قۇرئان بىلەن ياشاپ، قۇرئان بىلەن دەپنە قىلىنغان قارىئە

(مەنپەئەتى سەۋەبلىك تور دۇنياسىدىن ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئېلىندى)
فەزىلەتلىك ھەمشىرىمىز نىڭ ھاياتىدىن ….ئۇنىڭ ئىسمى ئامانىي
ئامانىي قۇرئان يادلاش ئورنىنىڭ مۇدىرى ئىدى .ئۇنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي يىغلىشلىرى ئائىلە ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن بولسۇن ياكى خىزمەت بىلەن بولسۇن ۋەياكى ئۇچرىشىش لار بىلەن بولسۇن ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرى ياكى قۇرئان دەرسى ياكى قۇرئان مۆجىزىلىرى توغۇرلۇق سۆزلىنىشتىن باشقىسى ئەمەس ئىدى.
ئالدىنقى شەئبان ئىيىدا ئامانىي تومۇر قىتىشىش كىسلىگە گىرىپتار بولدى …
نەتىجىدە دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىرىلدى ..
ھەمشىرە ئامانىيغا ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭغا بارلىق ئىشلار دىن ئەركىن خالى بولدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ئىيتتى…ئاماني بولسا ھەر بىر كىسەل ياتىقىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ياتىقىدىكى قۇرئان دەرسىگە كىشىلەرنى تەكلىپ قىلدى .ئەگەر ئامانىيغا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چىتىلسا ئۇ ياتاق ئىچىدىكى تىلفۇندىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى قۇرئان دەرسكە قاتنىشىشقا چاقىراتتى …
ئاماني بولسا قۇرئاننى تولۇق يادقا ئالغان قارىئە ئىدى .
بىر كۈنى دوستى ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ تەسەللى بەرگەن ئىدى …ئامانىي ئۇنىڭدىن بىر تەلەپنى تەلەپ قىلدى …
ئېيتتىكى: ماڭا قۇرئاننى ئەكىلىب بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن . مەن مۇشۇ كىسەل بىلەن قۇرئاننى ئۇنۇتقان ھالدا ۋاپات تېپىشتىن ئەنسىرەيمەن ..
ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭغا : خۇش بىشارەت ئىلىڭ غەم قىلماڭ ..مەن كۈندە سىزگە تىلفۇن قىلىپ قۇرئان ئوقۇغىنىڭىزنى تىڭشاي دىدى …
ئامانىي: ياق ..مەن سىزنى قىشىمغا كىلىپ مەن بىلەن بىللە تەكرار قىلىپ ماڭا قۇرئان ھالقىنى ھىس قىلىدۇرشىڭىزنى ۋە قۇرئان مۇھىتىدا ياشىشىمغا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن دىدى ..
دوستى ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى …ۋە ئۇنىڭ قىشىغا كۈندە كىلىپ ئەسىردىن ناماز شامغىچە بىللە قۇرئان تەكرار قىلدى ..
رامىزان ئېيى كەلدى ..دوختۇرلار ئامانيغا رامىزان تۇتماسلىقنى ئىيتتى ..
ئامانىي :._.ياق ئاللاھ بىلەن قەسەم .مەن رامىزان كۈندۈزنى رامىزانسىز ئۆتكۈزمەيمەن دىدى …
ئۇنىڭغا دوختۇرلار :_ھاياتىڭىز خەۋپكە ئۇچرايدۇ …دىدى .
ئۇ :_ ياق ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن رامىزان كۈنلىرىنى رامىزانسىز ئۆتكۈزمەيمەن دىدى ..
رامىزاننىڭ ئىككىنجى كۈنى ئامانىي ۋاپات تاپتى ..
سەكرات ۋاقتىدا دوستى ئۇنىڭ يىنىدا ئىدى .
دوستى مۇنداق دەيدۇ :
