ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى

قىرىق ھەدىس

مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى بىلەن

مۇئەللىپ: ئىمام نەۋەۋى

شەرھلىگۈچى ئالىملار:

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى رەھىمەھۇللاھ

فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراك

شەيخ سالىھ فەۋزان

«فۇرقان دەۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

كىتابنىڭ PDF نۇسخىسىنى تېلگرام قانىلىمىزدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ

mujtehid.com

بىرىنچى نەشىرى

ھىجرىيە 1441-يىلى، 26- شەئبان

2020-يىلى، 20 ئاپرېل

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈپ، تەقۋادارلارغا ئاخىرەتتە جەننەت نېمىتىنى تەييارلىغۇچى، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچى، مۆمىن بەندىلىرىگە چەكسىز مۇلايىملىق قىلىپ، ئۇلارنى ئاسراپ، يامانلىقلاردىن قوغدىغۇچى ئۇلۇغ رەببىمىز، پۈتكۈل كائىناتنىڭ پادىشاھى، ھەممە ئۇلۇغلۇقنىڭ يېگانە ساھىبى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئۇ ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ھەق پەيغەمبىرىدۇر.

ئەسەر ھەققىدە

«قىرىق ھەدىس» ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھەدىس كىتابلىرىدىن بىرىدۇر. ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسىرىگە 42 ھەدىس كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىنىش، دىننىڭ ئاساسىنى چۈشىنىشتە  ئۆز زامانىسىدىن تارتىپ تاكى قىيامەتكە قەدەر يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر ئەسەرلەردىن بىرىدۇر. بۇ ئەسەر ئاۋام خەلقتىن تارتىپ ئىلىم ئەھلىلىرىگىچە بولغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ھىدايەت ۋە ئىلىم خەزىنىسىدۇر. ئىسلامنى چۈشەنمەكچى بولغانلار، ئاللاھقا يېقىنلاشماقچى بولغانلار، تەقۋادارلىقىنى ئاشۇرماقچى بولغانلار، دۇنيانىڭ ئېغىر يۈكىدىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھقا قايتماقچى بولغانلار؛ شۇنداقلا، توغرا ئەقىدە، ساغلام ھىدايەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە ئىككىلى دۇنيانىڭ بەخت سائادىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانلار ئۈچۈن بۇ ئەسەر بىباھا ئەڭگۈشتەر، سەممىمىي دوست ۋە توغرا يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق چىراق بولالايدۇ.

بۇ كىتابتا ئىلىم، ھىدايەت ۋە نۇر بار. كىتابتىكىسى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدۇر. كىتابتىكى ھەممىسى سەھىھ ھەدىس بولۇپ، سەھىھ ھەدىس — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دېگەنلىكى ئىسپاتلانغان، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ئىككى تۈرلۈك ۋەھىيدىن بىرىدۇر.

كىتابتىكى ھەدىسلەر ساپ ئۇيغۇر تىلىدا، چۈشىنىشلىك ۋە ئەسلىگە سادىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقىلدى. كىتابتىكى ھەدىسلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىشى ئۈچۈن ئاساسلىقى زامانىمىزنىڭ پېشقەدەم ئالىملىرىدىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ كىتابقا يازغان گۈزەل شەرھى ئىخچام رەۋىشتە تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. تېخىمۇ چوڭقۇر شەرھلەش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنگە ھەقىقىي نەپ بېرىش مەقسىتىدە زۆرۈر تېپىلغاندا مۇھەددىسلەرنىڭ ئەمىرى ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىنىڭ «فەتھۇلبارى» ناملىق ئەسىرىدىن ھەدىسكە مۇناسىۋەتلىك شەرھلەر تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. ئۇنىڭدىن سىرت، مۇشۇ ھىجرى ئەسىرنىڭ مۆتىۋەر ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىدىن فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ، شەيخ سالىھ فەۋزان قاتارلىق بۈيۈكلەرنىڭ ھەدىسكە مۇناسىۋەتلىك شەرھلىرىمۇ ئەسەردىن ئورۇن ئالدى. ئەسەرنىڭ ھەجمىنى ئامال بار قىسقا تۇتۇش، ئۇزارتىۋەتمەسلىك مەقسىتىدە ھەدىستىكى شەرھلىنىشكە كۆپ ھاجىتى بولمىغان سۆز-جۈملىلەر شەرھلەنمىدى. شەرھلەنمىگەن تەقدىردە ئوقۇرمەن ھەدىسنى يېتەرلىك دەرىجىدە چۈشىنەلمەيدۇ دەپ قارالغان ھەدىسلەر  يۇقىرىدا نامى كەچكەن مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى بىلەن زىننەتلەندى.

بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان كىشى ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىدىن، ئۇنىڭدىكى نۇر ۋە ھىدايەتتىن قەلبى ئارام تېپىپ، كاللىسىدىكى بىر تۈركۈم چۈشىنىكسىز مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەسەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا دەرسلىك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەنمەكچى بولغان پەرزەنتلەرنىڭ ۋە دىنغا ھېرىسمەن مۆمىنلەرنىڭ ئەسەردىكى ھەدىسلەرنى يادلىۋېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

قولىڭىزدىكىسى فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «قىرىق ھەدىس» ئەسىرىنىڭ بىرىنچى نەشىرى بولۇپ، ئاللاھ نېسىپ قىلسا، بۇ ئەسەرنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نەشىرلىرىنى تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. كېيىنكى نەشىرلەردە بىرىنچى نەشىرىدە كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇششاق خاتالىقلار تۈزۈتىلىدۇ، ھەر بىر ھەدىسنىڭ مۆتىۋەر ئىسلام ئالىملىرى تەرىپىدىن قىلىنغان شەرھلىرى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھالدا ئەسەردىن ئورۇن ئالىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەسەر ئۇچرىغاندا نەشىر سانىغا دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن. بۇ كىچىككىنە ئەمگىكىم ئۈچۈن مېھرىبان رەببىم ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىمنى كۆتۈرۈۋېتىشى، مۇشۇ ئەسەرنى يازغان، شەرھلىگەن ئالىملار قاتارىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قەتئىي ئەگىشىشىمگە، ئىسلام ۋە سۈننەت ئۈستىدە ئۆزىگە ئۇچقۇشۇشىمغا نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمەن.

– ھىجرىيە 1441-يىلى رامزاننىڭ 3-كۈنى.

مۇئەللىپ ئىمام نەۋەۋى ھەققىدە

ئىمام نەۋەۋى ئىسلام ئالىمىنىڭ ئەڭ مەشھۇر مۇھەددىسلىرىدىن بىرىدۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىدىن كېيىن ياشىغان پۈتكۈل ئالىملار ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان، ئەسەر ۋە كۆز قاراشلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدىغان، سەلەپ ئەقىدىسىدىكى مۇجتەھىد فەقىھتۇر. ئىمام ئەبۇ زەكەرىييا يەھيا ئىبنى شەرەف نەۋەۋى ھىجرىيە 631-يىلى (مىلادىيە 1233-يىلى) سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىگە يېقىن ناۋا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئىمام نەۋەۋى كىچىكىدىلا قۇرئاننى مۇكەممەل يادلاپ، ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر يىگىرمە ئالىمىدىن ئىلىم ئۆگەنگەن. ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئىلىمگە بولغان كۈچلۈك قىزغىنلىقى، غەيرىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى ئۇستازلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

ھاياتىنى ئەسەر يېزىپ ئىلىم تارقىتىش، تەقۋا ۋە زۇھد ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئىمام نەۋەۋى، ھىجرىيە 676-يىلى (مىلادى 1278) قىرىق بەش يېزىشىدا ئۆز يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن، ئەمما ئىلىم ۋە ئەسەرلىرى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغان تارقالغان ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۈچلۈك ماختىشى ۋە ئېتىراپىغا سازاۋەر بولغان ئېسىل ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، «رىيازۇس سالىھىن»، «سەھىھ مۇسلىم شەرھى»، «سۈنەن ئەبۇ داۋۇد شەرھى»، «تەزھىب ئەسماۋەسسىفات»، «مۇختەسەر تىرمىزى»، «قىرىق ھەدىس» ئۇ يازغان ئەسەرلەر جۈملىسىدىن.

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك ھەققىدە

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراك زامانىمىزدا ھايات ياشاۋاتقان مۆتىۋەر ھەرەم ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئەسەر يېزىش، پەتىۋا بېرىش، شاگىرت تەربىيلەش جەھەتلەردە كۆپلىگەن ياخشى خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئۇ رەسۇلۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر ئىزىدىن ماڭغان، سەلەپ ئەقىدىسىدىكى مۆتىۋەر، ئىشەنچىلىك ئىسلام ئالىمىدۇر. شەيخنىڭ يېشى توقسانغا يېقىنلاپ قالغان بولۇپ بولۇپ، ئاللاھتىن شەيخكە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى ھەققىدە

فۇرقان دەۋەت مەركىزى سەلەپ ئەقىدىسىكى مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە توغرا رەۋىشتە ئېسىلىشى ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشىنى كۆزلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىسلامىي قۇرۇلۇشتۇر.

:تور بېتىمىز

mujtehid.com

فۇرقان دەۋەت مەركىزىمىز تارقاتقان بەزى ئەسەرلەر:

ئاياللار ئۈچۈن يۈز ھەدىس (فۇرقان دەۋەت مەركىزى)

رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى (مۇھەددىس ئەلبانى)

نۇرلۇق ۋەھىي (ئەللامە ئىبنى باز، مۇھەددىس ئەلبانى)

قىرىق ھەدىس ۋە قىسقىچە شەرھى (نەۋەۋى، مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى بىلەن)

بىدئەت رىسالىسى (شەيخ سالىھ فەۋزان)

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بىرىنچى ھەدىس

عَنْ أَمِيرِ المُؤمِنينَ أَبي حَفْصٍ عُمَرَ بْنِ الخَطَّابِ قَالَ : سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ ﷺ يَقُولُ : » إِنَّمَا الأَعْمَالُ بِالنِّيَّاتِ ، وَإنَّمَا لِكُلِّ امْرِىءٍ مَا نَوَى ، فَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ إِلى اللهِ وَرَسُوله فَهِجْرتُهُ إلى اللهِ وَرَسُوُله ، وَمَنْ كَانَتْ هِجْرَتُهُ لِدُنْيَا يُصِيْبُهَا ، أَو امْرأَةٍ يَنْكِحُهَا ، فَهِجْرَتُهُ إِلى مَا هَاجَرَ إلَيْهِ «

مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، ئەبى ھەفس ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەر كىشى نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ. كىمنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. كىمنىڭ ھىجرىتى قولغا كەلتۈرىدىغان بىر دۇنيالىق نەرسە ياكى نىكاھلىنىدىغان بىر ئايال ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئۆزى ھىجرەت قىلغان نەرسىگە بولىدۇ.» (بۇخارى 1، مۇسلىم 1907)

 

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

نىيەت

«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» يەنى، ھەر قانداق ئەمەلدە چوقۇم بىر نىيەت بولىدۇ. ئەقلى جايىدا ۋە ھۆر بىر ئىساننىڭ ئىش-پائالىيىتىنىڭ ئارقىسىدا مۇتلەق بىر ئىرادە بولىدۇ، ئىرادە نىيەتتۇر. ھەر قانداق ئەمەلنى قىلغۇچى ئۇ ئەمەلنى چوقۇم بىر نىيەت بىلەن قىلىدۇ. بىراق، نىيەتلەر پەرقلىق بولىدۇ. ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ بىر-بىرىدىن ئۇزاق بولغىنىغا ئوخشاش، بىر-بىرىگە زىت نىيەتلەر مەۋجۇتتۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ نىيىتى ئەڭ ئەۋزەل نەرسىلەردە بولىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ نىيىتى تولىمۇ تۆۋەن ۋە قىممىتى يوق، پۈچەك نەرسىلەردە بولىدۇ. ئەھۋال شۇ دەرىجىدىكى، ئوخشاش بىر ئەمەلنى باشتىن ئاخىرىغىچە بىللە قىلغان، ھەرىكىتى، سۆزى بىر-بىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولغان ئىككى كىشىنى كۆرىسىز. ئەمما، نىيىتىنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرق مەۋجۇت.

«ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەر كىشى نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.» يەنى، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەللەر ئارقىلىق ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىنى نىيەت قىلسىڭىز، بۇنىڭغا يېتەلەيسىز. شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەللەرنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ دۇنياۋى مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى نىيەت قىلسىڭىز بۇنىڭغا ئېرىشەلىشىڭىزمۇ، ئېرىشەلمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن.

ھىجرەت

ھىجرەت كىشىنىڭ كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشىدۇر. مەسىلەن، ئامېرىكىدا — ئامېرىكا كۇفۇر دىيارىدۇر — ياشاپ مۇسۇلمان بولغان بىر ئادەم، ئۇ يەردە دىنىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ ياشاشقا قادىر بولالمىسا، دىنىغا چەكلىمىسىز ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالايدىغان ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ھىجرەت ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: (1) ماكاندىن ھىجرەت؛ (2) ئەمەلدىن ھىجرەت؛ (3) يامان ئىش قىلغۇچىدىن ھىجرەت قاتارلىقلاردۇر.

(1) ماكاندىن ھىجرەت:

بۇ، كىشىنىڭ گۇناھلار ۋە كۇفۇر كەڭ تارقالغان بىر ماكاننى تەرك ئېتىپ، بۇ خىل يامانلىقلار يوق يەرگە يۆتكىلشىىدۇر. ماكاندىن ھىجرەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى — كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشتۇر.

ئىسلام ئالىملىرى دىنىغا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغان كىشىنىڭ كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا كۆچۈشىنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بىراق، كۇفۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان دىنىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تولۇق ئەمەل قىلالىسا ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى ئورۇنداشتا بىر چەكلىمە، پۇتلىكاشاڭغا ئۇچرىمىسا، بۇ مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى پەرز ئەمەس، مۇستەھەپ (قىلىشى ياخشى، قىلماسلىقى گۇناھ بولمايدىغان ئەمەل) بولىدۇ. كىشىنىڭ ۋەتىنى كۇفۇر دىيارى بولسا ۋە دىنىغا ئوچۇق ئاشكارا، چەكلىمىسىز ھالدا ئەمەل قىلالمىسا،  بۇنداق كىشىگە ئۇ يەرنى تەرك ئېتىپ، ھىجرەت قىلىشى پەرز بولىدۇ.

كۇفۇر دىيارىغا ساياھەت ئۈچۈن بېرىش دۇرۇس ئەمەس (شەيخ بۇ ھەدىسنى شەرھلەش جەريانىدا، بۇ مەسىلە ھەققىدىمۇ توخالغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ ھەجمىنىڭ ئۇزراپ كېتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىرىق ھەدىسنى تولۇق ئوقۇماستىن يېرىم يولدا توختاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ پەتىۋانىڭ مەزمۇنى «مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى» تورىمىزغا قويۇلدى. [mujtehid.blogspot.com] قىززىقۇچىلار يۇقىرىقى تېما بويىچە گۇگلدىن ياكى مۇجەھىدلەر پەتىۋالىرى تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ.)

(2) ئەمەلدىن ھىجرەت:

ئەمەلدىن ھىجرەت — كىشىنىڭ ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسى مۇشۇ نۇقتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ:«مۇسۇلمان — مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ تىلىنىڭ ۋە قولىنىڭ زىيىنىدىن خاتىرجەم بولغۇچىدۇر. مۇھاجىر — ئاللاھنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن (ئۇ چەكلىمىلەرنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق) ھىجرەت قىلغۇچىدۇر.»(بۇخارى 6484؛ مۇسلىم 41)

(3) يامان ئىش قىلغۇچىدىن ھىجرەت:

بەزىدە مەلۇم بىر ھارام ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇ ئەمەلگە چۆكۈپ كەتكۈچىدىن ھىجرەت قىلىش (ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش) پەرز بولىدۇ. ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا گۇناھ قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۇ گۇناھنى كۆرۈشىگە پىسەنت قىلمايدىغان كىشى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش — بىر پايدا بېرىدىغان تەقدىردە دۇرۇستۇر.

بۇ يەردىكى پايدا، تاشلىۋېتىلگەن كىشىنىڭ خاتا ئىشىنى تونۇپ، گۇناھتىن يېنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئەقىدىسىدە، چوڭ كۇفۇر سىرتىدىكى گۇناھلار كىشىنى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى، 1-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى؛ تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن شەيخنىڭ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلغايسىز. بۇ ئەسەر تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى.)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىستىن چىقىدىغان ھۆكۈملەر:

  • كۆرۈنۈش جەھەتتە بىر بىرىگە ئوخشايدىغان بارچە ئەمەللەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان نەرسە نىيەتتۇر.

  • مۇكەللەف قىلغان ئەمىلىدىن پەقەتلا نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.  (قۇرئان سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا، پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بىرەر ئەمەلنى قىلسا، بۇ ئەمەلنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە بولغان تەقدىردە، ئۆزى نىيەت قىلغان پۈچەك غايىسىگە ئېرىشىشمۇ، ئېرىشەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.) [مۇكەللەف — بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلىنى يوقىتىش، ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قېلىش ياكى بەدەن سېزىمىنى يوقىتىش … قاتارلىق ئىللەتلەردىن خالىي بولغان، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇندىشى پەرز بولغان مۇسۇلماننى كۆرسىتىدۇ.]

  • ئىبادەت مەقسەت قىلىنغان ئەمەللەردە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش پەرز.

  • ئىبادەت مەقسەت قىلىنغان ئەمىلىنى ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قىلىش ھارام.

* شىرك دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكى چىقىدۇ.

  • ھىجرەتتە ئىخلاس پەرز. بۇ ھىجرەتنىڭ ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات چېغىدا رەسۇلۇللاھقا بولۇشىنى، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كېيىن، ھىجرەتنىڭ ئۇنىڭ دىنىغا ۋە سۈننىتىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

  • كىم ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلاردا دۇنيالىق مەنپەئەتنى نىيەت قىلىپ ئەمەل قىلسا، ئەمىلىدىن پەقەتلا – ئاللاھ خالىغان تەقدىردە – نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ.

  • (ئاللاھقا ئىخلاسلىق بولمىغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان، مۇشۇ ئىككى شەرتنى ھازىرلىمىغان ھەر قانداق ئەمەل ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولمايدۇ.)

  • بۇ ھەدىستە دۇنيانىڭ ۋە دۇنياۋى ئارزۇ ئىستەكلەرنىڭ ئەرزىمەس نەرسىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن. چۈنكى ھەدىستىكى «ئۇنىڭ ھىجرىتى ئۆزى ھىجرەت قىلغان نەرسىگە بولىدۇ» جۈملىسىدە، دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغانلىرى يوشۇرۇن ۋە نائېنىق ھالەتتە قويۇپ قويۇلغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغانلىرى ئوچۇق ھالەتتە بايان قىلىنغان. (شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر بارراك «قىرىق ھەدىستىن پايدىلار») [بىز ئۇيغۇرچە قىسقارتىپ يۇقىرقىدەك ئاتىغان بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەبچە نامى:الفَوَائِدُ المُسْتَنْبَطَةُ مِنْ الْأَرْبَعِينَ النَّوَوِيَّةِ وَتَتِمَّتِهَا الرَّجَبِيَّةِ ]

ئىككىنچى ھەدىس

عَنْ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ أقَال : بَيْنَمَا نَحْنُ جُلُوْسٌ عِنْدَ رَسُولِ اللهِ ذَاتَ يَوْمٍ إَذْ طَلَعَ عَلَيْناَ رَجُلٌ شَدِيْدُ بَيَاضِ الثّياب شَدِيْدُ سَوَادِ الشَّعْرِ لاَ يُرَى عَلَيهِ أَثَرُ السَّفَرِ وَلاَ يَعْرِفُهُ مِنا أحَدٌ حَتى جَلَسَ إلَى النبِي فَأَسْنَدَ رُكْبَتَيْهِ إلَى رُكْبَتَيْهِ وَوَضَعَ كَفيْهِ عَلَى فَخِذِيْهِ وَقَالَ : يَا مُحَمَّدُ أَخْبِرْنِي عَنِ الإِسْلاَم ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : » الإِسْلاَمُ أَنْ تَشْهَدَ أَنْ لاَ إلَه إلاَّ اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُولُ الله ، وَتُقِيْمَ الصَّلاَة ، وَتُؤْتِيَ الزَّكَاةَ ، وَتَصُوْمَ رَمَضَانَ ، وَتَحُجَّ البيْتَ إِنِ اِسْتَطَعتَ إِليْهِ سَبِيْلاً » قَالَ: صَدَقْتَ. فَعجِبْنَا لَهُ يَسْأَلُهُ وَيُصَدِّقُهُ، قَالَ: فَأَخْبِرِنيْ عَنِ الإِيْمَانِ، قَالَ: » أَنْ تُؤمِنَ بِالله، وَمَلاِئكَتِه، وَكُتُبِهِ ، وَرُسُلِهِ ، وَالْيَومِ الآَخِر ، وَتُؤْمِنَ بِالقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرِّهِ » قَالَ: صَدَقْتَ، قَالَ فَأخْبِرْنِيْ عَنِ الإِحْسَانِ، قَالَ: » أَنْ تَعْبُدَ اللهَ كَأَنَكَ تَرَاهُ، فَإِنْ لمْ تَكُنْ تَرَاهُ فَإِنَّهُ يَرَاكَ » . قَالَ: فَأَخْبِرْنِي عَنِ السَّاعَةِ ، قَالَ : » مَا الْمَسئُوُلُ عَنْهَا بِأَعْلَمَ مِنَ السَّائِلِ » قَالَ : فَأخْبِرْنِيْ عَنْ أَمَارَاتِها ، قَالَ : » أَنْ تَلِدَ الأَمَةُ رَبَّتَهَا ، وَأَنْ تَرى الحُفَاةَ العُرَاةَ العَالَةَ رِعَاءَ الشَّاءِ يَتَطَاوَلُوْنَ فِي البُنْيَانِ » ثْمَّ انْطَلَقَ فَلَبِثتُ مَلِيَّاً ثُمَّ قَالَ : » يَا عُمَرُ أَتَدْرِي مَنِ السَّائِلُ؟ » قُلْتُ اللهُ وَرَسُوله أَعْلَمُ قَالَ : » فَإِنَّهُ جِبْرِيْلُ أَتَاكُمْ يُعَلَّمُكُمْ دِيْنَكُمْ «

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئارىمىزدا ئولتۇرغان بىر كۈنى كىيىملىرى ئاپئاق، چاچلىرى قاپقارا، ئۈستى بېشىدىن يولۇچىلىقتىن ھېچبىر ئەسەر كۆرۈنمەيدىغان، بىزنىڭ ئارىمىزدىكىلەردىن ھېچقايسىمىز تونۇمايدىغان بىر كىشى يېتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. تىزلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ تىزلىرىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى قولىنى ئۆزىنىڭ ئىككى يوتىسىغا قويدى. ئاندىن «ئى مۇھەممەد، ماڭا ئىسلامدىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىسلام — <لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇر-رەسۇلۇللاھ> دەپ شاھادەت ئېيتىشىڭ، نامازلارنى كامىل ئادا قىلىشىڭ، زاكاتنى بېرىشىڭ، رامزان روزىسىنى تۇتۇشۇڭ، قادىر بولالىساڭ بەيتۇللاھنى ھەج قىلىشىڭدۇر» دېۋىدى، ئۇ كىشى «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. (بۇ ھەدىسنى بايان قىلىۋاتقان) ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى:«بۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن سوئال سوراپ، ئارقىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ جاۋابىنى تەستىقلىشىدىن ھەيران قېلىشتۇق.»

