«ئىمام شافىي» - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر
ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر؟
(قوشۇمچە ماۋزۇ: ناخشا-مۇزىكىنى ھاللاشتۇرغۇچىغا يېتەرلىك جاۋاب)
مۇجتەھىد تورى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
مۇندەرىجە
مۇقەددىمە
قۇرئان كەرىمدىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىللەر
سەھىھ ھەدىسلەردىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىللەر
ساھابىلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
تابىئىنلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
تۆت ئىمامنىڭ ناخشا مۇزىكىنى ئىنكار قىلىشى
باشقا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى
مۇقەددىمە
قۇرئاندا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولىدىغان قۇياشتەك ئايدىڭ دەلىللەر بار. ساھابىلەر باشچىلىدىقىكى ھەقىقەتپەرۋەر ئىسلام ئۆلىمالىرى تارىختىن كۈنىمىزگە قەدەر ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ خەتىرىدىن ئۈممەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. مەزكۇر ماقالىمىزدە قۇرئان كەرىمدىن، سەھىھ ھەدىسلەردىن ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل كەلتۈرىمىز. بىلىنگىنىدەك، قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى دىندا دەلىلدۇر. بۇ دەلىللەرگە زىت سۆزنى قىلغۇچى ۋە زىت يول تۇتقۇچى شۈبھىسىزكى ئازغۇنلۇق يولىدا بولغۇچىدۇر. ((وكل ضلالة في النار))«بارچە ئازغۇنلۇقن دوزاختىدۇر.» (نەسائىي، سەھىھ)
بىز يەنە تابىئىنلاردىن، ئەتبائۇت تابىئىندىن ۋە تۆت ئىمامدىن، تۆت مەزھەپ ئالىملىرىدىن، ئىسلام دۇنياسىدا شۆھرەت قازانغان قەدىمكى ۋە دەۋرىمىزدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالارنى نەقىل قىلىمىز. بۇ ماقالىدە ناخشا مۇزىكىنىڭ دىندىكى ھۆكۈمىنى بىلمەكچى بولغان كىشى ئۈچۈن يېتىپ ئاشقۇدەك دەلىللەر مەۋجۇتتۇر. ھەقىقەت شۇكى، قەلبى ھىدايەتكە تەلپۈنىدىغان، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان ۋە ھەقكە ئەگىشىش ئارقىلىق قەلىبلىرى يايرايدىغان مۆمىنلەر ئۈچۈن دەلىل سۈپىتىدە بىر ئايەت، بىر ھەدىس ياكى بىر ئىشەنچىلىك ئالىمنىڭ توغرا پەتىۋاسى يېتىپ ئاشىدۇ. ھەقكە ئەگىشىدىغان مۆمىنگە بىر دەلىل كۇپايە قىلىدۇ. ئەكسىچە، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان ئازغۇن، بىدئەتچى كىشىلەرگە مىڭ دەلىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئازغۇن بىدئەتچىلەر بىر ئىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان كۆپلىگەن ئوچۇق شەرئىي چەكلىمىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەق يولىدىن چەك ئايرىپ، ئاساسسىز، بىمەنە قاراشلارغا تايىنىپ ھارامنى ھالال، بىدئەتنى سۈننەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ.
ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
قۇرئان كەرىمدىن ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىللەر
بىرىنچى دەلىل:
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ}  {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن.} (سۈرە ئىسرا، 64-ئايەت) يۇقىرىقى خىتاپ شەيتان ئاللاھقا «ماڭا قىيامەتكە قەدەر مۆھلەت بەرسەڭ، مەن ئۇلارنىڭ بەك ئازلىرىدىن باشقىسىنى ئازدۇرىمەن» دېگەندە، ئاللاھنىڭ شەيتانغا قىلغان خىتابىدۇر.
بۇ ئايەتتىكى «شەيتاننىڭ ئاۋازى» ئاۋازى زادى نېمە؟ بۇ ئايەتنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرىلىرىدىن مەلۇم بولغىنى شۇكى، ئايەتتە بايان قىلىنغان شەيتاننىڭ ئاۋازى — ناخشا-مۇزىكىدۇر.
ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن: «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن» يەنى ناخشا ۋە ساز ئارقىلىق، گۇناھقا باشلايدىغان تۈرلۈك چاقىرىقلار ئارقىلىق (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا) قوزغاتقىن. (تفسير الجلالين 17\64)
ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن:
بۇ ئايەتتىكى ئاۋاز ناخشىدۇر. مۇجاھىد ئايەتتىكى «ئاۋاز» دىن مەقسەت «ئويۇن-تاماشا ۋە ناخشا» دېگەن. يەنى، (ئايەت) «ئۇلاردىن كۈچۈڭ يەتكەنلىرىنى ناخشا ۋە ئويۇن تاماشا بىلەن گۇناھقا قوزغىتىپ خارلاشتۇرغىن» مەنىسىدە. (تفسير ابن كثير ٥/٩٣)
ئىمام تەبەرىمۇ، {وَاسْتَفْزِزْ مَنِ اسْتَطَعْتَ مِنْهُمْ بِصَوْتِكَ} (سۈرە ئىسرا، 64) {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} دېگەن بۇ ئايەتتىكى «ئاۋازىڭ بىلەن قوزغات» نى ناخشا ۋە ئويۇن-تاماشا ئارقىلىق قوزغات، دېگەم مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى سەھىھ سەنەد بىلەن مۇجاھىدتىن نەقىل قىلغان. (تفسير الطبري 17\657) ئىمام تەبەرى، بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە يەنە ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت تۈرىدىن بولغان ھەر قانداق ئاۋازلارنىڭ مۇشۇ ئايەتتىكى شەيتاننىڭ ئازدۇرغۇچى ئاۋازى جۈملىسىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىنى بايان قىلغان. (تفسير الطبري 17\657)
ھىجرىيەنىڭ 3-ئەسىرىدە ياشىغان مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋە نەھۋىشۇناس ئالىم زەججاج (ت:241 ۋ:311) رەھىمەھۇللاھ {ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ھەر كىمنى ئاۋازىڭ بىلەن (يامانلىققا) قوزغاتقىن} ئايىتىنى «ناخشا ۋە ساز ئاۋازى ئارقىلىق (گۇناھ-مەئىسىيەتكە) قوزغاتقىن» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (معاني القرآن وإعرابه للزجاج ٣/٢٥٠)
تەپسىرشۇناس، فەقىھلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈندەك بۇ ئايەتتىكى «شەيتان ئاۋازى»نىڭ ناخشا ۋە ساز ئاۋازى ئىكەنلىكىنى، ناخشا ساز ئاۋازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، كىشىنى يامانلىققا باشلايدىغان ھەر قانداق ئاۋازلارنىڭ مۇشۇ ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى  بايان قىلغان. «ئايەتتىكى شەيتان ئاۋازى — ناخشا-ساز ئاۋازىدۇر» دەپ تەپسىرلەشنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناخشا-مۇزىكا كەسىپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەدەپ-ھاياغا زىت، ئىسلامغا پۈتۈنلەي قارمۇقارشى، ئەخلاقسىزلىق يولىنى تۇتقان رېئال ئەھۋالىمۇ ئوچۇق دەلىل بولىدۇ. يەنى شەيتاننىڭ ئاۋازىغا مۇپتىلا بولغۇچىلار، شەيتاننىڭ ئاۋازى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شەيتانلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، تۈرلۈك ھارام ئىشلارنى قىلىدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئۆز ئاۋازى بىلەن ئازدۇرۇپ، ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدا مېڭىشنىڭ ئۇلارنىڭ نەپسىگە ئېغىر كېلىدىغان ھەتتا كۆزىگە سەت كۆرىنىدىغان قىلىۋېتىدۇ.
