زاكات - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

خىزمىتى بار ئەر كىشىگە زاكات چۈشەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
خىزمىتى بار ئەر كىشىگە زاكات چۈشەمدۇ؟

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى»دە مۇنداق دېگەن:

(زاكات بېرىلىشى كېرەك بولغان پېقىرلارغا ۋە مىسكىنلەرگە كەلسەك،) بۇلار ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق چىقىمىنى تولۇق قامدىيالمايدىغان كىشىلەردۇر. مەسىلەن، بىر كىشى ئايلىق 2 مىڭ رىيال مائاش ئالىدىغان بىر خىزمەتنى قىلىدىغان بولسا، ئەمما، ئائىلىسىنىڭ ئايلىق چىقىمى 4 مىڭ رىيال بولسا، بۇنداق كىشى يوقسۇل ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىگە يەتكۈدەك پۇل-مالغا ئىگە ئەمەس. ئۇ ھەر ئايدا مائاشىدىن سىرت ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىككى مىڭ رىيالغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، بىز ئۇنىڭغا يىللىق 24 مىڭ رىيال زاكات بېرىمىز. باشقا بىر كىشى ئايدا ئالتە مىڭ رىيال مائاش ئالىدىغان بىر خىزمەتنى قىلىدىغان بولسا، بىراق ئۇنىڭ ئائىلىسىدە جان سانى كۆپ، چىقىملىرى جىق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا ئايدا 12 مىڭ رىيال ئاران يېتىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بىز ئۇنىڭغا يىللىق 72 مىڭ رىيال زاكات بېرىمىز، ئۇنىڭدىن كۆپ بەرمەيمىز. چۈنكى، يىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا يەردىن زاكات كېلىش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇ ۋەجىدىن، زاكات بېرىلىش ۋاقتى يىلدا بىر قېتىمدۇر. (رىيازۇس سالىھىن شەرھى 1\294)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

The post خىزمىتى بار ئەر كىشىگە زاكات چۈشەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post خىزمىتى بار ئەر كىشىگە زاكات چۈشەمدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

زاكات بېرىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كىشى
زاكات بېرىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كىشى

«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكىچە:

(1) بايلارغا ۋە ئۆز كۈچى ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرگە زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس.پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۇنىڭدا (يەنى زاكاتتا) باينىڭ ۋە ئۆز كۈچى ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەققى يوق.»(ئەھمەد 5-362؛ ئەبۇ داۋۇد 1633؛ نەسائى 5-99؛ ئەلبانى: سەھىھ نەسائىي 2435 تە ‹سەھىھ› دېگەن) بىراق، زاكات خادىمى بىلەن قەرزار بولۇپ قالغان كىشى ـــ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ـــ باي بولغان تەقدىردىمۇ زاكات ئالسا بولىدۇ. شۇنداقلا، پۇل تاپالايدىغان كىشى ئەگەر شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۆزىنى ئاتىغان بولسا ۋە پۇل-مېلى بولمىسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىلىدۇ. چۈنكى، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئاللاھ يولىدىكى جىھادتۇر. ئەگەر، پۇل تاپالايدىغان بىر كىشى نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلەشنى تەرك قىلغان ئابىد كىشى بولسا، بۇنداق كىشىگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىبادەتنىڭ پايدىسى ئىلىمنىڭ پايدىسىنىڭ ئەكسىچە ئىبادەت قىلغان كىشىگىلا بولىدۇ. (ئىلىمنىڭ پايدىسى بولسا ئۇنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلغۇچى ۋە شۇ ئىلىمدىن مەنپەئەتلەنگۈچى ھەممە مۇسۇلمانلارغا بولىدۇ.)

(2) كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىشى مەجبۇرىيەت ھېسابلانغان يېقىن ئۇرۇق تۇغقانلارغا ۋە ئايالىغا زاكات بېرىشى دۇرۇس ئەمەس. مۇسۇلماننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدىغان دادا، ئانا، چوڭ دادا، چوڭ ئانا، بالا ۋە نەۋرە قاتارلىق تۇغقانلىرىغا زاكات بېرىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇلارغا بېرىلىدىغان زاكات ئۇلارنى نەپىقىگە موھتاج ھالدا قالدۇرمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەپىقىسىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىدىنمۇ خالاس بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، زاكاتنىڭ پايدىسى ئۆزىگە قايتىدۇ، يەنى (كىشى يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە زاكات بېرىش بىلەن) زاكاتنى ئۆزىگە بەرگەندەك بولىدۇ.

