىمام بولالامدۇ؟

سوئال: مەككە مۇككەررەمدىن ئۇممۇ يۈسۈپ ئىسىملىك ھەمشىرىمىز مۇنداق سوراپتۇ: ئەگەر بىر ئايال قۇرئاننى يولدىشىن كۆپراق\ ياخشىراق ئوقۇيالايدىغان بولسا، كېچىلىك نامازدا يولدىشىغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشۇ دۇرۇسمۇ؟

ئۇ يەنە مۇنداق سوراپتۇ: بۇ ئايالنىڭ يولدىشى ئەسىر نامىزىنى تېخى ئوقۇمىغان ھالىتىدە ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىدە ئايالىنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايالىغا ئىقتىدا قىلىپ نامازنى ئوقۇدى، ئۇلارنىڭ بۇ نامىزى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420-يىلى)

جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشىغا يول يوق. شۇنداقلا، كۆپلىگەن دەلىللەرگە زىت بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئايال كىشىنى ئىمام قىلىپ ئوقۇغان ئەرنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق ئەر ئايالىغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغان نامىزىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك. (مجموع فتاوى العلامة عبد العزيز بن باز رحمه الله، 12\132)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