زىكىر - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ زىكىر توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ زىكىر توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
mujtehid.com
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىنى زىكىر قىلىدىغان كىشى بىلەن رەببىنى زىكىر قىلمايدىغان كىشىنىڭ مىسالى — تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 5928؛ رىيازۇس سالىھىن 1434)
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «ئىچىدە ئاللاھ زىكىر قىلىنىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ زىكىر قىلىنمايدىغان ئۆينىڭ مىسالى — تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.» mujtehid.com (مۇسلىم 1299؛ رىيازۇس سالىھىن 1434)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئاللاھنى زىكىر قىلىشىڭغا ياردەمچى بولىدىغانلاردىن باشقىسى بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپما.»  mujtehid.com (ئەبۇ داۋۇد، زۇھد 1\126)
تابىئىنلاردىن ئەمر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلىدىغان ساۋاب پەردىسى ئېچىلىپ، قايسى ئەمەلگە قانچىلىك ساۋاب بېرىلگەنلىكى كىشىلەرگە ئاشكارا بولغاندا، مەشھەرگاھ مەيدانىدىكى كىشىلەر ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بېرىلگەن ساۋابتىنمۇ ئۈستۈن ساۋابنى كۆرمەيدۇ. بۇ چاغدا مەشھەرگاھ مەيدانىدىكى بىر تۈركۈم كىىشلەر (پۇشايمان ئىلىكىدە) «بىز ئۈچۈن زىكىردىنمۇ ئاسان ئەمەل يوق ئىدىغۇ؟» دېيىشىپ كېتىدۇ. | mujtehid.com  الوابل الصيب من الكلم الطيب (ص: 78)
تابىئىن ئالىم ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ مۇنداق دېگەن: «(ئىسلامدا) ئېلىم-سېتىمنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى، نامازنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى، قانداق روزا تۇتۇلىدىغانلىقى، نىكاھلىنىش-ئۆيلىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق تالاق قىلىنىدىغانلىقى، قانداق ھەج قىلىنىدىغانلىقى ۋە باشقا ھالال-ھارام مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ (ئۆگىتىلىپ، ئۆگىنىلىدىغان) سورۇنلار زىكىر سورۇنلىرىدۇر.» | mujtehid.com  (ئىمام نەۋەۋى، ئەلئەزكار، 22)
تابىئىن ئالىم ئەئمەشتىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا يېپىشىڭلار، چۈنكى، ئاللاھنىڭ زىكرى شىپادۇر. ئىنسانلارنى زىكىر قىلىشتىن قېچىڭلار، چۈنكى ئۇ كېسەللىكتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد، زۇھد كىتابى 642)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ زىكىر قىلشتا ئىزچىل بولسا، ياخشىلىقلار ئۇنىڭغا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەگىشىدۇ.كىمكى ئاللاھتىن مەغفىرەت سوراشتا ئىزچىل بولسا، بارچە ئىشىكلەر ۋە يوللار  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ. (دەرتلەر داۋاسى، 188) mujtehid.com
ھەسەن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر بەندە رەببىگە ئۇنى زىكىر قىلىشنى ياقتۇرماسلىق ۋە رەببىنى زىكىر قىلغانلارنى ياقتۇرماسلىقتىنمۇ شىددەتلىك ئىش بىلەن دۈشمەن بولالمايدۇ.» mujtehid.com (حلية الأولياء 6\72)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: «تىلىڭنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئازاد قىلغىن. ئەگەر بۇنداق قىلىشقا قۇربىڭ يەتمىسە، ئۇ ھالدا، ھېچبولمىغاندىمۇ تىلىڭنى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى \ يامان سۆزىنى قىلىشتىن بولسىمۇ ساقلاپ قالغىن.» mujtehid.com (اللطائف، 173)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جەننەتتىكى قەسىرلەر زىكىر ئاساسىدا قوپۇرىلىدۇ. سەن زىكىرنى توختاتقان چاغدا پەرىشتىلەرمۇ قەسىر سېلىشنى توختىتىدۇ. | mujtehid.com [الوابل الصيب من الكلم الطيب ، 159]
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: زىكىر قەلب بىلەنمۇ، تىل بىلەنمۇ بولىدۇ. زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھەم تىل، ھەم قەلب تەڭ ھازىر بولغىنىدۇر. ئەگەر زىكىرنى قەلب ياكى تىلدىن بىرىدە جارىي قىلغان تەقدىردە، (قەلب ھازىر بولمىغان ھالدا تىل بىلەنلا قىلىنغان زىكىردىن تىلنى مىدىراتماستىن تۇرۇپ) قەلب بىلەن زىكىر قىلىش ئەۋزەلدۇر. (ئەلئەزكار) mujtehid.com
ئاسىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ۋائىل بىرەر ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولماي تۇرۇپ قالغان چاغلاردا تەسبىھ ئېيتاتتى. بىرەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ زىكرىنى سەزگەنلىكىنى بىلسە، ئالدىغا پۈتۈن دۇنيانى قويسىمۇ زىكىرىنى داۋاملاشتۇرمايتتى. mujtehid.com (سىفاتۇس سەفۋا: 683) تەسبىھ — «سۇبھاناللاھ» دېيىشتۇر.