(3) قەلبى ئىسلامغا مايىل قىلىنمايدىغان كاپىرلارغا زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. زاكاتىنى كاپىرلارغا بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «زاكات بايلاردىن ئېلىنىپ نامراتلارغا بېرىلىدۇ» دېگەن. يەنى، زاكات باي مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىپ نامرات مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدۇ. باشقىلار بۇنىڭغا داخىل ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زاكاتنىڭ مەقسەدلىرىنىڭ بىر نەچچىسى نامرات مۇسۇلمانلارنى ئېھتىياجتىن قۇتقۇزۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. كاپىرلار بىلەن يۇقارقىدەك ھالەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش دۇرۇس ئەمەس.

(4) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق بولۇشى پەيغەمبەر سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ شان-شەرىپى يۈزىسىدىن ئۇلارغا قىلىنغان ھۆرمەتتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زاكات مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) نىڭ نەسەبىدىن كەلگەنلەرگە ھالال ئەمەس. چۈنكى، زاكات ئىنسانلارنىڭ كىرىدۇر.»(مۇسلىم 1072) (بەزى ئالىملار) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىب جەمەتىگە تەۋە كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ دېگەن؛ بەزى (ئالىملار) ئۇلارنىڭ يالغۇزلا بەنى ھاشىم جەمەتىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. توغرىسىكى كېيىنكى قاراشتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بەنى مۇتەللىب جەمەتىگە تەۋە كىشىلەرگە زاكات بېرىش دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقلا، «سەدىقە پەقەت پېقىرلارغا… بېرىلىدۇ.» (تەۋبە سۈرىسى، 60-ئايەت) ئايىتىنىڭ ئومۇمىي مەنىسىگە بەنى مۇتەللىپ جەمەتىمۇ كىرىدۇر.

(5) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغانلارغا زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەدىقە (زاكات) بىزگە ھالال ئەمەس؛ شۈبىھسىزكى، بىر قەۋەمنىڭ ئازادگەردىلىرى ئۇلاردىن سانىلىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1650؛ تىرمىزى 652؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى تىرمىزىنىڭ؛ ھاكىم 1-404؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن. ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى ھاكىمنىڭ باھاسىغا قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھ تىرمىزى› 530- دا سەھىھ دېگەن) بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەسەبىگە تەۋە كىشىلەر ئازاد قىلىۋەتكەن كىشىلەرگە زاكات (ۋە سەدىقە) بېرىلمەيدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. بىر قەۋمنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇللىرى ـــ ئۇلار ئازادلىققا چىقارغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلاردىن سانىلىدۇ» دېگەنلىك «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھۆكۈمى قانداق بولسا، ئازادگەردىلىرىنىڭ ھۆكۈمىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر. شۇ ۋەجىدىن، بەنى ھاشىم جەمەتىدىكلەر ئازاد قىلىۋەتكەن كىشىلەرگە زاكات بېرىلمەيدۇ.

(6) قۇللارغا زاكات بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، قۇلنىڭ مېلى خوجايىنىغا تەۋەدۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇللارغا زاكات بېرىلسە ئۇ زاكات خوجايىنىنىڭ مۈلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، قۇلنىڭ نەپىقىسىنى قىلىپ بېرىش خوجايىنىنىڭ مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. خوجايىنى بىلەن ئازادلىق توختامى تۈزۈشكەن قۇللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ھالەتتىكى قۇلغا توختامدىكى قەرزنى تۆلىگۈدەك مىقداردا زاكات بېرىش دۇرۇس. شۇنداقلا، ( قۇل ھالەتتىكى) زاكات خادىملىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر، قۇل زاكات يىغىش خىزمتىنى قىلىدىغان بولسا ـــ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن ھەق ئېلىش دۇرۇس بولغانلىقتىن ـــ ئۇنىڭغا زاكات بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خوجايىنى رۇخسەت قىلغان ھالەتتە قۇلنىڭ ھەق ئېلىپ ئىشلىشى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.