ئامانىي سەكرات ۋاقتىدا ئۇنىڭ تىلى ( والذين آمنوا أشد حبا لله ) دىگەن ئايەتنى توختىماي ئوقۇۋاتتى …ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانچە يۇقىرىلايتى .ۋە بۇ ئايەتنى تەكرارلايتتى…ئۇنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى چەككە يەتتى ۋە (والذين آمنوا أشد حبا لله ) (والذين آمنوا أشد حبا لله )
( والذين آمنوا أشد حبا لله )
دەپ تەكرارلايتتى
ئاندىن ئاۋازى ئاستا ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىدى ..ئۇ بولسا توختىماي شۇ ئايەتنى تەكرارلايتتى..ھەتتاكى ھاياتى ئاخىرلاشقۇچە …ھاياتى ئاخىرلاشتى ..قۇرئان ئۇنىڭ قولىدا ئىدى …
لا إله إلا الله
بۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىدى …بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خاتىمىسى ئىدى …
ئاماني مىيىت يۇيۇش ئۆيگە يۆتكەلدى …
مىيىت يۇغۇچى ئايال قۇرئاننى ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىتىشقا ئۇرۇندى ..لىكىن ئاجرىتالمىدى…
بۇ خەۋەر ھەممە تونۇيدىغان شەيخ خالىد شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى .
شەيىخ : مۇمكىن ئەمەس مۇمكىن ئەمەس مەن ئۇنى كۆرمىگچە ئىشەنمەيمەن دىدى …
باشقىلار كىلىپ كۆرگىن دىدى …
ئاماني ھجابلاندۇرۇلدى…شەيىخ ئۇنىڭ قىشىغا كىردى ..ئامانىي رەببىگە جان تەسلىم قىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ھىجابلاندى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ھىجابىنى مۇھاپىزەت قىلغان ئىدى
الله سبحانه وتعالى ئۇنى ۋاپات تاپقاندا ھىجابلىدى…
شەيخ ئەھۋالنى كۆرگەن ھامان يەرگە تىزلىنىپ يىغلاپ كەتتى ..الله بىلەن قەسەم ..ھەقىقەتەن ئامانىينىڭ گۈزەل خاتىمىسى ..ئۇنى قۇرئانى بىلەن يۇيۇڭلار كىپەنلەڭلارۋە دەپنە قىلىڭلار :- دىدى …
ئاماني قۇرئاننى تۇتقان ھالدا يۇيۇلىدى..كىپەنلەندى .دەپنە قىلىندى .
بۇ ئامانىينىڭ ھاياتى ئىدى ..ۋە ھاياتنىڭ خاتىمىسى ئىدى ..
ئاللاھ سالىھەلەردىن قىلىپ بەرسۇن …ئاللاھ ھىساب ئالغۇچى …
بۇ بولسىمۇ ئاماني ئەلئەنزى رەھىمۇھۇللاھ
ئاللاھ دەرىجىسىنى ئىللىيىندا قىلسۇن …ئاميىن
بىز قۇرئان بىلەن نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز..بىزنىڭ خاتىمىمىز قانداق بولار؟ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىلفۇن قولىمىزدا…ئويغۇنۇپ ھەممىدىن بۇرۇن تىلفۇننى ئاچىمىز ..بىزنىڭ دۇنيادىكى ھالىمىز قاچانغىچە مۇشۇنداق بولار …
ئىلتىماس …بۇنى پايدىلىندىغانلار پايدىلنىشى ئۈچۈن تارقىتىڭ …بەلكىم قۇرئاندىن يىراقلاشقان قەلىب مۇشۇ نىڭ بىلەن ھەركەتلىنىپ قالار .. نەفىسلەر رەھىمدىل شەپقەتلىك زاتنىڭ كالامىنى تەدەببۇر قىلىش بىلەن مەشغۇلات بولۇپ ھىدايەت تاپار …
ياخشىلىق ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى تارقىتىپ قويۇڭ …

ئاللاھ بارچىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۋەتسۇن.

مەنبە: تور دۇنياسى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