ئۆلۈم، قەبرە، قەبرىستانلىق - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى | نەۋەۋى، ئىبنى كەسىر، ئىبنى باز
قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىگە قۇرئان ئوقۇپ، ساۋابىنى ئاتاش مەسىلىسىدە، شافىي مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراش، بۇنداق قىلىشنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ، دېگەن قاراشتۇر. شرح مسلم» (1/90)

ئىمام نەۋەۋى پەتىۋالىرى توپلىمىدا مۇنداق كەلگەن:

سوئال: ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىگە ئاتاپ سەدىقە قىلسا، دۇئا قىلسا، ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، بۇنىڭ ساۋابى ۋاپات بولغۇچىغا يېتەمدۇ؟

جاۋاب: مىيىت ئۈچۈن قىلىنغان دۇئانىڭ ساۋابى ۋە سەدىقىنىڭ ساۋابى مىيىتقا يېتىدۇ، مۇشۇنداقلىقىدا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائى مەۋجۇت.

لېكىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتىسا، بۇنىڭ ساۋابىنىڭ ئۆلۈككە يېتىش يەتمەسلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. ئىمام ئەھمەد ۋە شافىي مەزھىپىدىكى بەزى ئالىملار «قۇرئان ئوقۇپ ئۆلۈككە ئاتىسا، بۇنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىدۇ» دېگەن. ئىمام شافىي ۋە باشقا كۆپچىلىك ئالىم: «قۇرئان ئوقۇپ ئۆلۈككە ئاتىسا، ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ» دېگەن. (ئىمام نەۋەۋى پەتىۋالىرى 83-بەت)

ئىمام شافىينىڭ ۋە بۇ جەھەتتە ئۇ زاتقا ئوخشاش ھۆكۈمنى ياقىلىغۇچى ئالىملارنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ساۋابىنى باشقىلارغا ئاتاشقا بولمايدۇ دېيىشىدىكى دەلىللەردىن بىرى مۇنۇ ئايەتتۇر: {وأن ليس للإنسان إلا ما سعى} {(ئاخىرەتتە) ئىنسانغا ئۆزى قىلغان ئەمىلىنىڭ جازا ياكى مۇكاپاتىدىن باشقىسى يوقتۇر.} (سۈرە نەجم39-ئايەت) شۇنداقلا، مۇنۇ ھەدىستۇر ((إذا مات بن آدم انقطع عمله إلا من ثلاث صدقة جارية أو علم ينتفع به أو ولد صالح يدعو له)) «ئادەم بالىسى ۋاپات بولسا ئۇنىڭ مۇنۇ ئۈچ ئەمىلىدىن باشقا ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى توختايدۇ. سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم ياكى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت. (مانا مۇشۇ ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارىدۇ.)» (سەھىھۇل مۇسلىم 1631)

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان زاتلار {وأن ليس للإنسان إلا ما سعى} {(ئاخىرەتتە) ئىنسانغا ئۆزى قىلغان ئەمىلىنىڭ جازا ياكى مۇكاپاتىدىن باشقىسى يوقتۇر} دېگەن ئايەتتىن «قۇرئان ئوقۇپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلگەن كىشىگە ھەدىيە قىلسا، بۇ ساۋابنىڭ ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ» دەپ ھۆكۈم ئالغان. چۈنكى، ئۇ تىلاۋەت ئۆلگەن كىشىنىڭ ئەمىلى ئەمەس. بۇ سەۋەبلىك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممىتىگە بۇنى (يەنى قۇرئان ئوقۇپ بۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلگەن كىشىگە ھەدىيە قىلىشنى) ئېيتقان ئەمەس، تەشۋىق قىلغان ئەمەس، ھەر قانداق بىر دەلىل ئارقىلىق ياكى ئىشارەت ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇنداق قىلىشقا باشلىمىغان، مايىلمۇ قىلمىغان. شۇنىڭدەك، ساھابىلەردىنمۇ قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلگەن كىشىگە ھەدىيە قىلغان ھېچكىم يوق. ئەگەر قۇرئان ئوقۇ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاش ياخشى ئەمەل بولغان بولسا، چوقۇمنى ئۇنى ئىلگىرىكى سەلەف-سالىھىن قىلغان بولاتتى. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچى ئەمەللەر (يەنى ئىبادەت دەپ قارالغان ئەمەللەر) پەقەت ئۇنىڭ ئىبادەت ھېسابلىنىدىغانلىقىغا ئائىت دەلىلگە تايانغان بولۇشى كېرەك. ھەر خىل قىياس ۋە تەسەۋۋۇرلار بىلەن ئىبادەت پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما، دۇئا ۋە سەدىقىگە كەلسەك، بۇلارنىڭ ساۋابىنىڭ ئۆلگەن كىشىگە يېتىپ بارىدىغانلىقى جەھەتتە سەلەپنىڭ ئىجمائى بار، شۇنداقلا بۇنىڭ توغرىلىقىغا شەرئىي دەلىل بار. (ئبىنى كەسىر تەپسىرى 6\582)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ أَحْدَثَ فِيْ أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ )) «كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا بولمىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 2697؛ مۇسلىم 1718) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «كىمكى دىنىمىزدا بولمىغان ئەمەلنى قىلسا، ئۇ ئەمەل رەت قىلىنىدۇ.»

