«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

قىرىق ھەدىس: بىرىنچى ھەدىس

عَنْ أَمِيرِ المُؤمِنينَ أَبي حَفْصٍ عُمَرَ بْنِ الخَطَّابِ قَالَ : سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ ﷺ يَقُولُ : » إِنَّمَا الأَعْمَالُ بِالنِّيَّاتِ ، وَإنَّمَا لِكُلِّ امْرِىءٍ مَا نَوَى ، فَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ إِلى اللهِ وَرَسُوله فَهِجْرتُهُ إلى اللهِ وَرَسُوُله ، وَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ لِدُنْيَا يُصِيْبُهَا ، أَو امْرأَةٍ يَنْكِحُهَا ، فَهِجْرَتُهُ إِلى مَا هَاجَرَ إلَيْهِ «

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئەبى ھەفس ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەر كىشى نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ. كىمنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. كىمنىڭ ھىجرىتى قولغا كەلتۈرىدىغان بىر دۇنيالىق نەرسە ياكى نىكاھلىنىدىغان بىر ئايال ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئۆزى ھىجرەت قىلغان نەرسىگە بولىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 1، مۇسلىم 1907)

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ (ۋاپاتى: ھ 1421) بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

نىيەت

«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» يەنى، ھەر قانداق ئەمەلدە چوقۇم بىر نىيەت بولىدۇ. ئەقلى جايىدا ۋە ھۆر بىر ئىساننىڭ ئىش-پائالىيىتىنىڭ ئارقىسىدا مۇتلەق بىر ئىرادە بولىدۇ، ئىرادە نىيەتتۇر. ھەر قانداق ئەمەلنى قىلغۇچى ئۇ ئەمەلنى چوقۇم بىر نىيەت بىلەن قىلىدۇ. بىراق، نىيەتلەر پەرقلىق بولىدۇ. ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ بىر-بىرىدىن ئۇزاق بولغىنىغا ئوخشاش، بىر-بىرىگە زىت نىيەتلەر مەۋجۇتتۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ نىيىتى ئەڭ ئەۋزەل نەرسىلەردە بولىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ نىيىتى تولىمۇ تۆۋەن ۋە قىممىتى يوق، پۈچەك نەرسىلەردە بولىدۇ. ئەھۋال شۇ دەرىجىدىكى، ئوخشاش بىر ئەمەلنى باشتىن ئاخىرىغىچە بىللە قىلغان، ھەرىكىتى، سۆزى بىر-بىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولغان ئىككى كىشىنى كۆرىسىز. ئەمما، نىيىتىنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرق مەۋجۇت.

«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەر كىشى نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.» يەنى، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەللەر ئارقىلىق ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىنى نىيەت قىلسىڭىز، بۇنىڭغا يېتەلەيسىز. شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەللەرنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ دۇنياۋى مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى نىيەت قىلسىڭىز بۇنىڭغا ئېرىشەلىشىڭىزمۇ، ئېرىشەلمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن.

ھىجرەت

ھىجرەت كىشىنىڭ كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشىدۇر. مەسىلەن، ئامېرىكىدا — ئامېرىكا كۇفۇر دىيارىدۇر — ياشاپ مۇسۇلمان بولغان بىر ئادەم، ئۇ يەردە دىنىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ ياشاشقا قادىر بولالمىسا، دىنىغا چەكلىمىسىز ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالايدىغان ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ھىجرەت ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: (1) ماكاندىن ھىجرەت؛ (2) ئەمەلدىن ھىجرەت؛ (3) يامان ئىش قىلغۇچىدىن ھىجرەت قاتارلىقلاردۇر.

(1) ماكاندىن ھىجرەت:

بۇ، كىشىنىڭ گۇناھلار ۋە كۇفۇر كەڭ تارقالغان بىر ماكاننى تەرك ئېتىپ، بۇ خىل يامانلىقلار يوق يەرگە يۆتكىلشىىدۇر. ماكاندىن ھىجرەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى — كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشتۇر.

ئىسلام ئالىملىرى دىنىغا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغان كىشىنىڭ كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشىنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بىراق، كۇفۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان دىنىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالىسا ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى ئورۇنداشتا بىر چەكلىمە، پۇتلىكاشاڭغا ئۇچرىمىسا، بۇ مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى پەرز ئەمەس، مۇستەھەپ (قىلىشى ياخشى، قىلماسلىقى گۇناھ بولمايدىغان ئەمەل) بولىدۇ. كىشىنىڭ ۋەتىنى كۇفۇر دىيارى بولسا ۋە دىنىغا ئوچۇق ئاشكارا، چەكلىمىسىز ھالدا ئەمەل قىلالمىسا،  بۇنداق كىشىگە ئۇ يەرنى تەرك ئېتىپ، ھىجرەت قىلىشى پەرز بولىدۇ.

