نامازدا خاتالىشىش - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

ئەللامە ئىبنى باز | نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقان نامازخان قانداق قىلىدۇ؟
ئەللامە ئىبنى باز | نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقان نامازخان قانداق قىلىدۇ؟

سوئال: نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقان كىشى، شۇ رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقامدۇ؟ سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420-يىلى)

جاۋاب: نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقۇچى ئەگەر ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى بولغان تەقدىردە، مەيلى نامازنىڭ بىرەر قىسىمىنى ئۇنۇتسۇن، ياكى بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان بولسۇن، ھەتتا قىيامدا تۇرمىغان بولسۇن، ئۇنىڭ بۇ رەكئەتنى تولۇقلىشى ياكى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەك ئەمەس، نامازدا سۈرە فاتىھە ئوقۇمىغۇچىنىڭ بۇ ناقىسلىقى (ۋە ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىلاردىن سادىر بولغان باشقا ھەر قانداق خاتالىق) ئىمامغا ئۆتۈپ كېتىدۇ (ۋە خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ بوينىدىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ.) ئەگەردە نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقۇچى ئىمام بولسا، ياكى ئۆز ئالدىغا ناماز ئوقۇغان كىشى بولسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭ ئۈچۈن بىر رەكئەت تولۇقلاپ ئوقۇيدۇ، نامازنىڭ ئاخىرىدا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ. نامازنى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغان كىشى نامازدا (ئىمام تولۇقلاپ ئوقۇغان رەكئەتتە ۋە قىلغان سەۋەنلىك سەجدىسىدە) ئىمامغا ئەگىشىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى نامازنىڭ بىرەر قىسىمىنى ئۇنۇتقانلىقتىن ياكى ئۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى بىلمىگەنلىكتىن تەرك ئەتسە، ياكى قىيامنى تەرك ئەتسە، ئەبۇ بەكرە سەقەفىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن مۇنۇ ھەدىس سەۋەبلىك، ئۇنىڭ نامازغا ئۆزى قېتىلغان قىسىمى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدۇ. ئەبۇ بەكرى سەقەفىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز ئۈچۈن مەسجىدكە كىرگىنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (جامائەتكە ئىمام بولۇپ) رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇرغان جايىدىلا رۇكۇ قىلغان، ئاندىن رۇكۇ قىلغان ھالەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ جامائەت سېپىگە قوشۇلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ سېنىڭ (ئىمامغا ئەگىشىش) قىزغىنلىقىڭنى ئاشۇرسۇن. ئەمما، بۇنداق قىلمىغىن.» (بۇخارى 783؛ ئەبۇ داۋۇد 284؛ ئەھمەد 5\42) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى ئۆزى قىيامىغا ئۈلگۈرەلمىگەن رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇشنى بۇيرۇمىغان. (مانا بۇ، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ناماز ئوقۇغۇچى  نامازنىڭ بىرەر قىسىمىنى ئۇنۇتقانلىقتىن ياكى ئۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى بىلمىگەنلىكتىن تەرك ئەتسە، تەرك ئەتكەن قىسىمنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ، دېگەن ھۆكۈمنىڭ دەلىلىدۇر.)

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ ھەقتىكى يەنە بىر پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن:

نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقان ئىمام بۇنى ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشىدا ئېسىگە ئالسا، فاتىھە ئوقۇمىغان رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ. سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىدا بۇنى ئېسىگە ئالغان نامازخان مۇشۇنداق قىلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «فاتىھە ئوقۇلمىغان ناماز ھېسابقا ئېلىنمايدۇ» دېگەن. (بۇخارى 723)

ئىمام سۈرە فاتىھە ئوقۇشنى ئۇنۇتقان رەكئەتنى تولۇقلاش ئۈچۈن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغان ھالىتىدىن قوپقىنىدا، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ قوپۇشى كېرەك بولىدۇ، ھەتتا بۇ جامائەت ئۈچۈن بەشىنچى رەكئەت ھېسابلىنىپ كېتىدىغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر جامائەت ئىمامنىڭ بۇ خىل تۇرۇپ كېتىشىنىڭ سۈرە فاتىھە ئوقۇشنى ئۇنۇتقان رەكئەتنى تولۇقلاش ئۈچۈن بولغانلىقىنى بىلمەي، ئىمامغا ئەگىشىپ تۇرماي، (ئىمام بىر رەكئەتكە ئارتۇق تۇرۇپ كەتتى دەپ بىلىپ) «سۇبھاناللاھ» دېيىش ئارقىلىق ئىمامنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىمامغا بىلدۈرمەكچى بولسا، بۇ ھالدا ئىمام ئوڭ سولغا قول ئىشارىتى ئارقىلىق بۇ تۇرۇشنى بىلىپ تۇرۇپ تۇغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ قوپۇشىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

ئەمما، نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنتۇش ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىدىن سادىر بولسا، ئۇ ئىمامغا ئەينى رەۋىشتە ئەگىشىپلا ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. (سەھۋەنلىك سەجدىسى ياكى ئۇ رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ). (شەيخ بۇ يەردە يۇقىرىقى ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن. يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن دەلىل قىسقارتىلدى.)

ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتسا، ياكى  نامازنىڭ باشقا بىرەر ۋاجىباتىنى ئۇنۇتسا، ۋەياكى ئىمامنى رۇكۇ ھالىتىدە تاپسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مۇشۇ ھالەتتىكى رەكئىتى تولۇق بولغان بولىدۇ، نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. بىلمەسلىك تۈپەيلىدىن، ياكى ئۇنۇتقانلىق سەۋەبىدىن، ۋەياكى قىيامدا تۇرۇشنى قاچۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈرلۈك ھېساپلىنىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ. بۇ جۇمھۇر ئەھلى ئىلىمنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىدۇر. (فەتاۋا ئىسلامىيە-ئىبنى باز 1\263)

(ئىبنى باز، مەجمۇئۇل فەتاۋا 11\277) مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

The post ئەللامە ئىبنى باز | نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقان نامازخان قانداق قىلىدۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئەللامە ئىبنى باز | نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقان نامازخان قانداق قىلىدۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.