ئاندىن ئۇ كىشى مۇنداق دېدى:«ماڭا ئىماننى بايان قىلىپ بەرگىن!» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىمان — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ، ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى بىلەن تەقدىرگە ئىشىنىشىڭدۇر» دېدى. ئۇ كىشى «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. ئاندىن «ماڭا ئېھساندىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئېھسان دېگەن — ئاللاھقا ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. سەن ئاللاھنى كۆرەلمىگىنىڭ بىلەن، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى «ماڭا قىيامەتتىن خەۋەر بەرگىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سورالغۇچى بۇ جەھەتتىە سورىغۇچىدىن بىلىملىك ئەمەس» دېدى. ئۇ كىشى «ئۇنداقتا ماڭا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى؛ يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە نامرات پادىچىلارنىڭ ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىشتا بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكىنىنى كۆرۈشۈڭ (قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر)» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كىشى قوپۇپ كېتىپ قالدى. بۇنىڭدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى ئۆمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى. مەن «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېدىم. رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇ  (پەرىشتە) جىبرىئىلدۇر. سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى» دېدى. (مۇسلىم 1128)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* بۇ دىننىڭ ئېتىقادى ۋە ئەمەل ئاساسلىرىنى بىر يەرگە جۇغلىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىستىكى بەزى پايدىلار تۆۋەندىكىچە:

* ۋەھىينىڭ كېلىش يوللىرىدىن بىرى پەرىشتىنىڭ ئادەم شەكلىدە كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن پاراڭلىشىشىدۇر.

* پەرىشتىلەرنىڭ ئادەم شەكلىگە كىرەلەيدىغانلىقى.

* كىشىنىڭ ئىلىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىملار بار سورۇندا ئۆزى بىلىدىغان مەسىلە ھەققىدە ئۇلاردىن سوئال سوراشنىڭ دۇرۇسلۇقى.

* ئالىمنىڭ جاھىلنىڭ جاپا ۋە ئەزىيىتىگە سەبر قىلىشى. بۇنى «ئەي مۇھەممەد» دېگەن سۆزدىن (ئەسلىدە ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چاقىرىشى كېرەك) ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ھەدىدىن زىيادە يېقىنلىشىشىدىن بىلەلەيمىز.

* دىندىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ۋە دىننىڭ ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى.

* ئىماننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى جەھەتتە (ھەدىستىكى) رەت تەرتىپكە بىنائەن باشلىشى. (مەسىلەن، ئەڭ ئاۋۋال تەۋھىد-ئەقىدىدىكى ئاساسلارنى ئۆگىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامازنى ئۆگىنىش…دېگەندەك. شۇنداقلا، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنى توغرا رەۋىشتە تونۇشقا كۈچەش، ئاندىن پەرىشتىلىرىنى، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى تونۇشقا كۈچەش … دېگەندەك. تەۋھىد-ئەقىدىدە مۇئەييەن ئۇل ئاساس ھازىرلىمايلا – مەسىلەن – تاھارەتتىكى ئىنچىكە مەسىلىلەر، ھەج فىقھى دېگەنلەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىك.)

* ئىمان بىلەن ئىسلام بىرلىكتە تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق ھەدىستە بايان قىلىنغاندەكتۇر.

* ئىسلام (ئىسمىنىڭ) زاھىرى ئەمەللەرگە، ئىمان (ئىسمىنىڭ) قەلبتىكى ئېتىقادقا خاس ئىكەنلىكى.

* دىننىڭ ئاساسىنىڭ مۇتلەق مەنادا لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇر-رەسۇلۇللاھ شاھادىتى ئىكەنلىكى. (بۇ سەۋەبلىك، بۇ شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى، تەلەپ تەقەززاسىنى ئەھلى سۈننەتنىڭ مۆتىۋەر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى.)

* ئىككى شاھادەتنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى. بۇنىڭغا بىنائەن، بۇ ئىككى شاھادەتنىڭ يالغۇزلا بىرى يەنە بىرى بولمىغۇچە سەھىھ (توغرا) بولمايدۇ.

* ئاللاھنىڭ ئىبادەت (ئۇلۇھىيەت) ئارقىلىق بىر دەپ ئېتىقاد قىلىنىشى، ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇدلارنىڭ باتىللىقى.

* ئىككى شاھادەتتىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىسلامنىڭ رۇكنلىرىنىڭ (ئاساسلىرىنىڭ) ئەڭ چوڭى بەش ۋاقىت نامازدۇر.

* ئىماننىڭ ئاساسلىرىنىڭ ئالتە ئىكەنلىكى.

* ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ھەمىسىگە ئىمان ئېيتىش ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

* تەقدىرنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق تۈرىدىن بولغان بارچە ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.

* بۇ ھەدىستە دىننىڭ دەرىجىلىرى بايان قىلىغان ۋە ئۇلار تۆۋەن مەرتىۋىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە قاراپ باسقۇچمۇ باسقۇچ بايان قىلىنغان. يەنى ئاۋۋال ئىسلام، ئاندىن ئىمان، ئاندىن ئېھسان. بۇنىڭغا بىنائەن، ھەر مۇھسىن مۆمىندۇر. ھەر مۆمىن مۇسۇلماندۇر. ئەمما، بۇنىڭ ئەكسى ئۇنداق ئەمەس. (مۇسۇلمان بولغانلىكى كىشى مۆمىن بولىۋەرمەيدۇ، مۆمىن بولغانلىكى كىشى مۇھسىن — ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان ۋە شۇنداق ياشايدىغان، تەقۋا ۋە سالىھ كىشى — بولالمايدۇ. ئالللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىرىشقان تەقدىردە، ئاللاھ ئىرادە قىلسا بولالايدۇ.)

* ئاللاھنى كۆرۈشنىڭ ئىسپاتى. (بۇ كۆرۈش قىيامەتتە ۋە جەننەتتە مۆمىنلەرگە خاستۇر)

* ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى زېھنىدە جانلىق ھالەتتە تۇتۇشنىڭ كىشىنى سالىھ ئەمەل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى.

* قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك پەرىشتىلىرىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبىرىمۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. جىبرىل پەرىشتىمۇ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

* قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش دىن جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىشمۇ دىننىڭ جۈملىسىدىندۇر. (مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى بلوگىمىزدا ئەللامە ئىبنى بازنىڭ «قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامىتى» دېگەن پەتىۋاسى مەۋجۇت. مۇشۇ تېمىنى گۇگۇلدىن ئىزدىسىڭىزمۇ بلوگىمىزدىن چىقىرىپ بېرىدۇ.)

* قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلىرى بار. ھەدىستە بۇ ھەقتىكى ئالامەتلەردىن ئىككى ئالامەت بايان قىلىنغان. بۇلاردىن بىرى، دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى ۋە بەدەۋى — چۆل ئەرەپلىرى —نىڭ ئېگىز بىنا سېلىش بىلەن بەسلشىشى. بۇ ئالامەت، بەدەۋىلەرنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە يەرلىشىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك مەيدانغا چىقىدۇ.

* ئەسىر ۋە قۇللارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بىر پەرزەنت — بىلمەستىن — ئانىسىنى قۇل ئورنىدا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. (مانا بۇ ھەدىستىكى «دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا…» جۈملىسىنىڭ شەرھىدۇر.)

ئۈچىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدِ اللهِ بْنِ عُمَرَ بْن الخَطَّابِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: سَمِعْتُ النبي ﷺ يَقُوْلُ: » بُنِيَ الإِسْلامُ عَلَى خَمْسٍ: شَهَادَةِ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ الله وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُوْلُ اللهِ، وَإِقَامِ الصَّلاةِ، وَإِيْتَاءِ الزَّكَاةِ، وَحَجِّ البِيْتِ، وَصَوْمِ رَمَضَانَ «

ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. (ئۇلار) ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى گۇۋاھلىق بېرىش، نامازلارنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش، رامزان روزىسىنى تۇتۇشتۇر.» (بۇخارى 8؛ مۇسلىم 16)

تۆتىنچى ھەدىس

عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ مَسْعُوْدْ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: حَدَّثَنَا رَسُوْلُ اللهِ ﷺ وَهُوَ الصَّادِقُ المَصْدُوْقُ : » إِنَّ أَحَدَكُمْ يُجْمَعُ خَلْقُهُ فِيْ بَطْنِ أُمِّهِ أَرْبَعِيْنَ يَوْمَاً نُطْفَةً، ثُمَّ يَكُوْنُ عَلَقَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يَكُوْنُ مُضْغَةً مِثْلَ ذَلِكَ،ثُمَّ يُرْسَلُ إِلَيْهِ المَلَكُ فَيَنفُخُ فِيْهِ الرٌّوْحَ،وَيَؤْمَرُ بِأَرْبَعِ كَلِمَاتٍ: بِكَتْبِ رِزْقِهِ وَأَجَلِهِ وَعَمَلِهِ وَشَقِيٌّ أَوْ سَعِيْدٌ. فَوَالله الَّذِي لاَ إِلَهَ غَيْرُهُ إِنََّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ حَتَّى مَا يَكُوْنُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلاذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ فَيَدْخُلُهَا، وَإِنَّ أَحَدَكُمْ لَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ النَّارِ حَتَّى مَايَكُونُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهَا إلا ذِرَاعٌ فَيَسْبِقُ عَلَيْهِ الكِتَابُ فَيَعْمَلُ بِعَمَلِ أَهْلِ الجَنَّةِ فَيَدْخُلُهَا «

ئەبى ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىزگە توغرا سۆزلۈك ۋە توغرا سۆزلۈك ئىكەنلىكى تەستىقلانغۇچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:
    «شۈبىھسىزكى، سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يارىتىلىشى قىرىق كۈندە ئىسپىرما ھالىتىدە بىر يەرگە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن شۇنىڭدىن قىرىق كۈن كېيىن ئۇيۇل قان بولىدۇ. يەنە قىرىق كۈندىن كېيىن بىر چىشلەم چوڭلۇقتىكى گۆش پارچىسى بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا روھىنى پۈۋلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ رىزىقىنى، ئەجىلىنى، ئەمىلىنى، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولىدىغانلىقىنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئۆزىدىن باشقا ھەق ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن بىرى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۆزى بىلەن جەننەت ئارىىسدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ دوزاخقا كىرىدۇ. شۇنداقلا، سىلەردىن بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۆزى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەتلا بىر غۇلاچ ئارىلىق قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى ئۈستۈن كېلىدۇ ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلى بىلەن ئەمەل قىلىپ، جەننەتكە كىرىدۇ.» (بۇخارى 3036؛ مۇسلىم 2643)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىستىن ئالىدىغان پايدىلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئىنساننىڭ ئانا قورسىقىدا قەدەم باسقۇچلار بويىچە يېتىلىدىغانلىقى ھەج ۋە مۇئمىنۇن سۈرىلىرىدىكى ئىككى ئايەتتە ئومۇمىي ھالەتتە بايان قىلغان. باشقا نۇرغۇن ھالەتتە ئايرىم-ئايرىم بايان قىلغان.

* ھامىلىنىڭ شەكىلگە كىرگۈزۈلىشى، ئۇنىڭغا روھنىڭ پۈۋلىنىشى ۋە تەقدىرىنىڭ يېزىلىشى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان مۇئەييەن پەرىشتە ياكى پەرىشتىلەر بار.

* ئىنساننىڭ بەدىنىنىڭ روھىدىن بۇرۇن يارىتىلىدىغانلىقى. روھنىڭ بەدەنگەن ھامىلە 120 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن پۈۋلىنىدىغانلىقى.

* ئىنساننىڭ قانداق بولۇشىنىڭ، رىزقىنىڭ، ئەجىلىنىڭ، ئەمىلىنىڭ، بەدبەخت ياكى سائادەتمەن بولۇشىنىڭ ئىنسانغا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا تەقدىر قىلىنىدىغانلىقى. بۇ خۇسۇسىي تەقدىردۇر. لەۋھۇل مەھفۇزدىكى تۇنجى ۋە ئومۇمىي تەقدىرگە زىت ئەمەس. بۇ تەقدىر ئىشلارنىڭ سەۋەبلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغىمۇ زىت ئەمەس.

* پەرىشتىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئاللاھ بىلدۈرمىگۈچە بىلمەيدىغانلىقى، بۇ تەقدىرنى پەقەت ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەنلا يازىدىغانلىقى.

* ئىساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ ھەم ئاشكارا، ھەم مەخپىي سەۋەبلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سەۋەبلەرنىڭ ۋە نەتىجىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ھەقىقىي ياراتقۇچى ئاللاھتۇر.

* تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋاجىپلىقى.

* ئەمەللەرنىڭ ئاخىرقى ھالىتىدىكىسى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقى.

* يامان ئاقىۋەتتىن قورقۇشنىڭ ۋە يامان ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.

* (ئاللاھ بەندىنىڭ قىلمىشىنى ئۇ قىلمىش ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىنسان يارتىلىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى بولمىغان ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشكە يېقىن قالغۇچە جەننەتنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، ئۆلۈشكە يېقىن ئەسلىدىكى توغرا ئېتىقاد ۋە ئەمىلىدىن ۋاز كېچىپ، دىندىن چىقىپ شەيتاننىڭ يولىغا كىرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشىتىن بۇرۇن، كائىناتنى يارىتىشتىن بۇرۇن، باشلىنىشى يوق ئاۋۋالقى چاغدىن باشلاپلا بىلىدۇ. ئۇ بەندىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەچكە، پەرىشتىگە شۇنى يېزىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ بەندىنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە ئاللاھنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئەمەس. بەندە ئىش ھەرىكىتىنى تاللاشتا ئەركىنلىككە ئىگە. ئاللاھ ئۇنى ھەر قانداق ئەمەلگە مەجبۇرلىمايدۇ، ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىدۇ. تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلۈپ جەننەتكە كىرىدۇ. ياكى شىرك، كۇفۇر ئۈستىدە ئۆلۈپ دوزاخقا كىرىدۇ. ۋە ياكى تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلگەن بولسىمۇ، ياخشى ئەمىلى ئاز، يامان ئەمىلى كۆپ، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرىنى كەچۈرمىگەن تەقدىردىمۇ دوزاخقا كىرىپ گۇناھى مىقدارىدا جازالىنىپ، ئاندىن جەننەتكە كىرگۈزىلىدۇ. ئاللاھ ئالدىن بىلىپ، ئالدىن يېزىپ قويىدۇ. بىر ئۇستا تىۋىپ بىمارنىڭ قولىغا كۆپ ئۇخلىسىڭىز ھورۇنلىشىپ، بەدىنىڭىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ دەپ يېزىپ بەرسە. بىمار راست دېگەندەك كۆپ ئۇخلاپ ھورۇن ۋە ئاجىز بولۇپ قالسا، بېرىپ دوختۇرغا ئۇششۇغلۇق قىلىپ، سىز مۇشۇنداق يازغاچقا مەن سىز دېگەندەك بولۇپ قالدىم دېسە قاملىشامدۇ؟)

* ياخشى ئاقىۋەتكە يول ئاچىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىشنىڭ پەرزلىكى.

* پەرىشتىنىڭ روھنى ئىنسانغا پۈۋلەيدىغانلىقى. بۇ پۈۋلەشنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ پۈۋلەشنىڭ قۇرئاندىكى دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:{بىز ئۇنىڭغا روھنى پۈۋلىدۇق}(ئەنبىيا سۈرىسى، 91-ئايەت) پۈۋلەشتىن مۇراد، پەرىشتىنىڭ بالىياتقۇ تەرەپتىن پۈۋلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

بەشىنچى ھەدىس

عَنْ أُمِّ المُؤمِنِينَ أُمِّ عَبْدِ اللهِ عَائِشَةَ – رَضِيَ اللهُ عَنْهَا – قَالَتْ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ : مَنْ أَحْدَثَ فِيْ أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ » رواه البخاري ومسلم، وفي رواية لمسلم » مَنْ عَمِلَ عَمَلاً لَيْسَ عَلَيْهِ أَمْرُنَا فَهُوَ رَدٌّ

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا بولمىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 2697؛ مۇسلىم 1718)

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:

«كىمكى دىنىمىزدا بولمىغان ئەمەلنى قىلسا، ئۇ ئەمەل رەت قىلىنىدۇ.»

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئاساستۇر. ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدىكى ئېتىقاد، ئەمەللەر ۋە سۆزلەر ئۈچۈن بىر مىزاندۇر. بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىدەك:

* ئاللاھ ئىزىن بەرمىگەن، دىندا ئويدۇرۇلۇپ چىقىىرلغان ھەر يېڭىلىق باتىلدۇر ۋە رەت قىلىنىدۇ.

* مەيلى ئېتىقادىي بىدئەت بولسۇن، مەيلى ئەمەل جەھەتتىكى بىدئەت بولسۇن، بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى.

* ھەدىستە بىدئەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئالدىن بېشارەت بار.

* دىندا بىدئەت چىقىرىشىنىڭ سۆكۈلۈپ، ئەيىبلىنىدىغانلىقى.

* (دىندىن سانىلىپ، ئىبادەت دەپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە قىلىنمىغان ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ بىدئەتتۇر.)

ئالتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ عَبْدِ اللهِ النُّعْمَانِ بْنِ بِشِيْر رضي الله عنهما قَالَ: سَمِعْتُ رَسُوْلَ اللهِ ﷺ يَقُوْلُ: إِنَّ الحَلالَ بَيِّنٌ وَإِنَّ الحَرَامَ بَيِّنٌ وَبَيْنَهُمَا أُمُوْرٌ مُشْتَبِهَات لاَ يَعْلَمُهُنَّ كَثِيْرٌ مِنَ النَّاس،ِ فَمَنِ اتَّقَى الشُّبُهَاتِ فَقَدِ اسْتَبْرأَ لِدِيْنِهِ وعِرْضِه، وَمَنْ وَقَعَ فِي الشُّبُهَاتِ وَقَعَ فِي الحَرَامِ كَالرَّاعِي يَرْعَى حَوْلَ الحِمَى يُوشِكُ أَنْ يَقَعَ فِيْهِ. أَلا وَإِنَّ لِكُلِّ مَلِكٍ حِمَىً . أَلا وَإِنَّ حِمَى اللهِ مَحَارِمُهُ، أَلا وإِنَّ فِي الجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الجَسَدُ كُلُّهُ وإذَا فَسَدَت فَسَدَ الجَسَدُ كُلُّهُ أَلا وَهيَ القَلْبُ

ئەبۇ ئابدۇللاھ نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانسا، دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشسە، ھارامغا چۈشىدۇ. بۇنداق كىشى بەئەينى ماللىرىنى كىرىشى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا ئوتلاتقان، ماللىرىنىڭ ئۇ رايونغا ھەر قاچان كىرىپ قېلىش خەتىرى بولغان پادىچىغا ئوخشايدۇ. بىلىڭلاركى، ھەر پادىشاھنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان بىر رايونى بولىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى چەكلەنگەن رايونى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغانلىرىدۇر. بىلىڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ يۈرەكتۇر.» (بۇخارى 52؛ مۇسلىم 1599)

شەرھ:

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى «فەتھۇلبارى»دا بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:

* ھەدىستىكى «كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
    تىرمىزىدا «ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلمەيدىغان ئىشلار…» دەپ كەلگەن.

كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دەل مۇجتەھىدلەردۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر ئىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىك مۇجتەھىد ئالىم بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھالىتىدۇر.

  • ھەدىستىكى «دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ» جۈملىسىنىڭ شەرھى:

يەنى، دىنىنى قۇسۇر ۋە كاملىقتىن، ئۆزىنى تەنقىدتىن ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش سۈپىتى بىلەن تونۇلمىغان كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىد-تەنبىھلىرىدىن ساقلىنالمايدۇ.

ھەدىسىتىكى بۇ جۈملە دىنغا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

ئىبنى مۇنەييىر دېگەن ئالىم ئۇستازى قۇبارىنىڭ تەرجىمھالىدا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «مەكرۇھ (بىر تۈركۈم ئالىملار ھەدىستىكى شۈبھىلىك ئىشلارنى دىندىكى مەكرۇھ ئىشلار دەپ كۆرسەتكەن) بەندە بىلەن ھارام ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈكتۇر. دائىم مەكرۇھ ئىشلارنى قىلغۇچى ھارام ئىشقا چۈشىدۇ. مۇباھ (رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار) مۇ ئوخشاشلا بەندە بىلەن مەكرۇھ ئارىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر. دائىملا مۇباھ ئىشلاردىن پايدىلانغان كىشى مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ.» بۇ بىر گۈزەل مۇلاھىزىدۇر. 

مەكرۇھ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ ھارام ئىشلارغا جۈرئەت قىلىشى ئېنىقتۇر. مۇباھ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئېنىقتۇر. ھارام ھېسابلانمايدىغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىش، ھارام ھېسابلانغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىشقا كىشىنى كۆندۈرىدۇ.

  • ھەدىستىكى «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:

ھەدىستە پەقەتلا يۈرەكنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ بەدەننىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدىندۇر. ھۆكۈمران دۇرۇست بولسا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ دۇرۇست بولىدۇ. ھۆكۈمراننىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ بۇزۇلىدۇ.

بۇ ھەدىس يۈرەكنىڭ قىممىتىگە ئىشارەت قىلماقتا. يۈرەكنى ئىسلاھ قىلىپ، توغرىلاشقا تەشۋىق قىلماقتا، ھالال رىزىقنىڭ بۇنىڭغا تەسىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىدۇر. بۇ يەردە يۈرەكتىن مەقسەت — ئاللاھ يۈرەكتە \ قەلبتە بارلىققا كەلتۈرگەن چۈشەنچىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ يۈرەكتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئايەتلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ:{…ئەقىل قىلىپ چۈشىنىدىغان قەلبكە ئىگە بولسۇن…}(سۈرە ھەج، 46-ئايەت؛ 22:46) 

ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭمۇ نەقل قىلغىنىدەك، بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تۆت ھەدىستىن بىرىدۇر. بۇ تۆت ھەدىس مۇنۇ بىيىتقا توپلانغان:

تۆت سۆزگە مۇجەسسەم دىننىڭ ئۇلى،

بۇلار ئەڭ خەيرلىك زاتنىڭ قەۋلى.

شۈبھىنى تەرك ئەت، زاھىد بول، لەغۋىنى تاشلا،

ئەمەلىڭنى مۇتلەق بىر نىيەت بىلەن باشلا.

(«فەتھۇلبارى» سەھىھ بۇخارىنىڭ 52-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھى)

بىيتنىڭ ئىزاھاتى:

بىيتتا دىننىڭ ئاساسى بايان قىلىنغان تۆت ھەدىس مۇنۇلاردۇر:

  1. «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر…»

  2. «دۇنيادىن زاھىد بول، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسۇن؛ كىشىلەرنىڭ قولىدىكىگە زاھىد بول، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرسۇن.»

  3. «كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تاشلىشىدۇر.»

  4. «ھاراممۇ ئېنىق، ھالالمۇ ئېنىق، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا شۈبىھلىك ئىشلار بار…»

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.

* ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.

يەتتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ رُقَيَّةَ تَمِيْم بْنِ أَوْسٍ الدَّارِيِّ رضي الله عنه أَنَّ النبي ﷺ قَالَ:( الدِّيْنُ النَّصِيْحَةُ قُلْنَا: لِمَنْ يَا رَسُولَ اللهِ ؟ قَالَ: للهِ، ولكتابه، ولِرَسُوْلِهِ، وَلأَئِمَّةِ المُسْلِمِيْنَ، وَعَامَّتِهِمْ

ئەبى رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دىن سەمىمىيەت كۆرسىتىشتۇر» دېدى. بىز «كىمگە، ئى رەسۇلۇللاھ» دەپ سورىدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كىتابىغا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمام-ھۆكۈمدارلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا (سەمىمىيەت كۆرسىتىشتۇر)» دېدى. (مۇسلىم 55؛ بۇخارى-مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئاللاھقا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئاللاھنى رۇبۇبىيەتتە، ئۇلۇھىيەتتە، ئىسىم ۋە سۈپەتلەردە بىر ۋە يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىشنى، ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش، قۇرئاننى ھۆرمەتلەش ۋە قۇرئاندا بەلگىلەنگەن چەك-چېگرالارغا رىئايە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھنىڭ رەسۇلۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سەمىمىيەت كۆرستىش— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ۋە سۈننىتىگە ئەگىشىشتۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ۋە ئىسلامنىڭ ئۆلىمالىرىغا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلارغا ياخشى ئىشتا ئىتائەت قىلىش، ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىشتۇر؛ ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىپ، دىنغا دائىر مەسىلىلەرنى ئۆگىنىشتە ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلىشتۇر.

مۇسۇلمان ئاممىسىغا سەمىمىيەت كۆرسىتىش — ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەش، ئىلىمسىز جاھىللىرىنى تەربىيىلەپ ئىلىم ئۆگىتىش، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن ۋە ئازغۇنلىشىپ كەتكەنلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت بېرىپ، يامانلىق قىلماسلىقتۇر.

* بۇ ھەدىستىن يەنە دىننىڭ ھەم ئىبادەت، ھەم مۇئامىلات (ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بىلىنىدۇ.

سەككىزىنچى ھەدىس

عَنِ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُوْلَ اللهِ قَالَ: (أُمِرْتُ أَنْ أُقَاتِلَ النَّاسَ حَتَّى يَشْهَدُوا أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَأَنَّ مُحَمَّدَاً رَسُوْلُ اللهِ وَيُقِيْمُوْا الصَّلاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ فَإِذَا فَعَلُوا ذَلِكَ عَصَمُوا مِنِّي دِمَاءهَمْ وَأَمْوَالَهُمْ إِلاَّ بِحَقِّ الإِسْلامِ وَحِسَابُهُمْ عَلَى اللهِ تَعَالَى)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىنسانلار ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىگە شاھادەت كەلتۈرگەنگە، نامازلارنى مۇكەممەل ئوقۇپ، زاكاتنى بەرگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەمر قىلىندىم. ئۇلار بۇلارنى ئادا قىلغان تەقدىردە – ئىسلامنىڭ ھەققى مۇستەسنا – مەندىن جېنى ۋە مېلىنى قوغداپ قالالايدۇ. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھقا ئائىتتۇر.» (بۇخارى 25؛ مۇسلىم 22)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشنى بۇيرۇغانلىقى. ھەدىستىكى «بۇيرۇلدۇم» سۆزى، «ئاللاھ ماڭا بۇيرۇدى» مەنىسىدىدۇر.

* جىھادنىڭ ۋاجىبلىقى.

* كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشنىڭ قوغدىنىش جىھادى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى. ئەكسىچە، كاپىرلارغا ئۇلار بىزگە ئۇرۇش ئېچىشتىن ئاۋۋال ئۇرۇش ئېچىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشىشىمىز يوللۇق. بۇنىڭغا بىنائەن، كاپىرلارغا قارشى جىھاد — قوغدىنىش جىھادى ۋە ھۇجۇم جىھادىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈكتۇر.

* كاپىلارغا قارشى جىھاد قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ مەقسەد، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىنى روياپقا چىقىرىشتۇر. ئىككىنچى مەقسەد بولسا، جىزيە (سېلىق تۆلەش) ئارقىلىق ئىسلام ھۆكۈمرانلىقىغا بويۇن ئېگىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. جىزيەنىڭ پۈتكۈل كاپىرلاردىن ئېلىنىشى دۇرۇسلىقى سۆزلەنگەن، شۇنىڭدەك پەقەتلا مەجۇسىلاردىن ۋە ئەھلى كىتابتىن ئېلىنىدىغانلىقىمۇ سۆزلەنگەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇركى، سەھىھ مۇسلىمدىكى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن ھەدىسكە بىنائەن، جىزيەنىڭ پۈتكۈل كاپىرلاردىن ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈم توغرىدۇر. ئۇ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:«مۇشرىكلاردىن بولغان دۈشمەنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىڭدا ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن. ئەگەر قوبۇل قىلمىسا، ئۇلاردىن جىزيە تۆلىشنى تەلەپ قىل. بۇنىڭغىمۇ كەلمىسە ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقىن.» (مۇسلىم 1731)

* ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ئىككى شاھادەتتۇر — تەۋھىد-ئەقىدىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ۋە زاكاتتۇر. ھەدىستە بۇ ئۈچ ئاساس شاھادەت كەلىمىسى، ناماز ۋە زاكات سۈپىتىدە بىر-بىرىگە يانداش ھالەتتە زىكىر قىلىنغان. شاھادەتتىن كېيىن دىننىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى بەش ۋاقىت ناماز ۋە زاكاتتۇر.

* كاپىرنىڭ قېنى ۋە مېلى كاپىر بۇ ئۈچ ئاساسنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە روياپقا چىقىدۇ.

* غەنىيمەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن ھالال ئىكەنلىكى.

* دۇنيادىكى ھۆكۈملەرنىڭ تاشقى ھالىتى بويىچە تەتبىق قىلىنىدىغانلىقى، ئىنساننىڭ قەلبىدىكىنىڭ ئاللاھقا ھاۋالە قىلىنىدىغانلىقى.

* ئاللاھنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يوشۇرغانلىرىنى بىلىدىغانلىقى.

* ئىنسانلاردىن ھېساب ئېلىپ، سوراققا تارتىپ، ئەمەللىرىگە قارىتا يا مۇكاپات يا جازا بەرگۈچىنىڭ ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكى.

* ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈشنى، ئۇلاردىن ھېسابلىشىنى ۋە جازا ياكى مۇكاپات بېرىشنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ۋاجىپ قىلغانلىقى. بۇنىڭغا ھەدىستىكى «ھېسابىنى ئېلىش ئاللاھنىڭ ئۈستىدىدۇر» دېگەن جۈملە دالالەت قىلىدۇ.

توققۇزىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ صَخْرٍ رَضِيَ الله تَعَالَى عَنْهُ قَالَ: سَمِعْتُ رَسُوْلَ اللهِ ﷺ يَقُوْلُ: (مَا نَهَيْتُكُمْ عَنْهُ فَاجْتَنِبُوهُ وَمَا أَمَرْتُكُمْ بِهِ فأْتُوا مِنْهُ مَا اسْتَطَعْتُمْ؛ فَإِنَّمَا أَهْلَكَ الَّذِيْنَ مِنْ قَبْلِكُمْ كَثْرَةُ مَسَائِلِهِمْ وَاخْتِلافُهُمْ عَلَى أَنْبِيَائِهِمْ)

ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرگە نېمىنى چەكلىسەم، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار. سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇسام، ئۇنى كۈچىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداڭلار. سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كۆپ سوئال سوراش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە (يەنى ئۇلارنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە) قارشى چىقىش سەۋەبلىك ھالاك بولۇپ كەتكەن.» (مۇسلىم 1337)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان بەك كۆپ پايدىلار بار:

* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ياكى چەكلىمىسىگە بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىشنىڭ پەرزلىكى.

* ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە-سەۋەبلەرنى تاشلاشنىڭ پەرزلىكى چۈنكى، بۇ ھەدىستە كەلگەن «يىراق تۇرۇڭلار» بۇيرۇقىنىڭ دائىرىسىدىدۇر.

* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن زىغىرلاپ كۆپ سوئال سوراشنىڭ ھاراملىقى. چۈنكى بۇ سۈكۈت قىلىنغان ئىشلارنى كوچىلاپ، ئۇ ھەقتە چەكلىمە ياكى بۇيرۇق تۈرىدىكى جاۋابنى ئېلىپ، ئاندىن ئۇ ئەمرگە ئىتائەت قىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

* پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇيرۇغان ئەمەللەرگە بويسۇنماي، ئۇنىڭغا ئىسيانكارلىق قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ ئىش قىلىشنىڭ ھاراملىقى.

 * ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ (پەيغەمبەرلىرى بايان قىلىپ بەرگەنلىرى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلىرىنى سوراشتىن ئېشىپ) پەيغەمبەرلىرىدىن تولا سوئال سوراش ۋە نەتىجىدە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ تەنقىدلەنگەنلىكى. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى ھالاكىتىگە سەۋەب بولغانلىقى. چۈنكى كۇفۇر ۋە گۇناھلار ھالاك بولۇش دېمەكتۇر. ياكى، ئۇلارنىڭ يوق قىلغۇچى جازالارغا ئۇچراپ، ماددىي جەھەتتىن ھالاك بولغانلىقى.

ئونىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ : (إِنَّ اللهَ تَعَالَى طَيِّبٌ لاَ يَقْبَلُ إِلاَّ طَيِّبَاً وَإِنَّ اللهَ أَمَرَ المُؤْمِنِيْنَ بِمَا أَمَرَ بِهِ المُرْسَلِيْنَ فَقَالَ : (يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحاً) (المؤمنون: الآية51) ، وَقَالَ: (يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ) (البقرة: الآية172) ثُمَّ ذَكَرَ الرَّجُلَ يُطِيْلُ السَّفَرَ أَشْعَثَ أَغْبَرَ، يَمُدُّ يَدَيْهِ إِلَى السَّمَاء،ِ يَا رَبِّ يَا رَبِّ، وَمَطْعَمُهُ حَرَامٌ ،وَمَشْرَبُهُ حَرَامٌ، وَغُذِيَ بِالحَرَامِ فَأَنَّى يُسْتَجَابُ لذلك) رواه مسلم.

ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى ئاللاھ تەييىبدۇر (پاكتۇر) . تەييىب ئەمەلدىن (يەنى ئىخلاس بىلەن سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە قىلىنغان ئەمەلدىن) باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە بۇيرىغاننى مۆمىنلەرگىمۇ بۇيرۇغان. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:<ئى پەيغەمبەر! پاكىز ۋە ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىڭلار.>(مۇئمىنۇن سۈرىسى، 51-ئايەت) ئاللاھ يەنە مۇنداق بۇيرۇغان <ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە رىزق قىلىپ بەرگەنلىرىمنىڭ پاكىز ۋە ھالال بولغانلىرىنى يەڭلار. پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار.> (بەقەرە سۈرىسى، 172-ئايەت)» بۇلاردىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇزۇن بىر سەپەردە چاچ-ساقاللىرى چۇۋۇلچاقلىشىپ، توپا-چاڭ بېسىپ كەتكەن، قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ <ئى رەب! ئى رەب!> دەپ دۇئا قىلغان بىر كىشىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇنىڭ يېگىنى ھارام، ئىچكىنى ھارام ۋە كىيگىنى ھارام تۇرسا، ھارام بىلەن ئوزۇقلانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ قوبۇل بولسۇن» دېدى. (مۇسلىم 1015)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھتىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  • تەييىب ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر.

  • تەييىب ئەمەل ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىنغان، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن بولغان ئەمەلدۇر.

  • ئاللاھ ھارام ۋاسىتە ئارقىلىق قولغا كەلگەن مالدىن قىلىنغان خەير-ئېھساننى قوبۇل قىلمايدۇ.

  • ھالال كىرىم ۋە ھالال نەرسىلەرنىڭ تەييىب- پاكتۇر، بۇ خىل كىرىم ۋە ماللاردىن قىلىنغان سەدىقە-ئېھسان قوبۇل قىلىنىدۇ.

  • ھالالنىلا يېيىش ۋە ھارامدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىپتۇر. پەيغەمبەرلەر ۋە مۆمىنلەر بۇنىڭغا بۇيرۇلغان.

  • ئومۇمى نۇقتىدىن ئېيتقاندا يېمە-ئىچمىكى ۋە كىيىم-كېچىكىگە ھارام ئارىلاشقان كىشى دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ باشقا سەۋەبلىرىنى ئورۇندىغان تەقدىردىمۇ، دۇئاسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى. ئەمما، بۇنى مەلۇم بىر كىشى ئۈچۈن مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتىشقا بولمايدۇ.

  • سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش جەھەتتە ھالالدىنلا يېيىش ئارقىلىق ئاللاھتىن ياردەم سوراش.

  • ھارام يېيىشنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن سەدىقە-ئېھسان قىلىشنىڭ بەزىدە ياخشى ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ، بەزىدە بەندىنىڭ باشقا سالىھ ئەمەللىرى ئارقىلىق توپلىغان ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.

  • ئۇزۇن سەپەر، ئۈستى-بېشىنى توپا-چاڭ بېسىش، ئەسكى كىيىم-كېچەك ئىچىدە بولۇش قاتارلىق ھاللار دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋاللار قەلبتە تۆۋەنچىلىك ۋە دىلى سۇنۇقلۇقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. (نورمال ھالەتتە، دىلى سۇنۇق مۆمىن دىلى شاتلانغان مۆمىنگە قارىغاندا ئاللاھقا بەكراق ۋە قاتتىق يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ.)

  • بولۇپمۇ، ئىنساننىڭ ئەڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولغان يېمەك ئىچمەك، كىيىم-كېچەكنىڭ ھالال بولۇشىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ناۋادا قولغا كەلگەن كىرىمدە ئوچۇق ھالدىكى ھارامدىن كەلگەن ئەمەس، شۈبھىلىك بىر نەرسە بولۇپ دىلغۇللۇق پەيدا قىلسا، بۇنداق كىرىم  (يېمەك-ئىچمەك ياكى كىيىم-كېچەككە خەجلەنمەستىن) قاتناش ۋاسىتىسى ۋە تۇرالغۇ ئىنشائاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئون بىرىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي مُحَمَّدٍ الحَسَنِ بنِ عَلِيّ بنِ أبِي طالبٍ سِبْطِ رَسُولِ اللهِ ﷺ وَرَيْحَانَتِهِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: حَفِظْتَ مِنْ رَسُوْلِ اللهِ ﷺ : (دَعْ مَا يَرِيْبُكَ إِلَى مَا لاَ يَرِيْبُكَ) رواه الترمذي والنسائي وقال الترمذي: حديث حسن صحيح.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەۋرىسى ۋە خۇشپۇراقلىق رەيھانى ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى يادلىۋالغان ئىدىم: «سېنى شۈبھىگە سالغان ئىشنى تاشلاپ، شۈبھىگە سالمايدىغان ئىشنى تۇتقىن.»(تىرمىزى 2518؛ نەسائى 5711؛ تەيالىسى 1274؛ ئىبنى خۇزەيمەن 2348؛ ئىبنى ھىببان 722؛ ھاكىم 2\13)

ئون ئىككىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ ﷺ : (مِنْ حُسْنِ إِسْلامِ المَرْءِ تَرْكُهُ مَا لاَ يَعْنِيْهِ) حديثٌ حسنٌ، رواه الترمذي وغيره هكذا.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشنى تاشلىشى ئۇنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر.» (تىرمىزى 2318؛ ئىبنى ماجە 3976؛ ئىبنى ھىببان 722)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھتىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* ئىسلامنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئاۋۋال دىنىي جەھەتلەردىكى، ئاندىن دۇنياۋى جەھەتلەردىكى پايدىلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشىدۇر.

* بۇ ھەدىس ئاخىرەتلىك ئۈچۈن زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىشكە، شۇنداقلا پايدىسىز ئىشلارنىمۇ تەرك ئېتىشكە يول كۆرسىتىدۇ.

* بۇ ھەدىس يەنە دىنىي جەھەتتە ياخشىلىقى دەلىللەنگەن ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە بۇنىڭغا قارشى بولغان ئىشلارنى تاشلاشقا تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئون ئۈچىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ حَمْزَة أَنَسِ بنِ مَالِكٍ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ خَادِمِ رَسُوْلِ اللهِ ﷺ عَن النبي ﷺ قَالَ: (لاَ يُؤمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لأَخِيْهِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ) رواه البخاري ومسلم

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خىزمەتچىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى دىنىي قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 13، مۇسلىم 45)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھتىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىس بارچە مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي ھالدا ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىشتا ئاساستۇر.

سەمىمىي ھالدا بارچە مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىش ۋاجىپ.

ئۆزى ئۈچۈن ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىشنىڭ؛ شۇنداقلا، ئۆزى ئۈچۈن يامان كۆرگىنىدەك، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ يامانلىقنى يامان كۆرۈشنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەمىمىيەت كۆرسىتىش ھېسابلىنىدۇ. (يەتتىنچى نومۇرلۇق ھەدىستە بۇنىڭ پەرزلىك ھۆكمى چىقىدۇ)

سەمىمىيەت بىلەن مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق ئارزۇ قىلىشنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى. 

ئون تۆتىنچى ھەدىس

َعنِ ابْنِ مَسْعُودٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ : (لا يَحِلُّ دَمُ امْرِئٍ مُسْلِمٍ إِلاَّ بإِحْدَى ثَلاثٍ: الثَّيِّبُ الزَّانِيْ، وَالنَّفْسُ بِالنَّفْسِ، وَالتَّاركُ لِدِيْنِهِ المُفَارِقُ للجمَاعَةِ) رواه البخاري ومسلم.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوقلۇقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىمگە شاھادەت كەلتۈرگۈچىنى مۇنۇ ئۈچ خىل ئەھۋالدىن باشقىسىدا ئۆلتۈرۈش ھالال ئەمەس. 1. ئۆيلەنگەن تۇرۇپ زىنا قىلغۇچى؛ 2. مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈرۈپ، قىساس يۈزىسىدىن ئۆلتۈرۈلگۈچى؛ 3. دىندىن يېنىپ، جامائەتتىن ئايرىلغۇچى.» (بۇخارى 6484؛ مۇسلىم 1676)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بىر سەۋەب بولماستىن، مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇشنىڭ ھاراملىقى.

مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇلىشىغا سەۋەب بولۇشنىڭ ھاراملىقى.

توي قىلغان زىناخورنىڭ كەلگىنىدەك (شەرئىي مەھكىمىنىڭ ھۆكمى ئاساسىدا) ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى. مۇتىۋاتىر سۈننەتتە (پاسىقلىقتىن، يالغاندىن ۋە باشقا يامان سۈپەتلەردىن يىراق، تۆت ئادىل گۇۋاھچىنىڭ زىنا قىلغانلىقىغا ئوچۇق گۇۋاھلىقى بېرىشى بىلەن، ياكى زىنا قىلغانلىقىنى قازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزى تەن ئېلىشى بىلەن) بۇنداق شەخس چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

***

شەيخ سالىھ فەۋزاننىڭ بۇ ھەدىس توغرىسىدىكى شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

«دىنىنى يانغۇچى» دىندىن چىقىپ مۇرتەد بولغۇچىدۇر. مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ ئىسلامىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقلىقىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئاندىن ئىسلامغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان، ئىسلامنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا رازى بولغاندىن كېيىن دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولغان. (ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، گۈزەللىكىنى، پۈتكۈل ھەقىقەتلەرنى ئۆزىدە بار قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلۇغ ئاللاھ بەلگىلىگەن دىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن) دىندىن يېنىش، بۇنداق كىشىنىڭ پەسكەش، رەزىللىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇنداق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب، دىننى ئويۇنچۇق قىلىنىۋېلىشتىن قوغداش، ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈشىنى ئارزۇلايدىغانلارنىڭ دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولغانلارنى دەستەك قىلىپ، ئىسلام ھەق بولۇپ، ئۇنىڭدا ياخشىلىق بولسا مانا بۇ پالانچى ئىسلامدىن يانامتى، دەپ تەشۋىق قىلىپ ئىسلامنى قارىلاش يولىنى تاقىۋېتىشتىن ئىبارەت. (شەيخ سالىھ فەۋزان «قىرىق ھەدىس شەرھى») 

ھەدىستىكى «جامائەتتىن ئايرىلغۇچى» توغرىسىدا ئەھلى ئىلىم دەيدۇكى: بۇ ئىسلام ھۆكۈمدارىغا قارشى چىققۇچى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىسىنى تەرك ئەتكۈچىدۇر، بۇلاردىن خاۋارىجلار ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى چىققۇچى، ئىسلام ھۆكۈمدارىغا قارشى چىققۇچى ئاسىي، تاجاۋۇزچى ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچى ھەر قانداق كىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇنداق كىشى ياكى تائىپىگە قارشى ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشۇشتا ئۆلتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئىسلام شەرىئىتى نۇقتىسىدىن توغرا بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئىسلامنى ئويۇنچۇق قىلىنىشتىن قوغداش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى قوغداش جۈملىسىدىندۇر.

بۇنىڭ ئوچۇق بولىدۇكى، مۇسۇلمان كىشى ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمان جامائىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلىرىغا يېپىشىشى، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تەرك ئەتمەسلىك كېرەك. (شەيخ سالىھ فەۋزان «قىرىق ھەدىس شەرھى»)

***

زامانىمىزدىكى ئىخچام، ئىشەنچىلىك ۋە مۆتىۋەر فىقھ ئەسىرى «فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇرتەرلىك توغرىسىدىكى زۆرۈر بايانلار:

    مۇرتەدنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تەۋبە قىلسا مەسىلە يوق تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقىغا ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىگە ئائىت بولىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)

    مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، ئىسلامغا دەئۋەت قىلىنىشى، ئۇنىڭ (ئىسلامغا قايتىشى ئۈچۈن) زورلۇق كۈچ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىنىشى كېرەك. ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مۇرتەد بولغان يەھۇدىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستۇر. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(بۇ يەھۇدىي ھەققىدە) ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «(بۇ مۇرتەد) ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ئۇلىغىمدىن چۈشمەيمەن» دېگەن ۋە ئۇ مۇرتەد ئۆلتۈرۈلگەن.»(ئەبۇ داۋۇد 4355؛ ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارى 12-278 تە ئىشەنچىلىك دېگەن) شۇنداقلا، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى، بىراق تەۋقە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىم-مۇۋەتتائ 2-737؛ 16-نومۇر) (فىقھۇل مۇيەسسەر)

    دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىنكار قىلىش سەۋەبلىك مۇرتەد بولغۇچىنىڭ تەۋبىسى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزى رەت قىلغان ئىشنى ئىقرار قىلىشى ۋە ئۇ ئىشنى ئىنكار قىلىشتىن يېنىش بىلەن بولىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)

***

    مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار

    مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار رەسمىيلىك، چاقچاق ياكى مەسخىرە يولى بىلەن بولغان بولسۇن ئوخشاشلا مۇرتەدلىك ھېسابلىنىدۇ. مەيلى قايسى بىر نۇقتىدىن بولمىسۇن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، نامازنى ۋە ئىسلامنىڭ باشقا رۇكۇنلىرىنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ھاقارەتلەش، قۇرئان كەرىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ياكى بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلىش، چەكتىن ئاشقان تەسەۋۋۇپچىلاردەك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەرىئىتىنىڭ سىرتىغا چىقىش دۇرۇس دېگەن ئېتىقادتا بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى مۇرتەد قىلىدۇ. شۇنداقلا، مۇسۇلمانغا قارشى كاپىرغا ياردەمدە بولغۇچى مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)

    يۇقارقىلاردىن باشقا كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىدىن كۆپلىگەن ئىشلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى قىلىش بىلەن مۇرتەد بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئىنسان تۈزگەن قانۇنلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ياكى ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ئىنسانلار تۈگەن قانۇنلار (دىن ھەر قانداق بىرى) نى ئوخشاش كۆرۈش بىلەن بۇ قانۇنلارنى ھاكىم قىلىشمۇ مۇرتەدلىك تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەر)

    «فىقھۇل مۇيەسسەر»: مۇرتەد بولۇشنىڭ ئۈچ تۈرى

    كىشىنى مۇرتەد قىلىدىغان ئاقىۋەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان خۇسۇسلار تۆۋەندىكىچە:

    (1) سۆز بىلەن مۇرتەد بولۇش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى، رەسۇلۇللاھنى ياكى پەرىشتىلەرنى تىللاش، پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىش، غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىش قاتارلىقلار بۇ تۈردىن. ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشمۇ بۇ تۈرگە تەۋە.

