بۇلۇغۇلمەرام - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى
ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرۇت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

بسم الله والحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويسا، ئىت يالاپ قويغان قاچا تۇنجى قېتىمدا توپا بىلەن جەمئىي يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكىزلىنىدۇ.» (بۇلۇغۇلمەرام 8-ھەدىس) ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇمەرامدا يۇقىرىقى ھەدىسنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:  بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بولۇپ، مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن» دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ راۋايىتىدە «ئاخىرقىسىنى ياكى تۇنجى قېتىملىقىنى تۇپراق بىلەن پاكلىسۇن» دەپ كەلگەن.

مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇلۇغۇلمەرامنىڭ شەرھىدە بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:

ھەدىس ھەرگىزمۇ بىرىنچى ۋە ئاخرىقىسىنى تۇپراق بىلەن يۇيۇش توغرىسىدا ئىختىيارلىق بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.  بۇ يەردىكى شۈبھە، يەنى بىرىنچى قېتىمدا تۇپراق بىلەن يۇيامدۇ ياكى ئاخىرقى قېتىمدا تۇپراق بىلەن يۇيامدۇ؟ بۇ جەھەتتىكى شۈبھە راۋىي سەۋەبىدىندۇ. دەسلەپكى قېتىم تۇپراق بىلەن يۇيۇش توغرىسىدىكى ھەدىس راۋىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، شۇنداقلا راۋىلىرى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىلىرى بولغانلىقى يۈزىسىدىن، دەسلىپىدە تۇپراق بىلەن پاكلاپ ئاندىن يۇيۇش ھەدىسى كۆپلەپ قوبۇل كۆرگەن. بۇ ھەدىس ئىتنىڭ ئاغزىدىن چىققان شۆلگىيىنىڭ ۋە ئىتتىن ئاشقان نەرسىنىڭ نىجىس بولدىغانلقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئىتنىڭ بەدىنىنىڭمۇ نىجىس بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس بۇنىڭدىن سىرت ئىت يالاپ  قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەققىق ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىمۇ مۇشۇنداق. بەزى ئالىملار قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشنىڭ مۇستەھەپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى ئالىملار قاچىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش يېتەرلىك بولىدۇ، دېگەن قارشتىدۇر. ئەمما، بۇ ئىككى ھۆكۈم ھەدىسنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇيغۇن ئەمەس (شۇڭا قوبۇل قىلىنمايدۇ.) بىلىنگىنىدەك، ھەر قانداق نەرسىدىكى نىجاسەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت ئەمەس، ئەمما، ئىت چېپىلىپ قويغان نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت.  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىت چېپىلىپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇشىدا نىجاسەتنىڭ سىرتىدا باشقا بىر ھېكمەت بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىكى ھېكمەت دەۋرىمىزدىكى بەزى مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ مۇنۇ بايقىشى ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا: كۆپلىگەن ئىتلارنىڭ ئاشقازىنىدا تۆت مىللىيمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنتايىن كىچىك ئۈچەي قۇرتى بولۇپ، ئىت تەرەت قىلغاندا بۇ قۇرۇتلارنىڭ تۇخۇملىرى تەرىتى بىلەن بىرلىكتە سىرتقا چىقىپ، بۇ قۇرتلارنىڭ بىر قىسىمى ئىتىنىڭ مەقئەت رايونىدىكى تېرىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى تۈكلەرگە يېپىشىپ قالىدۇ. ئىت مەقىتىنى تىلى بىلەن پاكىزلىغان ۋاقىتتا بۇ قۇرت تۇخۇملىرى ئاۋۋال ئىتنىڭ تىلىغا، ئاندىن ئاغزىغا يۆتكىلىدۇ. ئىت بىرەر قاچىنى يالىغاندا ياكى ئۇ قاچىدا سۇ ئىچكەندە بۇ قۇرۇتنىڭ تۇخۇملىرى قاچىلارغا يېپىشىپ قالىدۇ، ياكى ئىنسانلار ئىتنىڭ ئاغزىغا سۆيگەن ۋاقتىدا بۇ تۇخۇملار ئىنساننىڭ ئاغزىغا يۆتكىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاشقازانغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ قۇرۇت تۇخۇملىرى ئاشقازاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يېتىلىپ، ئاخىرىدا ئاشقازاننى تېشىپ قان تۇمۇرلارغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. قان تۇمۇرلار ئارقىلىق مېڭە، ئاشقازان، جىگەر ۋە باشقا ئورگانلاردا كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.  (غەربلىكلەر ئىت بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپۇشقا ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن) ھازىر غەرىپلىك دوختۇرلار بۇ خىل كېسەللىكلەرگە كۆپ دۇچ كەلمەكتە. ئۈچىيىدە قۇرت بولغان بۇنداق ئىتلارنى ئايرىپ چىقىش بەك تەس بولۇپ، بۇنداق ئۈچەي قۇرتى بار بولغان ئىتلارنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت، چۇڭقۇر ئىزدىنىش ۋە نادىر تېخنىكا ئەسۋاپلىرى كېرەك بولىدۇ. ئىسلام ئىتنى نىجىس دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئىت يالاپ قويغان قاچىلارنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇغان. قاچىلارنى يەتتە قېتىم يۇيۇش، قاچىلارنىڭ پاكىز بولىشى ۋە ئىچىدە ھېچ بىر نەرسىنىڭ قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ سۆزلىگەنلىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يۇقىرىقى بۇيرۇقىدا ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇلغاندۇر.  يۇقىرىقى بايانلىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش بۇيرۇقىنىڭ ھېكمىتىنى ئوچۇق رەۋىشتە بىلدۈرمەكتە. ئاللاھ تائاللا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى، بۇلۇغۇلمەرام شەرھى)

ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:«گەرچە ئىت ساغلاملىق ئۈچۈن ۋە  ئىت ئىگىلىرىنىڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىقتەك تۇرسىمۇ، كىشىلەر ھەر قانداق ياشتىكى ئىتلارغا نىسبەتەن، پىستە ئىتلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، دىققەتلىك بولۇشى لازىم. ئىتلار بەزىدە كىشىلەرنى كېسەل قىلىدىغان زىيانلىق پارازىتلارنى توشۇپ يۈرىدۇ. ئىتنىڭ تېنىدىكى پارازىتلار خىلمۇخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر كىچىك بولغاندا تېردىكى ياللۇغلىنىش ، چوڭ بولغاندا ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئىبارەت.  ئىت ئارقىلىق كېسەل بولۇشتىن ئۆزىڭىزنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىتنى تۇتۇش،  ئىت بىلەن ئوينىشىش، ئىتقا يېمەكلىك بېرىش ياكى ئىتنى يۇيۇپ-تاراش قاتارلىقلاردىن كېيىن قولىڭىزنى پاك-پاكىز يۇيۇشتۇر.»[1]

يەر شارىنىڭ ۋە پۈتكۈل كائىناتنىڭ پادىشاھى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەرىپىدىن مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىردە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە  پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بۈيۈك پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە ئىتنىڭ ئۈچىيىدىكى، تۆت مىللىمېتىر چوڭلۇقىدىكى پارازىت قۇرتلارنى بايقاپ چىقىدىغان تەجرىبىخانىلار، مىكروسكوپلار ۋە بۇنىڭغا ماس تېخنولوگىيە يوق ئىدى. بۇ خىل تېخنولوگىيە يېقىنقى ئەللىك يىل مابەينىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ تەرەققىي قىلدى. سۈرە نەجمدە «رەسۇلىمىز پەيغەمبەر پەقەت ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» دېگەن ئايەت بار. سەھىھ بۇخارىنىڭ ھەدىسىدىن بىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مېنىڭ تىلىمدىن پەقەت ھەقلا چىقىدۇ» دېگەن. ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش ھەدىسىمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاللاھ قىلغان ۋەھىيدۇر دەپ ئىمان ئېيتمىز. ئىمام ئىبنى بازدىن «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەدىس قانداق ۋەھىي قىلىناتتى؟» دەپ سورالغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ئاللاھ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە جىبرىل پەرىشتە ئارقىلىق ۋەھىي قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستىكىدەك، بەزىدە جىبرىل پەرىشتە رەسۇلۇللاھقا ئىنسان شەكلىدە كېلەتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى (رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي قىلىنغان ھەدىس بۇ شەكىلدە ئۇ زاتقا يېتىپ كېلەتتى.) [ئىبنى باز پەتىۋالىرى 9\463]

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يەنە بىر سەھىھ ھەدىسىدە  مۇنداق كەلگەن:«كىمكى پادىچىلىق، دېھقانچىلىق ياكى ئوۋچىلىق زۆرۈرىيىتى يوق ھالدا ئىت باقسا، ھەر كۈنلۈك ساۋابىدىن بىر قىرات كېمىيىپ كېتىدۇ.» (مۇسلىم 1575) سەھىھ بۇخارىدىمۇ (5163-ھەدىسىدە) مۇشۇنىڭغا يېقىن مەنىدە ھەدىس كەلگەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.» يەنە بىر ھەدىستە «تاھارەت ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېيىلگەن. يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى ئۈستىدە بايان قىلىنغان ئىتنىڭ تېنىدىكى پارازىت قۇرۇت، مەقىتىنى تىلى بىلەن يالىشى قاتارلىق يىرگىنىشلىك ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىمىزدە، پاكىزلىق دىنى بولغان، بەدەننى ۋە ئەقىلنى ئاسىراشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە نەقەدەر ئۇيغۇنلۇقى، ئاللاھنىڭ ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ چەكلىگەن ھەر قانداق ئىشىدا چوقۇم ئىنسانلارنىڭ يا دۇنيالىق، ياكى ئاخىرەتلىك، ۋەياكى ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك مەنپەتئەتى مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئىمام نەۋەۋى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ئېتقىنىدەك، يۇقىرىقىدەك ھاجەتلەر سەۋەبلىك ئىت بېقىشقا رۇخسەت قىلغان ھەدىسلەرگە قىياس قىلىش ئارقىلىق، توغرا قاراش بويىچە، قورو-ھويلىنى قوغداش ئۈچۈن ئىت بېقىش دۇرۇس بولىدۇ. (مۇسلىم شەرھى، 10\236) بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىت بېقىش مۇتلەق ھارامدۇر. (شەيخ ئابدۇلكەرىم خۇدەير)[2]