كىمكى يۇقىرىدىكى زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەرگە ـــ زاكات بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ــــ زاكات بەرسە گۇناھكار بولىدۇ.

The post زاكات بېرىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كىشى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post زاكات بېرىشكە بولمايدىغان ئالتە خىل كىشى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

كىرا ماشىنىسىغا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيگە زاكات كېلەمدۇ؟
كىراكەشلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىغا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيگە زاكات كېلەمدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال: تاكسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ياكى خۇسۇسىي ماشىنا ئۈچۈن زاكات بېرىش پەرزمۇ؟

جاۋاب: كىشىنىڭ قاتناش-ترانسپورتتا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ئىجارە بەرگەن ماشىنىسىغا، ياكى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىسىغا زاكات كەلمەيدۇ. تاكسى سۈپىتىدە ئىجارىگە بەرگەن ماشىنىنىڭ ئىجارىسىدىن كىرىدىغان كىرىم زاكات پەرز بولۇش سوممىسىغا يەتسە، ئۇ ھالدا كىرىم بولغان مۇشۇ سومما ئۈچۈن زاكات پەرز بولىدۇ. ياكى ماشىنىنىڭ ئىجارىسىدىن كىرگەن كىرىم ماشىنا ئىگىسىنىڭ باشقا ئىقتىسادى بىلەن قوشۇلغان بولسا، ۋە بۇ ئىقتىسادنىڭ قولدا تۇرغىنىغا بىر يىل توشقان، بۇ پۇل زاكات پەرز بولۇش سوممىسغا يەتكەن بولسا، بۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ. ئوخشاشلا، كىشى ئىجارىگە بەرگەن مۈلۈك (ئىجارىگە بەرگەن ئۆي، دۇكان، ماشىنا …ۋەھاكازا) ئۈچۈن زاكات كەلمەيدۇ. پەقەت شۇ ئىجارىگە بەرگەن مۈلۈكتىن كەلگەن كىرىم (زاكات شەرتىگە توشقان تەقدىردە)، ئاندىن شۇ كىرىمگە زاكات كېلىدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن — فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 369-نومۇرلۇق پەتىۋا)

The post كىرا ماشىنىسىغا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيگە زاكات كېلەمدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post كىرا ماشىنىسىغا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيگە زاكات كېلەمدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: خۇسۇسىي ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟
خۇسۇسىي ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال: خۇسۇسىي ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: خۇسۇسىي ماشىنىغا زاكات كەلمەيدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەردىن باشقا، كىشى ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە زاكات كەلمەيدۇ. مەيلى ئۇ ماشىنا بولسۇن، تۆگە بولسۇن، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان ماشىنا بولسۇن ياكى باشقا نەرسە بولسۇن، بەرىبىر ئوخشاش، بۇنداق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. بۇنىڭغا دەلىل شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننىڭ قۇلى ياكى مىنىدىغان ئۇلىغى ئۈچۈن زاكات كەلمەيدۇ.» (بۇخارى-زاكات-1464؛ مۇسلىم-زاكات-982) [ئىبنى ئۇسەيمىن-فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 376-نومۇرلۇق پەتىۋا]

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:

كىراكەشلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىغا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيگە زاكات كېلەمدۇ؟

The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: خۇسۇسىي ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: خۇسۇسىي ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

فىقھۇل مۇيەسسەر: زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دەلىلى
زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دەلىلى

«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى

زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەر زاكات ئېلىشقا ھەقلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدىكى سەككىز تۈرلۈك كىشىدۇر:«زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»(سۈرە تەۋبە، 60-ئايەت)

بۇ سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

(1) پېقىرلار: پېقىر ـــ ھەم ئۆزىنىڭ، ھەم ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمىغان؛ ياكى بۇلار ئۈچۈن ھېچبىر نەرسە تاپالمىغان ياكى بۇ ئېھتىياجلارنىڭ يېرىمىنى تاپالىغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىياجىنى قامدايدىغان نەرسىلەرگە ئىگە بولمىغان كىشىلەردۇر. بۇنداق كىشىگە ئۇنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق بىر يىل يەتكۈدەك زاكات بېرىلىدۇ.