    (2) ئىش-ھەرىكەت بىلەن مۇرتەد بولۇش: بۇتقا، قەبرىگە ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە سەجدە قىلىش، قۇرئاننى يەرگە ئېتىش، قۇرئاننى ھاقارەتلەش ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىسىغا كاپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش قاتارلىقلار ئىش ھەرىكەت بىلەن مۇرتەد بولۇش جۈملىسىدىن.

    (3) ئېتىقاد بىلەن مۇرتەد بولۇش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شېرىكى بار، ئايال بار، بالىسى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش؛ زىنانى ياكى ھاراقنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىش؛ ياكى باشقا بىرىنىڭ يولىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدىن ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىش قاتارلىق ئېتىقاد بىلەن مۇرتەد بولۇش جۈملىسىدىن.

    (4) مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چوڭ بولغان بىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ھالاللىقىغا ئىجمائقا كېلىنگەن بىر ئىش (ياكى نەرسە) نى ھارام دەپ بىلگەن؛ ياكى ھارام ئىكەنلىكىگە ئىجمائقا كېلىنگەن بىر ئىش (ياكى نەرسە) نى ھالال دەپ بىلگەن كىشىمۇ مۇرتەد جۈملىسىدىن. («فىقھۇل مۇيەسسەر»)

    جامائەت

    ئىمام بۇخارى سەھىھ بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە ئېسىلىش» بابلىرىدىن بىرىگە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ <ئۈممىتىدىن دائىم ھەق ئۈستىدە ئاشكارا مۇجادىلە قىلىدىغان بىر تائىپە كام بولمايدۇ> سۆزى بابى» دەپ ئىسىم قويغان. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ ماۋزۇنىڭ ئارقىدىنلا بۇ تائىپە ئەھلى سۈننەتنىڭ ئالىملىرىدۇر دەپ ئىزاھلىغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ فەتھۇلبارىدا بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنى شەرھلەپ، ئىمام بۇخارىنىڭ يۇقارقى سۆزىنى تىلغا ئالغان ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۇقىرىقى سۆزى توغرىسىدا ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ئىمام ھاكىم ئۇلۇمۇل ھەدىس ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ سەنەد بىلەن ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«ئۇلار مۇھەددىسلەر بولمىسا، باشقا كىم بولۇشى مۇمكىن، بۇنى بىلمەيمەن.» (فەتھۇلبارى، بۇخارىنىڭ 7312-ھەدىسىنىڭ شەرھى)

ئون بەشىنچى ھەدىس

عَن أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَالَ: (مَنْ كَانَ يُؤمِنُ بِاللهِ وَاليَوْمِ الآخِرِ فَلْيَقُلْ خَيْرَاً أَو لِيَصْمُتْ، وَمَنْ كَانَ يُؤمِنُ بِاللهِ وَاليَومِ الآخِرِ فَلْيُكْرِمْ جَارَهُ، ومَنْ كَانَ يُؤمِنُ بِاللهِ واليَومِ الآخِرِ فَلْيُكْرِمْ ضَيْفَهُ) رواه البخاري ومسلم.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى گەپ قىلماي سۈكۈت قىلسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، قوشنىسىنى ھۆرمەتلىسۇن. كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن.» (بۇخارى 5672؛ مۇسلىم 48)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ياخشى سۆز قىلىش — ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ۋاجىب ۋە مۇستەھەبلىك سۈپىتىدە ئەمر قىلغان بارچە سۆزلەردۇر. تۈرلۈك زىكىرلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، ئىلىم ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياخشى سۆزلەر بىلەن ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قوشنا ھەققى – مۇسۇلمان بولسۇن، كاپىر بولسۇن – بارچە قوشنىلار ئۈچۈن ئومۇمىيدۇر. قوشنىسىغا ھۆرمەت قىلىش — ئۇلارغا ياخشىلىق كەلتۈرۈش ۋە ئازار بەرمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مېھمىنىغا ھۆرمەت قىلىش مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

ئون ئالتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ أَنَّ رَجُلاً قَالَ لِلنَّبيِّ ﷺ : أَوصِنِيْ، قَال : (لاَ تَغْضَبْ) . رواه البخاري

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ماڭا نەسىھەت قىلغان بولسىلا» دېۋىدى، «غەزەپلەنمىگىن» دېدى. ئۇ كىشى قايتا-قايتا نەسىھەت تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ئوخشاشلا) «غەزەبلەنمە» دېدى. (بۇخارى 5756)

ئون يەتتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي يَعْلَى شَدَّادِ بنِ أَوْسٍ رَضِيَ اللهُ تَعَالَى عَنْهُ عَنْ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (إِنَّ اللهَ كَتَبَ الإِحْسَانَ عَلَى كُلِّ شَيءٍ. فَإِذَا قَتَلْتُمْ فَأَحْسِنُوا القِتْلَةَ، وَإِذَا ذَبَحْتُمْ فَأَحْسِنُوا الذِّبْحَةَ، وَلْيُحِدَّ أَحَدُكُمْ شَفْرَتَهُ، وَلْيُرِحْ ذَبِيْحَتَهُ) رواه مسلم

ئەبۇ يەئلا شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:

«شۈبىھسىزكى، ئاللاھ تائالا بارچە ئىشلارنى ياخشىلىق ئاساسىدا قىلىشنى بەلگىلىگەن. ئۇنداق ئىكەن، ئۆلتۈرگەن چېغىڭلاردا چىرايلىقچە ئۆلتۈرۈڭلار. مالنى بوغۇزلىغاندىمۇ چىرايلىقچە بوغۇزلاڭلار. (مال بوغۇزلايدىغاندا) سىلەردىن بىرىڭلار پىچىقىنى ياخشى بىلىسۇن ۋە بوغۇزلايدىغان مالنى راھەتلەندۈرسۇن.» (مۇسلىم 1955)

ئون سەككىزىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ ذَرٍّ جُنْدُبِ بنِ جُنَادَةَ وَأَبِي عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُعَاذِ بِنِ جَبَلٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنْ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (اتَّقِ اللهَ حَيْثُمَا كُنْتَ، وَأَتْبِعِ السَّيِّئَةَ الحَسَنَةَ تَمْحُهَا، وَخَالِقِ النَّاسَ بِخُلُقٍ حَسَنٍ ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن. وفي بعض النسخ: حسنٌ صحيح.

ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبنى جۇنادە ۋە ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:

«نەدىلا بولمىغىن ئاللاھتىن قورققىن. بىر يامانلىق قىلغان بولساڭ، ئارقىسىدىنلا بىر ياخشى ئەمەل قىلغىن، بۇنىڭ بىلەن يامان ئىشىڭ يوققا چىقسۇن. كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.» (ئەھمەد 21354؛ تىرمىزى 1987؛ ھاكىم 1\54)

شەرھ:

«كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش» دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ھەقسىزلىق قىلماسلىق ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىشتۇر. (ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراك)

ئون توققۇزىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي عَبَّاسٍ عَبْدِ اللهِ بنِ عَبَّاسٍ رضي الله عنهما قَالَ: كُنْتُ خَلْفَ النبي ﷺ يَومَاً فَقَالَ: (يَا غُلاَمُ إِنّي أُعَلِّمُكَ كَلِمَاتٍ : احْفَظِ اللهَ يَحفَظك، احْفَظِ اللهَ تَجِدهُ تُجَاهَكَ، إِذَاَ سَأَلْتَ فَاسْأَلِ اللهَ، وَإِذَاَ اسْتَعَنتَ فَاسْتَعِن بِاللهِ، وَاعْلَم أَنَّ الأُمّة لو اجْتَمَعَت عَلَى أن يَنفَعُوكَ بِشيءٍ لَمْ يَنْفَعُوكَ إِلا بِشيءٍ قَد كَتَبَهُ اللهُ لَك، وإِن اِجْتَمَعوا عَلَى أَنْ يَضُرُّوكَ بِشيءٍ لَمْ يَضروك إلا بشيءٍ قَد كَتَبَهُ اللهُ عَلَيْكَ، رُفعَت الأَقْلامُ، وَجَفّتِ الصُّحُفُ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن صحيح – وفي رواية – غير الترمذي: (اِحفظِ اللهَ تَجٍدْهُ أَمَامَكَ، تَعَرَّفْ إلى اللهِ في الرَّخاءِ يَعرِفْكَ في الشّدةِ، وَاعْلَم أن مَا أَخطأكَ لَمْ يَكُن لِيُصيبكَ، وَمَا أَصَابَكَ لَمْ يَكُن لِيُخطِئكَ، وَاعْلَمْ أنَّ النَّصْرَ مَعَ الصَّبْرِ، وَأَنَّ الفَرَجَ مَعَ الكَربِ، وَأَنَّ مَعَ العُسرِ يُسراً)

ئەبۇل ئابباس ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس مۇنداق بايان قىلىدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇلىغىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىگلىك ئىدىم. بۇ ھالەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئەي يىگىت! ساڭا بەزى سۆزلەرنى ئۆگىتىمەن: سەن ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھ سېنى مۇھاپىزەت قىلغاي. ئاللاھتىن قورققىنكى، ئاللاھنى قارشىڭدا تاپىسەن. بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھتىن سورا. ياردەم سورىماقچى بولساڭ، ئاللاھتىن ياردەم سورا. بىلگىنكى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانسا، ساڭا ئاللاھنىڭ سەن ئۈچۈن پۈتكىنىدىن باشقا ھېچ بىر پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا بىرەر زىيان سېلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانسا، ساڭا ئاللاھنىڭ سەن ئۈچۈن پۈتكىنىدىن باشقا ھېچبىر زىيان سالالمايدۇ. قەلەم كۆتۈرۈلگەن، سەھىپىلەر قۇرۇغاندۇر.»

تىرمىزى رىۋايىتىدىن باشقا بىر رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان:

«ئاللاھنى مۇھاپىزەت مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھنى ئالدىڭدا تاپىسەن. راھەتلىك پەيتلىرىڭدە (ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق) ئاللاھنى تونۇغىنكى، ئاللاھمۇ سېنى تونۇغاي. شۇنى بىلگىنكى، ساڭا پۈتۈلمىگەن ئىش ئەسلا ساڭا كەلمەيدۇ، ساڭا پۈتۈلگەن ئىش ساڭا جەزمەن يەتمەي قالمايدۇ. بىلگىنكى، ياردەم سەبر ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. نىجاتلىق قىيىنچىلىققا ئۇلىشىپ كېلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق بولىدۇ.» (مۇسنەد ئەھمەد – ئەھمەد شاكىر تەھقىقى – 2669؛ تىرمىزى 2516؛ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

«ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلىش» دائىما ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقىنى ئەستىن چىقارماسلىق ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. دېمەككى، «ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلىش» نىڭ ھەقىقىتى دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىشتۇر.

ئەكسى قىياس قىلغىنىمىزدا، كىم ئاللاھنىڭ دىنىنى مۇھاپىزە قىلمىسا، ئاللاھمۇ ئۇنى مۇھاپىزەت قىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، يول كۆرسىتىشىدۇر. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى ھەدىستىكى «سەن ئاللاھنى مۇھاپىزەت قىلغىنكى، ئاللاھ سېنى مۇھاپىزەت قىلغاي سۆزى»گە ئوخشايدۇ:«ئەگەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.» (سۈرە مۇھەممەد، 7-ئايەت)

راھەتلىك، ساقلىق، خاتىرجەملىك ۋە ماددىي جەھەتتىن كەڭرىچىلىك ھالىتىدە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ پەزىلىتى.