ئىككىنچى دەلىل:
ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ} {ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار (ئۆزلىرى ئازغاننى ئازپ دەپ، ۋەھىينى ئاساس قىلغان، ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ھەقىقىي توغرا ئىلىمدىن مەھرۇملۇق ئىچىدە،) ئىلىمسىز ھالدا ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ (ۋاقىت، زېھىن-پۇل مېلىنى باتىل سۆزلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ.) بۇنداقلارغا (دوزاختا) خور قىلغۇچى جازا بار.} (لوقمان سۈرىسى، 6-ئايەت)
ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتىكى باتىل سۆزلەر قەلبنى مەشغۇل قىلىپ، قەلبنى ئەڭ ئۈستۈن مەقسەتلەرگە ئىنتىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان سۆزلەردۇر. بۇ باتىل سۆزلەرنىڭ دائىرىسىگە ھارام ھېسابلىنىدىغان، دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن پايدىسى يوق سۆزلەر، ھەقكە زىت كېلىدىغان سۆزلەر كىرىپ كېتىدۇ، ناخشا ۋە مۇزىكىمۇ مۇشۇ باتىل سۆز جۈملىسىدىندۇر. يالغانچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق تىپىدىكى سۆزلەر، ھەق ئەھلى بىلەن (ھەقتەك كۆرىنىدىغان) ناتوغرا بايانلار بىلەن مۇجادىلە قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىمۇ مانا مۇشۇ باتىل سۆزلەرنىڭ جۈملىسىدىن. بۇ خىل سۆزلەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىنسانلار پايدىسىز، باتىل سۆزلەرگە ئېسىلىش نەتىجىسىدە ھىدايەتكە باشلايدىغان سۆزلەرنى تاشلايدۇ. (تفسير السعدي ٦٤٦)
بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ}{باتىل سۆز} نى، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ناخشىدۇر، دەپ ئۈچ قېتىم ئاللاھ نامىدا قەسەم قىلغان.» (قاراڭ: تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر ۋە باشقىلار)
بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ «ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ} ناخشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. ئىمام ئىبنۇل جەۋزى تەلبىسۇل ئىبلىس ناملىق ئەسىرىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ بۇ ئايەت ھەققىدىكى مەزكۇر تەپسىرىنى ئۆزىدىن ئىبنى ئابباسقا تۇتىشىدىغان سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. (تلبيس إبليس لابن الجوزي 1\224) بۈيۈك تابىئىنلاردىن مۇجاھىد، ئىكرىمە، ھەسەن بەسرى، قەتادە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىقلارمۇ بىردەك ھالدا «ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ} ناخشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. (تلبيس إبليس لابن الجوزي 1\224)
ناخشىچلار قىلمىش، ئەتمىشلىرى ئارقىلىق ئوپئوچۇق ھالدا ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ. چۈنكى، مەسخىرە يالغۇز تىل بىلەنلا بولمايدۇ. ئەڭ چوڭ مەسخىرە ھەرىكەت ئارقىلىق قىلىنغان مەسخىرىدۇر. ناخشا-مۇزىكا ئەھلىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلىگەن بەزى ئىبادەت ياكى قانۇنلارغا مەسخىرىلىك تىل ئۇزاتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ھەتتا، ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان بۇزۇقلۇق، شاللاقلىق ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى باشقا دىندىكى كاپىرلارمۇ ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى دىنغا زىت، ئاللاھنىڭ يولىغا زىت دەپ، ئۇلارغا قارشى چىقىدۇ.
مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ {كىشىلەر ئارىسىدا بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدىغانلار بار} ئايىتىنى «ناخشىچى قىز-ئاياللارنى سېتىۋالغۇچىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448)
ئۈچىنچى دەلىل:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۈرە فۇرقاندا تەقۋادار مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ.}
مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «زۇر» نى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ناخشا» دېگەن.  (أحكام القرآن للجصاص 3\448)
بۇ ئايەت توغرىسىدا باشقا ئالىملارنىڭ تەپسىرلىرى ماقالىمىزنىڭ «باشقا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى» بۆلىكىدە نەقىل قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى دەلىل:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا قۇرەيش كاپىرلىرىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن:
{أَفَمِنْ هَٰذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ ‎﴿٥٩﴾‏ وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ ‎﴿٦٠﴾‏ وَأَنتُمْ سَامِدُونَ ‎﴿٦١﴾} {سىلەر بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ (قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە) يىغلاشنىڭ ئورنىغا كۈلەمسىلەر؟ سىلەر ھەقتىن يۈز ئۆرىگۈچى كىشىلەردۇرسىلەر.} (سۈرە نەجم، 59-، 60-، 61-ئايەت)
مەشھۇر تابىئىن ئالىملاردىن ئىكرىمە رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: (ئۇستازىم) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتتىكى {سَامِدُونَ} كەلىمىسى {السمود} كەلمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەمەن ئەرەپچىسىدە «ناخشا» دېگەن مەنىدە، دەپ تەپسىرلىگەن. (التفسير الوسيط، تفسير البغوي 7\421) بۇ بويىچە {سَامِدُونَ} — ناخشا بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار دېگەن مەنىگە ئىگە بولىدۇ. سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھمۇ دادىسىدىن بۇ ئايتىكى {السمود} نى ئىبنى ئابباسنىڭ «ناخشا» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (تفسير ابن كثير) قۇرەيش كاپىرلىرىغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە، قۇرئاننى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن ناخشا ئېيتىشىپ، كۈلكە-چاقچاق قىلىشقا چۈشەتتى. (تفسير القرطبي) مۆتىۋەر تەپسىرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا بۇ ئايەتتىكى مەنالارنىڭ بىرىنىڭ ناخشا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىنىغان.
كۈنىمىزدىمۇ قۇرئاندىن، ئىماندىن، تەقۋادىن ئۇزاق كىشىلەرگە قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ناخشا-مۇزىكىغا يېقىنلىقىنى كۆرىسىز. مانا بۇ شەيتاننىڭ ئۆز ئاۋازى بولغان ناخشا-مۇزىكا بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىسىدۇر.
ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى ئوچۇق بىلدۈرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر
ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ياكى ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما  ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى نەقىل قىلغان: (لَيَكُونَنَّ مِنْ أُمَّتِي أَقْوَامٌ يَسْتَحِلُّونَ الْحِرَ وَالْحَرِيرَ وَالْخَمْرَ وَالْمَعَازِفَ) «ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشىنى، (ئەرلەرنىڭ) يىپەكنى (كىيىنىشى)، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ.» (سەھىھۇلبۇخارىي 5590؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 91 – ھەدىس)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَيَكُونَنَّ فِي هَذِهِ الْأُمَّةِ خَسْفٌ وَقَذْفٌ وَمَسْخٌ وَذَلِكَ إِذَا شَرِبُوا الْخُمُورَ، وَاتَّخَذُوا الْقَيْنَاتِ، وَضَرَبُوا بِالْمَعَازِفِ)) «بۇ ئۈممەت ئارىسىدا يەر يۇتۇپ كېتىش، ئاسماندىن تاش يېغىش ۋە ھايۋانغا ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ ھادىسىلەر ھاراقلاپ ئىچىلىپ، ناخشىچى ئاياللار ئوتتۇرىغا چىققان ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى چېلىنغان زامانلاردا يۈز بېرىدۇ.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 5467) موللا ئەلىي قارىي مىشكات شەرھىدە «مۇشۇ ھارام نەرسىلەر (دىن قايسى بىرى) ھالاللاشتۇرۇلغىنىدا يۇقىرىقىدەك ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېگەن.
ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يشرب ناس من أمتي الخمر، يسمونها بغير اسمها يضرب على رءوسهم بالمعازف والقينات يخسف الله بهم الأرض، ويجعل منهم القردة والخنازير)) «ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، يانلىرىدا نەغمە – مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە: 5\67؛ بۇخارىي تارىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:إِنَّ اللَّهَ تَعَالَى حَرَّمَ الْخَمْرَ وَالْمَيْسِرَ وَالْكُوبَةَ وَقَالَ: كُلُّ مُسْكِرٍ حَرَامٌ  «ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا – دۇمباقنى ھارام قىلدى.» رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دەپ بولۇپ، «بارلىق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر» دېگەن. (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 – ھەدىس)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صوتان ملعونان في الدنيا والآخرة: مزمار عند نعمة ورنة عند مصيبة)) «دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ لەنەتلەنگەن ئىككى خىل ئاۋاز باردۇر. ئۇلاردىن بىرى نېمەت-خۇشاللىق پەيتىدىكى سۇناي (قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ) ئاۋازى، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى نالە-پەرياد ئاۋازىدۇر.» hedisim.com (مۇسنەد بەززار 1\377؛ ئەلبانى «چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى تاپساڭلار، شۇ سۈننەتكە ئەگىشىڭلار (يەنى سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلىڭلار.) كىشىلەردىن ھېچقانداق بىرىنى (يەنى ھېچقانداق بىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇنسىز ھۆكمىنى) ئېتىبارغا ئالماڭلار.» (ذم الكلام للهروي 3\15)
ساھابىلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىملاردىن ۋە ئەڭ چوڭ قۇرئان ئۇستازلىرىدىن بولغان ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (الْغِنَاءُ يُنْبِتُ النِّفَاقَ فِي الْقَلْبِ كَمَا يُنْبِتُ الْمَاءُ الزَّرْعَ) «سۇ (زېمىندا) ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەندەك، ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ.» (معرفة السنن والآثار 14\327)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ناخشا مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ «إغاثة لهفان» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ئەسەرنى نەقىل قىلغان:
بىر كىشى كېلىپ مەشھۇر ساھابە ئىبنى ئابباستىن ناخشىنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سوراپ «ناخشا ھالالمۇ-ھاراممۇ؟» دېدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
— ئېيتىپ باققىنە، قىيامەت كۈنى ھەق بىلەن باتىل ھازىر بولغاندا، ناخشا قەيەردە بولىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئۇ كىشى:
— باتىل تەرەپتە بولىدۇ، — دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ھەزىرتى ئىبنى ئابباس:
— قايتقىن، (سورىغان سوئالىڭغا) ئۆزۈڭ پەتىۋا بەردىڭ دېدى. (إغاثة لهفان 313)
تابىئىنلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى مەيدانى
چوڭ تابىئىن ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئاۋاز باردۇركى، گۇناھ ۋە زىنا-پاھىشە تۈرىدىندۇر. ئۇنىڭ بىرى نېمەت پەيتىدىكى ئاۋاز، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى ئاۋازدۇر. مۇسىبەت پەيتىدىكى ئاۋاز — يۈزىنى موتاپ، ياقىلارنى يىرتىش ۋە چاچلارنى يولۇپ، شەيتاندەك ۋارقىراپ-جارقىراشتۇر؛ نېمەت پەيتىدىكى ئاۋاز بولسا — پايدىسىز ئويۇن تاماشا بىلەن  شەيتاننىڭ نېيىدۇر.» (راۋىي: بۇلار لەنەت قىلىنغان ئاۋازلاردۇر، دېگەنلىكىنىمۇ قوشۇپ رىۋايەت قىلغان.) (الجامع لمعمر بن راشد 19743) * ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمىتىنى قىلغان ئاياللاردىن بولۇپ، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز ھەسەن بەسرىنىڭ ئانىسىنى بەزى ھاجەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇغىنىدا، ئانىسى كېلىپ بولغۇچە بوۋاق ھالىتىدىكى ھەسەن بەسرى ئېچىرقاپ يىغلاپ كەتكەندە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەن بەسرىنى نەچچە قېتىملاپ ئەمگۈزگەن.
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇرنى» ناخشا ۋە ئۆلۈككە ماتەم تۇتۇپ، قوشاق توقۇپ يىغلاشنى كۆرسىتىدۇ، ئايەتتە ماختالغان كىشىلەر ئۆلۈككە قوشاق توقۇپ ماتەم تۇتۇپ يىغا-زارە قىلىشتىن قەلبى ھەسرەتكە تولمايدۇ، ناخشىغا مايىل بولۇپ، ناخشا ئاڭلاپ قەلبى خۇرسەن بولمايدۇ، (بۇ خىل سورۇنلارغا ھازىر بولمايدۇ)، ئۇلارنىڭ قەلبى ناخشىغا مايىل بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير ابن أبي حاتم ٨/٢٧٣٧)
بۈيۈك تابىئىن ئالىم سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ناخشىنى ئۆچ كۆرىمەن.» (الجامع لمعمر بن راشد 19743)
بۈيۈك تابىئىن ئالىم ئىبراھىم نەخەئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ.» (المصنف – ابن أبي شيبة – ت الحوت ٤/٣٦٨)
تۆت ئىمامنىڭ ناخشا-مۇزىكىنى ئىنكار قىلىشى
ئىسھاق ئىبنى ئىيسا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مەن ئىمام مالىك (تۇغۇلۇشى: 93 ۋاپاتى: 179) رەھىمەھۇللاھتىن مەدىنىلىكلەرنىڭ ناخشىغا رۇخسەت قىلغىنىنى سورىسام، ئىمام مالىك ماڭا «ئۇنىڭ بىلەن (يەنى ناخشا بىلەن) پەقەت ئارىمىزدىكى پاسىقلارلا شۇغۇللىنىدۇ» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر للخلال ١\٦٥؛ ضياء الدين المقدسي: اتباع السنن واجتناب البدع ١/٦٥؛  تفسير القرطبي ١٤/٥٥؛ الاستقامة ١/٢٧٣)
ئىمام شافىي (ۋاپاتى: 204) رەھىمەھۇللا «ئەلئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر كىشى ئوغرىلىغان مالنىڭ قىممىتى چارەك دىينارغا يەتسە، ئوغرىلىغان نەرسىسى مەيلى قۇرئان بولسۇن، مەيلى قىلىچ بولسۇن، ياكى باشقا ئېلىپ-سېتىلىشى ھالال بولغان نەرسە-كېرەكلەر بولسۇن، (چارەك دىنارغا تەڭداش، ئېلىپ سېتىلىشى ھالال بولغان نەرسىنى ئوغرىلىغان) كىشىنىڭ قولى كېسىلىدۇ. ئەگەر ئوغرىلىغىنى ھاراق ياكى چوشقا بولسا، ۋە ياكى تەمبۇر (قاتارلىق تارىلىق سازلار)، سۇناي (قاتارلىق پۈۋلەپ چېلىنىدىغان سازلار) بولسا، بۇلارنى ئوغرىلىغۇچىنىڭ قولى كېسىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش ھارام.» (الأم 6\159)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن زىندىقلارنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكىرىدىن توسۇش ئۈچۈن ۋە قۇرئان قىرائەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن تەغبىيرنى* ئوتتۇرىغا چىقارغىنىنى كۆردۈم.» (الأزهري: تهذيب اللغة 7\123)
مەشھۇر ئەرەپ لۇغەتشۇناس ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئەزھەرىي، ئىمام شافىي تىلغا ئالغان «تەغبىير» نىڭ شېئىر قوشاقلار بىلەن ئاخىرەتنى كۈيلەپ، كىشىلەرنى ئاخىرەتكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قوشاقسىمان ناخشا قوشاقلارنى ئوقۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ ھالەتتە ئۇياق بۇياققا پىرقىراپ ئۇسۇل ئوينىشىپ خۇشاللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (الأزهري: تهذيب اللغة 7\123) ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان تەغبىيرنى ناخشىنىڭ بىر تۈرىدۇر، دېگەن. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئىمام شافىي تىلغا ئالغان تەغبىيرچىلەرنىڭ ئىنچىكە كالتەكلەر بىلەن تېرە (دۇمباق قاتارلىق) نەرسىلەرگە ئۇرۇپ يۇقىرىقىدەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئىمام ئەھمەدنىڭ تەغبىيرنى بىدئەت دېگەنلىكىنى، تەغبىير بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا ھۆكۈم بەرگىنىنى قەيت قىلغان.(المسائل والأجوبة لابن تيمية ١/١٦٠) داقا دۇمباق چېلىشىپ ئاللاھنى، ئاخىرەتنى كۈيلەشمەكچى بولغان كىشىلەرنى «زىندىقلار» دېگەن ئىمام شافىي، كۈنىمىزدىكى ئاجايىپ غارايىپ شەيتان نەغمىلىرى بىلەن، ئۇسسۇل-تانسىلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارنى كۆرسە نېمە دەر بولغۇيتتى ھە!؟
ئىمام شافىي (باغداتتىن مىسىرغا كەلگەندە) تەغبىير ھەققىدە يەنە مۇنداق دېگەن:
«باغداتتىن ئايرىلغىنىمدا ئۇ يەردە زىندىقلار پەيدا قىلغان، تەغبىير دېيىلىدىغان بىر ئىشنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئۇ زىندىقلار تەغبىير ئارقىلىق كىشىلەرنى قۇرئاندىن مەھرۇم قويۇشاتتى.» (الاستقامة ١/٢٩٧)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ. مەن ئۇنى يامان كۆرىمەن.» (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر – من «الجامع» للخلال 1\65)
ئىمام ئەبۇ بەكرى خەللال (ۋاپاتى: 311) مۇنداق نەقىل قىلغان:
ئىمام ئەبۇ بەكرى مەررۇزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مەن ئىمام ئەھمەدتىن (ۋاپاتى:241) تەمبۇرنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورىسام، ئىمام ئەھمەد: «سۇندۇرىۋېتىلىدۇ» دېدى. «كىچىك بالىلار ئوينايدىغان تەمبۇر بولسىچۇ؟» دەپ سورىسام، «ئوخشاشلا سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ، ئەگەر (كىچىك بالىنىڭ تەمبۇرى) كۆزۈڭگە چېلىقسا سۇندۇرۇۋېتىسەن» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)
تەرسۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ يولدا كېتىۋېتىپ تارىلىق سازغا ئۇچراپ، ئۇنى چېقىۋەتكىنىنى كۆردۈم. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)
ئۆمەر ئىبنى ھۇسەين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئابدۇللاھ ئىبنى نەسىرگە تەۋە بىر خىزمەتكار بالىنىڭ قولىدىكى تەمبۇرنى چېقىۋەتتى. خىزمەتكار بالا خوجايىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ «ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل تەمبۇرنى چېقىۋەتتى» دېۋىدى، خوخايىنى ئۇنىڭدىن «سەن ئۆزۈڭنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىم ئىكەنلىكىڭنى ئۇ زاتقا ئېيتتىڭمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، بالا «ياق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خوجايىنى «كەتكىن، سېنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتىم» دېدى.(الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ)
يەھيا ئىبنى يەزداد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن «بىر كىشى باشقا بىرىنىڭ قولىدا ئۇد* ياكى تەمبۇر كۆرسە، ئاندىن ئۇنى چېقىۋەتسە، قىلغىنى توغرىمۇ خاتامۇ؟ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن بىرەر تۆلەم كېلەمدۇ؟» دەپ سورىلىۋىدى، «چېقىۋەتسە ياخشى قىلغان بولىدۇ. چېقىۋەتكىنى ئۈچۈن ھېچقانداق تۆلەم كەلمەيدۇ» دېدى. (الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ) * ئۇد قازاقلارنىڭ دومبۇرىسىغا ئوخشايدىغان تارىلىق سازنىڭ ئىسمى.
