نامازدا ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: نامازدا ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بولۇپمۇ ئەرەپچىنى ياخشى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ (ئۆز ئانا تىلىدا دۇئا قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟)
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ئەرەپ تىلىنى بىلمەيدىغان (يەنى ئەرەپ تىلىدا دۇئا قىلىشنى بىلمەيدىغان) كىشىنىڭ ئەرەپ تىلىدىن باشقا تىلدا دۇئا قىلىشى دۇرۇس. مەيلى نامازدا بولسۇن، مەيلى نامازدىن باشقا ھالەتتە بولسۇن بۇ ئوخشاشلا دۇرۇس.
چۈنكى ئۆزى قىلماقچى بولغان دۇئانى ئەرەپچە دېيىشنى بىلمەيدىغان كىشىگە دۇئانى ئەرەپچە قىلىسەن دېيىش ئۇنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇغانلىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:{ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.}
ناۋادا (دۇئانى ئەرەپچە قىلىدۇ دەيدىغان) بىرى «بىز بۇنداق كىشىگە دۇئانىڭ ئەرەپچە لەۋزىنى ئۆگىتىمىز» دېيسە، دەيمىزكى: سەن ئۇنىڭغا دۇئانىڭ ئەرەپچە لەۋزىنى دېيىشنى ئۆگەتسەڭ، ئەمما ئۇ ئۆزى دەۋاتقان ئەرەپچە دۇئانىڭ مەنىسىنى بىلمىسە، بۇ دۇئانىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
ھەر قانداق ئەھۋالدا كىشىنىڭ دۇئانى ئۆزى سۆزلەيدىغان تىلدا ئوقۇشى دۇرۇس. مەيلى ئەرەپچە قىلسۇن، مەيلى ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا قىلسۇن ئوخشاش.
ئەمما، قۇرئان ئوقۇشقا كەلسەك، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا، قۇرئاننىڭ لەۋزىنى ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا ئېيتىش دۇرۇس ئەمەس.
سۈننەتتە كەلگەن دۇئا-زىكىرلەرگە كەلسەك، ئەگەر كىشىنىڭ بۇ خىل زىكىر-دۇئالارنى ئەرەپچە ھالىتىدە ئۆگىنىشتىن ئاجىز كەلگەنلىك ئۆزرىسى بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بۇ خىل زىكىر-دۇئالارنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ.
بىراق، سىلەرمۇ بىلگەندەك، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى (يەنى قۇرئاننى) ئەرەپ تىلىدىن باشقا تىلدا ئۆزگەرتىپ دىيىش دۇرۇس بولمايدۇ.
كىشى ئەرەپچە دۇئا قىلالمىسا (مەيلى نامازنىڭ ئىچىدە ياكى سىرتىدا) ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا دۇئا قىلسا بولىدۇ.
نامازدىكى تەلەپپۇزلار قانچە قىسىمغا بۆلىنىدۇ؟ ئۈچكە:
بىرىنچىسى، ئەرەپچىدىن باشقا لەۋزدە ئىپادە قىلىنىشى دۇرۇس بولمايدىغىغىنى، ئۇ بولسىمۇ قۇرئاندۇر.
ئىككىنچىسى، دۇئاسىنى ئەرەپ تىلىدا قىلالمايدىغانلارنىڭ مەيلى ئەرەپ تىلىدا ياكى باشقا تىلدا دۇئا قىلىشىقا بولىدىغىنى. بۇ سۈننەتتە كەلگەن زىكىر-دۇئالاردىن باشقا دۇئالاردۇر.
ئۈچىنچىسى، سۈننەتتە كەلگەن زىكىر-دۇئالار. بىز دەيمىزكى، كىشى سۈننەتتە كەلگەن زىكىرلەر-دۇئالارنى ئەرەپ تىلىدا تەلەپپۇز قىلالىسا ئەرەپچە دەيدۇ. ئەرەپ تىلىدا دېيەلمىسە، ئۆز تىلىدا دەيدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى