ئىمام نەۋەۋى پەتىۋالىرى - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

نەپلە نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ تىلاۋەت قىلسا بولامدۇ؟
نەپلە نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ تىلاۋەت قىلسا بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: پەزىلەتلىك شەيخ، پروفسور دوكتور سەئىد خەسلان

سوئال: پەرز نامازلاردىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ تىلاۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ھەئە، بۇنداق قىلىش دۇرۇس. ھەر قانداق نەپلە نامازدا (ئوقۇماقچى بولغان ئايەتلەرنى) قۇرئانغا قاراپ تىلاۋەت قىلىشقا چەكلىمە يوق. بەزى ساھابىلەرنىڭ پەقەت پەرز نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ تىلاۋەت قىلىشنى يامان كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئەمما، نەپلا نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ تىلاۋەت قىلىش دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. (مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=wWe4Ep1zD_g&t=22s) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن دېگەن:
ناماز ئوقۇغۇچى كىشى نامازدا ئۆزى ئوقۇۋاتقان سۈرە-ئايەتلەرنى يادلىغان بولسۇن بولمىسۇن، نامازدا سۈرە-ئايەتلەرنى قۇرئانغا قاراپ (سۈرە ئايەتلەر يېزىلغان ۋاراقچىگە قاراپ) ئوقۇشى نامازنى بۇزمايدۇ. ھەتتا، سۈرە فاتىھەنى يادقا بىلمىگەن كىشىنىڭ سۈرە فاتىھەنى قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ ئوقۇشى پەرزدۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ نامازنى بۇزمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش بىزنىڭ (شافىي) مەزھىپىمىزنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ۋە مۇھەممەدنىڭ، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدۇر. [المجموع(4/27)] mujtehid.com

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
بۇ پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

لو قرأ القرآن من المصحف لم تبطل صلاته سواء كان يحفظه أم لا ، بل يجب عليه ذلك إذا لم يحفظ الفاتحة . . .

وهذا الذي ذكرناه من أن القراءة في المصحف لا تبطل الصلاة مذهبنا ومذهب مالك وأبي يوسف ومحمد وأحمد.

[المجموع (4/27)]

The post نەپلە نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ تىلاۋەت قىلسا بولامدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post نەپلە نامازلاردا قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ تىلاۋەت قىلسا بولامدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى | نەۋەۋى، ئىبنى كەسىر، ئىبنى باز
قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىگە قۇرئان ئوقۇپ، ساۋابىنى ئاتاش مەسىلىسىدە، شافىي مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراش، بۇنداق قىلىشنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ، دېگەن قاراشتۇر. شرح مسلم» (1/90)

ئىمام نەۋەۋى پەتىۋالىرى توپلىمىدا مۇنداق كەلگەن:

سوئال: ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىگە ئاتاپ سەدىقە قىلسا، دۇئا قىلسا، ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، بۇنىڭ ساۋابى ۋاپات بولغۇچىغا يېتەمدۇ؟

جاۋاب: مىيىت ئۈچۈن قىلىنغان دۇئانىڭ ساۋابى ۋە سەدىقىنىڭ ساۋابى مىيىتقا يېتىدۇ، مۇشۇنداقلىقىدا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائى مەۋجۇت.

لېكىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتىسا، بۇنىڭ ساۋابىنىڭ ئۆلۈككە يېتىش يەتمەسلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. ئىمام ئەھمەد ۋە شافىي مەزھىپىدىكى بەزى ئالىملار «قۇرئان ئوقۇپ ئۆلۈككە ئاتىسا، بۇنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىدۇ» دېگەن. ئىمام شافىي ۋە باشقا كۆپچىلىك ئالىم: «قۇرئان ئوقۇپ ئۆلۈككە ئاتىسا، ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ» دېگەن. (ئىمام نەۋەۋى پەتىۋالىرى 83-بەت)

ئىمام شافىينىڭ ۋە بۇ جەھەتتە ئۇ زاتقا ئوخشاش ھۆكۈمنى ياقىلىغۇچى ئالىملارنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ساۋابىنى باشقىلارغا ئاتاشقا بولمايدۇ دېيىشىدىكى دەلىللەردىن بىرى مۇنۇ ئايەتتۇر: {وأن ليس للإنسان إلا ما سعى} {(ئاخىرەتتە) ئىنسانغا ئۆزى قىلغان ئەمىلىنىڭ جازا ياكى مۇكاپاتىدىن باشقىسى يوقتۇر.} (سۈرە نەجم39-ئايەت) شۇنداقلا، مۇنۇ ھەدىستۇر ((إذا مات بن آدم انقطع عمله إلا من ثلاث صدقة جارية أو علم ينتفع به أو ولد صالح يدعو له)) «ئادەم بالىسى ۋاپات بولسا ئۇنىڭ مۇنۇ ئۈچ ئەمىلىدىن باشقا ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى توختايدۇ. سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم ياكى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت. (مانا مۇشۇ ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارىدۇ.)» (سەھىھۇل مۇسلىم 1631)

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان زاتلار {وأن ليس للإنسان إلا ما سعى} {(ئاخىرەتتە) ئىنسانغا ئۆزى قىلغان ئەمىلىنىڭ جازا ياكى مۇكاپاتىدىن باشقىسى يوقتۇر} دېگەن ئايەتتىن «قۇرئان ئوقۇپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلگەن كىشىگە ھەدىيە قىلسا، بۇ ساۋابنىڭ ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ» دەپ ھۆكۈم ئالغان. چۈنكى، ئۇ تىلاۋەت ئۆلگەن كىشىنىڭ ئەمىلى ئەمەس. بۇ سەۋەبلىك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممىتىگە بۇنى (يەنى قۇرئان ئوقۇپ بۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلگەن كىشىگە ھەدىيە قىلىشنى) ئېيتقان ئەمەس، تەشۋىق قىلغان ئەمەس، ھەر قانداق بىر دەلىل ئارقىلىق ياكى ئىشارەت ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇنداق قىلىشقا باشلىمىغان، مايىلمۇ قىلمىغان. شۇنىڭدەك، ساھابىلەردىنمۇ قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلگەن كىشىگە ھەدىيە قىلغان ھېچكىم يوق. ئەگەر قۇرئان ئوقۇ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاش ياخشى ئەمەل بولغان بولسا، چوقۇمنى ئۇنى ئىلگىرىكى سەلەف-سالىھىن قىلغان بولاتتى. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچى ئەمەللەر (يەنى ئىبادەت دەپ قارالغان ئەمەللەر) پەقەت ئۇنىڭ ئىبادەت ھېسابلىنىدىغانلىقىغا ئائىت دەلىلگە تايانغان بولۇشى كېرەك. ھەر خىل قىياس ۋە تەسەۋۋۇرلار بىلەن ئىبادەت پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما، دۇئا ۋە سەدىقىگە كەلسەك، بۇلارنىڭ ساۋابىنىڭ ئۆلگەن كىشىگە يېتىپ بارىدىغانلىقى جەھەتتە سەلەپنىڭ ئىجمائى بار، شۇنداقلا بۇنىڭ توغرىلىقىغا شەرئىي دەلىل بار. (ئبىنى كەسىر تەپسىرى 6\582)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ أَحْدَثَ فِيْ أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ )) «كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا بولمىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 2697؛ مۇسلىم 1718) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «كىمكى دىنىمىزدا بولمىغان ئەمەلنى قىلسا، ئۇ ئەمەل رەت قىلىنىدۇ.»

بۇ ھەدىسكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ياكى ساھابىلەر بىر مۇسۇلمان ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇپ، ساۋابىنى ۋاپات بولغۇچىغا ئاتىمىغان. ئۆلگەن كىشىگە ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ساۋابىنى ئاتاش رەسۇلۇللاھمۇ قىلمىغان، بۇيرۇمىغان؛ ساھابىلەرمۇ قىلمىغان ئىش بولغانلىقتىن، بۇنداق قىلىش رەت قىلىنىدۇ. دىندا قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ جەھەتتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقان كىشىگە ئاتاشنىڭ شەرئىي دەلىلى يوق، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ئورنى يوق. بۇنىڭ ساۋابى ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارمايدۇ. لېكىن، ھەج، دۇئا، سەدىقە قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارىدۇ. چۈنكى، مۇشۇنداقلىقىدا شەرئىي دەلىللەر مەۋجۇت. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بەدەننىڭ ئەمىلى بولۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ساۋابى ئۇنى تىلاۋەت قىلغان كىشىگە بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى باشقىسىغا ئاتاش توغرىسىدا شەرئىي دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. (حكم إهداء ثواب قراءة القران للميت)

ئىمام مۇھەممەدسالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا پەتىۋا بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ جەھەتتە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. (شەيخ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت ۋە ھەدىسنى نەقىل قىلدى.) لېكىن، قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتاشتىنمۇ ياخشى بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ، ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر. ئۆلۈككە مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشىلىقىدا، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئوچۇق دەلىل مەۋجۇت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممىتىگە كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى ئۆگىتىشتە ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن (يەنى گۇناھىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى، جەننەتتە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، دوزاختىن قۇتقۇزۇلىشى ئۈچۈن…) دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۈممىتىگە تەلىم بەرگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر. ئەگەر، قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتاشتا ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن ساۋاب بولىدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى چوقۇم ئۈممىتىگە كۆرسەتمە قىلغان بولاتتى. (ما حكم اهداء ثواب قراءة القرآن للميت)

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ۋاپات تاپقۇچى كىشىگە ساۋابى بولسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇش، ناماز ئوقۇش قاتارلىقلارنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق. ئورنى بار بولغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ھەج قىلىش ۋە سەدىقە قىلىشتۇر. ئىبادەت دېگەن ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىغا چىقىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم بۇ دىن ئىشىدا بىز قىلمىغان ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» دېگەن. مەيلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، مەيلى ساھابىلەر قۇرئان ئوقۇپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتىغان ئەمەس.

شەيخنىڭ يۇقىرىقى پەتىۋاسىدىن كېيىن، رىياسەتچى شەيختىن مۇنۇ سوئالنى قوشۇمچە سورىدى: ھۆرمەتلىك شەيخ، ۋاپات تاپقان كىشىگە يېتىپ بارىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل قايسى؟

ئىمام ئىبنى باز: ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل دۇئا ۋە سەدىقە. (حكم وصول ثواب قراءة القرآن للميت) — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

The post قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى | نەۋەۋى، ئىبنى كەسىر، ئىبنى باز first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى | نەۋەۋى، ئىبنى كەسىر، ئىبنى باز appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزامدۇ؟
بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزامدۇ؟

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

مۇجتەھىد، مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام ئىبنى مۇنزىر (ۋاپاتى: 319) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم يىرىڭ ۋە زەرداپنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، بىر بۆلۈك ئەھلى ئىلىم «يىرىڭ ۋە زەرداپنىڭ ھۆكمى قاننىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش» دەپ قارىغان. بۇ ئىبراھىم نەخەئىي، مۇجاھىد، ئەتا، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، قەتادە، شەئبىي قاتارلىق تابىئىن ئالىملارنىڭ ھۆكمىدۇر. بىر بۆلۈك ئالىم يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزمايدۇ دېگەن، بۇ ھەسەن بەسرى قاتارلىق تابىئىن ئالىملارنىڭ ھۆكمىدۇر. ئىمام ئەۋزائى يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزمايدۇ دېگەن. ئىمام ئەھمەد يىرىڭ ۋە زەرداپ ھۆكۈم جەھەتتە قاندىنمۇ يەڭگىلدۇر، دېگەن. ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تاھارەتنى بۇزمايدۇ، دېگەن. (الأوسط في السنن والإجماع والاختلاف 1\183) يۇقىرىقى ھۆكۈملەرنى بايان قىلغان، 3-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر مۇجتەھىد ئالىم ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «يىرىڭ، زەرداپ سەۋەبلىك تاھارەت ئېلىش ۋاجىپ بولىدۇ، دەيدىغانلارنىڭ دەلىلى يوق.» (الأوسط في السنن والإجماع والاختلاف 1\183)

زامانىمىزدىكى فىقھ مۇتەخەسسىسى، پازىل ئۆلىما سەئىد خەسلان مۇنداق دېگەن: توغرا كۆز قاراشقا بىنائەن، بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ (ئالدى ياكى كەينى جىنسىي يولدىن چىقمىغانلىكى تەقدىردە) تاھارەتنى بۇزمايدۇ. يىرىڭ بىلەن زەرداپنىڭ تاھارەتنى بۇزۇدىغانلىقىغا ئوچۇق دەلىل يوق. (شەيخ، پروفسور دوكتور سەئىد خەسلان ھافىزەھۇللاھ) [مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ]

ئىمام ئىبنى باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، ئەلبانى قاتارلىق يېڭى زامان ئالىملىرىمۇ يۇقىرىقىدەك پەتىۋا بەرگەن.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاراھىتىدىن قان ئېقىپ تۇرغان ھالەتتە ناماز ئوقۇغان. (المدونة ١/١٢٦)

ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاغزىدىكى قاننى تۈكۈرۈۋېتىپ نامىزىنى داۋام قىلغان.

ئىمام مالىك جاراھەتتىن كىيىمگە يۇققان يىرىڭ، زەرداپ كۆپ بولمىسا، بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇشنى جائىز دېگەن، يىرىڭ زەرداپ كۆپ چىقىپ كەتسە، بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇماسلىققا ھۆكۈم بەرگەن. ئىبنۇل قاسىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك، ئىمام مالىك يىرىڭ ۋە زەرداپنى قاننىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش دېگەن. ئىمام مالىك بەدەندىكى جاراھەتتىن، چاقىدىن چىققان قان (يىرىڭ ياكى زەرداپ) ئاز مىقداردا بولسا، ئۇنى سۈرتىۋېتىپ، نامىزىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ دېگەن. (المدونة ١/١٢٦)

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: قان يىرىڭ مەيلى ئاز چىقسۇن، مەيلى كۆپ چىقسۇن، سەھىھ قاراشقا ئاساسەن تاھارەتنى بۇزمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىنغان. (المجموع شرح المهذب  ٣/١٣٥)

— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

The post بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزامدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزامدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى
ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟

14-مەسىلە: كىشى بىر ئىشنىڭ ھاراملىقىنى ياكى مەكرۇھلۇقىنى بىلسە، ئاندىن ئۇ ئىشنى قىلغان بولسا، بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك پاسىق بولامدۇ، بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 676) رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن شۇ مەكرۇھنى قىلمىغان كىشىگە قارىغاندا ئەجرى كېمىيىدۇ.

ھارام ئىشنى قىلغۇچىغا كەلسەك، ھارام ئىشنى قىلغۇچى ئەگەر قىلغان ئۇ ھارام ئىشىدىن توغرا رەۋىشتە تەۋبە قىلمىغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرايدۇ.