بۇ ھەدىسكە بىنائەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ياكى ساھابىلەر بىر مۇسۇلمان ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇپ، ساۋابىنى ۋاپات بولغۇچىغا ئاتىمىغان. ئۆلگەن كىشىگە ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ساۋابىنى ئاتاش رەسۇلۇللاھمۇ قىلمىغان، بۇيرۇمىغان؛ ساھابىلەرمۇ قىلمىغان ئىش بولغانلىقتىن، بۇنداق قىلىش رەت قىلىنىدۇ. دىندا قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ جەھەتتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقان كىشىگە ئاتاشنىڭ شەرئىي دەلىلى يوق، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ئورنى يوق. بۇنىڭ ساۋابى ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارمايدۇ. لېكىن، ھەج، دۇئا، سەدىقە قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارىدۇ. چۈنكى، مۇشۇنداقلىقىدا شەرئىي دەلىللەر مەۋجۇت. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بەدەننىڭ ئەمىلى بولۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ساۋابى ئۇنى تىلاۋەت قىلغان كىشىگە بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى باشقىسىغا ئاتاش توغرىسىدا شەرئىي دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. (حكم إهداء ثواب قراءة القران للميت)

ئىمام مۇھەممەدسالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا پەتىۋا بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ جەھەتتە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. (شەيخ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت ۋە ھەدىسنى نەقىل قىلدى.) لېكىن، قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتاشتىنمۇ ياخشى بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ، ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر. ئۆلۈككە مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشىلىقىدا، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئوچۇق دەلىل مەۋجۇت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممىتىگە كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى ئۆگىتىشتە ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن (يەنى گۇناھىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى، جەننەتتە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، دوزاختىن قۇتقۇزۇلىشى ئۈچۈن…) دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۈممىتىگە تەلىم بەرگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر. ئەگەر، قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتاشتا ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن ساۋاب بولىدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى چوقۇم ئۈممىتىگە كۆرسەتمە قىلغان بولاتتى. (ما حكم اهداء ثواب قراءة القرآن للميت)

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ۋاپات تاپقۇچى كىشىگە ساۋابى بولسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇش، ناماز ئوقۇش قاتارلىقلارنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق. ئورنى بار بولغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ھەج قىلىش ۋە سەدىقە قىلىشتۇر. ئىبادەت دېگەن ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىغا چىقىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم بۇ دىن ئىشىدا بىز قىلمىغان ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» دېگەن. مەيلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، مەيلى ساھابىلەر قۇرئان ئوقۇپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتىغان ئەمەس.

شەيخنىڭ يۇقىرىقى پەتىۋاسىدىن كېيىن، رىياسەتچى شەيختىن مۇنۇ سوئالنى قوشۇمچە سورىدى: ھۆرمەتلىك شەيخ، ۋاپات تاپقان كىشىگە يېتىپ بارىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل قايسى؟

ئىمام ئىبنى باز: ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل دۇئا ۋە سەدىقە. (حكم وصول ثواب قراءة القرآن للميت) — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

The post قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى | نەۋەۋى، ئىبنى كەسىر، ئىبنى باز first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى | نەۋەۋى، ئىبنى كەسىر، ئىبنى باز appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە پەتىۋاسى
لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟

سوئال: بىر كىشى مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىمكى لائىلاھە ئىللەللاھ دېسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن.