ھەرەم مۇدەررىسلىرىدىن شەيخ ئابدۇسالام شۇۋەيئىر ئىمام ئىبنى بازنىڭ زىكىرى ھەققىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ زىكىر ئەھلىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلىرىدىن ئىدى. ئاللاھنى ھەم ئاشكارا، ھەم يوشۇرۇن شەكىلدە زىكىر قىلاتتى. زىكىرنى كۆپ قىلغانلىقتىن، تىلى زىكىرگە كۆنۈپ كەتكەنلىكتىن، تىلى بىكار قىلسىلا تەبئىي ھالدا ئاللاھنى زىكىر قىلىپ كېتەتتى. شەيخ زىكرىنى ئىنسانلاردىن شۇنچە يوشۇرۇشقا تىرىشتىسمۇ، شەيخنىڭ ئاغزى دەرس سۆزلەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، پەتىۋا بېرىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش قاتارلىق سالىھ ئەمەللەردىن بىكار قالغان ھەر قانداق چاغدا ئۇنىڭ تىلى تەبئىي ھالدا زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتەتتى. شەيخنىڭ ئائىلىسى، ئوقۇغۇچىلىرى، دوست-يارەنلىرى شەيخنىڭ زىكرىنى پات-پات سېزىپ قالاتتى. شەيخ ئىبنى باز ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىۋاتقان ۋاقتىدا باشقىلار پەتىۋا سورىسا، پەتىۋاغا قۇلاق سالغاچ تىلى يەنە زىكىرگە كېتىپ قالاتتى. شەيخ ئۆز تىلىنى ئاللاھنى زىكىر ئېيتىشتىن باشقىسىغا كۆندۈرمىگەن ئىدى، ھەتتا تاماق يەۋېتىپتۇ ئېغزىغا بىرىنچى كاپام تاماقنى سېلىش بىلەن كېينكى كاپام تاماقنى سېلىش ئارىسىدا ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى. شەيخ ئويغاقلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئاللاھنى زىكىر قىلماي بىكار تۇرۇپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق.