ئەھمەد ئىبنى دەۋرەقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن  ۋەكىي ئىبنى جەرراھنىڭ (ۋاپاتى: 196) «تەمبۇرنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ چېقىۋەت، ئىبنى ئۆمەر مۇشۇنداق قىلغان» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. ( الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، من مسائل الإمام المبجل أبي عبد الله أحمد بن حنبل: بَابُ ذِكْرِ الطُّنْبُورِ) * ۋەكىي ئىبنى جەرراھ ئىمام ئەھمەد، ئابدۇراھمان مەھدىي قاتارلىق بۈيۈك ئىماملارنىڭ ئۇستازلىرىدىندۇر. يەھيا ئىبنى مەئىي مۇنداق دېگەن: ۋەكىي ئۆز زامانىسىنىڭ ئەۋزائىيسىدۇر. (سير أعلام النبلاء 9\141)
ھەنەفىي ئالىم ئەبۇ بەكرى جەسساس (ھەنەفىي) تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇر» نى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ناخشا» دېگەن. ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ {كىشىلەردىن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدىغانلار بار} ئايىتىنى «ناخشىچى قىز-ئاياللارنى سېتىۋالغۇچىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى (ۋاپاتى: 159) «ھاراق-شاراپنى ئىچىشنى داۋام قىلغۇچىنىڭ، خېنىم مىجەز\ غىتمەك ئەركىشىنىڭ، كەپتەرۋازنىڭ، ناخشا بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ، ناخشىكەش ئايالنىڭ (ۋە ئەرنىڭ)، پۇل بەرسە ھازا تۇتۇپ يىغلاپ بېرىدىغان ھازىكەشنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن. (الأصل لمحمد بن الحسن، 11\511)
ماترۇدىيلارنىڭ ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماترۇدى (ھەنەفىي) (ۋاپاتى: 333) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى «زۇر» دېگەن ناخشىدۇر، مەنىسى: (ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ناخشا ئېيتىلىدىغان جايلاردا ھازىر بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الماتريدي – تأويلات أهل السنة ٨/‏٤٣)
ھىجرىي 9-ئەسىردە ياشىغان مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىمام سۇيۇتى (تۇغۇلۇشى: 849 ۋاپاتى: 911) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ناخشىنى يامان كۆرەتتى، ناخشا ئاڭلاشتى گۇناھ دەپ بىلەتتى.» (حقيقه السنة والبدعة 103)
باشقا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدىكى ھۆكۈم-پەتىۋالىرى
7-ئەسىردە ياشىغان لۇغەتشۇناس، فىقىھشۇناس، تەپسىرشۇناس، ھەنەفىي ئالىم زەينىددىن رازى (ۋاپاتى: 660) مۇنداق دېگەن:
چالغۇ ئەسۋابلىرى (دىن چىققان مۇزىكىلارنى) ئاڭلاش پۈتۈنلەي ھارام. بۇنداق سازلارنىڭ ئاۋازى توساتتىن قۇلىقىغا كىرىپ قالغان كىشى ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق كىشى ئىمكانقەدەر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىققا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. داپ چېلىش تويدا نىكاھنى ئېلان قىلغاندا دۇرۇس بولىدۇ. (تحفة الملوك لالرازي اللغوي 237)
ھىجرىي 3-ئەسىردە ياشىغان، ئۆز دەۋرىدە بالاغەت ۋە نەھۋى ساھەسىدە ئەڭ ئۈستۈن نوپۇز تىكلىگەن ئالىم، (ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ زاماندىشى) ئىمام مۇھەممەد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 285) «ئەلكامىل» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇر»نى ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد «ناخشا» دەپ تەپسىرلىگەن. (الكامل في اللغة والأدب ٣/١٨١)
ئىمام بەغەۋى (مۇھەددىس، فەقىھ، شافىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«مۇجتەھىد ئىماملار چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن.» «شرح السنة» (12/383)
ئىمام بەغەۋى (شافىي) يەنە مۇنداق دېگەن: «تەمبۇر قاتارلىق تارىلىق مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنىڭ، سۇناي قاتارلىق پۈدلەپ چېلىنىدىغان مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنىڭ ھەرقاندىقىنى سېتىش پۈتۈنلەي ھارام.» (شرح السنة 8\28)
ئەللامە ئابدۇرراھمان قاسىم (ھەنبەلىي) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
بەك كۆپ ئىسلام ئۆلماسى، ھىدايەت ئىماملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى «ناخشا ھارام، مۇزىكا ئەسۋاپلىرى ھارام، مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلاش ۋاجىپ، بۇنداق قىلغۇچىغا تۆلەم كەلمەيدۇ (يەنى مۇزىكا ئەسۋابىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغۇچى كىشىنىڭ پۇل-مېلىغا زىيان سالغان دەپ ئەيىپلەنمەيدۇ ۋە تۆلەم تۆلىمەيدۇ)» دەپ ھۆكۈم بەردى. ئۆلىمالار «ئەگەر ناخشىغا ناغرا، سۇناي، داقا-دۇمباق، ۋەياكى تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى تەڭكەش بولسا، بۇ ئىجما بىلەن ھارامدۇر» دېيىشتى. (الدرر السنية في الأجوبة النجدية، 15\109)
ھىجرىي 5- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك فەقىھ، تەپسىرشۇناس، ئۇسۇل فىقىھ ئۇستىسى، سىياسەتشۇناس؛ شافىي مەزھىبىنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن (ئەبۇلھەسەن) ماۋەردى (ۋاپاتى:450) مۇنداق دېگەن:
ئۇد (دەستىسى قىسقارتىۋېتىلگەن دۇتارغا ئوخشايدىغان ساز)، تەمبۇر قاتارلىق تارىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى، نەي، سۇناي قاتارلىق (باشقا نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇشقا ھاجەتسىز ھالدا) ئۆز ئالدىغا ئاۋاز چىقىرىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى ھارامدۇر. (الحاوي الكبير 17\191)
4-ئەسىردە ياشىغان مالىكىي ئالىمى، قازى، تەپسىرشۇناس بەكر ئىبنۇل ئەلا (ۋاپاتى: 344) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} ئايىتىنى تەپسىرلەپ، كاتتا تابىئىن ئالىم، فەقىھ مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنىڭ (بۇ زات ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى) بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نى ناخشا دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (أحكام القرآن 1453)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەمۇ (ۋاپاتى: 728) بۇ ئايەتنىڭ مەنلىرىدىن بىرىنىڭ ناخشا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. (اقتضاء الصراط المستقيم لمخالفة أصحاب الجحيم ١/‏٤٨٠)
بۈيۈك تابىئىن ھەسەن بەسرى {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتتىكى «زۇرنى» ناخشا ۋە ئۆلۈككە ماتەم تۇتۇپ، قوشاق توقۇپ يىغلاشنى كۆرسىتىدۇ، ئايەتتە ماختالغان كىشىلەر ئۆلۈككە قوشاق توقۇپ ماتەم تۇتۇپ يىغا-زارە قىلىشتىن قەلبى ھەسرەتكە تولمايدۇ، ناخشىغا مايىل بولۇپ، ناخشا ئاڭلاپ قەلبى خۇرسەن بولمايدۇ، (بۇ خىل سورۇنلارغا ھازىر بولمايدۇ)، ئۇلارنىڭ قەلبى ناخشىغا مايىل بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير ابن أبي حاتم ٨/٢٧٣٧)
تەپسىرشۇناسلارنىڭ ئىمامى، مۇجتەھىد فەقىھ، ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرى (ۋاپاتى: 310) ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ.} مۇجاھىد بۇ ئايەتنى «ئۇلار ناخشا ئاڭلىمايدۇ» دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الطبري جامع البيان، 19\313)
ئىمام زەھەبى مۇجاھىد ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
مۇجاھىدنىڭ ئىماملىقى ۋە قۇرئان ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ھۆججەت بولىدىغانلىقىدا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاققا كەلگەن. مۇجاھىد 104-يىلى مەككىدە سەجدە ھالىتىدە ۋاپات تاپقان. (التهذيب ١٠/٤٢- ٤٤)
يۇقىرىدا زىكىر قىلغىنىمىزدەك، مانا مۇشۇ بۈيۈك مۇپەسسەر ئالىم مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى ئىبنى زەيد ۋە ئىبنى جەرىرنىڭ نەقىل قىلغىنىدەك «ئۇلار ناخشا ئاڭلىمايدۇ» دەپ تەپسىرلىگەن. ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرىمۇ بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نىڭ ناخشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (تفسير الطبري جامع البيان، 19\314)
ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىممۇ مۇشۇ ئايەتتىكى «زۇر»نى مۇجاھىدنىڭ «ناخشا» دەپ تەپسىرلىگىنىنى سەھىھ سەنەد بىلەن نەقىل قىلغان. (تفسير ابن أبي حاتم، ٨/٢٧٣٧)
ھىجرىيەنىڭ 3-ئەسىرىدە ياشىغان مەشھۇر تەپسىرشۇناس ۋە نەھۋىشۇناس ئالىم زەججاج (ت:241 ۋ:311) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
{لَا يَشْهَدُونَ الزُورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} بۇ ئايەت «(ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ئويۇن-تاماشا، گۇناھ-مەئسىيەت ئەھلى بىلەن ئولتۇرمايدۇ» دەپ تەپسىرلىنىدۇ.