(2) يوقسۇللار (مىسكىنلەر): مىسكىن ـــ ئۆزى ئېھتىياجلىق زۆرۈر ئېھتىياجلارنىڭ يېرىمىنى ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاپالىغان كىشىدۇر. يەنى، ئىككى يۈز لىراغا ئېھتىياجلىق بىرىنىڭ يۈز لىرانى تاپالىشىغا ئوخشاش. بۇنداق كىشىگە ئۇنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق بىر يىل يەتكۈدەك زاكات بېرىلىدۇ.

(3) زاكات خادىمى: بۇ ئىمامنىڭ زاكات يىغىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن كىشىدۇر. ئىمام بۇنداق كىشىگە ـــ ئۇ باي بولغان تەقدىردىمۇ ـــ زاكات يىغىپ قايتىپ كەلگەنگە قەدەر يەتكۈدەك مىقداردا بېرىدۇ. چۈنكى، زاكات خادىمى باشقا ئىشلىرىنى تاشلايدۇ. زاكات خادىمى زاكاتنىڭ يىغىلىشى، يېزىلىشى، مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ھەق ئىگىلىرىگە تارقىتىلىشى قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(4) دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار: ئەگەر بۇلار كاپىر بولسا ئىسلامغا ـــ دىللىرىنىڭ ئىسلامغا مايىل بولۇشى ئۈچۈن؛ ئەگەر ئىبادەتكە سۇسلۇق قىلىدىغان ئىمانى زەئىپ كىشىلەر بولسا، ئىمانىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ياكى يېقىنلىرىنىڭ ئىسلامغا كىرىشكە تەشۋىق قىلىنىشى؛ ۋەياكى ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈرش ياكى ئەزىيەتلىرىنى يوق قىلىش مەقسىدىدە زاكاتتىن بېرىلىدىغان كىشىلەردۇر.

(5) قۇل ئازاد قىلىش: بۇنىڭدىن مەقسەد زاكات مېلى ئارقىلىق سېتىۋېلىنىپ ھۆرلۈككە چىقىرىلىدىغان مۇسۇلمان قۇل ياكى دېدەكلەرنى ئازاد قىلىشتۇر. ياكى، بۇنداق قۇل ۋە دېدەك ئەگەر خوجايىنىغا مەلۇم مىقداردا پۇل تۆلەش ئارقىلىق قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق توختاملاشقان بولسا، بۇلارغا توختام سوممىسى مىقدارىدا زاكات بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمان قۇلنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، ھۆرلۈككە ئېرىشىشىشى، مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا پايدىسى تېگىدىغان بىر ئەزا بولۇشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئىبادەت قىلىشى ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ. دۈشمەننىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن مۇسۇلمانلارمۇ زاكات مېلى بىلەن قۇتۇلدۇرىلىدۇ.

(6) قەرزدارلار: ئاللاھقا ئىسيانكارلىق ھېسابلانمايدىغان بىر ئىشتا باشقىلارنىڭ ھەققى ئۆزىگە ئۆتۈپ قالغان كىشىلەردۇر. قەرزدار مەيلى مۇباھ ھېسابلىنىدىغان بىر ئىش سەۋەبلىك قەرزدار بولۇپ قالغان بولسۇن، ياكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئوڭشاش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان بولسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق. بۇنداق كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلىشىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا زاكات بېرىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان كىشىگە ـــ ئۇ باي بولغان تەقدىردىمۇ ـــ زاكاتتىن بېرىشكە بولىدۇ.

(7) ئاللاھ يولىدا: بۇلاردىن مەقسەد بەيتۇل مالدىن مۇئەييەن مىقداردا مائاش ئالمايدىغان، ھەق ئالماستىن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان كىشىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇلارنىڭ باي ياكى نامراتلىقىغا قارىماستىن زاكات بېرىشكە بولىدۇ.

(8) يولۇچى: بۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن پۇل-مالغا ئېھتىياجى بولغان ۋە ئۆزىگە قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كىشى تاپالمىغان، ئۆز يۇرتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمەي (ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن) يىراق قالغان يولۇچىلاردۇر.

The post فىقھۇل مۇيەسسەر:  زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دەلىلى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post فىقھۇل مۇيەسسەر:  زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دەلىلى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

فىقھۇل مۇيەسسەر: پىخسىقلىق قىلىپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ ھۆكمى
فىقھۇل مۇيەسسەر: پىخسىقلىق قىلىپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ ھۆكمى

«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتقان، ئەمما پىخسىقلىق قىلىپ زاكات بەرمىگەن كىشى زاكات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. ئۇنىڭ پىخسىقلىق سەۋەبلىك زاكات بەرمەسلىكى ئۇنى دىندىن چىقارمايدۇ. زاكات دىننىڭ پەرزلىرىدىن بىر پەرز بولغانلىقتىن، بۇ پەرزنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۇنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈنلا كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ.چۈنكى، زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ گۇناھى توغرىسىدا كەلگەن ئۇزۇن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن ۋە كۆمۈشلىرىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشى زاكات بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك دوزاخ ئوتىغا تاشلىنىپ جازالىنىدۇ. ئاندىن، يا جەننەتكە ياكى دوزاخقا بارىدىغان يولىنى كۆرىدۇ.»(مۇسلىم 978) ئەگەر (بېخىللىق قىلىپ زاكات بەرمىگەن كىشى) كاپىر بولغان بولسا، قىيامەت كۈنى جەننەتكە بارىدىغان يولنى كۆرمىگەن بولاتتى. بۇنداق كىشىگە (شەرئىي مەھكىمە تەرىپىدىن) يېنىك جازا بېرىلىدۇ ۋە زاكات زورلۇق بىلەن ئېلىنىدۇ. ئەگەر، ئۇ مېلىنى بەرمەشلىك ئۈچۈن ئۇرۇشسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىنىدۇ. تاكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بۇيرۇقىغا بۇيۇن ئېگىپ زاكىتىنى بەرگەنگە قەدەر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:

«ئەگەر (ئۇلار) تەۋبە قىلىپ ناماز ئوقۇسا ۋە زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار.»(سۈرە تەۋبە، 5-ئايەت)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن كىشىلەر تاكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەنگە، نامازنى كامىل ئوقۇغانغا، زاكاتنى بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەر، ئۇلار بۇلارنى ئورۇندىسا ـــ ئىسلامنىڭ ھەققى بۇنىڭدىن مۇستەسناـــ مەندىن قېنى ھەم مېلىنى قوغداق قالىدۇ. (قالغان) ھېسابى ئاللاھقا قالىدۇ.»(بۇخارى 2946؛ مۇسلىم 21)

ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ مۇنۇ گېپىمۇ يۇقارقى سۆزىمىزگە دەلىلدۇر:«ئەينى چاغدا رەسۇلۇللاھقا بەرگەن بىر ئوغلاقنى بەرمەيدىغان بولسا، (ئۇلاردىن زاكاتنى) ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىمەن.»(بۇخارى 1400؛ مۇسلىم 20) باشقا ئۈچ خەلىپە ۋە ساھابە كراملارمۇ بۇ ھەقتە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولغان. بۇ سەۋەبلىك، ساھابىلەر زاكات بەرمىگۈچىگە قارشى ئۇرۇش ئېچلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجمائ (بىردەك پىكىر) گە كەلگەن. بېخىللىق قىلىپ زاكات بەرمىگەن كىشىمۇ ئۇرۇش ئېچىلىدىغان كىشىلەر دائىرىسىگە كىرىدۇ.

The post فىقھۇل مۇيەسسەر: پىخسىقلىق قىلىپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ ھۆكمى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post فىقھۇل مۇيەسسەر: پىخسىقلىق قىلىپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ ھۆكمى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.