شەيخنىڭ شۇنداق بىر ھالىتى بار ئىدىكى، شەيخنى بۇ ھالەتتە كۆرگىنىمىزدە بىز ئۇنىڭ بىر چوڭقۇر ئىلمىي مەسىلىنى كاللىسىدا تەپەككۇر قىلىپ مۇھاكىمە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياكى بىر شەرئىي مەسىلىدە ئىجتىھاد قىلىۋاتقانلىقىنى جەزم قىلىشاتتۇق. شەيخنىڭ بۇ ھالىتى — بېشىنى ئەگكەن ھالدا بېشىغا سالغان ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى چىشى بىلەن مەھكەم چىشلىۋالغان ھالەت ئىدى. زىكىر ئەھلى ئاللاھنى زىكىر قىلغاندا تىلى ۋە قەلبى ئۆزى قىلىۋاتقان زىكىر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىش. شەيخ زىكىر قىلسا تىلى ۋە قەلبىنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى تىل ۋە قەلب بىلەن قىلىنىدىغان زىكىردىن توسۇپ قېلىپ، دىنىي مەسىلە ھەققىدە تەپەككۇر ياكى ئىجتىھاد قىلىش ئۈچۈن ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى مەھكەم چىشلىۋالاتتى. شەيخ بۇ ئەھۋاللارنى بىزگە ياكى ھېچبىر كىشىگە ئەسلا ئېيتمايتتى. ئۇ شەرئىي مەسىلە ھەققىدە ئىجتىھاد قىلىشقا قەلبىنى ۋە كاللىسىنى مەشغۇل قىلالىشى ئۈچۈن، تىلىنى زىكىردىن توختىتىشى كېرەك ئىدى. تىلى زىكىردىن توختىسا قەلبىمۇ زىكىردىن توختايتتى، پەقەت مۇشۇ ھالەتتىلا شەيخ شەرئىي مەسىلىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، ئىجتىھاد قىلالايتتى. شۇ ۋەجىدىن، شەيخ تىلىنى ۋە قەلبىنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن، ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى مەھكەم چىشلىۋالاتتى. بىز قاچانلىكى شەيخنى ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى مەھكەم چىشلىۋالغان ھالەتتە كۆرسەك، شەيخنى شەرئىي مەسىلىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، ئىجتىھاد قىلىۋاتقانلىقىغا جەزم قىلاتتۇق. ئاللاھ شەيخىمىز ئىبنى بازغا رەھمەت قىلسۇن. mujtehid.com (شەيخ ئابدۇسالام شۇۋەيئىر دەرسلىرىدىن)
شەيخ ئابدۇررازاق ئەلبەدر ھەفىزەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمان ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئوقۇشنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك بولغان ئۇلۇغ زىكىرلەر جۈملىسىدىندۇر. بۇنى ئوقۇش ئارقىلىق كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تۇيۇقسىز كېلىدىغان بالا-مۇسىبەتنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ رەسۇلۇللاھتىن (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) كەلگەن سەھىھ خەۋەردۇر، راست سۆزدۇر. بىز بۇنىڭ ھەقلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىقمۇ تونۇپ يەتكەنمىز. مەن مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلىغىنىمدىن بېرى مەزكۇر زىكىرنى ئوقۇشنى داۋام قىلدىم ۋە ھېچقانداق نەرسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ باقمىدىم، تاكى بۇ زىكىرنى ئوقۇشنى تەرك ئېتىشىم مۇستەسنا. بىر كېچىسى مېنى مەدىنىدە چايان چېقىۋالدى. شۇ چاغدا مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇغانمىتىم يوق، دەپ ئويلىنىپ بېقىۋىدىم، ئاشۇ كېچىسى مەن مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقانلىقمنى بىلدىم. mujtehid.com [كتاب فقه الأدعية والأذكار 3\12؛الفتوحات الربانية  لابن علان (3/100)]
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
mujtehid.com | hedisim.com
The post ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ زىكىر توغرىسىدا ئېيتقانلىرى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ زىكىر توغرىسىدا ئېيتقانلىرى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
زىكىر تەسبىھنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ ياكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى
زىكىر تەسبىھنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ ياكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ؟
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللا «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى» دە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقىدۇر، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر» دېگەن ھەدىسىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى «سۇبھاناللاھ» دەپ زىكىر ئېيتىشتىن، «ئەلھۇمدۇلىللاھ» دەپ زىكىر ئېيتىشتىن، ۋە «لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ زىكىر ئېيتىشنىڭ ساۋابىدىن ئۈستۈندۇر. چۈنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش پەرز كۇپايىدۇر. بەزىدە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش كىشى ئۈچۈن پەرز ئەين بولىدۇ. زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش بولسا نەپلە \ مۇستەھەپ ئەمەلدۇر. [مۇستەھەب — قىلىنسا ساۋاب بېرىلىدىغان، قىلىنمىسا جازاغا تارتىلمايدىغان بارچە ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇستەھەبنىڭ مەنىسى نەپلە مەنىسى بىلەن ئوخشاش.] بىلىنگىنىدەك، پەرزنى ئورۇنداشنىڭ ئەجرى نەپلىنى ئورۇنداشنىڭ ئەجرىدىن ئۈستۈندۇر. چۈنكى، ئەزىز ۋە جەلىل بولغان ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«بەندەم ماڭا مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئەمەلدىن بەكراق يېقىنلىشالايدىغان باشقا ئەمەل يوق.»  بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان. (يەنى كىشىنى ئاللاھقا ھەممىدىن بەك يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەت ۋە ئەمەللەردۇر. كىشى پەرزلەرنى تەرك ئېتىپ، نەپلە ئىبادەتلەر ۋە نەپلە ئىشلار ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشالمايدۇ. پەرزلەرنى كامىل ئورۇنداپ، شۇنىڭغا قوشۇپ نەپلە ئىبادەتلەرنىمۇ قوغلىشىپ قىلغان ۋە بۇنىڭدا ئىزچىل بولغان كىشى ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدۇ.) شافىي مەزھىپىمىز ئالىملىرىدىن ئىمامۇل ھەرەمەين (جۇۋەينى) بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەرز ئەمەلنىڭ ساۋابى نەپلە ئەمەلنىڭ ساۋابىدىن يەتمىش ھەسسە ئۈستۈندۇر. [ئىمام نەۋەۋىنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.]
ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ھەققىدىكى بەزى دەلىللەر ۋە ھۆكۈملەر
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ ۚ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ ﴾
[3:104] ﴿(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياخشىلىققا  (ئىسلامغا) چاقىرىپ، (قۇرئان ۋە سۈننەتتە بۇيرۇلغان) خەيرلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان، (قۇرئان ۋە سۈننەتتە چەكلەنگەن، لەنەتلەنگەن ۋە دوزاخ بىلەن خەۋەر بېرىلگەن) يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بولسۇن. ئەنە شۇلار (دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ) مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكۈچى كىشىلەردۇر.﴾
* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من رأى منكم منكراً فليغيره بيده فإن لم يستطع فبلسانه ، فإن لم يستطع فبقلبه وذلك أضعف الإيمان)) «سىلەردىن كىم دىندا چەكلەنگەن بىر ناتوغرا ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنداق قىلىشقا قۇربىتى يەتمىسە، ئۇنى سۆز بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىمۇ قىلالمىسا، ئۇ يامان ئىشقا دىلىدا نارازىلىق بىلدۈرسۇن. يامان ئىشقا دىلىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ھالىتىدۇر.» (سەھىھ مۇسلىم، 59-ھەدىس)
* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نەپسىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر، بۇنداق بولمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن سىلەرگە ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇ چاغدا، سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، ئەمما ئاللاھ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدۇ.»  (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 7070)
* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الناس إذا رأوا المنكر فلم يغيروه أوشك أن يعمهم الله بعقابه))«ئەگەر كىشىلەر يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىسا، ئاللاھ پات ئارىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4338، تىرمىزى 2167، ئىبنى ماجە 4005؛ مۇسنەد ئەھمەد، مۇھەددس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يامانلىقنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.» (أن الآيات والأخبار تدل على أن كل مَن رأى منكراً فسكت عنه : عصى)(مۇختەسەر مىنھاج قاسىدىن،124)
سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىشى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇشقا قادىر بولالىغان ۋە بۇنى قىلىش سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ. بۇ ئىجماقا كېلىنگەن ئىشتۇر. ناۋادا، كىشى يامانلىقتىن توسۇش سەۋەبلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا شۇ يامانلىقنى قەلبىدە ئىنكار قىلىشى، يامانلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن قېچىشى ۋە يامانلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىشى لازىم بولىدۇ.»(تەپسىر قۇرتۇبى، 6-جىلد، 253)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«يامانلىقنى كۆرگەن كىشى ئۈچۈن شۇ يامانلىقنى توسىدىغان باشقا بىرى بولمىغان ۋە ئۇ يامانلىقنى ئىنكار قىلىشقا قۇربى يەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى پەرز ئەين بولىدۇ.» (وقد يكون الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر فرضَ عينٍ ، وذلك في حق من يرى المنكر وليس هناك من ينكره وهو قادر على إنكاره)-(ئىمام ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 3\212)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post زىكىر تەسبىھنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ ياكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post زىكىر تەسبىھنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ ياكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ساۋابى ئۈستۈنمۇ؟ | ئىمام نەۋەۋى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