باشقا بىرى مۇنداق دېدى: ئەگەر كىشى ماختىلىدىغان شەرىئەت يولىدا مېڭىپ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۇيرۇق، چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلسا بۇ ھەدىستىكىدەك بولىدۇ. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇپ، ئەمما ئەمەلىيىتىدە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۆزىنىڭ دىندىكى نۇقسانلىرىغا، دىنىدىن نېمىنىڭ كېمەيگەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن (گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتماي دىنغا خىلاپ ھالدا) ياشىسا، يۇقىرىقى ھەدىستە دېيىلگەن كىشىلەر قاتارىغا كىرەلمەيدۇ، دېدى.

ھەدىسنى باشتا نەقىل قىلغان كىشى: مەن قىلىنسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە لائىلاھە ئىللەللاھ دېسەم جەننەتكە كىرىمەن، دوزاخقا كىرمەيمەن، دېدى. (بۇ ھەقتە قانداق پەتىۋا بېرىلا؟)

پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: بارچە ھەقىقىي ۋە ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. كىم «بۇ كەلىمىنى (يەنى «لائىلاھە ئىللەللاھ»نى) تىلىدا تەلەپپۇز قىلسا، بۇنداق قىلغۇچى جەننەتكە كىرىدۇ، دوزاخقا كىرمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلسا، بۇنداق ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى توغرا يولدا بولمىغان ئازغۇندۇر؛ قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئىجمائىغا خىلاپ يول تۇتقۇچىدۇر. چۈنكى، دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا چۈشىغان مۇناپىقلارمۇ «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنى تەلەپپۇز قىلىشقان ئىدى ۋە سانى كۆپ ئىدى. مۇناپىقلارمۇ روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ، سەدىقە بېرىشىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللىرى ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلاةِ قَامُوا كُسَالَى يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلا قَلِيلا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنى ئالدايدۇ. مۇناپىقلار نامازغا تۇرسا ھورۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ، (سالىھ ئەمەللەرنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنىلا زىكىر قىلىدۇ.} (نىسا سۈرىسى 142-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ﴾ مەنە تەرجىمىسى: {(ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى: «سىلەر مەيلى خالاپ تۇرۇپ خەير-ئېھسان قىلىڭلار، ياكى ئىستەكسىز ھالدا خەير-ئېھسان قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ خەير-ئېھسانلىرىڭلارنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، سىلەر پاسىق كىشىلەرسىلەر.} (تەۋبە سۈرىسى 53-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى، چوقۇمكى، جەھەننەمگە توپلايدۇ.} (سۈرە نىسا، 140-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يَوْمَ لا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ نُورُهُمْ يَسْعَى بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ﴾ مەنە تەرجىمىسى:{قىيامەت كۈنى ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە بولىدۇ.} (سۈرە تەھرىم 8-ئايەت) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  ﴿فَالْيَوْمَ لا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {(ئى مۇناپىقلار!) بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) سىلەردىن ھېچقانداق فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ، كاپىرلاردىنمۇ ھەم شۇنداق.} (سۈرە ھەدىد 15-ئايەت)

سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (آيَةُ الْمُنَافِقِ ثَلَاثٌ: إذَا حَدَّثَ كَذَبَ، وَإِذَا وَعَدَ أَخْلَفَ، وَإِذَا اُؤْتُمِنَ خَانَ) «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: (1) سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ؛ (2) ۋەدە قىلسا ئەمەل قىلمايدۇ؛ (3) ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ.» hedisim.com (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس؛ بۇخارى 33-نومۇرلۇق، مۇسلىم 59-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 1467-نومۇرلۇق ھەدىس) سەھىھ مۇسلىمدىكى ھەدىستە يەنە «وَإِنْ صَلَّى وَصَامَ وَزَعَمَ أَنَّهُ مُسْلِمٌ» «ئەگەر ناماز ئوقۇسىمۇ، روزا تۇتسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى داۋا قىلسىمۇ (بۇنداق كىشى مۇناپىقتۇر)» دېيىلگەن.

