ئائىلە - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

زۇلۇم تارتساممۇ يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟
زۇلۇم تارتساممۇ يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

ئائىلىۋىي مەسىلىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھايىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى. بۇنىڭ نېگىزى ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. ئاللاھ ئەر كىشىنى ئايالى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ئايال تۇغقانلىرىغا ئىگە قىلىپ بەلگىلىدى. جۈملىدىن، ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشى قۇرئان ۋە سۈننەتتە بەلگىلەنگەن مۇھىم ئەخلاقىي پىرىنسىپلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:«وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ»«ئاياللىرىڭلار بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار.»(سۈرە نىسا، 19-ئايەت)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىنلەر ئىچىدە ئىمانى ئەڭ مۇكەممىلى مىجەز-خۇلقى ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر.»(رىيازۇس سالىھىن 628)

ئايالىغا ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ئايال تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلالمىغان ئەر كىشىنىڭ، باشقا كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىنى داۋام قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەر كىشى ئايالىنى ئەزىزلەپ، قەدىرلەپ، ئىززىتىنى قىلىشى كېرەك. ئېرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاش تامىقىنى ئېتىپ، پۈتۈن ئەسلى ۋەسلىنى ئېرىگە ئاتىغان ئايالنى خارلاش، ئازابلاش، ئۇرۇپ-دۇمبالاش ياكى باشقا يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارغا غەمكىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياخشى ئەر كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى بۇلار نامەرت ئەرلەرگىلا خاستۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:« ئۇلارنى (يەنى ئاياللىرىڭلارنى) بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار.»(سۈرە نىسا، 34-ئايەت)

ئىسلامدا ئايال كىشى ئائىلىۋىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەق ھوقۇقلارغا ئىگە. تېمىمىز ئايال كىشىنىڭ ئائىلىۋىي مەسلىسى ئۈستىدە بولغانلىقتىن، ئايال كىشىنىڭ باشقا ھەقلىرى توغرۇلۇق بۇ يەردە توختالمايمىز.

ئايال كىشىنىڭ ئائىلىدىكى ھەق ھوقۇقى قورسىقىنى توقلىغۇدەك يېمەك-ئىچمەكتىن بەھرىمەنلىنىش، خاتىرجەم ئولتۇرغۇدەك ئۆزىگە خاس ئۆيدىن بەھرىمەنلىنىش، بالا تۇغۇپ پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەنلىنىش، ئەۋرىتىنى ياپقۇدەك كىيىم-كېچەكتىن بەھرىمەنلىنىش، ئېرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ جىسمىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە ئېرى بىلەن بەخىتلىك ياشاشتىن بەھرىمەنلىنىش، ئائىلىدە شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش پايدىلىق پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن بەھرىمەن بولۇش …  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئەر كىشى ئايالىغا زۇلۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئىسلام شەرىئىتى ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتلەردە ياشىغان ئاياللار شەرئىي مەھكىمىلەرگە ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىيالايدۇ.

شەرئىي مەھكىمىلەر بولمىغان دۆلەتلەردە ياشىغۇچى بىچارە مۇسۇلمانلار- ئاللاھ ئۆزى كۇپايە قىلسۇن ۋە ئۇلارنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن- كۆپ جەھەتلەردىن قىيىنچىلىق تارتىدۇ. جۈملىدىن، بۇنداق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاياللار يولدىشى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغىنىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، مەنپەئەتىگە كېپىل بولىدىغان ھېچكىمنى تاپالمايدۇ.