كۇفۇر دىيارىغا ساياھەت ئۈچۈن بېرىش دۇرۇس ئەمەس (شەيخ بۇ ھەدىسنى شەرھلەش جەريانىدا، بۇ مەسىلە ھەققىدىمۇ توخالغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ ھەجمىنىڭ ئۇزراپ كېتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىرىق ھەدىسنى تولۇق ئوقۇماستىن يېرىم يولدا توختاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ پەتىۋانىڭ مەزمۇنى «مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى» تورىمىزغا قويۇلدى. [mujtehid.com] قىززىقۇچىلار يۇقىرىقى تېما بويىچە گۇگلدىن ياكى مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ.)

ئىككىنچى: ئەمەلدىن ھىجرەت

ئەمەلدىن ھىجرەت — كىشىنىڭ ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسى مۇشۇ نۇقتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: «مۇسۇلمان — مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ تىلىنىڭ ۋە قولىنىڭ زىيىنىدىن خاتىرجەم بولغۇچىدۇر. مۇھاجىر — ئاللاھنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن (ئۇ چەكلىمىلەرنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق) ھىجرەت قىلغۇچىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6484؛ مۇسلىم 41)

ئۈچىنچى: يامان ئىش قىلغۇچىدىن ھىجرەت

بەزىدە مەلۇم بىر ھارام ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇ ئەمەلگە چۆكۈپ كەتكۈچىدىن ھىجرەت قىلىش (ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش) پەرز بولىدۇ. ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا گۇناھ قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۇ گۇناھنى كۆرۈشىگە پىسەنت قىلمايدىغان كىشى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش — بىر پايدا بېرىدىغان تەقدىردە دۇرۇستۇر.

بۇ يەردىكى پايدا، تاشلىۋېتىلگەن كىشىنىڭ خاتا ئىشىنى تونۇپ، گۇناھتىن يېنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئەقىدىسىدە، چوڭ كۇفۇر سىرتىدىكى گۇناھلار كىشىنى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى، 1-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى؛ تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن شەيخنىڭ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلغايسىز. بۇ ئەسەر تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى.)

ئەللامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىستىن چىقىدىغان ھۆكۈملەر:

  • كۆرۈنۈش جەھەتتە بىر بىرىگە ئوخشايدىغان بارچە ئەمەللەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسە نىيەتتۇر.
  • مۇكەللەف قىلغان ئەمىلىدىن پەقەتلا نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.  (قۇرئان سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا، پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىرەر ئەمەلنى قىلسا، بۇ ئەمەلنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە بولغان تەقدىردە، ئۆزى نىيەت قىلغان پۈچەك غايىسىگە ئېرىشىشمۇ، ئېرىشەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.) [مۇكەللەف — بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلىنى يوقىتىش، ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قېلىش ياكى بەدەن سېزىمىنى يوقىتىش … قاتارلىق ئىللەتلەردىن خالىي بولغان، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇندىشى پەرز بولغان مۇسۇلماننى كۆرسىتىدۇ.]
  • ئىبادەت مەقسەت قىلىنغان ئەمەللەردە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش پەرز.
  • ئىبادەت مەقسەت قىلىنغان ئەمىلىنى ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قىلىش ھارام.

* شىرك دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكى چىقىدۇ.

  • ھىجرەتتە ئىخلاس پەرز. بۇ ھىجرەتنىڭ ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات چېغىدا رەسۇلۇللاھقا بولۇشىنى، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كېيىن، ھىجرەتنىڭ ئۇنىڭ دىنىغا ۋە سۈننىتىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
  • كىم ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلاردا دۇنيالىق مەنپەئەتنى نىيەت قىلىپ ئەمەل قىلسا، ئەمىلىدىن پەقەتلا – ئاللاھ خالىغان تەقدىردە – نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.
  • (ئاللاھقا ئىخلاسلىق بولمىغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان، مۇشۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلىمىغان ھەر قانداق ئەمەل ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولمايدۇ.)
  • بۇ ھەدىستە دۇنيانىڭ ۋە دۇنياۋى ئارزۇ ئىستەكلەرنىڭ ئەرزىمەس نەرسىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن. چۈنكى ھەدىستىكى «ئۇنىڭ ھىجرىتى ئۆزى ھىجرەت قىلغان نەرسىگە بولىدۇ» جۈملىسىدە، دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغانلىرى يوشۇرۇن ۋە نائېنىق ھالەتتە قويۇپ قويۇلغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغانلىرى ئوچۇق ھالەتتە بايان قىلىنغان. (شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر بارراك «قىرىق ھەدىستىن پايدىلار») [بىز ئۇيغۇرچە قىسقارتىپ يۇقىرقىدەك ئاتىغان بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەبچە نامى:الفَوَائِدُ المُسْتَنْبَطَةُ مِنْ الْأَرْبَعِينَ النَّوَوِيَّةِ وَتَتِمَّتِهَا الرَّجَبِيَّةِ ] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