ئىسلامدا پەقەت ئىككى تۈرلۈك ئايال يۈز ياپمايدۇ | نۇر سۈرىسى، 60 – ئايىتىنىڭ تەپسىرى

ئىسلامدا پەقەت ئىككى تۈرلۈك ئايال يۈز ياپمايدۇ

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ (ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە) تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – (تەۋبە قىلىپ ھەقكە قايتقۇچىنى بەك مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر)، رەھىمدۇر (مۆمىنلەرگە چەكسىز شەپقەتلىكتۇر.)} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)

(مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيسى، سەلەپ مۇھەددىسلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن) يۇنۇس ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز زۇھرىيدىن توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان دېدەك ئايال لېچەك كىيەمدۇ؟ دەپ سورىساق، زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ توي قىلغان دېدەك بولسا، لېچەك كىيىدۇ، لېكىن جىلباب كەيمەيدۇ، چۈنكى دېدەك ئايالنىڭ جىلباپ كىيىپ ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. زۇھرىي مۇشۇنداق دەپ بولۇپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى ﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/٣١٥٤) * يۇنۇس ئىبنى يەزىد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ {أَنْ يَضَعْنَ ثِيابَهُنَّ} {كىيىمىنى سېلىشى (دۇرۇس)} دېگەن بۆلىكىنى مۇنداق تەپسىرلىگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ: {أَنْ يَضَعْنَ ثِيابَهُنَّ} {كىيىمىنى سېلىشى (دۇرۇس)} دېگەن سۆزى — يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا دېگەنلىكتۇر. بۇ يەردىكى «كىيىم»دىن مەقسەت: لىچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان جىلباب، چۈمبەل، رىدا قاتارلىق (تاشقى) كىيىملەردۇر. ئايەتتىكى سېلىۋەتسە بولىدىغان كىيىمدىن مەقسەت پەقەت مۇشۇ سىرتقى كىيىملەر بولۇپ، بەدەندىكى بارلىق كىيىملەرنى كۆرسەتمەيدۇ.

﴿زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا﴾ دېگىنى — پۈركەنجىسىنى سېلىش ئارقىلىق ئۆز زىننەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىنى مەقسەت قىلماسلىقىدۇر. «تەبەررۇج» (ياسىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش) — ئايال كىشىنىڭ ئۆز گۈزەللىكلىرىنى (لاتاپىتىنى) ناتونۇشلارغا نامايان قىلىشىدۇر.

﴿ئۇلارنىڭ (بۇ سىرتقى كىيىملەرنى سالماي) ئىپپىتىنى ساقلىشى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.﴾

ئىبنى قۇتەيبە مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەبلەر بىر ئايال قېرىپ، جىلبابىنى كىيمىگەندە، ئۇنى «واضعٌ» (پۈركەنجىسىنى سېلىۋەتكۈچى ئايال) دەپ ئاتايدۇ. بۇنداق قىلىش پەقەت ئىنتايىن ياشانغان، قېرى ئاياللارغىلا خاس بولىدۇ.»

قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەتتە ياشانغان ئاياللارنىڭ (يات) ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى ئېچىشىنىڭ مۇباھ (رۇخسەت) ئىكەنلىكىگە دەلىل بار. ئەمما بۇ خىل ياشانغان ئاياللارنىڭ چېچىغا قاراش بولسا، خۇددى ياش ئاياللارنىڭ چېچىغا قاراش ھارام بولغاندەك، ئوخشاشلا ھارام.» (زاد المسير تەپسىرى 3\306)

ئەللامە ئابدۇرراھمان سەئدى مۇنداق دېگەن:«…پۈركەنجە كىيمەستىن يۈرسە، بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر.» ئايەتتىكى «كىيىم»دىن مەقسەد جىلباب، ھىمارغا ئوخشاش ئايال كىشىنىڭ باشتىن ئاياق پۈتۈنلەي ئورىنىدىغان كىيىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەيل تارتمايدۇ. بۇ خىل ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىشى دۇرۇس، چۈنكى، يۈزىنى ئېچىشىدا پىتنە كۆرۈلمەيدۇ. (تەپسىر سەئدى، 24-سۈرە، 60-ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ بىرقىسىمى)

ئاللاھ نامەھرەم ئالدىدا يۈزىنى ئېچىشىنى دۇرۇس قىلغان ئىككىلا ئاياللار تائىپىسى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى مانا مۇشۇ ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان قېرىپ كەتكەن ئاياللاردۇر. يەنە بىرى دېدەك-چۆرىلەردۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇنىڭ يۈزىنى يېپىۋالغان دېدەكنى «نېمىشقا ھۆر ئايالغا ئوخشىۋالىسەن» دەپ قامچا بىلەن ساۋىدىغانلىقىنى سەھىھتۇر.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (( رَأَى عُمَرُ أَمَةً لَنَا مُتَقَنِّعَةً ، فَضَرَبَهَا ، وَقَالَ : لَا تَشَبَّهِي بِالْحَرَائِرِ)) «ئۆمەر بىزنىڭ بىر دېدىكىمىزنىڭ ئۈستى بېشىنى چۈمكىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، (ئەدەپلەش يۈزىسىدىن) ئۇردى ۋە <ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋالما>» دېدى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 6081)

يۈز يېپىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ ماقالىمىزگە مۇراجىئەت قىلىڭ:
قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر

قۇرئاندا ھىجاپنىڭ، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