قايسى ئىشلار ئاللاھنى زىكىر قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ؟ | ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى
مۇفەسسىر ئابدۇرراھمان سەئدى: قايسى ئىشلار ئاللاھنى زىكىر قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
mujtehid.com
ئەللامە شەيخ ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنى زىكىر قىلىش (ذكر الله) دېگەن: ئەقىيدە، پىكىر، قەلب ئەمىلى، بەدەننىڭ ئەمىلى، ئاللاھنى مەدھىيلەش، پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش قاتارلىق ئەمەللەر ئارقىلىق بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى زىكىر قىلىش جۈملىسىدىندۇر. [الرياض النضرة » ( ص 245 )]
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنى زىكىر قىلىش قەلب، تىل ياكى بەدەن ئارقىلىق بولىدۇ. زىكىرنىڭ ئەسلى ماھيىتى قەلب ئارقىلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىلىڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بولۇپ، ئۇ ساغلام بولسا پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ گۆش يۈرەكتۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم) بۇ ھەدىستىن نەزەردە تۇتۇلغىنى قەلبنىڭ زىكرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«بىز قەلبىنى غەپلەتتە قالدۇرغان، (شۇ يۈزدىن) ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان (بەدبەخت) كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.» (سۈرە كەھف، 28-ئايەت)
تىلى ياكى بەدىنى ئارقىلىق ئاللاھنى زىكىر قىلسىمۇ، قەلبى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن غاپىل قېلىش بەكمۇ چوڭ قۇسۇر بولۇپ؛ بۇ خىل زىكىر روھىي يوق جەسەدكە ئوخشايدۇ.
ئاللاھنىڭ قەلبى بىلەن زىكىر قىلىش دېگەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ھەممە قۇسۇرلۇق، يامان ئىشلىرىدىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا قايتىش، ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە باشقا (ياخشى) قەلب ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاللاھنى تىلى بىلەن زىكىر قىلىش دېگەن بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق سۆزنى قىلىش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىلنىڭ زىكىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى «لائىلاھە ئىللەللاھ» تۇر.
ئاللاھنى بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق زىكىر قىلىش دېگەن بەدەن بىلەن قىلىنسا ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئەمەلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامازدىكى تۇرۇش، رۇكۇ قىلىش، سەجدە قىلىش، جىھاد قىلىش، زاكات بېرىش قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ زىكىر قىلىش دائىرىسىگە تەۋە ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى سەن بۇلارنى قىلىۋاتقىنىڭدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىۋاتقان بولىسەن. شۇنداقلا، بۇلارنى قىلىۋاتقىنىڭدا ئاللاھنى ئەسلىگەن بولىسەن. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:«ناماز ئوقۇغىن، ھەقىقەتەن ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ ھەممە ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.» (29:45)
ئۆلىمالاردىن بەزىلىرى بۇ ئايەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «نامازدا تېخىمۇ بۈيۈك زىكىرلەر مۇجەسسەملەشكەن.» بۇ بۇ ھەقتىكى ئىككى خىل تەپسىرنىڭ بىرىدۇر. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، سۈرە بەقەرەنىڭ تەپسىرى، 2-جىلد، 167-، 168-بەتلەر)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
mujtehid.com
The post قايسى ئىشلار ئاللاھنى زىكىر قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ؟ | ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post قايسى ئىشلار ئاللاھنى زىكىر قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ؟ | ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.