ئەمدى پاسىق بولۇشقا كەلسەك، گۇناھى كەبىرىنى قىلىدىغان كىشى پاسىق بولىدۇ؛ شۇنداقلا گۇناھى سەغىيرىدە (كىچىك گۇناھتا) داۋام قىلغۇچى كىشىمۇ پاسىق بولىدۇ. (فتاوى النوويِ 237)

* مەكرۇھ ئىش — قىلسا گۇناھ بولمايدىغان، تەرك ئەتسە ساۋاپ بولىدىغان ئىشلاردۇر. (ابن عثيمين: كتب أصول الفقه) مەكرۇھ — مۇستەھەپنىڭ زىتىدۇر.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

The post ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشنى قىلغان كىشى بۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچرامدۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

تاھارەت ئالغاندا قايسى ئەزانى يۇيسا شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت | ئىمام نەۋەۋى
تاھارەت ئالغاندا قايسى ئەزانى يۇيسا شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت

ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: وأما الحديث الموضوع في الذكر على كل عضو فباطل

«تاھارەتتە ھەر ئەزانى يۇغاندا شۇ ئەزا ئۈچۈن زىكىر-دۇئا بايان قىلىنغان ھەدىس باتىلدۇر.» (المنار المنيف 45)

ئىمام نەۋەۋى تاھارەت ئېلىپ ئەزالارنى يۇغاندا دۇئا ئوقۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: وقال النووي عن دعاء الأعضاء في الوضوء : دعاء الأعضاء لا أصل له «ئەزالارنى يۇغاندا دۇئا قىلىشنىڭ (دىندا) ئەسلى يوقتۇر.» «الفتوحات الربانية» (2/27-29)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلامدا) ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلىنغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»

[صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم الأقضية (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد.}]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا يوق ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»

[ صحيح مسلم الأقضية (1718) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من عمل عملاً ليس عليه أمرنا فهو رد.}]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىبىدئەتتۇر.»

(مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45)

بۇ ۋەجىدىن، تاھارەت ئالغاندا، ھەر بىر ئەزانى يۇيۇپ شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش – مەسىلەن، پۇتىنى يۇغاندا «ئى ئاللاھ پۇتلىرىمنى سىرات كۆۋرىكىدە مۇستەھكەم قىلغىن» دېگەندەك – ئاللاھ بۇيرۇمىغان، رەسۇلۇللاھ قىلمىغان، كېيىنكى چاغلاردا بەزى كىشىلەر ياخشى ھېساپلاپ دىنغا قوشۇۋالغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتتۇر. – مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى

The post تاھارەت ئالغاندا قايسى ئەزانى يۇيسا شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت | ئىمام نەۋەۋى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post تاھارەت ئالغاندا قايسى ئەزانى يۇيسا شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت | ئىمام نەۋەۋى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىمام نەۋەۋى | نامازدا سۈرە-ئايەتلەرنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

ناماز ئوقۇغۇچى كىشى نامازدا ئۆزى ئوقۇۋاتقان سۈرە-ئايەتلەرنى يادلىغان بولسۇن بولمىسۇن، نامازدا سۈرە-ئايەتلەرنى قۇرئانغا قاراپ (سۈرە ئايەتلەر يېزىلغان ۋاراقچىگە قاراپ) ئوقۇشى نامازنى بۇزمايدۇ. ھەتتا، سۈرە فاتىھەنى يادقا بىلمىگەن كىشىنىڭ سۈرە فاتىھەنى قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ ئوقۇشى پەرزدۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ نامازنى بۇزمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش بىزنىڭ (شافىي) مەزھىپىمىزنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ۋە مۇھەممەدنىڭ، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدۇر. [المجموع (4/27)] mujtehid.com

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

بۇ پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

لو قرأ القرآن من المصحف لم تبطل صلاته سواء كان يحفظه أم لا ، بل يجب عليه ذلك إذا لم يحفظ الفاتحة . . .

وهذا الذي ذكرناه من أن القراءة في المصحف لا تبطل الصلاة مذهبنا ومذهب مالك وأبي يوسف ومحمد وأحمد.

[المجموع (4/27)]

The post ئىمام نەۋەۋى | نامازدا سۈرە-ئايەتلەرنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋى | نامازدا سۈرە-ئايەتلەرنى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىمام نەۋەۋى | بىر تەيەممۇم بىلەن ئىككى ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟
ئىمام نەۋەۋى | بىر تەيەممۇم بىلەن ئىككى ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