ئاياللارنىڭ ئايرىم تۇرالغۇدا تۇرۇش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ ئائىلىۋىي ھوقۇقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەر كىشى بۇنىڭغا مەسئۇل بولىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك پەتىۋا ئورگىنى ھېسابلانغان ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىنىڭ 175218-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:

ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائىغا (يەنى بىردەك ئىتتىپاقىغا) ئاساسەن تۇرالغۇ ئايالىغا تۇرالغۇ قىلىپ بېرىش ئەر كىشىنىڭ زىممىسىدىكى پەرزلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن ئەرگە تالاق قىلىنغان ئايالىنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشنى بۇيرۇغان. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنتُم مِّن وُجْدِكُمْ»«ئۇلارنى (يەنى ئۆزۈڭلار قويۇۋەتكەن ئاياللارنى ئىددەت مۇددىتى توشقۇچە) كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان تۇرالغۇنىڭ بىر قىسىمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار.»(سۈرە تالاق، 6-ئايەت)

تالاق قىلىنغان ئاياللارنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش كېرەك بولغان ئىكەن، ئەرنىڭ نىكاھىدىكى ئايالىنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىشى تېخىمۇ زۆرۈردۇر. شۇنداقلا، ئاللاھ تائالا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:«وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ»«ئاياللىرىڭلار بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار.»(سۈرە نىسا، 19-ئايەت)

كۆپ ساندىكى ھەنەفىي، شافىي ۋە ھەنبەلىي ئالىملىرى ئايال كىشىنىڭ يولدىشىنىڭ تۇغقانلىرى ياشايدىغان تۇرالغۇدىن ئايرىم تۇرالغۇدا تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى، شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ يولدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋەياكى ئۇلاردىن بىرى بىلەن تۇرۇشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (مەۋسۇئەتۇل فىقھىيە، 25\109)

مۇجتەھىد فەقىھ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ قېيىن ئاتىسى (قېيىن ئانىسى ۋە ئېرىنىڭ باشقا تۇغقانلىرى) غا خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. بىراق، ئۇلارغا خىزمەت قىلىش ياخشى خىسلەت. ئەگەر ئايال كىشى قېيىن ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان بولسا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغاي. بىراق، ئايالنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مەجبۇرلاش دۇرۇس ئەمەس. شۇڭىلاشقا، ئەرنىڭ ئايالىنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە مەجبۇرلىشى توغرا ئەمەس. ئايال كىشىنىڭ ئۇلارغا خىزمەت قىلىشى پەرز ھېسابلانمايدۇ. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيەم شۇكى، ئايال كىشى يولدىشىنىڭ ئاتا (ئانىسىغا) خىزمەت قىلىشتا سەۋىرچان بولغاي ۋە شۇنى ئېسىدە تۇتقايكى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئايال كىشىگە ھېچبىر زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئايال كىشى قېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق يولدىشىنىڭ تېخىمۇ بەك ھۆرمىتىگە ۋە ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدۇ.(سوئال جاۋاب تورى، 103426-پەتىۋا)

ناۋادا ئايال كىشى ئەرنىڭ ئاتا-ئانا، ياكى ئاچا-سىڭىل قاتارلىق تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئەھۋالدا ئەرنىڭ ئاتا-ئانا، ئاچا-سىڭىللىرى چوقۇم بۇ ئايالغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى، ئۇنى خارلىماسلىقى، ھەممە يۈكنى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەپ قويماسلىقى، شۇنداقلا بۇ ئايالنىڭ ئەر ئۈستىدىكى ھەقلىرىگە چاڭ سېلىپ، ئەر-ئايالنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىغا زىيان سالماسلىقى كېرەك. كىم بۇنداق قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابلايدۇ. ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر. «شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) اﷲ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ [25]. ھەمدە ھېچ ئەھەدى اﷲ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ [26]»(89-سۈرە فەجر)

ئەر كىشى ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن ئايالى ئارىسىدا لىللا مەيداندا تۇرۇپ، ئايالىنىڭمۇ ھەق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، ئاتا-ئانا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى سىيلە رەھىمنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك.