[1] https://www.cdc.gov/healthypets/pets/dogs.html

[2] https://islamqa.info/ar/answers/10949/اذا-شك-هل-لعق-الكلب-موضعا

The post ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ھەدىستىكى مۆجىزە: ئىتنىڭ تېنىدىكى قۇرت ۋە ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇشى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: «مۇشرىكلارغا قارشى ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار» ھەدىسىنىڭ شەرھى
مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: «مۇشرىكلارغا قارشى ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار» ھەدىسىنىڭ شەرھى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

[1259] وَعَنْ أَنَسٍ ‏- رضى الله عنه ‏- أَنَّ اَلنَّبِيَّ ‏- صلى الله عليه وسلم ‏-قَالَ: { » جَاهِدُوا اَلْمُشْرِكِينَ بِأَمْوَالِكُمْ, وَأَنْفُسِكُمْ, وَأَلْسِنَتِكُمْ» } رَوَاهُ أَحْمَدُ, وَالنَّسَائِيُّ, وَصَحَّحَهُ اَلْحَاكِمُ 1‏ .‏

‏1 ‏- صحيح.‏ رواه أحمد ( 3 / 124 و 153 و 251 )‏، والنسائي ( 6 / 7 )‏، والحاكم ( 2 / 81 )‏، وهو عند أبي داود أيضا ( 2504 )‏.‏

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«مۇشرىكلارغا قارشى ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار.» (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن)

ھەدىس مەنبەسى:

بۇلۇغۇلمەرام

مۇئەللىپ: ئىمام ئىبنى ھەجەر

شەرھلىگۈچى: مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى

(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق «شېرىن بۇلاق» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ھىندىستانلىق بۇ سەلەفىي ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغان)

شەرھ: «تىلىڭلار بىلەن» يەنى، تىل بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد كاپىرلارغا قارشى دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەئۋەت قىلىش، ھەجۋ قىلىش ۋە غەيرىتىنى يوقۇتۇپ ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن قۇرقۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

The post مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: «مۇشرىكلارغا قارشى ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: «مۇشرىكلارغا قارشى ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

مۇھەدددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى:«غازات قىلماي، غازات قىلىشنى نىيەتمۇ قىلماي ئۆلسە…» ھەدىسىنىڭ شەرھى
[1258] عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَ ضِيَ اَللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اَللَّهِ ‏- صلى الله عليه وسلم ‏-{ » مَنْ مَاتَ وَلَمْ يَغْزُ, وَلَمْ يُحَدِّثْ نَفْسَهُ بِهِ, مَاتَ عَلَى شُعْبَةٍ مِنْ نِفَاقٍ» } رَوَاهُ مُسْلِمٌ(1910)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«كىمكى غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە، نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ 1910-نومۇرلۇق ھەدىس)

مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى رەھىمەھۇللاھنىڭ يۇقارقى ھەدىسكە شەرھى:

«جىھاد» نىڭ لۇغەت مەنىسى قىيىنچىلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىشتە مۇبالىغە مەنىسىدە بولۇپ؛ جىھادنىڭ شەرئىي مەنىسى: دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

«غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە» يەنى دىن دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشماستىن ئۆلسە ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشۇش ئىمكانى تېپىلغان، بۇنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمىسا ۋە بۇنى نىيەت قىلمىسا «نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.» (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى – بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى)

[ئاللاھ چىن دىلدىن قىلىنغان سەمىمىي نىيەتنىمۇ، سەمىمىيەتسىز ساختا نىيەتنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننى بىلگۈچىدۇر. جىھاد قىلىش نىيىتىم بار دەپ كۆڭلىنىڭ بىر يېرىگە پۈكۈپ قويۇپ ئۆز دۇنيالىق ئىشى بىلەن يۈرۈۋەرسە، بۇ سەمىمىيەتسىز نىيەتتۇر. بۇ ھەرگىزمۇ جىھاد قىلىشنى ئارزۇ قىلىش جۈملىسىدىن ئەمەس.]

The post مۇھەدددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى:«غازات قىلماي، غازات قىلىشنى نىيەتمۇ قىلماي ئۆلسە…» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post مۇھەدددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى:«غازات قىلماي، غازات قىلىشنى نىيەتمۇ قىلماي ئۆلسە…» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

بۇلۇغۇلمەرام: تاھارەت كىتابى ھەدىسلىرى-ئۇيغۇرچە (ئىمام ئىبنى ھەجەر)
بۇلۇغۇلمەرام: تاھارەت كىتابى ھەدىسلىرى-ئۇيغۇرچە (ئىمام ئىبنى ھەجەر)

مۇئەللىپ: ئىمام ئىبنى ھەجەر

شەرھلىگۈچى: مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى

(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق «شېرىن بۇلاق» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ھىندىستانلىق بۇ سەلەفىي ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغان)

تاھارەت كىتابى[جەمئىي 147 ھەدىس بار]

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

تاھارەت كىتابىدىكى تۈرلەر مۇندەرىجىسى

[1] سۇلار بۆلۈمى

[2] چېنە-قاچىلار بۆلۈمى

[3] نىجاسەتتىن پاكلىنىش بۆلۈمى

[4] تاھارەت بۆلۈمى

[5] پايپاق ۋە مەيسىلەرگە مەسىھ قىلىش بۆلۈمى

[6]  تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار بۆلۈمى

[7] ھاجەت سۇندۇرۇش ئەدەپلىرى بۆلۈمى

[8] غۇسل ۋە جۇنۇبلۇق بۆلۈمى

[9] تەيەممۇم بۆلۈمى

[10] ھەيز بۆلۈمى

[1] سۇلار بۆلۈمى

[1] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېڭىز توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«ئۇنىڭ سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكلىرى ھالالدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام ۋە ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ئەبى شەيبەنىڭ. ئىبنى خۇزەيمە ۋە تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)

شەرھ: «ئەبۇ ھۇرەيرە»ـــ ھەقىقىي ئىسمى ئابدۇللاھ ياكى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخر ئەددەۋسىيدۇر. ساھابىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلىرىدىن ۋە ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابىلەر قاتارىدىن. سەككىز يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. خەيبەر فەتىھ قىلىنغان يىلى مۇسۇلمان بولدى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا پەتىۋا بەردى. خەلىپە مەرۋان تەرىپىدىن مەدىنىگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلەندى. ھىجرىيىنىڭ 59-يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولدى، بەقىئ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

«ئۆلۈكى» ـــ دېڭىزدىن باشقا يەردە ياشىمايدىغان ھايۋانلاردىن دېڭىزدا ئۆلگەنلىرى ھالالدۇر. ھەرگىزمۇ، دېڭىزدا ياشايدىغان پۈتۈن ھايۋانلارنى كۆرسەتمەيدۇ (يەنى قوش ماكانلىق ھايۋانلار بۇ تۈردىن ئەمەس).

بۇ ھەدىس بىر سوئالغا جاۋاب سۈپىتىدە دېيىلگەن ھەدىستۇر. ئەل مۇۋەتتائ ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا كەلگەن بىر رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنماقتا: بىرەيلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:«ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز دېڭىزدا سەپەر قىلىمىز ۋە يېنىمىزغا ئازغىنە سۇ ئېلىۋالىمىز. ئەگەر، يېنىمىزغا ئېلىۋالغان سۈيىمىزدە تاھارەت ئالساق سۇسىز قالىمىز. دېڭىز سۈيىدە تاھارەت ئالساق بولامدۇ؟» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنىڭغا مۇنداق دېدى:«دېڭىزنىڭ سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكلىرى ھالالدۇر.»

بۇ دېڭىز سۈيىنىڭ مۇتلەق مەنادا پاك ئىكەنلىكىگە؛ دېڭىز ئىتى ۋە دېڭىز شىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دېڭىزدا ياشايدىغان پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد بۇ خىل كۆز قاراشتا. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بېلىقتىن باشقا ھېچبىر دېڭىز ھايۋىنىنى ھالال ئەمەس دېگەن قاراشتا.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەدىستە ئۆزىدىن سورالمىغان بولسىمۇ، دېڭىزدا ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ ھۆكۈمىنىمۇ بايان قىلغان. چۈنكى، دېڭىز سۈيىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا شۈبھىلەنگەن كىشىنىڭ دېڭىزدا ئۆلگەن ھايۋان توغرىسىدا شۈبھىگە چۈشۈشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى تەبئىي. خۇسۇسەن، قۇرئان ھارام قىلىنغان ئۆلۈك ھايۋانلار توغرىسىدا ئايرىما قىلمىغان. دېڭىزدا سەپەر قىلغان كىشىنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەپقەت ۋە ھېكىمەتكە تايىنىدىغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ جاۋابى تولىمۇ مۇۋاپىق جاۋاب ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سوئال سورىغۇچىنىڭ ئىسمى توغرىسىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر ئۇ ساھابىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇدلەج ئىدى دېسە، بەزىلىرى ئابدۇل ئەرقائى ۋەياكى ئۇبەيد ئەرقائى دېگەن. «ئەلئەرقائى» دېگەن كېمە باشلىقى ياكى كېمىدە ئىشلىگۈچى مەنىسىدە.