بىزنىڭ (يەنى بىزنىڭ شافىي مەزھىپىنىڭ) كۆپچىلىكىمىزنىڭ ھۆكۈمىگە كۆرە، تەيەممۇم نىجاسەتنى يوق قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ناماز ئوقۇشنى مۇباھ قىلىدۇ.  تەيەممۇ كىشىنىڭ پەرز نامازنى ۋە ئۆزى خالىغان رەۋىشتە نەپلە نامازنى ئوقۇشىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىراق، بىر تەيەممۇم بىلەن ئىككى پەرز نامازنى ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر تەيەممۇم قىلغان كىشى تەيەممۇم قىلغاندا مۇشۇ تەيەممۇم بىلەن پەرز نامازنى ئوقۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، بۇ تەيەممۇم بىلەن پەرز ناماز ئوقۇش، ھەم نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ. ئەگەر بۇ تەيەممۇمنى نەپلە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن قىلغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن پەرز نامازنى ئوقۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. كىشى بىر تەيەممۇم بىلەن بىردىن كۆپ جىنازە نامىزى ئوقۇيالايدۇ. شۇنداقلا، بىر تەيەممۇم بىلەن بىر پەرز ناماز ۋە بىردىن كۆپ جىنازە نامىزى ئوقۇيالايدۇ. كىشى ناماز ۋاقتى كىرىشتىن ئاۋۋال (ۋاقتى كىرىش ئالدىدىكى ناماز ئۈچۈن) تەيەممۇم قىلمايدۇ. سۇ تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلغان كىشى ناماز ئوقۇۋېتىپ سۇنى كۆرسە، نامىزى باتىل بولمايدۇ (شۇ نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقىۋېرىدۇ.) ئەمما، بۇ تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇۋېتىپ سۇنى كۆرگەن كىشىنىڭ نامازنى قايتا ئوقۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئەھۋال بولسا، ئۇ ھالدا سۇنى كۆرۈش بىلەن نامىزى باتىل بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى 3\87) — مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

The post ئىمام نەۋەۋى | بىر تەيەممۇم بىلەن ئىككى ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋى | بىر تەيەممۇم بىلەن ئىككى ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىمام نەۋەۋى | تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن دۇئا ئوقۇش
ئىمام نەۋەۋى | تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن دۇئا ئوقۇش

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن:

بىلگىنكى، تەشەھھۇد دۇئاسى ۋە سەللى بارىك دۇئاسىدىن كېيىن دۇئا قىلىش ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن دۇئا بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئىختىلاپ يوق. بۇخارى ۋە مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلەرگە تەشەھھۇدنى ئۆگەنتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:«ئاندىن خالىغان دۇئالارنى ئوقۇساڭ بولىدۇ.» (بۇخارى 835؛ مۇسلىم 402)

تەشەھھۇددىكى سەللى-بارىك دۇئاسىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان بۇ دۇئا ۋاجىپ ئەمەس، مۇستەھەپتۇر. بۇ بۆلەكتە ئىمام بولمىغانلىكى تەقدىردە ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلىش مۇستەھەپتۇر. بۇ دۇئادا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ھەققىدە خالىغان دۇئالارنى ئوقۇيالايدۇ. ئەمما، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقۇغان دۇئالارنى ئوقۇش تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. (ئەلئەزكار، 121)

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت سالام يوللاپ سەللى-بارىك دۇئاسى ئوقۇش ئىمام شافىينىڭ نەزىرىدە ۋاجىپتۇر، بۇنى تەرك ئەتسە نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. توغرا ۋە مەشھۇر قاراشتا، رەسۇلۇللاھقا سەللى-بارىك دۇئاسى ئوقۇپ دۇرۇت-سالام يوللاش ۋاجىپ ئەمەس، مۇستەھەپتۇر. بەزى ئىماملىرىمىز بۇنى ۋاجىپ دېگەن. (ئەلئەزكار 120) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

The post ئىمام نەۋەۋى | تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن دۇئا ئوقۇش first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋى | تەشەھھۇد دۇئاسىدىن كېيىن دۇئا ئوقۇش appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق
ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئەلئەزكار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

بىلگىنكى، يامان سۆزنى سۆزلەش ھارام بولغىنىدەك، يامان گۇمان قىلىشمۇ ھارامدۇر. بىراۋنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشىڭ ھارام بولغىنىدەك، بىراۋنىڭ يامانلىقىنى دىلىڭدىن كەچۈرۈشۈڭ ۋە بىراۋ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشىڭمۇ ھارامدۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «كۆپلىگەن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار» (سۈرە ھۇجرات 12-ئايەت) دېگەن.

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم سەھىھ كىتابلىرىدا مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يامان گۇماندىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى گۇمان سۆزنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر.» (بۇخارى 5143؛ مۇسلىم 2563)

مۇشۇ مەزمۇندا كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ. بۇ ھەدىستە مەقسەت قىلىنغىنى، قەلبتە باشقا مۇسۇلمان توغرىسىدا يامان گۇمان قىلىشنى قارارلاشتۇرۇش ۋە باشقا مۇسۇلمانغا قەلبتە يامان ھۆكۈمدە بولۇشتۇر. ئەمما، (باشقا مۇسۇلمان ھەققىدىكى يامان گۇمان) بەندىنىڭ قەلبىگە يەرلەشمەستىن، قەلبىدىن غىل-پال كېچىدىغان ئەھۋالغا كەلسەك، بۇ خىل تۇيغۇلار — ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن — مەغفىرەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ھېس-تۇيغۇلارنىڭ قەلبكە كېلىپ قېلىش كىشىنىڭ ئىختىيارىدا ئەمەس. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى يوق.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ قەلبىدىن كەچكەن   ئىشلارنى ئۇ كىشى بۇنى سۆزلىۋەتمىگەن تەقدىردىلا مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.» (بۇخارى 5269؛ مۇسلىم 127، 202)

ئالىملار دەيدۇكى، كىشىنىڭ قەلبىدىن كەچكەن ئىشلار مەيلى غەيۋەت بولسۇن، مەيلى كۇفۇر بولسۇن، مەيلى باشقا ئىشلار بولسۇن بەرىبىر (يۇقىرىقى ھەدىستىكىدەك ئەپۇ قىلىنغاندۇر.) بىراۋنىڭ خىيالىغا كۇفرىي ئوي كەلسە، ئۇ كىشى بۇ كۇفرىي ئويدىن دەرھال ۋاز كەچسە، كاپىر بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر كافارەت ۋەھاكازامۇ كېرەك بولمايدۇ.