قال النبي صلى الله عليه وسلم : ( أَرْبَعٌ مَنْ كُنَّ فِيهِ كَانَ مُنَافِقًا خَالِصًا ، وَمَنْ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْ النِّفَاقِ حَتَّى يَدَعَهَا : إِذَا اؤْتُمِنَ خَانَ ، وَإِذَا حَدَّثَ كَذَبَ ، وَإِذَا عَاهَدَ غَدَرَ ، وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ ) رواه البخاري (34) ، ومسلم (58)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، جاڭجاللىشىپ قالسا ھەقتىن چىقىپ كېتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58) «وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ» [«جاڭجاللىشىپ قالسا ھەقتىن چىقىپ كېتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، مۇشۇ جۈملە مۆتىۋەر ھەدىس شەرھلىرىدە مۇشۇنداق شەرھلەنگەنلىكى ئۈچۈندۇر. يەنى جاڭجاللىشىپ قالسا، ياكى داۋالىشىپ قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا، ھەر قانداق جاڭجال ھالىتىدە (قارشى تەرەپكە تۆھمەت قىلىش، نالايىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش جۈملىسىدىن بولغان) ناھەق سۆزنى، ياكى (دۈشمەنلەشكۈچىگە قىلتاق قۇرۇش، تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيان سېلىش قاتارلىق) ناھەق ئىشنى، جۈملىدىن ئادالەتكە ۋە ھەقكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزنى ياكى ئىشنى قىلىدۇ. [قاراڭ: الكوثر الجاري إلى رياض أحاديث البخاري ٥ /١٣٠؛ قاراڭ: منحة الباري بشرح صحيح البخاري ٥/٢٣٣) – تەرجىماندىن]

(سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دوزاخقا تۇنجى بولۇپ تاشلىنىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى مۇجاھىد، يەنە بىرى ياخشىلىق يولىدا پۇل مال سەرپ قىلىش يولىنى تۇتقان باي، ئۈچىنچىسى قۇرئاننى يادقا ئېلىپ ئۆگەنگەن قارىيدۇ. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇش بىلەنلا جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، مۇنۇ ئۈچ كىشىمۇ لائىلاھە ئىللەللاھ دەيدىغان كىشىلەر ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېيتقان لائىلاھە ئىللەللاھى ئۇلارنى دوزاخقا كىرىشتىن قۇتقۇزۇپ قالالمىغان. چۈنكى، ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلەپ ئىخلاس بىلەن قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىشىلەرنىڭ ماختاش ۋە ياقتۇرۇشلىرىنى، مەدھىيەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىياخورلۇق بىلەن قىلغان.-ت)

(شەيخۇل ئىسلامنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسنى بۇ ئورۇندا زىكىر قىلىشىدىكى سەۋەب، ھەدىستىكى يامان ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنىڭ ئىسلامنى داۋا قىلىپ تۇرۇپ، نىفاق ئەمەللەرنى قىلغانلىقىدىندۇر. ھەدىستىكىسى ئەمەلىي نىفاق بولۇپ، ئېتىقادىي نىفاق ئەمەس. ئەمەلىي نىفاق گۇناھى كەبىرىدۇر، كىشىنى دىندىن چىقارمايدۇ. ئەمما، ئېتىقادىي نىفاق كىشىنى دىندىن چىقىرىدۇ. ھەدىستىكىدەك ئەمەلىي نىفاقنى قىلغانلار قۇرئاندا ۋە ھەدىستە دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىنغان. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ تىلىدا ئېيتىپ قويسا، دوزاخقا كىرمەي جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، بۇ ھەدىسلەر مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى يوقاتقان بولۇپ قالاتتى. شۇڭا، دەل ئەكسىچە، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇش بىلەنلا، جەننەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى مانا مۇشۇ ئىككى ھەدىسمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سورىغۇچى نەقىل قىلغان ھەدىس مانا مۇشۇ خىل ھەدىسلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تۇرۇپ چۈشىنىلىدۇ. بىر ئايەت باشقا بىر ئايەتنى تەپسىرلەيدۇ، ياكى ئايەتنى ھەدىس تەپسىرلەيدۇ. شۇنداقلا، بىر ھەدىسنى شۇ ھەقتىكى باشقا بىر ھەدىس شەرھلەيدۇ. ھەدىسلەر بىر تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكار قىلىنمايدۇ. يەنى، سورىغۇچى نەقىل قىلغان ھەدىسنىڭ تېگى تەكتىنى بىلمەستىن تومتاقلا ئېسىلىۋېلىش، پەتىۋا بەرگۈچى نەقىل قىلغان ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشقا، ئىككى ھەدىسنى زىتلاشتۇرۇپ سوقاشقا سېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھەق ئەھلى ھېچقاچان بۇنداق يولغا كىرمەيدۇ. شەيخۇل ئىسلام مۇشۇنىڭغا ئىشارە قىلغان.-ت)