[2] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن سۇ پاكتۇر. ئۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئۈچ ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەھمەد سەھىھ دېگەن)

شەرھ: «ئەبۇ سەئد خۇدرى» ـــ تولۇق ئىسمى سەئد ئىبنى مالىك ئىبنى سىنان ئەل خەزرەجى ئەلئەنسارى. ئەلخۇدر-ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەلنھۇ ياشىغان مەدىنىدىكى مەھەللىنىڭ ئىسمى. بۇ مەھەللىگە نىسبەتلىنىپ ئەل خۇدرى دەپ ئاتالغان. ساھابىلەرنىڭ ئالىملىرىدىن. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە بىر بۆلۈك پەتىۋالارنى بەرگەن. ھىجرىيە 74-يىلى يىل بېشىدا سەكسەن ئالتە يېشىدا ۋاپات بولغان.

«پاكتۇر»ـــ ئۆزى پاكتۇر، باشقا نەرسىلەرنى پاكلىغۇچىدۇر.

ھەدىستىن ئېلىنىدىغان ھۆكۈم: سۇ نىجىس نەرسىلەرنىڭ چۈشۈشى بىلەن نىجىس بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، نىجىس نەرسىلەرنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى سۇنىڭ مۇتلەق مەنىدە نىجىس بولمايدىغانلىقىغا ۋە پاك ھالەتتە قالىدىغانلىقىغا دالالەت بار. نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەن سۇنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشى سۇغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىمام مالىك، زاھىرى مەزھىبى ۋە بىر رىۋايەتتە ئىمام ئەھمەد مۇشۇ كۆز قاراشتا. بىراق، ئىمام مالىك ئالدىمىزدا كېلىدىغان ئەبۇ ئۇمامەنىڭ ھەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، سۇنىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن نىجاسەت سۇنىڭ ئۈچ خۇسۇسىيىتىدىن بىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكى كېرەك دەپ شەرت قويغان. ھالبۇكى، ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىس ئالاھىدە بىر ئەھۋال ئۈچۈن ئېيتىلغان. يەنى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «بىدائە قۇدۇقىنىڭ سۈيىدە تاھارەت ئېلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورالغان. بىدائە قۇدۇقى مەينەت نەرسىلەر، ئىتنىڭ تاپلىرى، ھەيز لاتىلىرىن ۋە مەينەت كىيىملەر تاشلىنىدىغان قۇدۇق ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ سوئالغا «ھەقىقەتەن سۇ پاكتۇر…» دېگەن يۇقارقى ھەدىسى بىلەن جاۋاب بەرگەن. ھەدىسنىڭ ئەرەبچە تېكىستىدىكى «ئەلمائ»(سۇ) سۆزىنىڭ بېشىدىكى «لام» ھەرىپى تاقلىق ئۈچۈن بولۇپ، گېپى بولۇنغان بىدائە قۇدۇقىدىكى سۇغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. بۇ قۇدۇقنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 3.5~4 مېتىرغىچە ئىدى. ئەبۇ داۋۇدنىڭ سۈنەنىدىكى مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتتە بۇ قۇدۇقتىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئادەتتە كىندىك ئاستىدا، ئازلاپ كەتكىنىدە تىز ئۈستىدە بولاتتى. بۇ سەۋەبلىك، بۇنچىۋالا كۆپ مىقداردا بولغان سۇغا نىجاسەت چۈشسە، ئۇ سۇنىڭ مەينەت بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس ھەرگىزمۇ، ئىچىگە مەينەت نەرسە چۈشۈپ كەتكەن ھەر قانداق سۇ ئەسلا مەينەت بولمايدۇ دېگەن مەنىدە ئەمەس.( شەرھلىگۈچى؛ ھەدىسشۇناس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى رەھىمەھۇللاھ.)

[3] ئەبۇ ئۇمامە ئەل باخىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۇنىڭ پۇرىقىنى، تەمىنى ياكى رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە، ھېچقانداق نەرسە سۇنى نىجىس قىلالمايدۇ.» (ئىبنى ماجە توپلىغان؛ ئەبۇ ھاتىم بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.)

بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«سۇغا چۈشكەن نىجاسەت سۇنىڭ پۇرىقىنى، تەمىنى ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە سۇ پاكتۇر.»

[4] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى قۇللە مىقداردىكى سۇ نىجىسلىكنى كۆتۈرمەيدۇ.» باشقا بىر رىۋايەتتە «نىجىس بولمايدۇ» دەپ كەلگەن. (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى خۇزەيمە، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن)

[5] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم جۇنۇب ھالەتتە تۇرغۇن سۇدا غۇسل قىلمىسۇن.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان)

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «سىلەردىن ھېچكىم ئاقمايدىغان تۇرغۇن سۇغا سىيىپ، ئاندىن ئۇنىڭ غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «ئۇ سۇدا» دەپ كەلگەن.

ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە «جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئۇ سۇدا غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.

[6] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن ئاشقان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشىنى ۋە ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن ئاشقان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشىنى چەكلىدى. ھەر-بىرى سۇنى سۇنى پەقەت ئۆزى ئوچۇملاپ ئالسۇن.» (بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي توپلىغان)

[7] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەيمۇنە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن ئاشقان سۇدا يۇيۇندى.» بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. سۇنەن مۇئەللىپلىرى مۇنداق نەقىل قىلغان:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خانىملىرىدىن بىرى چوڭ بىر چىلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چېلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئايالى ‹مەن جۇنۇب ئىدىم› دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹سۇ جۇنۇب بولمايدۇ› دېدى.» تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.

[8] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىت بىرىڭلارنىڭ چىنە-قاچىسىنى يالاپ قويسا، ئۇ چىنە-قاچا ئەڭ ئاۋۋالىدا تۇپراقتا سۈرتۈلۈش بىلەن يەتتە قېتىم يۇيۇلۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن» دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە «باشتىكى ياكى ئاخىرقى پاكىزلىنىشى تۇپراقتا بولۇش بىلەن» دەپ كەلگەن.

[9] ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۈشۈك پاكتۇر. چۈنكى، ئۇ ئاراڭلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ.» بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام توپلىغان. تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.

[10] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بەدەۋىيلەردىن بىرى كېلىپ، مەسجىدنىڭ بۇلۇڭىغا سىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بەدەۋىيگە ئازار بېرىش ئارقىلىققىلمىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنى پەيلىدىن توستى. بەدەۋىي سىيىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر چېلەك ئېلىپ كېلىشنى ۋە سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىشىنى بۇيرۇدى.» (بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر)

[11] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرگە پەقەت ئىككى ئۆلۈك ۋە ئىككى قان ھالال قىلىندى. ئىككى ئۆلۈك چېكەتكە بىلەن بېلىق. ئىككى قان جىگەر بىلەن تال (نىڭ قېنىڭ).» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە توپلىغان. ھەدىستە زەئىپلىك مەۋجۇت) بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكۈمى سەھىھ. بەيھەقى سۇنەن كۇبرادا مەۋقۇف سەھىھ دېگەن. ئىبنى ھەجەر تەلخىسۇل خەبىردا ‹ھەدىسنى داراقۇتنى رىۋايەت قىلغان، سەھىھ مەۋقۇف دېگەن. ئەلبانى مىشكاتتا ياخشى ھەدىس دېگەن.

[12] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلارنىڭ ئىچىملىكىگە چېۋىن چۈشسە، چىۋىننى ئىچىملىككە تولۇق پاتۇرۇۋېتىپ ئاندىن ئېلىۋەتسۇن. چۈنكى، چېۋىننىڭ بىر قانىتىدا كېسەللىك، يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار.» (بۇخارى 3320؛ ۋە ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)

[13] ئەبۇ ۋاقىد لەيسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھايۋاننىڭ تىرىك توختۇتۇپ كېسىۋالىنغان پارچىسى ئۆلۈك (كە ئوخشاش ھارام) دۇر.»(ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى توپلىغان. تىرمىزى ھەسەن دېگەن. ھەدىسنىڭ تېكىستى تىرمىزىنىڭ)

[2] چېنە-قاچىلار بۆلۈمى

[14] ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن-كۆمۈش چىنە-قاچىلاردا ئىچمەڭلار، بۇنداق چىنە-قاچىلاردا يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا ئۇلارنىڭ، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭدۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

[15] ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كۆمۈش چىنە-قاچىدىن بىر نەرسە ئىچكەن كىشى قارنىغا پەقەتلا ئوتنى تولدۇرىدۇ.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

[16] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تېرە ئاشلانغاندا پاكىزلانغان بولىدۇ.»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) تۆت ئىمامنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«قايسى بىر تېرە ئاشلانسا پاكىزلانغان بولىدۇ.»