مەن ۋەسۋەسە بۆلۈمىدە نەقىل قىلغان بىر ھەدىستە ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بەزىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا شۇنداق ئويلار كېلىدۇكى، ئۇنى ئېيتىش بەكمۇ مۈشكۈل» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بۇ ئوپئوچۇق ئىماندۇر» دېدى. (مۇسلىم 209)

بۇ مەنادا بىز نەقىل قىلغان باشقا دەلىللەرمۇ بار.

قەلبتىن يالتتىدە كەچكەن خىيالنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى، قەلبتىن كېچىدىغان بۇنداق ئويدىن ساقلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدىندۇر. بىراق، قەلبتىن كەچكەن بولۇمسىز-يامان خىيالنى قەلبتە داۋاملاشتۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك، قەلبتە بولۇمسىز-يامان خىياللارنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قەلبتە بۇنداق بولۇمسىز-يامان خىياللارنى يەرلەشتۈرۈش ھارام ھېسابلىنىدۇ. قاچانىكى ئەقلىڭگە غەيۋەت ياكى گۇناھ تۈرىدىكى باشقا خىياللار كەلسە، بۇنداق يامان ئوي-خىيالدىن يۈز ئۆرۈشۈڭ، ئوينى ياخشى تەرەپكە بۇرۇشۇڭ كۆرۈنگىنىگە قارشى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزۈڭنى (مۇسۇلمان قېرىندىشىڭ ھەققىدىكى) يامان-بولۇمسىز ئوي خىيالدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئىشنى ياخشىغا بۇراپ چۈشىنىش ئارقىلىق، قەلبىڭگە كەلگەن يامان-ئوي خىيالدىن ئۇزاقلىشىشىڭ پەرزدۇر.

ئىمام ئەبۇ ھامىد غەزالى، ئەلئىھيا ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

قەلبىڭگە يامان گۇمان كەلگەندە، (بىلگىنكى) بۇ شەيتان سېنىڭ قەلبىڭگە تاشلىغان ۋەسۋەسىدۇر. شەيتاننىڭ بۇ ۋەسۋەسىسىنى يالغانغا چىقىرىشىڭ لازىم. چۈنكى، شەيتان پاسىقلارنىڭ ئەڭ پاسىقىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر پاسىق سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. بۇنداق قىلمىساڭلار، بىلمەستىن بىر قەۋمگە (ياكى كىشىگە) يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاقىۋەتتە قىلغىنىڭلاردىن پۇشايماندا قالىسىلەر.» (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6-ئايەت)

ئىبلىسنى (شەيتاننى) تەستىقلاش (يەنى شەيتان ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى تەستىقلاش) دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر قەلبىڭگە كەلگەن گۇماننىڭ يامانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئالامەت بولسا ۋە بۇ گۇماننىڭ ئەكسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، بۇ ھالدا يامان گۇمان  قىلىش دۇرۇس ئەمەس. يامان گۇماننىڭ ئالامىتى شۇكى، قەلبىڭنىڭ بۇ خىل گۇمان سەۋەبلىك ئىلگىرىكى ھالىتىدىن ئۆزگۈرۈشىدۇر.

مۇشۇ يامان گۇمانىڭ سەۋەبلىك، ئۆزۈڭ يامان گۇمان قىلغان مۇسۇلمان قېرىندىشىڭدىن ئۇزاقلىشىسەن، ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىڭنى چاندۇرىسەن، ئۇنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمايسەن، ھۆرمەت كۆرسەتمەيسەن ۋە بېشىغا كەلگەن بىرەر يامانلىق سەۋەبلىك ئارامسىزلانمايسەن. چۈنكى شەيتان ئەڭ پەسكەش خىياللار بىلەن كىشىلەر ھەققىدە قەلبكە يامان خىيال تاشلايدۇ. ئاندىن، شەيتان ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بۇ پەسكەش خىيالنىڭ سېنىڭ چۈشەنچەڭ، سېنىڭ پاراسىتىڭ ۋە زىللىقىڭنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىدەك تۇيغۇغا سېنى كەلتۈرىدۇ.