يەنە {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} ئايىتىدىكى «زۇر» ناخشا سورۇنلىرىدۇر، دەپمۇ تەپسىرلىنىدۇ. (معاني القرآن وإعرابه لالزجاج 4\77)
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420) {وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن بۇ ئايەتتىكى «زۇر» نى ناخشا ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى، دېگەن. (مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 3/ 391) بۇنداق بولغاندا، مەنە «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى ناخشىدىن ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى بىلەن ساز چېلىشتىن ياكى ئۇنىڭدا چېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاشتىن ئۇزاق تۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.
5- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك فەقىھ، شافىي فەقىھلىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن ئىمام (ئەبۇلھەسەن) ماۋەردى (ۋاپاتى:450) مۇنداق دېگەن:
{وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ} {كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدىغانلار بار} (سۈرە لوقمان، 6-ئايەت) بۇ ئايەتنىڭ تۆت خىل تەپسىرى بار. (1) ئايەتتىكى {باتىل سۆز} ناخشىدۇر. بۇ ئىبنى مەسئۇدنىڭ، ئىبنى ئابباسنىڭ، ئىكرىمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە قەتادەنىڭ تەپسىرىدۇر. (2) ئايەتتىكى {باتىل سۆزلەرنى سېتىۋېلىش} ناخشىكەش قىز-ئاياللارنى سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. (3) چالغۇ ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىشتۇر… (الحاوي الكبير 17\190) ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئېيتقىنىدەك، سەلەپ تەپسىرشۇناسلارنىڭ تەپسىرلىرى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. تەپسىرشۇناسلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىلىم قۇۋۋىتى ۋە چۈشەنچىسىگە كۆرە، ئايەتنى ئۇلار چۈشىنىدىغان شەكىلدە، ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزىدە مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرسە، بەزىدە يەنە بىر تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. (اقتضاء الصراط المستقيم لمخالفة أصحاب الجحيم ١/٤٨٠)
يۇقىرىدا نەقىل قىلغىنىمىزدەك، ئىمام ماۋەردى چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى ھارام دېگەن بولۇپ، ئۇ زات بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىدا، چالغۇ ئەسۋاپلىرىسىز ھالدا، ھالال مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئاڭلىغۇچى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
ناخشا ئاڭلىغۇچى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. (1) ناخشا-مۇزىكىغا دۈم چۈشكەن كىشى.. بۇنداق بىرى ئەخمەقتۇر، گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (2) ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھاللاردا، ئاندا-ساندا مۇباھ مەزمۇندىكى، چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن ئۇزاق ھالدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ قويىدىغان كىشى. ناۋادا بۇنداق كىشى ئۆزىگە نامەھرەم يات ئاياللارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىمايدىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. (3) جىق دېسە جىق ئەمەس، ئاز دېسە ئاز ئەمەس دەرىجىدە ناخشا ئاڭلايدىغان كىشى. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قارىلىدۇ. ئەگەر ناخشا ئاڭلاش بىلەن تونۇلغان (يەنى كىشىلەرگە ناخشا ئاڭلىغانلىق بىلەن بىلىنگەن) بىرى بولسا، بۇ ئەخمەقتۇر، شاھادىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر ناخشا ئاڭلاش بىلەن تونۇلمىغان بولسا، ئادىللىق سۈپىتىنى يوقاتمىغان دەپ قارىلىپ، شاھادىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. (الحاوي الكبير 17\193)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ناخشا — زىنانىڭ ئەلچىسىدۇر، بۇزۇقچىلىقنىڭ ۋە يامان ئىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبتۇر.» (مجموع الفتاوى 10\418)
14-ئەسىردە (يەنى مۇشۇ ھىجرىي ئەسىردە) ياشىغان (10 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان) فىقھى ئەسەرلەرنى يازغۇچى، دوكتور ۋەھبە زۇھەيلى مۇنداق دېگەن:
راۋاپ-تەمبۇر، ناغرا-سۇناي قاتارلىق بارچە چالغۇ ئەسۋاپلىرى مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسىدە ھارامدۇر. (الفقه الإسلامي وأدلته للزحيلي ٤/٢٦٦٤) ھەنەفىي مەزھىبىدىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدىكى ئالىملاردىن بەزىلىرى چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىن خالىي ھالدىكى ناخشىلارنى تىڭشاشنىمۇ ھارام دەپ قارىغان. چۈنكى، ساھابە ئىبنى مەسئۇد «ناخشا قەلبتە نىفاقنى ئۆستۈرىدۇ» دېگەن. (الفقه الإسلامي وأدلته للزحيلي ٤/٢٦٦٤)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھاراق بىلەن نەغمە-ناۋا ئىمىلداش قېرىنداشلاردۇر. ھاراق ئەقىلنى نابۇت قىلىدۇ، نەغمە-ناۋا قەلبنى نابۇت قىلىدۇ.» (إغاثة اللهفان)
سەلەپنىڭ مەشھۇر ئالىمى فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ناخشا — زىنانىڭ ئەلچىسىدۇر.» (تلبيس إبليس لابن الجوزي)
— مۇجتەھىد تورى
The post ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىسلامدا ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى — قۇرئان سۈننەتتىن دەلىللەر ۋە ئۆلىمالاردىن نەقىللەر appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلمۇ مەسجىدتىمۇ؟ | ئىمام شافىي
ئىمام شافىي | تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلمۇ مەسجىدتىمۇ؟
ئىمام ئىبنى ھەجەر سەھىھ بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇلبارى» ناملىق مۆتىۋەر ئەسىرىدە ئىمام شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:
قۇرئاننى يادقا بىلىدىغان، ھورۇنلۇق قىلىپ تەراۋىھنى تەرك ئېتىشتىن قورقمىغان، ئۆزى مەسجىدكە بارمىسا مەسجىد جامائىتى ئۇنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك قىيىنچىلىقتا قالمايدىغان كىشىنىڭ مەسجىد قىلىشى بىلەن ئۆيدە ئوقۇشى پەزىلەت جەھەتتە ئوخشاش. بۇ شەرتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزىدە ھازىر قىلمىغانلارنىڭ تەراۋىھنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇشى تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. (فەتھۇل بارى 4\532)
پەتىۋا كومېتىتى | تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
تەراۋىھ نامىزى نەپلە ناماز بولغانلىقتىن ئۇنى ئۆيدە ئوقۇش دۇرۇس. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا ئوخشاش تەراۋىھ نامىزىنى مەسجىدە ئوقۇش ئەۋزەل. (پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 7617-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىن ئېلىندى؛ 7\202)
The post تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلمۇ مەسجىدتىمۇ؟ | ئىمام شافىي first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇش ئەۋزەلمۇ مەسجىدتىمۇ؟ | ئىمام شافىي appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمام شافىنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى | ئىمام ئىبنۇل جەۋزى
ئىمام ئىبنى جەۋزى: ئىمام شافىنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى
220- ئىمام شافىئىي: مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەش شافىي
ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن  «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»  مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
كۇنيەسى ئەبۇ ھەججاجدۇر. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەبۇ سەئىب ئەل مەخزۇمىنىڭ ئازادگەردىسىدۇر. زەيد ئىبنى ھارىس ئەل مەخزۇمىنىڭ ئازادگەردىسى ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىنىدۇ.
كۇنيەسى ئەبۇ ئابدۇللاھ. ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: مەن 150-يىلى غەززەدە تۇغۇلدۇم. ئىككى يېشىمدا مەككىگە ئېلىپ كېلىندىم. مېنىڭ مال-دۇنيارىم يوق ئىدى. كىچىك يېشىمدا ئىلىم ئۆگەندىم. دۆلەت مەھكىمىسىگە بېرىپ، كەينىگە خەت يېزىلمىغان قەغەز ئىزدەيتتىم.
ئىمام شافىي مۇنداق دەيدۇ: مەن شېئىر يازىدىغان بىر ئادەم ئىدىم، چۆل-جەزىرىلەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېكايە-قوشاقلىرىنى ئاڭلايتتىم. شۇنداق كۈنلەردىن بىرىدە بىرەيلەن ماڭا فىقىھ ئۆگەن، ئاللاھ سېنى كاتتىلاشتۇرسۇن، دېدى.
شافىي مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ مېنى ئۇ كىشىنىڭ سۆزىدىن مەنپەئەتلەندۈردى. مەن مەككىگە قايتىپ سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەدىن ئاللاھ تەقدىر قىلغان مۇددەت ھەدىس يېزىشقا باشلىدىم. كېيىن مۇسلىم ئىبنى خالىد ئەززەنجىنىڭ ئىلىم مەجلىسىگە قاتناشتىم. ئاخىرىدا ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇنىڭ مۇۋەتتاسىنى يازدىم. ئۇنىڭغا «ئى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى! مۇۋەتتانى سىلىنىڭ يانلىرىدا ئوقۇغان بولسام» دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! مۇۋەتتانى مەندىن ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ يېنىغا بېرىپ، شۇنىڭدىن ئوقۇيسەن» دېدى. مەن «سىلىدە ئوقۇغان بولسام، ئوقۇشۇمنى تىڭشاپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. ئىمام مالىك «ئوقۇ» دېدى. ئۇ ئوقۇشۇمنى تىڭشىدى، مەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئاخىرىدا سىيەر (رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ تەرجىمھالى) كىتابىغا كەلدىم. ئىمام مالىك ماڭا «سىيەر كىتابىنى ياپ، ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! فىقھ ئۆگەن، يۈكسىلىسەن» دېدى.
مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئەل خىيمەرى دادىسىدىن مۇنداق دەيدۇ: شافىي دەسلەپكى چاغلىرىدا لۇغەت، ئەرەب تىلى ۋە شېئىر ئۆگەندى. كۆپ چاغلاردا بەدەۋىيلەرنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇلاردىكى ئەدەبىياتنى ئۆگۈنەتتى. بىر كۈنى ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىنىدە بىر بەدەۋىي كېلىپ «بىر كۈن ھەيز كۆرىدىغان، بىر كۈن پاك تۇرىدىغان خوتۇن توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟» دەپ سورىدى. شافىي «بىلمەيمەن» دېدى. ئۇ «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! پەرز سەن ئۈچۈن نەپلىدىن ئەلادۇر» دېدى. شافىي «مەن دىن ئىلىمىنى ئۆگۈنۈشنى شۇنىڭ ئۈچۈن قارار قىلدىم، تەۋفىق ئاللاھتىندۇر» دېدى. ئاقىۋەتتە ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا كەلدى.
ھۇمەيدى ئىمام شافىيدىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئانامنىڭ قۇچىقىدىكى بىر يېتىم ئىدىم. يېنىمدا مۇئەللىمگە بېرىدىغان بىر نەرسە يوق ئىدى. ئۆگىتىش ھەققى ھېسابىدا مۇئەللىمنىڭ يېرىگە قاراپ بېرىشىمگە قوشۇلدى. قۇرئاننى خەتمىدىن ئۆتكۈزگىنىمدىن كېيىن مەسجىدكە كىرىپ ئالىملار بىلەن ئولتۇردۇم ۋە ھەدىس يادقا ئالدىم. پاكىز سۆڭەك ئىزدەيتتىم، سۆڭەككە ھەدىس ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى يازاتتىم. بىزنىڭ يوغان بىر ئىدىشىمىز بار ئىدى. سۆڭەكلەر خەت بىلەن توشقاندا ئىدىشقا سېلىپ قوياتتىم. باشقا بىر رىۋايەتتە «ھەدىس ۋە مەسىلە يېزىلغان سۆڭەكلەر ئىككى ئىدىشقا لىق تولدى» دېىلگەن.
ئىسمائىل ئىبنى يەھيادىن شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: مەن يەتتە يېشىمدا قۇرئاننى يادلاپ بولدۇم. ئون يېشىمدا مالىكنىڭ مۇۋەتتاسىنى يادلاپ بولدۇم.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ تائالا ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئۈممەتنىڭ دىنىنى ئىسلاھ قىلغۇچى بىرىنى ئەۋەتىدۇ.»(ھاكىم مۇستەدرەكتە رىۋايەت قىلغان) قارىدۇقكى، بىرىنچى يۈز يىلدا ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى، ئىككىنچى يۈز يىلدا شافىينى كۆردۇق.
مۇسلىم ئىبنى خالىد ئەز زەنجىي شافىيغا: ئى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، ئىنسانلارغا پەتىۋا بەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى پەتىۋا بېرىش ۋاقتىڭ كەلدى، دېدى. بۇ چاغدا ئىمام شافىي تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ دادىسى ئىمام ئەھمەدتىن «ئى دادا! شافىي قانداق كىشى؟» دەپ سورىدى. ئىمام ئەھمەد «ئەي ئوغلۇم! شافىي دۇنيا ئۈچۈن قۇياش ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن ساقلىق ئىدى. سەن بۇ ئىككىسىنىڭ ۋرىسلىق قىلغۇچىسىنى، ئوخشىشىنى كۆرەلەمسەن؟» دېدى.
مەيمۇنى مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم: سەھەردە ئالتە كىشىگە دۇئا قىلاتتىم، ئۇلارنىڭ بىرى ئىمام شافىيدۇر.
ئىبنى راھاۋىيە مۇنداق دەيدۇ: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بىلەن مەككىدە ئىدىم، ماڭا «كەل! ساڭا بىر ئادەمنى كۆرسىتەيكى، كۆزلىرىڭ ھازىرغىچە ئۇنداق بىرىنى كۆرگەن ئەمەس» دېدى ۋە ماڭا شافىينى كۆرسەتتى.
يۇنۇس ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: شافىي بىر جىنازىگە ھازىر بولدى، جىنازىنىڭ ئۈستى يېپىلغاندا جىنازىغا قاراپ شۇنداق دېدى:«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بايلىقىڭ، ۋە ئۇنىڭ ساڭا سېلىشتۇرغاندا پېقىرلىقى ھۆرمىتىدىن ئۇنى مەغفىرەت قىل!»
رابىئ ئبنى سۇلايمان مۇنداق دەيدۇ: شافىينىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم: قاچانكى بىرەيلەنگە ھەق ۋە دەلىلنى بىلدۈرسەم، مەن كەلتۈرگەن ھەقلىق دەلىلنى قوبۇل قىلسا ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە يۈكسەلدى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈش ئارزۇسىدا بولدۇم. قاچانكى ئۇ مەن كەلتۈرگەن ھەق ئاساسىدىكى دەلىلگە قارشى كىبىرلەنسە ۋە ھەقلىق دەلىلدىن ئۆزىنى بىھاجەت سانىسا مۇتلەق نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى.
ئەھمەد ئىبنى ھەللادتىن: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قاچانكى بىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالسام، ئۇنىڭ خاتالىشىپ قېلىشىنى خالىمىدىم.