[17] سەلەمە ئىبنۇل مۇھەببىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۆلۈك ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزلىنىدۇ.» (ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)

[18] مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر قوينىڭ سۆرەپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ «تېرىسىنى ئېلىۋالغان بولساڭلارچۇ» دېدى. ئۇ يەردىكىلەر «ئۇ ئۆلۈك ھايۋان» دېدۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇ بىلەن قەرەز ئۇنى پاكلايدۇ» دېدى. (ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي توپلىغان)

[19] ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇسەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز بىر ئەھلى كىتاب قەۋمىنىڭ زېمىنىدا ياشايمىز. ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن يېمەڭلار. بىراق، باشقا چېنە-قاچا تاپالمىساڭلار ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەڭلار» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

[20] ئىبران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرى بىر مۇشرىك ئايالنىڭ يوغان تۇلۇمىدىكى سۇدا تاھارەت ئالدى.» (ئۇزۇن بىر ھەدىسكە تەئەللۇق بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

[21] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قاچىسىغا دەز كەتتى. رەسۇلۇللاھ دەز كەتكەن يەرنى كۈمۈش سىم بىلەن ئەتتى.»(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

[3] نىجاسەتتىن پاكلىنىش بۆلۈمى

[22] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھاراقتىن سىركە چىقىرىشنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹بولمايدۇ› دېدى.»(ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن)

[23] يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: خەيبەر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى:«ئاللاھ ۋە رەسۇلى سىزلەرنى ئۆيدە بېقىلىدىغان ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ گۆشى نىجىس.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

[24] ئەمر ئىبنى خارىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىنادا تۆگىسىدە تۇرۇپ بىزگە خىتاب قىلدى. ئۇ زاتنىڭ تۆگىسىنىڭ شالى مېنىڭ مۈرەمگە ئېقىپ تۇراتتى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىنىڭ. تىرمىزى ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)

[25] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىيىمىدىكى مەنىينى يۇياتتى، ئاندىن شۇ كىيىمى بىلەن نامازغا چىقاتتى. مەن كىيىمىدىكى يۇيۇلغان ئىزنى كۆرەتتىم.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى مۇنداق:

«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنىينى ياخشى ئۇۋىلايتتىم. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇ كىيىمى بىلەنلا ناماز قىلاتتى.»

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«كىيىمىدىكى مەنىي قۇرۇق بولسا، مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋېتەتتىم.»

[26] ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىز بوۋاقنىڭ سۈيدىكى يۇيۇلىدۇ. ئەركەك بوۋاقنىڭ سۈيدۈكىگە سۇ تۆكۈلىدۇ.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىينىڭ؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن)

[27] ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيز قېنى تېگىپ قالغان كىيىمنىڭ قانداق پاكىزلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«قان ئاۋۋال ياخشى ئۇۋلىنىدۇ، ئاندىن كىيىمگە سۇ سېكىپ سىقىلىدۇ؛ ئاندىن، سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇلىدۇ.»(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

[28] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ھەۋلە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى رەسۇلۇللاھ! شۇنىڭدىمۇ قان ئىزى يوقىمىسىچۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇ بىلەن يۇيۇشۇڭ سەن ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. قان ئىزىنىڭ قېلىشىنىڭ ساڭا ھېچ زىيىنى يوق» دېدى. (ھەدىس تىرمىزىنىڭ؛ سەنەدى زەئىپ)

[4] تاھارەت بۆلۈمى

[29] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق كەلمىسۇن دېسەم، ئۇلارنى ھەر تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتۇم» (ھەدىس ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىينىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن؛ بۇخارى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)

[30] ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى خۇمراندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئالماق ئۈچۈن سۇ كەلتۈردى. ئاۋۋال قوللىرىنى ئۈچن قېتىم يۇدى. ئاندىن ئاغزىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى. ئاندىن بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چىقاردى. ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى جەينىكىگىچە ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن سول قولىنىمۇ ئوڭ قولىغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ھوشۇقىغىچە قېتىم يۇدى. ئاندىن سول پۇتىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مېنىڭ ئالغىنىمدەك تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم» دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس)

[31] ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ باشقا مەسىھ قىلىش شەكلىنى بايان قىلىپ «… ۋە بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى…» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزى توپلىغان. نەسائىي بىلەن تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. ھەتتا ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ‹بۇلۇغۇلمەرام› 31-نومۇرلۇق ھەدىس)

[32]

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قوللىرىنى (بېشىنىڭ) ئالدىدىن ئارقىسىغا ماڭغۇزۇپ بېشىغا مەسىھ قىلدى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ باشقا رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېىشغا مەسىھ قىلسا) ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئارقىسىغىچە ئاپىراتتى، ئاندىن ئارقىسىغا ياندۇرۇپ باشلىغان جايىغا قايتۇرۇپ كېلەتتى.» (ئىمام بۇخارى 185-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ۋە مۇسلىم توپلىغان ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 32-نومۇرلۇق ھەدىس)

[33] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا مەسىھ قىلدى ۋە كۆرسەتكۈچ بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقتى. باش بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنىڭ سىرتىغا مەسىھ قىلدى.» (بۇھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام نەسائىي توپلىغان. ئىمام ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 33-نومۇرلۇق ھەدىس)

[34] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىدا ئۈچ قېتىم مىشقىرسۇن. چۈنكى، شەيتان ئۇنىڭ بۇرنىدا كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

[35] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىدا قوللىرىنى ئۈچ قېتىم يۇمىغۇچە سۇ بار ئەسۋابقا قولىنى تىقمىسۇن. چۈنكى، قولىنىڭ نەدە كېچىلىگىنىنى بىلمەيدۇ.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمنىڭ)

[36] لەقىيت ئىبنى سەبرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەتنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئال. بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىنى ئارىلا. ئەگەر روزىدار بولمىساڭ بۇرنۇڭغا مول سۇ ئېلىپ پاكىزلا.» (ھەدىس تۆت ئىمامنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)

ئەبۇ داۋۇدنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنۇ ئىپادە ئارتۇق كەلگەن:

«تاھارەت ئالغىنىڭدا ئاغزىڭغا سۇ ئېلىپ چايقا.»

[37] ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالسا ھۆل بارمىقى بىلەن ساقىلىنى ئارىلايتتى.» (تىرمىزى توپلىغان، ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 37-نومۇرلۇق ھەدىس)

[38] ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر مۇد مىقدارىدىكى سۇنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى (تەخمىنەن 0.460 لېتىر-يېرىم لېتىردىن سەللا كام) مىقداردىكى سۇ كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ سۇدا تاھارەت ئېلىپ بېلەكلىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇدى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەدنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)

[39] يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇلىقىغا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بېشىغا مەسىھ قىلغان سۇدىن باشقا سۇ ئالغانلىقىنى كۆردۈم.» (ھەدىس بەيھەقىنىڭ؛ بەيھەقى سەھىھ دېگەن؛ تىرمىزىمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)

مۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئوخشاش سەنەدت بىلەن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

«قولىدىن ئاشقان سۇدىن باشقا سۇ بىلەن بېشىغا مەسىھ قىلدى.» (ھەدىسنىڭ مەھفۇر بولغىنى مۇشۇ رىۋايەتتۇر)

ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇلىقىنى مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قوللىرىغا يېڭىدىن سۇ ئالغىنى سابىت ئەمەس. ئەمما، ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنى سەھىھ يول بىلەن يېتىپ كەلگەن.(سەفىيۇررەھمان مۇبارەكفۇرى-بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 39-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىسى)

[40] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى ئۈممىتىم تاھارەت ئىزى سەۋەبلىك يۈز، بىلەك ۋە پۇتلىرى ئاپئاق نۇرلۇق شەكىلدە كېلىدۇ. ئۇ ھالدا سىلەردىن كىم بۇ پارلاقلىقنى ئاشۇرالاشقا قادىر بولسا شۇنداق قىلسۇن.»(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ ھەدىسنىڭ تېكىستى مۇسلىمغا تەۋە)

[41] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايىقىنى كىيىشتە، چېچىنى تاراشتا، پاكىزلىنىشىدا ۋە ھەممە ئىشىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

[42] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا (ئەزالارنى يۇيۇشنى) ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭلار.» (تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 42-نومۇرلۇق ھەدىس)

[43] مۇغىيرە ئىبنى شۇئبەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالدى. ماڭلاي چېچىغا، سەللىسىگە ۋە پايپىقىغا مەسىھ قىلدى.» (مۇسلىم)

[44] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەج قىلىش شەكلىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«ئاللاھنىڭ باشلىغىنى بىلەن باشلاڭلار.» (نەسائىي بۇ ھەدىسنى مۇشۇ شەكىلدىكى بۇيرۇق شەكلىدە رىۋايەت قىلغان؛ مۇسلىم خەۋەر شەكلى بىلەن رىۋايەت قىلغان)

[45] يەنە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغىنىدا سۇنى جەينەكلىرىنىڭ ئۈستىگىچە چىقىراتتى.» (ھەدىسنى داراقۇتنى زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)

[46] [47] [48] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىغان (يەنى بىسمىللاھ دېمىگەن) كىشىنىڭ تاھارىتى يوقتۇر.» (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان؛ تىرمىزى سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسنى نەقىل قىلغان. ئىمام ئەھمەد ھەدىس ھەققىدە «بۇ مەزمۇندا قوبۇل قىلىنىدىغان كەسكىن رىۋايەت يوق» دېگەن)

[49] تەلھە ئىبنى مۇسەررىف رەھىمەھۇللاھ دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئايرىم ئايرىم سۇ ئالغىنىنى كۆردۈم.» (ئەبۇ داۋۇد زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)

[50] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى مۇنداق بايان قىلغان:«…ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئالدى. قولىدىكى سۇدا ھەم ئاغزىنى ۋە ھەم بۇرنىنى چايقايتتى.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي)

[51] ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«… ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (قولىغا) سۇ ئالاتتى، بىر چاڭگال سۇ بىلەن ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ بېرەتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم)

بۇھەدىس ھەققىدە مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى مۇنداق دېگەن دېگەن: قولىدىكى بىر ئالقان سۇ بىلەن ھەم ئاغزىغا، ھەم بۇرنىغا سۇ ئالاتتى. تەلھە ئىبنى مۇسەررىفنىڭ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئايرىم-ئايرىم سۇ ئېلىپ (چايقىغىنىنى) كۆردۈم» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 49-نومۇرلۇق ھەدىسىدە بۇ ھەدىسنى زەئىپ (ئاجىز) دەپ باھالىغان) دېگەن بۇ ھەدىسىدىكى مۇسەررىفنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپتۇر. سۇبۇلۇسسالامنىڭ ئاپتورى ئىمام سەنئانى مۇنداق دېگەن: ئېغىز ۋە بۇرۇنغا بىرلىكتە ياكى ئايرىم-ئايرىم سۇ ئېلىش توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر بولغانلىقى، ئېغىز بىلەن بۇرۇنغا بىرلىكتە سۇ ئېلىش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ تېخىمۇ سەھىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىلى ئەھۋال سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 51-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)(شەرھ تەرجىمىسى چالا)

[52] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پۇتىنىڭ تىرناقچىلىك يېرىگە سۇ تەگمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «قايتىپ بېرىپ تاھارىتىڭنى مۇكەممەل ئال» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي)

[53] يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر مۇد (تەخمىنەن يەتتە يۈز گرام) سۇدا تاھارەت ئالاتتى. بىر سائ (تەخمىنەن 2750 گرام) دىن بەش مۇد (تەخمىنەن 3450 گرام) قىچە سۇدا يۇيۇناتتى.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم)

[54] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى ياخشى تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ‹ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ بىرلىكىگە ۋە شېرىكى يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دېسە، جەزمەنكى، ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. بۇلۇغۇلمەرام 54-نومۇرلۇق ھەدىس)

تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:

«ئى ئاللاھىم! مېنى كۆپ تەۋبە قىلغان ۋە پاكلانغانلار قاتارىدىن قىلغىن.»

