ھېيت كۈنى ۋە جۈمە كۈنى قەبرە زىيارەت قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

ھېيت كۈنى ۋە جۈمە كۈنى قەبرە زىيارەت قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى

14-سوئال: بەزى كىشىلەر قەبرە زىيارىتى ئۈچۈن جۈمە ۋە ئىككى ھېيتقا ئوخشاش بەزى كۈنلەرنى خاس قىلىۋالىدۇ، بۇنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ

شەيخنىڭ جاۋابى:

مەلۇم بىر كۈنگە خاس قىلىۋالماستىن قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈكلەر توغرىسىدا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ياكى ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقىتىپ، پەرياد چېكىپ يىغلىشىدىن ئەنسىرەپ، قەبرە زىيارىتىنى چەكلىگەن ئىدى. كېيىنچە، كىشىلەرنىڭ ئىسلامىي ھۆكۈملەرنى توغرا چۈشەنگەنلىكىگە خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشىنى رۇخسەت قىلدى. قەبرە زىيارىتىنىڭ دۇرۇسلۇقىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە، قەبرە زىيارىتىنىڭ ئاخىرەتنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ۋە دۇنياغا بولغان ھەۋەسنى قايتۇرىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا، ئۆلگۈچىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ساۋاب يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەبرە زىيارىتى جەريانىدا يامان ۋە قەبىھ سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. قەبرە زىيارىتىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا ئائىت ھەدىسلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، «جامىئۇل ئۇسۇل» ناملىق كىتابنىڭ (11/152) بۇرەيدە، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رىۋايەت قىلىنغان قىسمىغا، شۇنداقلا ئەبۇ سەئىد ۋە بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنغان (3/364) ۋە (5/158) قىسىملىرىغا قاراڭ.

ئىبنى ماجە (1571- نومۇرلۇق ھەدىستە) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى قەبرە زىيارىتىدىن چەكلىگەن ئىدىم، ئەمدىلىكتە ئۇنى زىيارەت قىلىڭلار. چۈنكى، قەبرە زىيارىتى دۇنياغا بولغان ھەۋەسنى قايتۇرۇپ، ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ.» بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ھەسەن (ياخشى).

ھەيسەمى «مەجمەئۇز زەۋائىد» (3/57) ناملىق ئەسىرىدە قەبرە زىيارىتىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئەبۇ سەئىد، ئۇممۇ سەلەمە، ئائىشە، زەيد ئىبنى خەتتاب، ئەلى، زەيد ئىبنى سابىت قاتارلىق ساھابىلەردىن بىر قانچە ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسنى كەلتۈرگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەر جۈمە كۈنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ۋە ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغۇچى دەپ يېزىلىدۇ.» بۇ ھەدىسنى تەبەرانى ئۆزىنىڭ «ئەۋسەت» ۋە «سەغىر» ناملىق كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئابدۇلكەرىم ئەبۇ ئۇمەييە ئىسىملىك راۋىي بار، ئۇ زەئىپ راۋىي ھېسابلىنىدۇ. (يەنى بىر ھەدىسنىڭ سەنەدىدە بۇ كىشىنىڭ ئىسمى بولسا، ئۇ ھەدىس زەئىپ ھەدىس دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.)

بىر زەئىپ ئەسەردە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئىككى ھېيت كۈنى قەبرىستانلىققا چىقىش سۈننەتتۇر» دېگەن. بۇنىمۇ تەبەرانى «ئەۋسەت»تە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلار قاتارىدىكى ھارىس ئەلئەئۋەر زەئىپتۇر.

ئىبنى رەجەب ئۆزىنىڭ «ئەھۋالۇل قۇبۇر» (قەبرە ئەھۋاللىرى) ناملىق كىتابىدا، بەزى سەلەپ ئالىملىرىدىن ئۆلۈكلەرنىڭ جۈمە ياكى شەنبە كۈنى ئۆزلىرىنى كىم زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى رىۋايەتلەرنى (ئەسەرلەرنى) كەلتۈرگەن. بىراق بۇ رىۋايەتلەرنىڭ دۇرۇسلۇقىدا ئىختىلاپ بار. بۇنداق گەپلەر پەقەتلا چۈش، ئىجتىھاد ياكى شەخسىي قاراشلارغىلا ئاساسلانغان. ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. (فتاوى في التوحيد 28) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