مۆمىن مۇسۇلمان بۇ خىل ئەھۋالدا مەسىلىگە ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ، بىراق، ئەمەلىيەتكە كەلگەندە شەيتاننىڭ ئالدىشى ۋە قارىلىشى بىلەن سۆزلەيدۇ. (يەنى، ئەسلىدە بىرەرسىگە تۆھمەت قىلىش ياكى تاجاۋۇز قىلىش غەرىزىدە بولمىسىمۇ، شەيتان قەلبىگە تاشلىغان يامان گۇمان سەۋەبلىك ئالدىنىپ، مۇسۇلمان قېرىندىشى ھەققىدىكى يامان گۇمانىنى سۆزلەپ خاتالىشىدۇ.-ت) ئەگەر ئادالەتلىك بىرى ساڭا باشقا بىرى ھەققىدە يامان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ سەۋەبلىك يامان گۇمانغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلما، توغرا دەپمۇ ئويلىما.

بىر مۇسۇلمان توغرىسىدا قاچانكى قەلبىڭدىن يامان خىيال كەلسە، ئۇ مۇسۇلماننىڭ ھەقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ رىئايە قىل ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك ھۆرمەت كۆرسەت. چۈنكى، بۇنداق قىلىشىڭ شەيتاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ\ شەيتاننى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە شەيتاننى سەندىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. (مۇشۇنداق قىلساڭ) شەيتان ئۇ مۇسۇلمان (نىڭ مەنئەپەتى) ئۈچۈن دۇئا قىلىۋېتىشىڭدىن ئەنسىرەپ، يۇقىرىقىدەك ۋەسۋەسىنى قەلبىڭگە تاشلاشتىن يالتىيىدۇ.

قاچانكى، بىر مۇسۇلماننىڭ خاتالىقىنى رەت قىلىشقا ئىمكانسىز ھالەتتە بىلسەڭ، ھېچكىم يوق يەردە ئۇ مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىل. دۈشمىنىڭ (شەيتاننىڭ) سېنى ئالداپ، سېنى ئۇ مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا كۈشكۈرتىشىدىن ھەزەر ئەيلە. ئۇ مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئاشۇ قۇسۇرىدىن خەۋەردار بولۇشۇڭدىن خۇشال بولغىنىڭ ئاساسىدا نەسىھەت قىلما. بۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى كۆزىدە چوڭ كۆرىدۇ، سەن بولساڭ ئۇنى كىچىك كۆرۈپ قالىسەن. (شەيخ بۇ يەردە مۇنداق دېمەكچى بولسا كېرەك: «پالانچىنىڭ خاتالىقىنى ھەجەپ تۇتۇۋالدىم دەپ خۇش بولما؛ بىز دېگەن ئاجىز ئىنسان، گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار، بۇ ناتوغرا قىلمىشنى تۈزىتەيلى، دېمە. ئەمدى تازا بىر نەسىھەت قىلىپ، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ نەسىھەتنى قىلىۋاتقىنىمنى بىلدۈرەي، دېگەن ئويدا بولما. بۇنداق قىلساڭ، نەسىھەت قىلىنغۇچى سېنى ھەجەپ سەمىمىي قېرىنداشكەن دەپ، سېنى چوڭ كۆرۈشكە باشلىغاندا، سەن ئۇنى كىچىك كۆرۈشكە باشلاپ قالىسەن. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى باشقىلارنىڭ چوڭ كۆرۈشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنى چوڭ، باشقىلارنى كىچىك كۆرۈپ قالىدىغان مەخلۇق.» ۋاللاھۇ ئەئلەم.-ت)

مەقسىتىڭ، ئۇنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش بولسۇن. ئۇنىڭدا بىر قۇسۇر بولسا، ئۇنىڭ بۇ قۇسۇرىغا ئۆزۈڭنىڭ قۇسۇرى ئۈچۈن ئارامسىزلانغىنىڭغا ئوخشاش ئارامسىزلانغىن. ئۇنىڭ بۇ قۇسۇرنى\خاتالىقنى سېنىڭ نەسىھىتىڭگە ئېھتىياجى چۈشمەستىن تۈزىتىشى سېنىڭ نەسىھەت قىلىشىڭ سەۋەبلىك تۈزەتكىنىگە قارىغاندا ساڭا تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇشى لازىم. (مۇشۇنداق قىلساڭ باشقىلارنىڭ پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولىسىەن. چۈنكى، ئۆز خاتالىقىنى ئۆزىنى بىلىپلا تۈزىتىۋالغان مۇسۇلمان باشقىلار تۈزىتىش بەرگەندىن كېيىن تۈزەتكەن كىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ پەزىلەتلىك، تېخىمۇ ئەقىللىق مۇسۇلماندۇر. باشقىلارنىڭ پەزىلەتلىك ماقامدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىڭ سەن ئارقىلىق پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىڭدىن كۆپ ئۈستۈندۇر.-ت)

ئىمام غەززالىنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.

(ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:)

دەيمەنكى، كىشىنىڭ خىيالىغا بىر يامان گۇمان كەلگىنىدە، بۇ يامان گۇماننى دەرھال تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدۇق. بۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىش شەرئىي مەنپەئەت تەقەززا قىلمىغان ئەھۋالدا كېرەك بولىدۇ. گۇۋاھچىلارنىڭ ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى راۋىيلارنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تەنقىدلىنىشى؛ شۇنداقلا، مۇباھ ھېسابلىنىدىغان غەيۋەت بۆلۈمىدە بىز بايان قىلغان ئەھۋاللار شەرئىي مەنپەئەت سەۋەبلىك يۈز بېرىدىغان بولغانلىقتىن، شەرئىي مەنپەئەتنى تەقەززا قىلغان بۇ خىل ئەھۋالدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يامان تەرەپلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش يۇقىرىقى چەكلىمىدىن مۇستەسنا ھېسابلىنىدۇ. — ئىمام نەۋەۋى، «ئەلئەزكار»

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

The post ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋى | قەلبنىڭ غەيۋىتى ۋە دىنىي قېرىنداشلىق appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىمام نەۋەۋى: ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇلىدىغان مەخسۇس دۇئا بارمۇ؟
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىلىشىڭىز كېرەككى، تاللانغان قاراشتا، ۋىتىر نامىزىدا ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا بېكىتىلمىگەن، بەلكى قايسى دۇئانى ئوقۇسا مەقسەت ھاسىل بولىدۇ،. قۇرئان كەرىمدىن دۇئانىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئەڭ ئەۋزىلى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن دۇئالارنى ئوقۇش كېرەك. [ئەزكار ئەننەۋەۋىي 50-بەت].

پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

قال النووي رحمه الله : واعلم أن القنوت لا يتعين فيه دعاء على المذهب المختار ، فأي دعاء دعا به حصل القنوت ولو قنت بآية ، أو آيات من القرآن العزيز وهي مشتملة على الدعاء حصل القنوت ، ولكن الأفضل ما جاءت به السنة ..

الأذكار النووية ص 50

The post ئىمام نەۋەۋى: ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇلىدىغان مەخسۇس دۇئا بارمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋى: ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇلىدىغان مەخسۇس دۇئا بارمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىمام نەۋەۋى | چىشى مالنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇسمۇ؟
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ: «ئەل مەجمۇئ» ناملىق ئەسەرنىڭ 8-تومى 364-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدىغان چارۋىلار تۆگە، كالا، ئۆچكە ۋە قوي قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولىشى كېرەك، تۆگىنىڭ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش، كالىنىڭمۇ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش، قوي-ئۆچكىنىڭمۇ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش. ئەمما بۇ چارۋىلاردىن باشقا ياۋا كالا (ۋەھشى كالا) ۋە ياۋا ئېشەك (قولان) ۋە باشقا ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولمايدۇ. قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدىغان بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ مەيلى ئەركىكى ياكى چىشىسى بولسۇن، ئوخشاشلا دۇرۇس بولمايدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇ مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق».

ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ باشچىلىقىدىكى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: «قۇربانلىق قىلىدىغان قوي ئالتە ئاي توشقان ۋە يەتتىنچى ئايغا قەدەم قويغان ياكى بىر ياشلىق بولغان بولسا ئەركەك ياكى چىشى بولسۇن دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي نەقىل قىلغان ھەدىستە، مەجاشىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىق قىلىش، چوڭ ياشلىق قوينى قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما ئۆچكىدىن، كالىدىن ۋە تۆگىدىن ئەركەك ياكى چىشى بولسۇن ياشقا تولغان بولىشى كېرەك. ئۆچكىدىن تولۇق بىر ياشقا كىرگىنى، كالىدىن ئىككى ياشنى تولۇقلاپ ئۈچىنچى ياشقا قەدەم قويغىنى، تۆگىدىن بەش ياشنى تولۇقلاپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغىنى بولسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: چارۋىلاردىن ياشقا تولغانلىرىنى قۇربانلىق قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلىش سىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىق قىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى]. تۈگىدى. «دائىمىي كومىتېت پەتىۋالىرى»(11/414)

The post ئىمام نەۋەۋى | چىشى مالنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇسمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋى | چىشى مالنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇسمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىمام نەۋەۋى: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلمۇ مەسجىدتە ئوقۇشمۇ؟
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار تەراۋىھ نامىزىنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئۇلار تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇش ياخشىمۇ ياكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ياخشىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. ئىمام شافىئى ۋە ئۇنىڭ كۆپچىلىك ھەمراھلىرى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام ئەھمەد، بەزى مالىكى ئۆلىمالىرى ۋە باشقا ئالىملار: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ساھابىلارنىڭ قىلغىنىدەك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنى بويىچە ئوقۇش ياخشى، چۈنكى بۇ ئىسلامنىڭ ئاشكارا شۇئارلىرىدىندۇر». (ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ «نەيلىل ئەۋتار» ناملىق ئەسىرى 3 -توم 62-بەتتە)

ئىمام نەۋەۋى «ئەلمەجمۇئ» ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم 526-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «تەراۋىھ نامىزى بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن سۈننەت بولۇپ، يالغۇز ئوقۇسىمۇ ياكى جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما ئۆيدە يالغۇز ئوقۇغان ياخشىمۇ ياكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇغان ياخشىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، مەشھۇر ئىككى خىل قاراش بولۇپ، توغرىسى شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن جامائەت بىلەن ئوقۇش ياخشىدۇر.

The post ئىمام نەۋەۋى: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلمۇ مەسجىدتە ئوقۇشمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋى: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلمۇ مەسجىدتە ئوقۇشمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.