[5] پايپاق ۋە مەيسىلەرگە مەسىھ قىلىش بۆلۈمى

[55] مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە ئىدىم. تاھارەت ئالماقچى بولغىنىدا ئاياق كىيىمىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئېگىلدىم. بىراق، ئۇ زات ماڭا «ئۇلارنى ئۆز پېتى قويغىن. چۈنكى، ئۇلارنى پاكىز پۇتۇمغا كىيگەنمەن» دېدى ۋە پايپاق-مەيسىسىگە مەسىھ قىلدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)

[56] نەسائىيدىن باشقا تۆت ئىمامنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پايپاق-مەيسىسىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاستىغا مەسىھ قىلدى.» (بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى زەئىپ)

[57] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ناۋادا دىننى ئەقىل ۋە چۈشەنچىگە ئاساسلانغان بولسىدى، ئاياق كىيىمىنىڭ ئاستىغا مەسىھ قىلىش ئۈستىگە مەسىھ قىلىشتىن ئەلا ھېسابلانغان بولاتتى. بىراق، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياق كىيىمىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغىنىنى كۆردۈم.» (ئەبۇ داۋۇد ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)

[58] سەفۋان ئىبنى ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن سەپەردە بولغىنىمىزدا ئۇ زات بىزگە جۇنۇبلۇق ھالىتىمىزدىن سىرتقى ئۇخلاش، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن (تاھارىتىمىز سۇنغان تەقدىردىمۇ) ئاياق كىيىمىمىزنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز سالماسلىقىمىزنى (ئاياق كىيىمىمىزگە مەسىھ قىلىشنى) بۇيرۇيتتى.»(ھەدىس نەسائىي ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تېكىستى تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)

[59] ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇساپىرغا ئۈچ كېچە-كۈندۈز؛ مۇساپىر بولمىغانلارغا بىر كېچە-كۈندۈز ئاياق كىيىمىگەمەسىھ قىلىش مۇددىتىنى بەلگىلەپ بەردى.» (مۇسلىم)

[60] سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر قوشۇن ھازىرلاپ ئۇلارغا سەللىسىگە ۋە ئاياق كىيىمىگە مەسىھ قىلىشنى بۇيرۇدى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن)

[61][62] ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەۋقۇف، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەرفۇئ ھالەتتە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«سىلەردىن بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ پۇتىغا مەيسە-پايپاق كىيسە، (كىيىنكى قېتىم تاھارەت ئالغاندا) ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن. ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن ۋە خالىسا جۇنۇبلۇق ھالىتىدىن باشقىسىدا ئۇلارنى پۇتىدىن سالمىسۇن.» (ھەدىس داراقۇتنى ۋە ھاكىمنىڭ؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن)

[63] ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پۇتىغا تاھارەتلىك ھالدا ئاياق كىيىمى كىيگەن مۇساپىرغا ئۈچ كېچە-كۈندۈز، يولۇچى بولمىغانلارغا بىر كېچە-كۈندۈز ئاياق كىيىمىگە مەسىھ قىلىش رۇخسىتى بەردى.» (ھەدىس داراقۇتنىنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)

[64] ئۇبەي ئىبنى ئىمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاياق كىيىمىمگە مەسىھ قىلايمۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەلۋەتتە» دېدى. مەن «بىر كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق» دېدى. مەن «ئىككى كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق» دېدى. مەن «ئۈچ كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق، سەن خالىغان مۇددەت» دېدى. (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى ئاجىز دېگەن)

[6] تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار بۆلۈمى

[65] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى ساقلايتتى، شۇ ھالىتىدە باشلىرى (مۈگىدەك سەۋەبىدىن) ساڭگىلاپ كېتەتتى. ئاندىن (رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن چىققاندا) تاھارەت ئالماستىنلا ناماز ئوقۇيتتى.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ داراقۇتنى سەھىھ دېگەن؛ ھەدىسنىڭ ئەسلى مۇسلىمدا بار)

[66] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە بىنتى ئەبۇ خۇبەيش (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئىستىھازە كېسىلى بولغان ئايالمەن. بۇ سەۋەبلىك پاك بولالمايمەن. (شۇنداق بولغاندىكىن) ناماز ئوقۇمايمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، بۇ ھەيز قېنى ئەمەس تومۇردىن كەلگەن قاندۇر. ھەيز قېنى كەلگەندە ناماز ئوقۇماڭ. ھەيز قېنى توختىغاندا، تومۇردىن كەلگەن قاننى يۇيۇڭ ۋە ناماز ئوقۇڭ» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «كېيىن ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ» دەپ كەلگەن. مۇسلىم ئۆزىنىڭ بۇ لەۋزىنى قەستەن بايان قىلمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

[67] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن كۆپ مەزى كېلىدىغان ئادەم ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇنىڭ ھۆكۈمىنى سوراش ئۈچۈن مىقداد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن ئۆتۈندۈم. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «(مەزىي كەلگەن كىشى) پەقەتلا تاھارەت ئالىدۇ» دەپتۇ. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ تېكىستى بۇخارىنىڭ)

[68] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللىرىدىن بىرىنى سۆيدى. ئاندىن تاھارەت ئالماستىنلا نامازغا چىقتى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەدنىڭ؛ بۇخارى زەئىپ دېگەن)

[69] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسە ھېس قىلسا ۋە (مەئقىتىدىن) بىر نەرسىنىڭ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىدا شۈبھىلەنسە، ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى بىرەر پۇراقنى پۇرىمىغۇچە مەسجىدتىن چىقمىسۇن.» (مۇسلىم)

[70] تەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىرەيلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «مەن جىنسىي ئەزايىمنى تۇتتۇم» ياكى «نامازدا جىنسىي ئەزاسىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئېلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، ئۇ سېنىڭ بىر پارچاڭدۇر» دېدى. (ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان؛ ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى مەدىينى ھەدىس توغرۇلۇق ‹بۇ ھەدىس بۇسرا ھەدىسىنىڭ ئەڭ گۈزىلىدۇر› دېگەن)

[71] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئالسۇن.»(ئەبۇ داۋۇد 181؛ نەسائىي 1\10؛ تىرمىزى 82؛ ئىبنى ماجە 479؛ بۇلۇغۇلمەرام 71-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇلمەرام› دا بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن. بۇخارى بۇ ھەدىسنى ‹مۇشۇ ھەقتىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس› دېگەن.) مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى ‹بۇلۇغۇلمەرام شەرھى› دە بۇ ھەدىستىكى «جىنسىي ئەزاسىنى تۇتسا» دېگەن كەلىمىنى «جىنسىي ئەزاسىنى ھېچقانداق ۋاسىتىسىز ھالدا قولى بىلەن بىۋاسىتە تۇتسا» دەپ شەرھلىگەن.

[72] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا بۇرنى قانىسا، ئاغزىغا بىر نەرسە يېنىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئاشقازىنى بىئارام بولسا ياكى مەزىي كېلىپ كەتسە نامازنى قويۇپ، بېرىپ تاھارەت ئالسۇن. ئاندىن ھېچبىر گەپ قىلماستىن كېلىپ نامىزىنى كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسۇن.» (ھەدىس ئىبنى ماجەنىڭ؛ ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار ھەدىسنى زەئىپ دېگەن)

[73] جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قوي گۆشى يېگەنلىكىم ئۈچۈن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خالىساڭ ئال» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم «تۆگە گۆشى (يېيىش) سەۋەبلىك تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە، تاھارەت ئالىسەن» دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 73-نومۇرلۇق ھەدىسى)

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: تۆگىنىڭ گۆشىنى يېيىش بولسۇن، ئىچكى ئەزالىرىنى بولسۇن، ياكى باشقا يېرىنى يېيىش بولسۇن ئوخشاشلا تاھارەتنى بۇزىدۇ. (فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام 1\347)

[74] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىر ئۆلۈكنى يۇيسا، ئۆزىنىمۇ يۇسۇن. كىم بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرسە تاھارەت ئالسۇن.»(ھەدىس ئىمام ئەھمەد، نەسائىي ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ھەسەن دېگەن. ئىمام ئەھمەد ‹بۇ ھەقتە سەھىھ رىۋايەت يوق› دېگەن)

[75] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكر رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەمر ئىبنى ھەزمگە ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا مۇنداق يېزىلغان:«قۇرئاننى پاك بولغاندىن باشقا كىشى تۇتمىسۇن.» (ھەدىسنى ئىمام مالىك مۇرسەل ھالەتتە رىۋايەت قىلغان؛ نەسائىي ۋە ئىبنى ھىببان مەۋسۇل ھالەتتە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىس مەئلۇل ھەدىستۇر)

