قۇنۇت دۇئاسىدا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش سۈننەتمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: قۇنۇت دۇئاسىدا قولىنى كۆتۈرۈش سۈننەتمۇ، بۇ مەسىلىنى دەلىلى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا؟
جاۋاب: شۇنداق، كىشى قۇنۇت دۇئاسنى ئوقۇغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بالا-مۇسىبەت دەۋىرلىرىدە پەرىز نامازلىرىدا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندۇر. يەنە سەھىھ رىۋايەتلەردە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىدا ئىككى قولقنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان راشىد خەلىپىلەردىن بىرىدۇر.
دېمەك، خالىسا ئىمام بولسۇن، ياكى ئىمامغا ئەگەشكەن كىشىلەر بولسۇن ۋەياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشى بولسۇن ،ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى سۈننەت. سىزمۇ، قاچانىكى قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇسىڭىز، ئىككى قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغايسىز. (مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۈسەيمىن، ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار، 227- نومۇرلۇق پەتىۋا)
—مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى