«ئاللاھ» ئىسمى بىلەن «مۇھەممەد» ئىسمى يانمۇ يان يېزىلغان لەۋھە-زىننەتلەرنى تاملارغا ئېسىۋېلىش توغرىمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

«ئاللاھ» دېگەن ئىسىم بىلەن «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ تاملارغا ۋە لەۋھەلەرگە يانمۇيان يېزىلىشى توغرىمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: كۆپ ھاللاردا تاملاردا «ئاللاھ» دېگەن ئىسىم بىلەن «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ يانمۇيان يېزىلغانلىقىنى كۆزىمىز. بۇنى لەۋھەلەردە، كىتابلاردا ۋەياكى بەزى  قۇرئان باسمىلىردا ئۇچرىتىپ قالىمىز. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ ئىسىملارنىڭ بۇنداق يانمۇيان يېزىلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئاللاھ بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قۇيۋالغانلىق بولۇپ قالىدۇ. «ئاللاھ» دېگەن ئىسىم بىلەن «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ يانمۇيان يېزىلىشىنىڭ نېمە  مەنانى بېرىدىغانلىقىنى بىلمىگەن كىشى بۇ خىلدىكى لەۋھە، تاختىلارنى كۆرسە، ئاللاھ بىلەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى تەڭداش ئوخشايدۇ دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاللاھ ئىسمى بىلەن يانمۇيان يېزىلغان ئىسمى يېزىلغان يەردىن ئۆچۈرۋېتىلىشى كېرەك. نەتىجىدە ئۇ خىل لەۋھە، كىتاب، ۋاراقچىلە، زىننەتلەردە پەقەت ئاللاھ دېگەن ئىسىملا قېلىپ قالىدۇ.

ئەمدىكى مەسىلە، لەۋھە ياكى ۋاراقچىلاردا پەقەت «ئاللاھ» دېگەن ئىسىملا قېلىپ قالسا، بۇ خىل ئەھۋال سوپىلارنىڭ  سەھىھ زىكىرگە زىت ھالدا «ئاللاھ، ئاللاھ، ئاللاھ» دەپ زىكىر قىلىدىغان بىدئەت زىكىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، بۇمۇ يوق قىلىۋېتىلىشى كېرەك. تاملارغا ۋە لەۋھە، ۋاراقچىلارغا ۋەياكى باشقا يەرلەرگە مەيلى «ئاللاھ» دەپ ۋەياكى «مۇھەممەد» دەپ يېزىۋېلىش  (مۇشۇنداق يېزىۋېلىنغان تاختا، لەۋھە، زىننەتلەرنى ئۆيلەرگە ياكى باشقا يەرلەرگە ئېسىۋېلىش) توغرا ئەمەس. (مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۈسەيمىن ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار 172-بەت)

مۇجتەھىدلەر تورى تەرجىمە قىلدى.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