[76] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەممە ھالىتىدا ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى.» (ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ بۇخارى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)

[77] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قان ئالدۇردى ۋە تاھارەت ئالماستىن ناماز ئوقۇدى.» (ھەدىسنى داراقۇتنى رىۋايەت قىلىپ، زەئىپ دېگەن)

[78][79][80] مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كۆز مەقئەتنىڭ بوغۇچىدۇر. كۆزلەر ئۇخلىغاندا بوغۇش يېشىلىدۇ.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە تەبرانىنىڭ)

تەبرانىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:

«كىم ئۇخلىسا تاھارەت ئالسۇن.» (ھەدىستىكى بۇ ئارتۇقلۇق ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىگە ئوخشاش «باغ يېشىلىدۇ» ئىپادىسى يوق ھالەتتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتى سۈپىتىدە يەر ئالغان. بىراق ھەر ئىككى رىۋايەتنىڭ ئىسنادى زەئىپ)

ئەبۇ داۋۇد ئىبنى ئابباستىن مەرفۇئ ھالەتتە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

«تاھارەت ئېلىش سوزۇلۇپ ياتقان كىشى ئۈچۈندۇر.» (بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىپلىك بار)

[81][82][83][84] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا شەيتان يېنىغا كېلىپ ئارقىسىغا پۈۋلەيدۇ. ئۇ تاھارىتىم بۇزۇلدى دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە تاھارىتى بۇزۇلغان بولمايدۇ. ئەگەر بىرىڭلار بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسە ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراقنى پۇرىمىغۇچە نامىزىدىن ئايرىلمىسۇن.»(ھەدىسنى بەززار توپلىغان)

ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدتىن رىۋايەت قىلىنغان.

مۇسلىم بۇ ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان.

ھاكىم ئەبۇ سەئىدتىن مەرفۇئ ھالەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«شەيتان بىرىڭلارغا كېلىپ ‹تاھارىتىڭ بۇزۇلدى› دېسە، شەيتانغا ‹يالغان سۆزلىدىڭ› دېسۇن.»(ئىبنى ھىببان بۇ ھەدىسنى «ئۆزۈڭ شۇنداق دەۋالدىڭ» لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلغان)

[7] ھاجەت سۇندۇرۇش ئەدەپلىرى بۆلۈمى

[85] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خالاغا كىرىدىغاندا ئۈزۈكىنى ئېلىۋېتەتتى.»(تۆت ئىمام توپلىغان؛ بۇ ھەدىس مەئلۇل)

[86] يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خالاغا كىرىدىغاندا ‹ئى ئاللاھىم! ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلاردىن ساڭا سېغىنىمەن.»(يەتتە ئىمام توپلىغان)

شەرھ: بىلىنىشى كېرەككى، ھاجەت قىلىنماقچى بولغان جاي چاتقاللىق ياكى ئەتراپى ئېتىك يەر بولسا، بۇ دۇئا ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن ئەمەس، كىرىشتىن ئاۋۋال ئوقۇلىدۇ. ئەگەر ئوچۇقچىلىق بولسا، ئولتۇرۇشتىن ئاۋۋال كىيىمنى سىيرىيدىغاندا ئوقۇلىدۇ.

[87] يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت قىلىش ئۈچۈن خالاغا چىققاندا مەن ۋە مەندەك بىر بالا سۇ تۇلۇمى بىلەن ئۇچىدا تۆمۈرى بار تاياقنى ئېلىپ كەينىدىن باراتتۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇ سۇدا ئىستىنجا قىلاتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 87-نومۇرلۇق ھەدىس)

[88] مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا ‹سۇ تۇلۇمىنى ئال!› دېدى ۋە مەن كۆرمىگۈدەك دەرىجىدە ماڭغاندىن كېيىن ھاجىتىنى سۇندۇردى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)

شەرھ: «مەن كۆرمىگۈدەك دەرىجىدە» يەنى مەندىن يوشۇرۇنۇپ، مەن كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە ھاجىتىنى سۇندۇردى.

[89]\[92] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لەنەتكە قالىدىغان ئىككى ئىشتىن ئۇزاق تۇرۇڭلار. بۇلار، ئىنسانلار ماڭىدىغان يوللارغا ياكى سايىدايدىغان يەرلەرگە ھاجەت قىلغۇچىلاردۇر.» (مۇسلىم)

ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايەتتە «ۋە سۇ بويىدا» دېگەن لەۋز ئارتۇق كەلگەن. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتى مۇنداق:

«لەنەت قىلىنغان ئۈچ يەردىن ساقلىنىڭلار. بۇلار ھاجەت سۇندۇرۇلغان سۇ بويى، يول ياقىسى ۋە سايىلىك جايلاردۇر.»

ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايىتىدە «ياكى سۇ يىغىلىدىغان يەرلەر» دەپ كەلگەن. يۇقارقى ئىككىلى رىۋايەت زەئىپ.

ئىمام تەبرانى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئاستىغا ۋە ئاقار سۇ بويىغا ھاجەت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. بىراق، بۇ رىۋايەتنىڭمۇ سەنەدى زەئىپتۇر.

[93] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى كىشى ھاجەت قىلماقچى بولغىنىدا ھەر بىرى ھەمراھىدىن يوشۇرۇنسۇن ۋە بىر بىرى بىلەن گەپلەشمىسۇن. چۈنكى، ئاللاھ بۇنداق قىلىنىشىدىن قاتتىق غەزەبلىنىدۇ.» (ئىمام ئەھمەد رىۋيەت قىلغان؛ ئىبنۇس سەكەن ۋە ئىبنۇل قەتتان سەھىھ دېگەن؛ بىراق، بۇ ھەدىس مەئلۇل)

[94] ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم سىيىۋاتقىنىدا زەكىرىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتمىسۇن؛ تەرەت قىلىپ بولۇپ ئوڭ قولى بىلەن پاكلانمىسۇن؛ سۇ ئىچكەن چىنىگە تىنمىسۇن-پۈۋلىمىسۇن.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ تېكىستى مۇسلىمنىڭ)

[95] سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزنى سىيگەن ۋە تەرەت قىلغان چېغىمىزدا قىبلىگە ئالدىمىزنى قىلىشتىن؛ ئوڭ قولىمىز بىلەن ياكى ئۈچتىن ئاز تاش بىلەن ياكى تېزەك ۋە سۆڭەك بىلەن پاكلىنىشتىن چەكلىدى.» (مۇسلىم)

[96] يەتتە ئىمام ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىيگەن ياكى تەرەت قىلغاندا  ئالدىڭلارنى ياكى ئارقاڭلارنى قىبلىگە قىلماڭلار؛ شەرق ياكى غەربكە يۈزلىنىڭلار.»

[97] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«كىم ھاجەت سۇندۇرۇش ئۈچۈن چىقسا يوشۇرۇنسۇن.» (ئەبۇ داۋۇد)

[98] يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ چىققنىدا ‹غۇفرانەكە›(مېنى مەغفىرەت قىلغىن) دەيتتى.»(ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان؛ ئەبۇ ھاتىم ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن)

[99] ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن چىقتى ۋە ماڭا ئۆزى ئۈچۈن ئۈچ تال تاش ئەكىلىشىمنى بۇيرۇدى. مەن ئىككى تال تاش تاپقان بولساممۇ، ئۈچىنچىسىنى تاپالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا تېزەك ئەكەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى تال تاشنى ئالدى، تېزەكنى ئاتتى ۋە ‹نىجىستۇر› دېدى.» ھەدىسنى ئىمام بۇخارى توپلىغان. ئىمام ئەھمەد ۋە داراقۇتنىنىڭ رىۋايىتىدە «ماڭا باشقىسىنى ئەكەلگىن» دەپ كەلگەن.

[100] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزنىڭ سۆڭەك ياكى تېزەك بىلەن پاكلىنىشىمىزنى چەكلەپ، «بۇ ئىككىسى پاكلىمايدۇ» دېدى. (داراقۇتنى رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن)

[101] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۈيدۈكتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ قەبرە ئازابىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.» ھەدىسنى داراقۇتنى توپلىغان. ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«قەبىر ئازابىنىڭ زور كۆپچىلىكى سۈيدۈكتىندۇر.» بۇ رىۋايەتنىڭ ئىسنادى سەھىھ.

[102] سۇراقە ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە خالادا سول پۇتىمىزغا تايىنىپ ئولتۇرۇشنى ۋە ئوڭ پۇتىمىزنى تىكلەپ ئولتۇرۇشنى ئۆگەتتى.» ھەدىسنى بەيھەقى زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.

[103] ئىسا ئىبنى يەزداد دادىسىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار سىيىپ بولۇپ، زەكىرىنى ئۈچ قېتىم سىقىۋەتسۇن.» ھەدىسنى ئىبنى ماجە زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.

[104]\[105] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇبا خەلقىدىن «ئاللاھ سىلەرنى نېمىشقا ماختايدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار «بىز تاش بىلەن پاكلىنىپ، ئارقىدىن سۇ بىلەن پاكلىنىمىز» دېدى. بۇ ھەدىسنى بەززار زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. بىراق، ھەدىسنىڭ ئەسلى ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىدا بار. ئىبنى خۇزەيمە بۇ ھەدىسنى تاش ئىپادىسى يوق ھالەتتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ۋە سەھىھ دېگەن.

[8] غۇسل ۋە جۇنۇبلۇق بۆلۈمى

[106] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۇ (بىلەن يۇيۇنۇش) ـــ سۇ (يەنى مەنىي) سەۋەبلىك كېرەك بولىدۇ.» ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ئەسلى بۇخارىدا بار.

