رافىزىيلار دىندىن چىققان مۇرتەدلەرمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: رافىزىيلار دىندىن چىققان مۇرتەدلەرمۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جەۋەب بەرگەن:
(رافىزىيلار شىئەلەرگە تەۋە پىرقە بولۇپ[1]،) ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى دىندىن چىققان مۇرتەد كاپىرلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەدەت تىلەيدۇ. ئاللاھنى تاشلاپ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلىدۇ. بۇنداق قىلمىشلار كىشىنى دىندىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدىغان چوڭ كۇفۇر جۈملىسىدىندۇر.
مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىپ «ساھابىلەر ئارىسىدا ئۈچ ساھابىدىن (ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قوشقاندا تۆت ساھابىدىن — يەنى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق تۆت ساھابىدىن) باشقىسى دىندىن چىققان مۇرتەد كاپىرلاردۇر» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئىمامىيە پىرقىسى، يەنى راپىزىيلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلىرى، نۇسەيرىيەلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلىرى كاپىرلاردۇر. ئەمما، شىئەلەرنىڭ زەيدىيە پىرقىسى كاپىر ئەمەس، چۈنكى زەيدىيە پىرقىسىنىڭ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەۋزەل كۆرۈشى باشقا شىئە پىرقىلىرى ئارىىسدا ئەڭ تۆۋەندۇر. (زەيدىيە پىرقىسى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۈچ خەلىپىدىن ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھلاشتۇرمايدۇ ۋە ساھابىلەرنى سۆكۈپ تىللىمايدۇ.) ھەزىرتى ئەلىنى ھەزىرتى ئوسماندىن (ياكى باشقا ئىككى خەلىپىدىن) ئەۋزەل دەپ قارىغۇچىلار كاپىر ھېسابلانمايدۇ، لېكىن بۇنداق ئېتىقاد قىلىش خاتا. (شىئەلەرنىڭ زەيدىيە پىرقىسىدەك) ھەزىرتى ئەلىنى ھەزىرتى ئەبۇ بەكرىدىن ۋە ھەزىرتى ئۆمەردىن ئەۋزەل دەپ قارايدىغان، ئەمما ئۇلارنى تىللاپ سۆكمەيدىغانلار دىندىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد كاپىرلار ئەمەس. (يۇقىرىدا ناملىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدەك) شىئە پىرقىلىرى كۆپتۇر.
بەزى ئۆلىمالار شىئە پىرقىلىرىنى يىگىرمە ئىككى پىرقىگە بۆلىنىدۇ دېيىشكەن. شىئە پىرقىلرىدىن ئەھلى بەيتكە ئىبادەت قىلىدىغان، ئەھلى بەيتتىن مەدەت تىلەيدىغان، ياكى ساھابىلەرنى تىللايدىغان، ياكى ساھابىلەرنى كاپىر دەيدىغان شىئە پىرقىلىرى ئەمەل ئارقىلىق كاپىر بولغانلاردۇر. ۋەياكى «پەرىشتە جىبرىل ھەزىرتى ئەلىگە كېلىدىغان پەيغەمبەرلىككە خائىنلىق قىلىپ مۇھەممەدكە (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئېلىپ كەلگەن» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان شىئەلەرمۇ مۇرتەد كاپىرلاردۇر.
لېكىن، ئەمەل ياكى ئېتىقاد ئارقىلىق كاپىر بولمىغان، يۇقىرىقىلاردىن باشقا شىئە پىرقىلىرى كاپىر ئەمەس، ناقىس مۇسۇلمانلاردۇر، بىدئەت ئەھلى مۇسۇلمانلاردۇر. [مەنبە: فتاوى الجامع الكبير > حكم تكفير الرافضة]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] بۇ ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ سۆزى بولۇپ. ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ}