ھەيز - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

ھەيز توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە شەرھى | بۇلۇغۇلمەرام
ھەيز توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە شەرھى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

(ھەدىسلەر ۋە شەرھى تولۇقلىنىۋاتىدۇ …)

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيز قېنى تېگىپ قالغان كىيىمنىڭ قانداق پاكىزلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«قان ئاۋۋال ياخشى ئۇۋلىنىدۇ، ئاندىن كىيىمگە سۇ سېپىپ سىقىلىدۇ؛ ئاندىن، سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇلىدۇ.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ بۇلۇغۇلمەرام 27)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە بىنتى ئەبۇ خۇبەيش (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئىستىھازە كېسىلى بولغان ئايالمەن. بۇ سەۋەبلىك پاك بولالمايمەن. (شۇنداق بولغاندىكىن) ناماز ئوقۇمايمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، بۇ ھەيز قېنى ئەمەس تومۇردىن كەلگەن قاندۇر. ھەيز قېنى كەلگەندە ناماز ئوقۇماڭ. ھەيز قېنى توختىغاندا، تومۇردىن كەلگەن قاننى يۇيۇڭ ۋە ناماز ئوقۇڭ» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ بۇلۇغۇلمەرام 66)

بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «كېيىن ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ» دەپ كەلگەن. مۇسلىم ئۆزىنىڭ بۇ لەۋزىنى قەستەن بايان قىلمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

ھەمنە بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلا. ئاندىن غۇسل قىل. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇ، روزا تۇت. بۇ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سەنمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىل. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)

مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن (شەرھنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنىلا ئالدىم):

«بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.

«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)

ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز (ھەيزدىن) پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئەرزىگۈدەك بىر نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام› 140-نومۇرلۇق ھەدىس)

بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز ھېسابلانمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«ئايال كىشى ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، ئۇزۇ بىر ھەدىستىن ئېلىنغان.(ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام 144-نومۇرلۇق ھەدىس)

بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.)[سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىمىزدىن مۇنداق بايان قىلىنغان: (أنها كانت تشرب من الإناء وهي حائض، فيأخذه رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فيضع فاه على موضع فيها.) ئائىشە ئانىمىز ھەيزدار ھالەتتە بىر چېنىدىن سۇ ئىچەتتى، رەسۇلۇللاھمۇ شۇ چېنىنى ئېلىپ ئاغزىنى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاغزى تەگكەن يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ سۇ ئىچەتتى. (مۇسلىم 300)

The post ھەيز توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە شەرھى | بۇلۇغۇلمەرام first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ھەيز توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە شەرھى | بۇلۇغۇلمەرام appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز
ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال: بىز قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان قىزلارمىز. قۇرئان دەرىسلىكىدە ئوقۇتقۇچىمىز بىزنىڭ ھەيزدار ھالىتىمىزدە بىزدىن قۇرئان ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئادەتتە ئۇستازىمىزغا ئادەت كۆرگىنىمىزنى ئېيتىشتىن نومۇس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەيزدار بولغانلىقىمىز سەۋەبلىك قۇرئاننى ئۆزىمىز خالىمىغان ھالدا ئوقۇدۇق. ھەيزدار ھالەتتە قۇرئان ئوقۇش توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولمىسا، ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمىز قۇرئان دەرسلىكى ئىمتىھانىمىزغا كېلىپ قالغاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى:1999-يىلى)

جاۋاب: بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن) ھەيزدار ۋە نىپاسدار (تۇغۇتلۇق) ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغان. بەزى ئۆلىمالار ھەيزدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى جۇنۇب كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىغا ئوخشاشلا ھارام، دېگەن. ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جۇنۇب كىشىنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلىگەنلىكى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس بار. جۇنۇبلۇق ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىققا (تۇغۇتلۇق ھالەتكە) ئوخشاشلا چوڭ تاھارەتسىزلىكتۇر.» شۇنداق بولغانلىقتىن، ئۇلار ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارنىڭ تاكى پاكلانغۇچە قۇرئان ئوقۇشىغا يول يوق، دېيىشكەن. شۇنداقلا، ئىمام تىرمىزى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەلللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن:(لا تقرأ الحائض ولا النفساء من القرآن شيئًا)«ھەيزدار بىلەن جۇنۇب قۇرئاندىن ھېچنېمە ئوقۇمىسۇن.»(تىرمىزى 131، ئىبنى ماجە 596)

باشقا ئۆلىمالار مۇنداق قاراشتا بولغان: ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارنىڭ ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىق ھالىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللار قۇرئاننى يادقا ئوقۇسا بولىدۇ. ھەيزدار ئايال ھەيزدارلىق ھالىتىدە نەچچە كۈنلەپ قالىدۇ، نىپاسدار ئايالنىڭ نىپاسدارلىقى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىقنى جۇنۇبلۇققا قىياس قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، جۇنۇب بولغان كىشى جۇنۇبلۇقتىن كېيىنلا يۇيۇنۇپ، قۇرئان ئوقۇيالايدۇ. بىراق، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايال تاكى قان تولۇق توختىمىغۇچە، يۇيۇنۇپ پاك ھالەتكە كېلەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايال (ئۇزۇن كۈن چوڭ تاھارەتسىز ھالەتتە بولغاچقا) ئۇلارنىڭ قۇرئانغان بولغان ھاجىتى جۇنۇبنىڭ قۇرئانغا بولغان ھاجىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس، دېگەن ئۆلىمالار دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن: (لا تقرأ الحائض ولا النفساء من القرآن شيئًا)«ھەيزدار بىلەن جۇنۇب قۇرئاندىن ھېچنېمە ئوقۇمىسۇن» دېگەن ھەدىس زەئىپ. ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن ھىجاز ئەھلىدىن بولغان ئىسمائىل ئىبنى ئەيياشنى زەئىپ راۋىي سانىغان (زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزلىگەنلىكىدە شەك بار.)

(شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن،) بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك قاراش: ئۇلارنىڭ ھەيزدارلىق ۋە نىپاسدارلىق ۋاقتى ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس، دېگەن قاراشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەيزدار ئايالنى جۇنۇبقا قىياس قىلىش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلەپ كەلگەن ھەدىس زەئىپ.

شۇ ۋەجىدىن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار خانىم-قىزلارنىڭ ئىمتىھاندا بولسۇن، ياكى باشقا ھەر قانداق چاغدا بولسۇن قۇرئان ئوقۇشى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئايال قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمەس، يادقا ئوقۇيدۇ. ناۋادا، قۇرئاننى تۇتۇشقا ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئۇ ھالدا بىۋاسىتە تۇتماستىن، ۋاسىتىلىك تۇتىدۇ. يەنى، پەلەي ياكى لاتا بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا: كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، ھەيزدار ۋە نىپاسدار خانىم-قىزلارنىڭ قۇرئاننى يادقا ئوقۇشى دۇرۇس. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ قولىغا پەلەي كىيىپ ياكى رەختنى ئوراپ قۇرئاننى تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇشىمۇ دۇرۇس.

(ئەللامە ئىبنى باز «فەتۋا نۇر ئەلەددەرب»؛ 5-جىلد، 430-بەت)[ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.]

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدە ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى چەكلەنگەن ئەمەس. خانىم-قىزلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىمۇ ئوخشاشلا ئادەت كۆرەتتى. ئەگەر ھەيزدار خانىم-قىزلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى شەرىئەتتە چەكلىنىدىغان بولسا، ھەيىزدار خانىم-قىزلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئۇلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىمۇ چەكلىگەن بولاتتى ۋە بۇنى ئۈممەتكە قالدۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. شۇنداقلا، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى ۋە بۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن بولاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشى چەكلىنىدىغان سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن ئىكەن، ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى ھارام قىلىۋېلىش دۇرۇس ئەمەس. شۇ دەۋىردىمۇ قىز-ئاياللار ھەيزدار بولىدىغان تۇرۇپمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى چەكلىمىگەنلىكى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 26-جىلد، 191-بەت)

The post ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ھەيزدار ئايالنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.