[107] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار ئايالىنىڭ تۆت پاچىقى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ غەيرەت سەرىپ قىلسا ئۇنىڭغا غۇسل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ.» ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «مەنىي چىقمىغان تەقدىردىمۇ» دەپ ئارتۇق كەلگەن.

[108] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئەبۇ تەلھەنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۇلەيم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شۈبىھسىزكى، ئاللاھ ھەقتىن ھايا قىلمايدۇ. ئايال كىشى ئېھتىلام بولسا غۇسل قىلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە، ئەگەر (مەنى) سۈيىنى كۆرسە (يۇيۇنىدۇ)» دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)

[109] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇيقۇسىدا ئەركەكنىڭ كۆرگىنىنى كۆرگەن (يەنى ئېھتىلام بولغان) ئايال كىشى توغرىسىدا توختىلىپ «غۇسل قىلىدۇ» دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «ئايال كىشى ئېھتىلام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق، بولمىسا (بالىنىڭ ئانىغا ) ئوخشىشى نەدىن كېلىدۇ؟» دېدى. (مۇسلىم)

[110] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنۇ تۆت خىل ئەھۋالدا غۇسل قىلاتتى:«جۇنۇب بولسا، جۈمە كۈنى بولسا، قان ئالدۇرسا ۋە مىيىتنى يۇيسا.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)

[111] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇمامە ئىبنى ئۇسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«سۇمامە ئىبنى ئۇسال مۇسۇلمان بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا يۇيۇنۇشنى بۇيرۇدى.» (ھەدىسنى ئابدۇررازاق رىۋايەت قىلغان؛ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدابار)

[112] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىرەيلەنگە ۋاجىبتۇر.» (ھەدىسنى يەتتە ئىمام توپلىغان)

[113] سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم جۈمە كۈنى تاھارەت ئالسا بۇ نېمىدېگەن ياخشى. كىم جۈمە كۈنى يۇيۇنسا، بۇ تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر.» (ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن)

[114] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇب بولمىغانلىكى مۇددەتتە بىزگە قۇرئان ئوقۇتاتتى.» (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە تۆت ئىمام توپلىغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى تىرمىزىغا ئائىت. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)

[115]\[116] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە تەكرارلىماقچى بولسا، ئىككى مۇناسىۋەت ئارىسىدا تاھارەت ئالسۇن.» (مۇسلىم) ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ بايان ئارتۇق كەلگەن:

«چۈنكى، تاھارەت ئېلىش مۇناسىۋەتنى تەكرارلاشقا كۈچ بېرىدۇ.»

تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇق ھالىتىدە، سۇغا يېقىن كەلمەستىن (يەنى يۇيۇنماستىن ياكى تاھارەت ئالماستىن) ئۇخلايتتى.» (بۇ ھەدىس مەئلۇل)

[117]\[118] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسۇل قىلماقچى بولسا ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن سۇنى ئوڭ قولى بىلەن سول قولۇغا تۆكۈپ ئەۋرىتىنى (ئەتراپى بىلەن قوشۇپ) يۇياتتى، ئارقىدىن تاھارەت ئالاتتى. ئارقىدىن سۇنى ئېلىپ بارماقلىرىنى چېچىنىڭ يىلتىزىغىچە ياخشى چۆكتۈرەتتى. ئاندىن، ئوچۇمى بىلەن بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ تۆكەتتى، ئارقىدىن بەدىنىنىڭ باشقا يەرلىرىگە سۇ قۇياتتى. ئاخىرىدا پۇتلىرىنى يۇياتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ تېكىستى مۇسلىمنىڭ)

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ئاندىن سۇنى ئەۋرىتىگە تۆكۈپ، سول قولى بىلەن يۇياتتى. ئاندىن، قولىنى يەرگە سۈركەيتتى.»

بىر رىۋايەتتە، «قولىنى يەرگە سۈركەيتتى» جۈملىسىنىڭ ئارقىسىدىن مۇنۇ بايانلار كەلگەن:«ئاندىن ئۇ زاتقا بىر لۆڭگە ئېلىپ كەلدىم، ئەمما لۆڭگىنى ئالمىدى.»

بىر رىۋايەتتە مۇنۇ بايانمۇ مەۋجۇت:«ئاندىن (بەدىنىدىكى) سۇنى قولى بىلەن سىيرىشقا باشلىدى.»

[119] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن چېچىنى ئۆرۈۋالىدىغان ئايالمەن. جۇنۇبلۇقتىن – باشقا بىر رىۋايەتتە ھەيزدىن – پاكلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنغاندا چېچىمنى چۇۋۇيمەنمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ زات «ياق، ئالقىنىڭ بىلەن بېشىڭغا ئۈچ قېتىم سۇ تۆكۈشۈڭ سەن ئۈچۈن يېتەرلىك» دېدى. (مۇسلىم)

[120] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن ھەيزدار ئايالغا ۋەياكى جۇنۇبلۇق ھالىتىدىكىلەرگە مەسجىتنى ھالال قىلمايمەن.» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)

[121] يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ:«مەن ۋە رەسۇلۇللاھ جۇنۇبلۇق سەۋەبلىك ئوخشاش كومزەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇناتتۇق. قوللىرىمىز كومزەكنىڭ ئىچىگە نۆۋەت بىلەن كىرىپ چىقاتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)

ئىبنى ھىببانىڭ رىۋايىتىدە «قوللىرىمىز بىر-بىرىمىزنىڭكىگە تېگىشەتتى» دېگەن جۈملە ئارتۇق كەلگەن.

[122]\[123] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر تال چاچنىڭ ئاستىدا جۇنۇبلۇق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن چاچنى ياخشى يۇيۇڭلار، تېرىنى ياخشى پاكىزلاڭلار.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن؛ ئىمام ئەھمەد بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھەدىسنى ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان. بىراق، بۇ رىۋايەتتىمۇ نامەلۇم راۋىيدىن بىرى بار)

[9] تەيەممۇم بۆلۈمى

[124]\[125]\[126] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ماڭا مەندىن ئىلگىرىكى ھېچكىمگە بېرىلمىگەن بەش ئالاھىدىلىك بېرىلدى. ماڭا بىر ئاي يىراقلىقتىكى مۇساپىدىن دۈشمەنگە قورقۇنچى سېلىنىش بىلەن ياردەم بېرىلدى. ماڭا پۈتۈن يەر يۈزى پاك ۋە مەسجىد قىلىندى. بۇ سەۋەبلىك ھەر كىم ناماز ۋاقتى كىرسە، تۇرغان يېرىدە ناماز قىلسۇن.»راۋى ھەدىسنىڭ داۋامىنىمۇ زىكىر قىلماقتا.

شەرھ: *«تۇرغان يېرىدە» يەنى پاكلىنىش ئۈچۈن سۇ، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىد تاپالمىسا تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ تۇرغان يېرىدە نامىزىنى ئوقۇسۇن.

* ئاپتور (ئىبنى ھەجەر) بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ پەقەتلا ئىككى ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بولدى قىلماقتا. رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئۈچ ئالاھىدىلىكى مۇنۇلاردۇر: غەنىيەتلەرنىڭ ئۇ زاتقا (ۋە ئۈممىتىگە) ھالال قىلىنىشى، قىيامەت كۈنى چوڭ شاپائەت قىلىشى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشى.

ئىمام مۇسلىمنىڭ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايىتى مۇنداق:«سۇ تاپالمىساق، تۇپراق بىزگە پاك قىلىندى.»

ئىمام ئەھمەد ئائىشە ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:«…تۇپراق ماڭا پاك قىلىندى…»

[127] ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مېنى بىر ئىش ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى. (شۇ ئەسنادا) جۇنۇب بولدۇم ئەمما سۇ تاپالمىدىم. بۇنىڭ بىلەن، ھايۋاننىڭ توپىدا ئېغىنىغىنىدەك ئېغىنىدىم. كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ قىلغان بۇ ئىشىمنى بايان قىلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹قولۇڭ بىلەن مۇنداق قىلغان بولساڭ ساڭا يېتەرلىك بولاتتى› دەپ ئىككى قولىنى توپىغا بىر قېتىم ئۇردى، ئاندىن سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى. ئاندىن قولىنىڭ دۈمبىسىگە ۋە يۈزىگە مەسىھ قىلدى.» (مۇسلىم)

ئىمام بۇخارىنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:«ئىككى ئالقىنى بىلەن يەرگە ئۇرغاندىن كېيىن ئالقىنىنى پۈۋلىدى. ئاندىن، ئالىقانلىرى بىلەن يۈزىگە ۋە ئالىقانلىرىغا مەسىھ قىلدى.»

