قۇرئان ۋە تەۋھىد: ئايەتۇل كۇرسىي

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:﴿اللَّـهُ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ        بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ
الْعَظِيمُ
تەپسىر تەرجىمىسى: ﴿ئاللاھ ئىبادەت ۋە قۇلچىلىققا لايىقلىقتا ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر. ئاللاھ  بارچە ئۈستۈن ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەرگە ئىگە، ئەزەلدىن ۋە ئەبەدىلئەبەد تىرىكتۇر. ئاللاھ ھېچبىر مەخلۇقاتقا ۋە ھېچنەرسىگە موھتاج بولماستىن ئۆزىنى ئۆزى ساقلىغۇچى ۋە پۈتكۈل كائىناتنى، بارچە مەخلۇقاتنى ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلىپ ، كائىناتتىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنى مۈگدەك باسمايدۇ، ئۇيقۇ تۇتمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغۇچە (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا (ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ) شاپائەت قىلالايدىغان كىم بار؟ ئاللاھ (ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ) كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالىنى مۇكەممەل بىلىدۇ. ھېچكىم (ئاللاھنىڭ زاتى ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرى توغرۇلۇق)  ئاللاھ (كىتابلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە بىلدۈرگەندىن باشقا نەرسىنى بىلەلمەيدۇ (شۇنداقلا ھېچكىم باشقا ئىلىملەردىنمۇ ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىدىن باشقىنى بىلەلمەيدۇ.) ئاللاھنىڭ (ئوخشىشى يوق، مەخلۇقاتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغان، قانداقلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان ئىككى پۇتى تۇرىدىغان) كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى قورشاپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاپ تۇرۇش ئاللاھقا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئاللاھ (زاتى ۋە سۈپىتى بىلەن ئۆزى ياراتقان ۋە پادىشاھلىقىنى ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ھېچبىر مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئۈستىدە ئەمەستۇر، ئاللاھ  ئۆز زاتى بىلەن ئەرشنىڭ ئۈستىدىدۇر ۋە ھەممىدىن) ئۈستۈندۇر، (ئاللاھ تەڭداشسىزلىقنى ۋە بارچە بۈيۈك سۈپەتلەرنى ئۆزىدە بار قىلغۇچى زات بولۇپ، ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر، ئاللاھتىن چوڭ ھېچ نەرسە يوق، ئاللاھ ھەممىدىن) ئۇلۇغدۇر.﴾ (سۈرە بەقەرە، 255-ئايەت) 2:255
بۇ ھەدىس «ئايەتۇل كۇرسى» دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئاللاھنىڭ كىتابىدا قايسى ئايەت ئەڭ ئۇلۇغ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇبەي ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىلىمىڭگە مۇبارەك بولسۇن، ئى ئەبۇ مۇنزىر» دەپ ئۇبەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تەستىقلىغان. – سەھىھ مۇسلىم 810

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