ئاجرىشىش - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟ | ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر
ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر «ئەلكافىي» ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئەلمۇغنىي» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

ئۆلىمالار ئىجمائقا كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى شۇكى، ئاتا-ئانا ئاجراشسا، بالا تاكى ئەقىل يېشىغا كەلگۈچە بالىنى بېقىش ھوقۇقىغا ئانا بەكراق ھەقلىق بولىدۇ. چۈنكى، بالىلار بۇ باسقۇچتا پەقەت ئانىلا بېرەلەيدىغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج بولىدۇ. بىراق، ئايال باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، بالا بىلەن ئۆگەي ئاتا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەر بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئانىنىڭ بالىنى بېقىشقا بەكراق ھەقلىقلىقى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئىمام ئىبنى مۇنزىر ـــ ئايال كىشىنىڭ باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، ئايال كىشىنىڭ بالىنى بېقىشتىكى ھوقۇقى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى توغرىلىق ئىجمائ بار، دېگەن. (ئىبنى ئابۇلبەر «ئەلكافى» 1-296؛ «ئەلمۇغنى»8\194)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر ئايال پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ مېنىڭ ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئوغلۇم. مەن ئۆز سۈتۈم بىلەن ئۇنى باقتىم، ئوغلۇم مېنىڭ قۇچىقىمدا چوڭ بولدى. ئەمدىلىكتە، بۇنىڭ دادىسى مېنى تالاق قىلدى، بۇنى ئاز كەلدى دەپ بالىنى مەندىن تارتىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ ئايالغا «سىز باشقا ئەر بىلەن توي قىلمىغان مۇددەتتە، بالىنى بېقىشقا ھەقلىقسىز» دېدى. (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 6707؛ ئەبۇ داۋۇد 2276؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا» سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى كەسىر «فەقىھلەرگە يول كۆرسەتكۈچى» ئەسىرى (2\250) تە سەھىھ دېگەن)

ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائىغا ئاساسەن: ئەر كىشى ئايالى بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتقان بولسۇن، ياكى ئۇنى قويىۋەتكەن بولسۇن، ئىككىلى ئەھۋالدا بالىنىڭ چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بالىنىڭ ئانىسى مەيلى نامرات بولسۇن، ياكى باي بولسۇن، بالىنىڭ دادىسى ھاياتلا بولغان ئەھۋالدا بالىسىنىڭ چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر، بالىنى ئانا باقسا، دادا بولغۇچى ھەر قانداق ئەھۋالدا بالىنىڭ چىقىمىنى قىلىپ بېرىدۇ….

(ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 20473-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى)

The post ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟ | ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟ | ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.