[128] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تەيەممۇم ئىككى ئۇرۇشتۇر. بىر ئۇرۇش يۈز ئۈچۈن، ئىككىنچى ئۇرۇش جەينەكلەرگە قەدەر بېلەكلەر ئۈچۈندۇر.» (داراقۇتنى رىۋايەت قىلغان؛ ھەدىس ئىماملىرى بۇ ھەدىسنى سەھىھ مەۋقۇف دېگەن)

[129][130] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئون يىل سۇ تاپالمىغان تەقدىردىمۇ، تۇپراق مۇسۇلماننىڭ تاھارىتىدۇر. سۇ تاپقاندا ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە ئۇنى تېرىسىگە سۈركىسۇن.»(بەززار رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى قەتتان سەھىھ دېگەن؛ داراقۇتنى مۇرسەل ھالەتتىكى ھەسەن ھەدىس دېگەن؛ تىرمىزى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر رىۋايەتنى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان؛ ھاكىم بۇ رىۋايەتنى سەھىھ دېگەن)

[131] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئىككى ئادەم سەپەرگە چىقتى. ناماز ۋاقتى كەلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ يېنىدا سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى پاكىز تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن، تېخى شۇ نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمەستىن سۇ تاپتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بىرى تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇدى. يەنە بىرى قايتا ئوقۇمىدى. كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئاڭلاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى قايتا ئوقۇمىغان ساھابىسىگە ‹توغرا بولغىنىنى قىلدىڭ. ئوقۇغان نامىزىڭ ساڭا يېتەرلىكتۇر› دېدى. نامىزىنى قايتا ئوقۇغان ساھابىسىگە ‹سەن ئىككى ئەجىرگە ئېرىشتىڭ› دېدى.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي)

[132] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {ئەگەر ئاغرىپ قالغان ياكى يولۇچىلىق ھالىتىدە بولغان بولساڭلار}(مائىدە سۈرىسىنىڭ 6-ئايىتىنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلغان:«ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان بىر كىشى يارىلانسا ياكى بەدىنىگە يارا چىقسا، بۇ ھالەتتە جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ يۇيۇنسا ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلسا تەيەممۇم قىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى داراقۇتنى مەۋقۇف ھالەتتە، بەززار مەرفۇئ ھالەتتە رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)

[133] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر بېلىكىم سۇنۇپ كەتكەن ئىدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تېڭىق ئۈستىگە مەسىھ قىلىشىمنى بۇيرۇدى.» (ئىبنى ماجە بەك زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)

[134] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشى يېرىلغان، شۇ ھالەتتە ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ يۇيۇنغان ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇنىڭ تەيەممۇم قىلىشى يېتەرلىك ئىدى. يارىسىنى بىر پارچە تېڭىقتا تېڭىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسا بولاتتى. ئاندىن بەدىنىنىڭ باشقا يېرىنى يۇياتتى.» (ئەبۇ داۋۇد زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان؛ ھەدىسنىڭ راۋىلىرى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار)

[135] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«سۈننەت شۇكى، كىشىنىڭ بىر تەيەممۇم بىلەن پەقەت بىر نامازنىلا قىلىشى، باشقا ناماز ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئېلىشىدۇر.» (بۇ ھەدىسنى داراقۇتنى بەك زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)

[10] ھەيز بۆلۈمى

[136] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە بىتنى ئەبۇ ھۇبەيش ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئىكەن، بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «ھەيز قېنى تونۇشلۇق بولغان قارامتۇل قاندۇر. ئەگەر كۆرگەن قېنىڭىز مۇشۇنىڭدەك بولسا ناماز ئوقۇماڭ. باشقا خىل قان بولسا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇڭ» دېدى. (ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ ئەبۇ ھاتىم مۇنكەر دېگەن)

[137] ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئىستىھازە كېسىلى بولغان ئايال) ئىچىدە سۇ بار داسقا ئولتۇرسۇن. ئەگەر سۇدا سېرىقلىق كۆرسە پېشىن ۋە ئەسىر نامىزى ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنسۇن. بامدات نامىزى ئۈچۈنمۇ بىر قېتىم يۇيۇنسۇن. ياكى، بۇ نامازلار ئارىسىدا تاھارەت ئالسۇن.»

شەرھى:«پېشىن ۋە ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن»: يەنى پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 68-بەت)

[138] ھەمنە بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلاڭ. ئاندىن غۇسل قىلىڭ. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇڭ، روزا تۇتتۇڭ. بۇ سىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سىزمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىلىڭ. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچىڭىز يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇڭ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچىڭىز يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقڭۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇڭ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)

شەرھ: «بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.

«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)

[139] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئىستىھازە قېنى توغرىسىدا سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەيز سىزنى نامازدىن توسۇق قويغان مۇددەت ئىچىدە ساقلاڭ، ئاندىن يۇيۇنۇڭ» دېدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇناتتى. ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ» دەپ كەلگەن.

بۇ رىۋايەت ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن باشقا خىل يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان.

ئىستىھازە بولغان ئايالغا غۇسل ۋاجىپمۇ؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

ئىستىھازە: ئايال كىشىدىن ھەيز مۇددىتى ۋە نىفاس مۇددىتىنىڭ سىرتىدا كەلگەن قاندۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ئىستىھازە قېنى كۆردى. بۇنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا غۇسل قىلىشنى بۇيرۇپ «بۇ تومۇردىن كەلگەن قان» دېدى. ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلاتتى. (سەھىھۇل بۇخارى 327-نومۇرلۇق ھەدىس)

ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇلبارى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: … بىراق، ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرەر قانائەتكە تايىنىپ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلشنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلغان. بۇ ھەقتە ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا غۇسل قىلىپ ناماز ئوقۇشنى بۇيرۇدى. بىراق، ئۇ ھەر ناماز ئۈچۈن نەپلە سۈپىتىدە غۇسل قىلدى.» لەيس ئىبنى سەئد مۇسلىمدىكى رىۋايەتتە يۇقارقىغا ئوخشاش كۆز قاراشنى تاللىغان:«ئىبنى شىھاب رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇممۇ ھەبىبەگە ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشنى بۇيرىغىنىنى تىلغا ئالمىغان. ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىش ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ئۆزى خالاپ قىلغان ئىشىدۇر.» كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ بۇ ھەقتە يۇقارقى كۆز قاراشتا.

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە: ئىستىھازە قېنىنى كۆرۈۋاتقان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشى كېرەك ئەمەس. بىراق، خالىسا ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلسا بولىدۇ (بۇنداق قىلىش مۇستەھەپ). ئىستىھازە قېنىنى كۆرگەن ئايالغا پەرز بولغىنى ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشتۇر. (ئىمام ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارى» 1\546)

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: بۇ ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھەر ناماز ۋاقتى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىمام شافىي، ئەبۇ سەۋر ۋە رەي ئەسھابى (يەنى ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى) نىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ خۇبەيشنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «… ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئال» دەپ بۇيرۇغان. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، بۇخارى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان) (ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\182)

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى شۇكى- غۇسل ھەيزدىن پاكلانغاندا كېرەك بولىدۇ. (ھەيز ۋە نىفاستىن سىرتقى) باشقا ھالەتلەردە (كەلگەن قان ئۈچۈن) ھەر نامازدا تاھارەت ئالىدۇ. بۇنىڭا ئائىت دەلىللەر بار . بەزى ھەدىسلەردە ئورۇن ئالغان «غۇس قىلىش بۇيرۇقى» ۋاجىپ (پەرز) لىكنى ئەمەس، مۇستھەپلىكنى بىلدۈرىدۇ. (ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\183)

ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام» دا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:

ھەمنە بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلا. ئاندىن غۇسل قىل. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇ، روزا تۇت. بۇ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سەنمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىل. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)

مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن (شەرھنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنىلا ئالدىم):

«بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.

«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)

مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام» دىكى 137-نومۇرلۇق ھەدىسننىڭ «پېشىن ۋە ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن» دېگەن بۆلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. بۇندا ھالەتتە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 68-بەت)

ئىستىھازىلىك ئايالنىڭ ھەر نامازدا يۇيۇنىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئىكرىمە، رەبىئە، ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشى بار. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئىختىلاپتىن قېچىش ئۈچۈن ھەر نامازدا غۇسل قىلىشنى تېخىمۇ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. («ئەلمۇغنى» 1\182،183-بەتلەر)

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: (ئىستىھازە ئايالنىڭ) ھەر نامازدا بىر قېتىم تاھارەت ئېلىشى يېتەرلىك، بۇ ئەمەل جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن چەك بولۇپ، ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشى يېتەرلىك.(«ئەلمۇغنى» 1\184)

[140] ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز (ھەيزدىن) پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئەرزىگۈدەك بىر نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام› 140-نومۇرلۇق ھەدىس)

بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز ھېسابلانمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)

[141] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: يەھۇدىيلار ئايالى ھەيزدار بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەپ ئىچمەيتتى. بۇ ۋەجىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ھەيزدار ئايال بىلەن) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلىڭلار.» (مۇسلىم)

[142] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  تامبىلىمنى كىيىۋېلىشىمنى بۇيرۇيتتى. ئاندىن مەن ھەيزدار ھالەتتە تۇرساممۇ، مەن بىلەن مەشغۇل بولاتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)

[143] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان كىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:«بىر دىنار ياكى يېرىم دىنار سەدىقە بېرىدۇ.» (بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ھاكىم ۋە ئىبنى قەتتان سەھىھ دېگەن؛ باشقىلار مەرفۇئ دېگەن)

[144] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستىن ئېلىنغان)

بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.)[سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]

[145] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: سەرىف دېگەن جايغا كەلگەندە ھەيز كۆرۈپ قالدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا مۇنداق دېدى:«ھاجىرلار قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ. پەقەتلا پاكلانغۇچە كەئبىنى تاۋاپ قىلماڭ.»(بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ئۇزۇن بىر ھەدىسىدىن ئېلىندى)

[146] مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەيزدار بولۇق قالغان ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئۇ ئايالنىڭ نەرى ھالال ئىكەنلىكىنى سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «تامبىلىنىڭ ئۈستى» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن)

[147] ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا نىفاسدار (تۇغقان) خوتۇنلار، تۇغۇپ قىرىق كۈنگىچە ساقلايتتى.» بۇ ھەدىسنى نەسائىيدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ.

ئەبۇ داۋۇدنىڭ باشقا بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا نىپاسدار ھالىتىدە ئوقۇيالمىغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى بۇيرۇمىدى.» (ھاكىم سەھىھ دېگەن)

The post بۇلۇغۇلمەرام: تاھارەت كىتابى ھەدىسلىرى-ئۇيغۇرچە (ئىمام ئىبنى ھەجەر) first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post بۇلۇغۇلمەرام: تاھارەت كىتابى ھەدىسلىرى-ئۇيغۇرچە (ئىمام ئىبنى ھەجەر) appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.