لېكىن، كىشى «لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ» نى چىن قەلبىدىن ئىمان كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، قەلبىدە چىن تەستىق قىلغان ھالەتتە تىلىدا ئېيتسا ۋە مۇشۇ ئېتىقادى ئۈستىدە ئۆلسە، بۇنداق كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ ھالەتتە نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، قەلبىدە قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىك ئىمان بار كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. مۇسۇلمان ھېسابلانغانلار ئىچىدىكى ئوغرى، زىناخور، ھاراقكەش، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى، جازانە يېگۈچى، يېتىمنىڭ مېلىنى يېگۈچى … قاتارلىق (ھەر قانداق چوڭ گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن  تەۋبە قىلمىغان ھالەتتە ئۆلگەن) پاسىق كىشىلەرگە كەلسەك، بۇنداق كىشىلەر دوزاختا دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىنىڭ مىقدارى بويىچە جازالىنىدۇ. سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، ئۇلاردىن بەزىسىنى دوزاخ ئوتى ھوشۇقىغا قەدەر كۆيدۈرىدۇ، بەزىسىنى تىزىغىچە كۆيدۈرىدۇ، بەزىسىنى بېلىگىچە كۆيدۈرىدۇ. مانا بۇ خىل پاسىق مۇسۇلمانلار (گۇناھىنىڭ مىقدارىدا دوزاختا جازالانغاندىن كېيىن) ئاللاھ دوزاختىن ئازات قىلىدىغان دوزاخقا ئەھلى جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. [الفتاوى الكبرى لابن تيمية 2\377 ] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:

جەھمىيە ۋە ئەشئەرىي پىرقىلىرى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى

مۇرجىئە پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى

فەقىھ مۇرجىئەلەر ئەھلى سۈننەتمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان [ئەرەپچە]

The post لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانام ئۈچۈن ئۆمرە قىلسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانام ئۈچۈن ئۆمرە قىلسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

كىشىنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشى دۇرۇس. بۇ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش جۈملىسىدىن. بۇ پەرزەنت ئېھرام باغلىغان چاغدا بۇ ئۆمرىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە نىيەت قىلىدۇ. [ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان:حكم أداء العمرة عن الوالد المتوفى]

The post مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانام ئۈچۈن ئۆمرە قىلسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانام ئۈچۈن ئۆمرە قىلسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

ساۋابى مېيىتقا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش توغرىسىدا سەھىھ دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە يوق. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ بۇنداق قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق دەلىل يوق. بىز رەسۇلۇللاھقا ۋە ساھابىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغانمىز. ئۇلارنىڭ يولىدىن چەك ئايرىپ بىدئەت چىقىرىشتىن چەكلەنگەنمىز.) لېكىن، مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، مېيىت ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت سوراش، مېيىت ئۈچۈن پۇل-مال سەدىقە قىلىش، مېيىت ئۈچۈن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش دۇرۇس. ئەمما، مېيىت ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ شەرئىي دەلىلى يوق. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بەدەننىڭ ئەمىلى بولۇپ، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچىدىن باشقىسىغا يېتىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. [ئەللامە سالىھ فەۋزان: حكم إهداء ثواب قراءة القران للميت] — مۇجتەھىد تورى mujtehid.com

The post قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلىسام ساۋاپ بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتتا بولسا ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، سالام ۋە دۇئا قىلسا بۇ دۇرۇس. ئەمما، ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرىسى باشقا يۇرتتا بولسا، قەبرە زىيارىتى ئۈچۈن سەپەر قىلىش جائىز ئەمەس. [ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان: أيهما أفضل: زيارة قبر الوالدين أم الدعاء لهما]

The post ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلىسام ساۋاپ بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئاتا-ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلىسام ساۋاپ بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.