ھۇسەين ئىبنى ئەل كەرابىسى مۇنداق دەيدۇ: شافىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قاچانكى بىرى بىلەن مۇنازىرىلەشسەم ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىنى، توغرىنى تېپىشىنى ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىنى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىشىنى ئارزۇ قىلدىم. قاچانكى بىرى بىلەن تالىشىپ قالسام ئاللاھ تائالانىڭ توغرىنى ئۇنىڭ تىلىدا ياكى مېنىڭ تىلىمدا ئوچۇقلىشىنى ئارزۇ قىلدىم.
رەبىئ ئىبنى سۇلايمان مۇنداق دەيدۇ: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئەق قىيىن ئەمەللەر مۇنۇ ئۈچتۇر: كىرىمى ئاز تۇرۇغلۇق مەردلىك قىلماق، يالغۇز چاغدا تەقۋالىق كۆرسەتمەك، قورقۇدىغان ۋە ياخشىلىق ئۈمىد قىلىدىغان كىشىنىڭ يېنىدا ھەقنى سۆزلىمەك.
يەنە رەبىئ ئىبنى سۇلايماندىن: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلكىنى ئاڭلىدىم: ئىنسانلارنىڭ مەندىن ئىلى ئۆگىنىشىنى ۋە ئۆگەنگەن ئىلىمىنى ماڭا نىسبەت بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىلىم ئۆگەنمەك نەپلە ناماز ئوقۇشتىن ئەۋزەلدۇر.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ۋەھب مۇنداق دەيدۇ: ئىمام شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئۈچ نەرسىگە موھتاجدۇر: ئۇلارنىڭ بىرىنجىسى ئىقتىساد، ئىككىنجىسى ئۇزۇن ئۆمۈر، ئۈچىنجىسى ئەقىل.
رەبىئتىن، شافىي مۇنداق دەيدۇ: كىم باشلىق بولۇشنى ئارزۇلىسا، باشلىقلىق ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. ياش بىرى باشلىق بولسا، كۆپلىگەن ئىلىملەرنى يوق قىلىدۇ.
يۇنۇس ئىبنى ئەئلا مۇنداق دەيدۇ: شافىي مۇنداق دېدى: ئەي يۇنۇس، بىر دوستۇڭدىن سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشنى سەزسەڭ، ئۆزۈڭنى بېسىۋالغىن، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىپ دوستلۇقنى بۇزما. ئۇنداق قىلساڭ يېقىنىڭدىن شەك سەۋەبلىك يىراقلاشقان بولىسەن. شۇنداق قىلغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ «سەندىن بەزى ئىشلارنى ھېس قىلدىم» دېگىن ۋە ئۆزۈڭ سەزگەن ئىشنىڭ ئىسمىنى چىقارما. ئەگەر ئىنكار قىلسا «سەن تولىمۇ سادىق ۋە دۇرۇست بىرىسەن» دېگىن ۋە بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلما. ئەگەر دوستۇڭ ئۇ ئىشنى ئېتىراپ قىلسا، سەن ئۇنىڭ ئۆزۈرىسىنى ماقۇل كۆرسەڭ، ئۇنىڭ ئۆزۈرىسىنى قوبۇل قىل. ئەگەر ماقۇل كۆرمىسەڭ «ئۇ ئىشتا ماڭا نېمە قىلىشنى ئويلىغان ئىدىڭ؟» دېگىن. ئەگەر يەنە بىر ئۆزۈر بايان قىلسا، يەنە ئۇنىڭ ئۆزۈرىسىنى قوبۇل قىل. ئەگەر ئۆزۈرىسىنى قوبۇل كۆرمىسەڭ ۋە سەن ئۈچۈن چىقىش يولى قالمىسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ شۇ يامانلىقنى قىلغىنىنى جەزملەشتۈر. سەن ئىشنى ھەقىقىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن خالىساڭ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قىلغىنىدىن ئېشىپ كەتمىگۈدەك ھالەتتە جاۋاب قايتۇر، خالىساڭ ئۇنى ئەپۇ قىل. ئەپۇ قىلىش تەقۋاغا تېخىمۇ يېقىن، پەزىلەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭ باراۋىرىدىكى يامانلىقتۇر. كىم كەچۈرسە ۋە ئارىسىنى ئسىلاھ قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.»(شۇئەرا سۈرىسى، 40-ئايەت)
ئەگەر ئۇنى مۇكاپاتلاشنى قوبۇل كۆرمىسەڭ، ئاراڭلاردا بۇرۇن ئۆتكەن ياخشىلىقنى ئەسلە ۋە شۇ ياخشىلىقنى تەكرارلا. ئاندىن ئۇنىڭ بۇ يامانلىقىغا قارشى بىر ياخشىلىق قىل. بۇ يامانلىق سەۋەبىدىن ئۆتكەنكى ياخشىلىقلىرىنى يوققا چىقارما. چۈنكى، بۇنداق قىلىش دەل زۇلۇمنىڭ ئۆزىدۇر.
ئەي يۇنۇس، بىر دوستۇڭ بولسا، قولۇڭنى ئۇنىڭغا ئۇزارت. چۈنكى، دوستلاشماق تەس، ئۇنىڭدىن ئايرىلماق ئاساندۇر.
شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئەي يۇنۇس، كىشىلەردىن ئايرىلىۋالماق دۈشمەنلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىشىلەر بىلەن بەك ئوچۇق-يورۇق ئارىلىشىپ كەتمەك يامان دوستقا ئېرىشتۈرەر. سەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بول.
بىر كىشى شافىينىڭ يېنىدا مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ يامان گېپىنى قىلدى. شافىي ئۇنىڭغا: ئۇزۇن زاماندىن بېرى بۈيۈك كىشىلەر ئاغزىدىن چىقىرىۋەتكەن گۆش پارچىلىرىنى چاينىدىڭ، دېدى.
رەبىئ ئىبنى سۇلايمان مۇنداق دەيدۇ: شافىي مۇنداق دېدى: سۈكۈت قىلىش بىلەن سۆز قىلىشقا ۋە ئويلىنىش بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا ياردەم ئىزدەڭلار.
يەنە ئۇنىڭدىن، شافىي مۇنداق دەيدۇ: ئەي رەبىئ! ئىنسانلارنى مەمنۇن قىلىش يەتكىلى بولماس نىشاندۇر. سەن ئۆزۈڭگە لازىم بولغانغا قارا. چۈنكى، ئىنسانلارنى رازى قىلىشنىڭ يولى يوق. بىلگىنكى، كىم قۇرئان ئۆگەنسە، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە يۈكسىلۇر. كىم ھەدىس ئۆگەنسە دەلىلى ساغلام بولۇر. كىم نەھۋى (ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى) ئۆگەنسە ھەيۋىتى بولۇر. كىم ئەرەپچە ئۆگەنسە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولۇر. كىم ھېساب ئۆگەنسە پىكىرى ئوچۇق بولۇر. كىم فىقھى ئۆگەنسە قەدرى ئۈستۈن بولۇر. كىم ئۆزىنى ساقلىمىسا، ئىلىمى ئۇنىڭغا مەنپئەت بەرمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى تەقۋادۇر.
مۇزەنى مۇنداق دەيدۇ: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: كىم قۇرئان ئۆگەنسە قىممىتى يۇقىرى بولۇر. كىم فىقىھقا كۆڭۈل بۆلسە ھۆرمىتى ئاشار. كىم ھېساب ئۆگەنسە پىكىرى ئوچۇق بولۇر. كىم ھەدىس يازسا دەلىلى كۈچلۈك بولۇر. كىم نەپسىنى ساقلىمىسا، ئىلىمى ئۇنىڭغا پايدا بەرمەس.
رەبىئ ئىبنى سۇلايماندىن، شافىينىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم: ئەقىللىق كىشى زېرەك بولىدۇ، ئەمما زېرەكلىكىنى ئەسلا سەزدۈرمەيدۇ.
شافىي مۇنداق دېگەن: ئەگەر سۇنىڭ ئېتىبارىمنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلسەم سۇ ئىچمىگەن بولاتتىم.
رەبىئ مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن شافىينىڭ يېشىنى سورىدى، شافىي: براۋغا يېشىنى خەۋەر بېرىش پەزىلەتلىك ئەھۋاللاردىن ئەمەس.
يەنە بىر رىۋايەتتە شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: براۋغا يېىشىنى دېيىش پەزىلەتلىك ئەھۋاللاردىن ئەمەس. ئەگەر كىچىك بولسا خور كۆرۈلۇر، چوڭ بولسا قېرى سانىلۇر.
ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ تاھىر مۇنداق دېگەن: شافىي كېچىنى ئۈچكە بۆلەتتى. كېچىنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچتىن بىرىدە كىتاب يازاتتى. ئىككىنچى ئۈچتىن بىرىدە ناماز ئوقۇيتتى. ئۈچۈنچى ئۈچتىن بىرىدە ئۇخلايتتى.
ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ تاھىر مۇنداق دېگەن: شافىي رامزاندا قۇرئاننى ئاتمىش قېتىم تامام قىلاتتى، نامازدا قۇرئاندىن ئوقۇغانلىرى بۇنىڭدىن سىرت ئىدى.
ئەبۇ بەكرى نىشاپۇرى مۇنداق دەيدۇ: رەبىئنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: شافىي ھەر ئايدا قۇرئاننى ئوتتۇز قېتىم تامام قىلاتتى. رامزاندا ئاتمىش قېتىم تامام قىلاتتى. نامازدا ئوقۇغانلىرى بۇنىڭدىن سىرت ئىدى.
نەھشەل ئىبنى كەسىرنىڭ دادىسى مۇنداق دەيدۇ: شافىي بىر كۈنى رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن ھارۇن رەشىدنىڭ بىر ئۆيىگە كىردى. يېنىدا خىزمەتچى سەرراج بار ئىدى. شافىينىڭ ھارۇن رەشىدنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ئەبۇ ئابدۇسسەمەدنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. سەرراج شافىيغا: ئەي ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، بۇلار ئەمىرۇل مۇئمىنىننىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئېيتقان بولسىلا، دېدى. شافىي مۇنداق دېدى: ئەمىرۇل مۇئمىنىننىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن دەسلەپ قىلىدىغان ئىشىڭ ئۆز نەپسىڭنى ئىسلاھ قىلىش بولسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى سېنىڭ كۆزۈڭگە باغلىقتۇر. ئۇلار سەن ياخشى ھېسابلايدىغان ئىشلارنى ياخشى ھېسابلايدۇ، سەن يامان كۆرىدىغان ئىشنى يامان كۆرىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگەت، ئۆگىتىشتە ئۇلارنى زورلىما، زېرىكىپ قالمىسۇن؛ ئۇلارغا ئازراق بېسىم ئىشلەتكىن، بولمىسا كىتابنى تەرك ئەتمىسۇن. ئاندىن ئۇلارغا شېئىرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى، ھەدىسنىڭ ئەڭ شەرەپلىكلىرىنى رىۋايەت قىل. ئۇلارغا بىر ئىلىمنى ياخشى ئۆگەتمىگۈچە باشقا ئىلىمگە ئۆتمە. چۈنكى، سۆزلەرنىڭ قۇلاقتا ئارىلىشىپ كېتىشى (يەنى ئۆزى ئۆگەنگەن ئىلىمگە پىششىق بولماسلىق) ئەقىلنى زەيىپلەشتۈرىدۇ.
ھۇمەيدى مۇنداق دەيدۇ: شافىي بىر سەپىرىدە يەمەندىن كەلدى، يېنىدا يىگىرمە مىڭ دىنار بار ئىدى. چېدىرىنى مەككىنىڭ سىرتىغا قۇرۇپ، ھەممىسىنى تارقىتىۋەتمىگۈچە ئورنىدىن تۇرمىدى.
مۇزەنىدىن، شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: كىمنىڭ كىيىمى پاكىز بولسا قىيىنچىلىقى ئاز بولۇر، كىمنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق بولسا ئەقلى زىيادە بولۇر.
رەبىئ ئىبنى سۇلايماندىن شافىي مۇنداق دەيدۇ: ئۈستى بېشى رەتلىك بولغان كىشىنىڭ ھەرىكىتى كالامپاي بولماس.
يەنە ئۇنىڭدىن: بىر كىشى شافىيدىن بىر مەسىلە سورىدى، شافىي جاۋابەن: بۇ ھەقتە پالانچى ۋە پالانچىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، دېدى. سوئال سورىغان كىشى «ئەي ئابدۇللاھنىڭ دادىسى! سىلىمۇ شۇنداق دەپ قاراملا؟» دېۋىدى، شافىي «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىپ، شۇ ھەدىسكە ئۇيغۇن سۆز قىلمىسام، مېنى قايسى يەر توشۇر، قايسى ئاسمان سايىدىتار؟ باش ئۈستىگە شۇنداق قارايمەن» دېدى.
شافىي بىر ھەدىس رىۋايەت قىلدى. شۇ سورۇنغا ھازىر بولغانلار «سىلىمۇ بۇ ھەدىسنى ئالاملا؟» دېدى. شافىي: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ، ئۇ ھەدىسنى ئالمىسام، سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ئەقلىمدىن ئازغان ھېسابلىنىمەن، دېدى ۋە قوللىرىنى ئۇزاتتى.
شافىي مۇنداق دېگەن: مېنىڭ كىتابىمدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ بىرەر نەرسىنى بايقىساڭلار، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئېلىپ، مېنىڭ دېگىنىمنى تاشلاڭلار.
ئەبۇ بايان ئەل ئىسفھانى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى چۈشۈمدە كۆردۈم ۋە «ئى رەسۇلۇللاھ! تاغامنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىيغا بىرەر مەنپەئەتلىرى بولدىمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر نەرسىنى تەقسىملەپ بەردىلىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق، ئاللاھنىڭ ئۇنى ھېسابقا تارتماسلىقىنى ئارزۇ قىلدىم» دېدى. مەن «نېمە سەۋەبتىن شۇنداق ئارزۇ قىلدىلا، ئى رەسۇلۇللاھ!» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «چۈنكى، ئۇ ماڭا شۇنداق بىر سالاۋات يوللايدۇكى، ھېچكىم ئۇ يوللىغان سالاۋاتنى يوللىيالمايدۇ» دېدى. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ قانداق سالاۋات؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ سالاۋاتىنى مۇنداق دېدى:«ئى ئاللاھ! زىكىر قىلغانلار ئۇنى زىكىر قىلغان، غافىللار ئۇنىڭدىن غافىل قالغان مۇددەتتە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھ ۋەسسەللەمگە سالام يوللا!»
مۇزەنى مۇنداق دەيدۇ:
ئۆلۈم سەكراتىدا ياتقان شافىينىڭ يېنىغا كىردىم. «قانداق ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزدىلا؟» دەپ سورىدىم. شافىي «دۇنيادىن كەتمەكچى، دوستلۇرىمدىن ئايرىلماقچى، ئۆلۈم قەدەھىنى ئىچمەكچى، يامان ئەمەللىرىمگە ئۇچقاشماقچى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقماقچى بولۇپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. روھىمنى تەبرىكلەي دېسەم، ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى بىلمەيمەن. روھىمغا تەسەللىي بېرەي دېسەم ئۇنىڭ جەھەننەمگە كىرىشىنى بىلەيمەن» دېدى ۋە يىغلىدى. ئاندىن مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇدى:
قەلبىم ئۆلۈپ يوللىرىم تارايغاندا،
ساڭا بولغان ئۈمىدىمنى مەغفىرىتىڭگە ۋاسىتە قىلدىم.
گۇناھىم ماڭا چوڭ كۆرۈندى،
گۇناھىمنى مەغفىرىتىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىنىمدا، مەغفىرىتىڭ تېخىمۇ چوڭ چىقتى.
سەن ئەزەلدىن بېرى گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىپ كەلدىڭ،
لۇتف ئەيلىگە ۋە ئىكرام قىلغان ھالد سېخىيلىق بىلەن مەغفىرەت قىلىسەن.
شافىي رەھىمەھۇللاھ ئىمام مالىك، ئىبراھىم ئىبنى سەئىد، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئابدۇلئەزىز ئەد دەراۋەردى، مۇسلىم ئىبنى خالىد، زەنجى ۋە باشقا كۆپلىگەن كىشىلەردىن ھەدىس ئاڭلىدى.
ئۇنىڭدىن ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملار رىۋايەت قىلدى.
شافىي 204-يىلى 54 يېشىدا ۋاپات بولدى.
رەبىئ مۇنداق دەيدۇ: شافىي ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنى چۈشۈمدە كۆردۈم. «ئى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى! ئاللاھ ساڭا قانداق قىلدى؟» دېدىم. ئۇ «ئاللاھ مېنى ئالتۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى، ئۈستۈمگە ئۈنچىلەرنى چاچتى» دېدى.
ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن  «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»  مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
The post ئىمام شافىنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى | ئىمام ئىبنۇل جەۋزى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمام شافىنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى | ئىمام ئىبنۇل جەۋزى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.