ئايال كىشى ئەگەر ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتارلىق ئۆزىگە نامەھرەم بولمايدىغان ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان ئەھۋالدا بولسا، ھالبۇكى ئەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ ئايالغا ئازار بېرىپ، ناھەق زۇلۇم قىلىدىغان بولسا، ئاقىۋەتتە ئەر بىلەن ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، بالىلار يېتىم بولۇش خەۋىپى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى خەتەرلىك ۋەزىيەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەر ئايالغا، ئايالمۇ ئەرگە يول قويۇپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ چىرايلىق ئۆتۈش ئاللاھنى خۇش قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

The post زۇلۇم تارتساممۇ يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post زۇلۇم تارتساممۇ يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

بالا تاپالمايدىغان ئەرنىڭ ئۆيلىنىشىنىڭ ھۆكمى | پەتىۋا كومېتىتى
بالا تاپالمايدىغان ئەرنىڭ ئۆيلىنىشىنىڭ ھۆكمى | پەتىۋا كومېتىتى

سوئال: مەن (ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قۇرۇشقا قادىر، ئەمما) بالا تاپالمايدىغان ئەر. بىراق، مەن ماڭا ئايال بولغۇچىنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دوخۇرغا ئەھۋالىمنى ئايالغا ئېيتماسلىقنى تاپىلاپ قويغانلىقىم سەۋەبلىك، ئايالىم مېنىڭ بالا تاپالمايدىغانلىقىمنى بىلمەيدۇ. مەن تويدىن بۇرۇن ئايالىمغا ئۆزۈمنىڭ بالا تاپالمايدىغانلىقىمنى يوشۇرغانلىقىم سەۋەبلىك گۇناھكار ھېسابلىنامدىم؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 8592-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: سىز ئۆزىڭىزنىڭ بالا تاپالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ، ئايالىڭىز بولغۇچى تەرەپكە بۇنى ئېيتمىغانلىقىڭىز سەۋەبلىك گۇناھكار ھېسابلىنىسىز، بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىشىڭىز ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. بالا تاپالمايدىغانلىقىڭىزنى ئايالىڭىزدىن يوشۇرۇشىڭىز ئۇنى ئالدىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، سىز بۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئايالىڭىزغا ناماقۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، بۇ سەۋەبلىك ئايالىڭىز سىز بىلەن ئۆي تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.

(فەتۋا لەجنەتۇددائىمە، 19-جىلد، 14-بەت)

The post بالا تاپالمايدىغان ئەرنىڭ ئۆيلىنىشىنىڭ ھۆكمى | پەتىۋا كومېتىتى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post بالا تاپالمايدىغان ئەرنىڭ ئۆيلىنىشىنىڭ ھۆكمى | پەتىۋا كومېتىتى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن (ۋاپاتى: ھ-1423؛ م-2001) نىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى

[رىيازۇس سالىھىن 606-نومۇرلۇق ھەدىس]

ئەسۋەد ئىبنى زەيدتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيىدە نېمە ئىشلارنى قىلاتتى؟» دەپ سورىسام، مۇنداق دېدى: «ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى.» (بۇخارى 676-نومۇرلۇق ھەدىس)

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن:

ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىچىك پېئىللىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن نەقىل قىلغان. بۇلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىدە قوي ساغاتتى، ئايىقىنى رېمونت قىلاتتى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. شۇ ۋەجىدىن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلاتتى؟» دەپ سورالغاندا «ئائىلىسىگە ياردەملىشەتتى» دېگەن. يەنى رەسۇلۇللاھ سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.

ئەر كىشىنىڭ ئۆيىدە ئۆز چېيىنى ئۆزى دەملەپ ئىچىشى سۈننەتتۇر. ئەگەر قولىدىن كەلسە تاماق ئېتىشى، ھاجىتى چۈشكەن كىيىم-كېچەكلىرىنى ئۆزى يۇيۇشى كېرەك. بۇلارنى قىلىش سۈننەتكە ئۇيغۇن. كىشىلەر بۇلارنى قىلسا سۈننەتنى ئادا قىلىش ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. بۇنداق قىلغان كىشى ھەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشكەن بولىدۇ، ھەم ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كىچىك پېئىللىق قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەر كىشىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى، ئەر بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر (يەنى ئانىسى، خوتۇنى، ئاچا-سىڭىللىرى ۋە قىزلىرى) ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشىگە ۋاسىتە بولىدۇ. ئائىلەڭدىكىلەر ئۆي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ياردەملەشكىنىڭنى كۆرگىنىدە ساڭا بولغان مېھىر مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى ئاشىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ بەخىتلىك بولۇشى نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ.

(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» 3-جىلد، 149-بەت)

The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئەرنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىشى سۈننەت appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.