كىم راھەتلىك پەيتىدە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن ساقلايدۇ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى يېنىكلىتىدۇ، غەم ۋە بىئارامچىلىقلىرىنى كەتكۈزىدۇ، ئېغىرچىلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ. مانا بۇ ھەدىستىكى «قىيىنچىلىقتا قالغىنىڭدا ئاللاھ سېنى تونۇسۇن» دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسىدۇر.

بەندىلەرگە موھتاج بولماستىن، ئاللاھ بىلەن كۇپايىلىنىش ئارقىلىق تەۋھىدنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى. بۇ بەندىلەردىن سوراشنى ۋە ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى تەرك ئېتىپ، ھاجەتلىرىنى پەقەتلا ئاللاھتىن سوراش بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەندە ئېھتىياجلىرىنى رەببىگە تەڭلەيدۇ ۋە رەببىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.

ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى بىلەن تەقدىرنىڭ ئىسپاتى.

پايدا، زىيان، نىمەت ۋە مۇسىبەت تۈرىدىن بەندىگە نېمە يەتكەن بولسا، شۇنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغاندۇر. بۇلاردىن قايسى بىرى بەندىگە يېزىلمىغان تەقدىردە، ئۇ ئىش بەندىگە يەتمەيدۇ.

سەبرگە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەبرنىڭ زەپەرگە سەۋەب ئىكەنلىكى.

مەخلۇقاتنىڭ تەقدىرلىرىنىڭ يېزىلىپ بولۇنغانلىقى.

تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ مۇسىبەتلەرنى يېنىكلىتىدىغانلىقى، سەبرگە ياردەمچى بولىدىغانلىقى ۋە يالغۇز سەۋەبلەرگىلا ئېسىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى.

يىگىرمىنچى ھەدىس

عَنْ أَبيْ مَسْعُوْدٍ عُقبَة بنِ عَمْرٍو الأَنْصَارِيِّ البَدْرِيِّ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُوْلُ اللهِ ﷺ (إِنَّ مِمَّا أَدرَكَ النَاسُ مِن كَلاَمِ النُّبُوَّةِ الأُولَى إِذا لَم تَستَحْيِ فاصْنَعْ مَا شِئتَ) رواه البخاري.

ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرى ئەلئەسارىي ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«<ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل> دېگەن سۆز ئىنسانلار تۇنجى پەيغەمبەردىن تارتىپ ئاڭلاپ كەلگەن سۆزدۇر.» (بۇخارى 5769)

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىس ھايا توغرىسدىكى ئاساستۇر.

بەزى ئىنسانلارنىڭ تىلىدا ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا پەيغەمبەرلەردىن مىراس قالغان بەزى سۆزلەرنى ئېيتىدىغانلىقى.

ھايانىڭ سۆز ۋە ھەرىكەت تۈرىدىن بولغان بارچە يامانلىق ۋە ناچارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى.

كۆڭلى نېمى تارتسا شۇنى قىلىش سەۋەبلىك ھاياغا زىت ئىش قىلغۇچىنىڭ ئازارلىنىدىغانلىقى.

يىگىرمە بىرىنچى ھەدىس

عَنِ أَبيْ عَمْرٍو، وَقِيْلَ،أَبيْ عمْرَةَ سُفْيَانَ بنِ عَبْدِ اللهِ رضي الله عنه قَالَ: قُلْتُ يَا رَسُوْلَ اللهِ قُلْ لِيْ فِي الإِسْلامِ قَوْلاً لاَ أَسْأَلُ عَنْهُ أَحَدَاً غَيْرَكَ؟ قَالَ: (قُلْ آمَنْتُ باللهِ ثُمَّ استَقِمْ)

ئەبۇ ئەمر – ئەبۇ ئەمرە ئىكەنلىكىمۇ ئېيتىلىدۇ – سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ! ئىسلام ھەققىدە ماڭا شۇنداق بىر سۆزنى دەپ بەرگەيلىكى، سىلىدىن باشقىسىدىن سوراشقا ھاجىتىم قالمىغاي» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم، دېگىن؛ ئاندىن توغرا يولدا بولغىن.» (مۇسلىم 38)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى:

بۇ ھەدىس ئىلىم بىلەن ئەمەلنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدىكى ئاساستۇر.

بۇ ھەدىستىن كىتاب ۋە سۈننەتتىكى ئوخشاشلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىگە ئوخشايدۇ:«ئۇلار <رەببىمىز ئاللاھتۇر> دېدى، ئاندىن توغرا يولدا بولدى.» (ئەھقاف سۈرىسى 13-ئايەت)

دىننىڭ ئەسلىنىڭ مۇتلەق ھالدا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش دېگەن: ئاللاھنىڭ رەبلىكىنى، ئىبادەتكە پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىقلىقىغنى ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى تەستىقلاش ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنى بىرلەپ-تەۋھىد قىلىشتۇر.

ئىماننىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن قەلبتىكى ئېتىقادنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئەكسىچە ئىماننى تىل بىلەن ئىقرار قىلىشنىڭ پەرزلىكى.

سۆزنى ئەمەل بىلەن ئىسپاتلاپ، تەستىق قىلىشنىڭ پەرزلىكى.

بېشىغا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتا مۇستەھكەم ۋە داۋاملىق بولۇشنىڭ پەرزلىكى. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«جېنىڭلارنى مۇسۇلمان ھالەتتە بېرىڭلار.»(ئالى ئىمران سۈرىسى، 102-ئايەت) ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:«ساڭا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىل!» (سۈرە ھىجر، 99-ئايەت)

ئەمر قىلىنىپ، پەرز قىلىنغان ھەممە ئەمەلنى قىلىشنىڭ ۋە چەكلىنىپ ھارام قىلىنغان ھەممە ئەمەلدىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.

دىننىڭ ھەممە بۆلۈمىدە ئوتتۇرا يول بولغان سۈننەت يولىنى تۇتۇش، ھاياجانلىنىپ چاپچىپ كېتىشتىن ۋە سۈننەتتە بەلگىلەنگىنىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن، شۇنداقلا ئەمەل ئىبادەتلەرنى چالا قىلىشتىن ۋە ئەمەل ئىبادەتكە ھورۇنلۇق قىلىشنى تەرك ئېتىش.

ئىلىم ۋە ئىمان مەرتىۋىسىنىڭ ئەمەل مەرتىۋىسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى. دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ «ئاندىن» سۆزىدىن كېيىن ئېىيتىلىشى سەۋەبى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن.

بۇ سوئالنى سورىغۇچى ساھابىنىڭ سوئالىدىن ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابتىن قارىغاندا، بۇ ساھابىنىڭ دىن ھەققىدە بەكمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكى.

شەرئىي بەلگىلىمىلەرگە قىلىنغان ھەر بىر مۇخالىپەت-قارشىلىق-بىردەك بولماسلىقنىڭ توغرا يولدا مۇستەھكەم بولۇشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زىت ئىكەنلىكى.

يىگىرمە ئىككىنچى ھەدىس

عَنْ أَبيْ عَبْدِ اللهِ جَابِرِ بنِ عَبْدِ اللهِ الأَنْصَارِيِّ رضي الله عنه أَنَّ رَجُلاً سَأَلَ النبي ﷺ فَقَالَ: (أَرَأَيتَ إِذا صَلَّيْتُ المَكْتُوبَاتِ، وَصُمْتُ رَمَضانَ، وَأَحلَلتُ الحَلاَلَ، وَحَرَّمْتُ الحَرَامَ، وَلَمْ أَزِدْ عَلى ذَلِكَ شَيئاً أَدخُلالجَنَّة ؟ قَالَ: نَعَمْ) رواه مسلم

ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «پەرز نامازلارنى ئادا قىلسام، رامزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام دەپ بىلسەم، بۇلاردىن ئارتۇقىنى قىلمىسام جەننەتكە كىرەلەمدىم؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق» دېدى. (مۇسلىم 15)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى:

(ئىككى شاھادەت، ناماز، روزا بىلەن بىرلىكتە) ھالالنى ھالال دەپ، ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ھالال ۋە ھارامغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكى.

بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىدىن سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق جەننەتنى تەلەپ قىلىشنىڭ شەرىئەتتە توغرا ئىكەنلىكى ۋە ماختىلىدىغانلىقى. سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق ساۋاب قازىنىش ۋە ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەد قىلىشنى كامچىلىق ياكى دۇرۇس ئەمەس دەيدىغان سوپىزىم پىرقىسىغا رەددىيە بار.

يىگىرمە ئۈچىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي مَالِكٍ الحَارِثِ بنِ عَاصِم الأَشْعَرِيِّ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : )الطُّهُورُ شَطْرُ الإِيْمَانِ، والحَمْدُ للهِ تَمْلأُ الميزانَ، وسُبْحَانَ اللهِ والحَمْدُ للهِ تَمْلآنِ – أَو تَمْلأُ – مَا بَيْنَ السَّمَاءِ والأَرْضِ، وَالصَّلاةُ نُورٌ، والصَّدَقَةُ بُرْهَانٌ، وَالصَّبْرُ ضِيَاءٌ، وَالقُرْآنُ حُجَّةٌ لَكَ أَو عَلَيْكَ، كُلُّ النَّاسِ يَغْدُو فَبَائِعٌ نَفْسَهُ فَمُعْتِقُهَا أَو مُوبِقُهَا

ئەبۇ مالىك ئەلھارىس ئىبنى ئاسىم ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«تاھارەت ئىماننىڭ يېرىمىدۇر؛ ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ؛ سۇبھانەللاھى، ۋەلھەمدۇلىللاھى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئارىسىنى تولدۇرىدۇ. ناماز نۇدردۇر؛ سەدىقە ھۆججەتتۇر. سەبر يورۇقلۇقتۇر. قۇرئان يا سېنىڭ پايداڭا، ياكى سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر. ھەمە ئىنسان تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۇلاردىن بەزىسى ئۆز جېنىنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئازاد قىلىدۇ، بەزىسى ئۇنى ھالاك قىلىدۇ.» (مۇسلىم 223)

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۇھۇرنىڭ، يەنى غۇسۇل، تاھارەت ۋەياكى تەيەممۇم قاتارلىقلار بىلەن پاكلىنىشنىڭ پەزىلىتى.

تاھارەتنىڭ ئىماندىن ئىكەنلىكى.

ئەمەللەرنى ئىماندىن ئايرىۋەتكەن مۇرجىئە پىرقىسىنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى.

قىيامەت كۈنىدىكى مىزاننىڭ ۋە ئۇنىڭدا ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىنىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ شاھىدتۇر:«تىلدا يېنىك، مىزاندا ئېغىر، رەھمان تائالاغا سۆيۈملۈك ئىككى كەلىمە بار…»(بۇخارى 6043؛ مۇسلىم 2694)

بۇ كەلىمىلەرنى كامىل ئىلىم (يەنى ئۇ دالالەت قىلىدىغان مەنالارنى مۇكەممەل شەكىلدە چۈشىنىش)، تەستىقلاش ۋە ئىخلاس بىلەن زىكىر قىلىشنىڭ مىزاندا ئېغىر ئولتۇرۇدىغانلىقى.

نامازنىڭ باشقا ئەمەللەردىن ئۈستۈنلۈكى، نامازنىڭ ئەڭ ئۈستۈنىنىڭ پەرز نامازلار ئىكەنلىكى.

نامازنىڭ ئۇنى ئادا قىلغۇچى مۆمىن ئۈچۈن قەلبىدە، يۈزىدە، ئەخلاقىدا، قەبرىدە، ئاخىرەتتە ۋە سىرات كۆۋرۈكىدە نۇر بولىدىغانلىقى. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى مۆمىن ئەرلەر بىلەن مۆمىنە ئاياللارنى كۆرىسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە ماڭىدۇ.»(سۈرە ھەدىد، 12-ئايەت) مانا بۇ بەش ۋاقىت نامازنى كامىل ئادا قىلغان، ئۇنى قاچۇرمىغان ۋە نامازلىرىنى خۇشۇ بىلەن ئوقۇغانلارنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلىتىدۇر. كىم نامازنىڭ مۇكەممەللىكىنى كېمەيتسە، بۇ ساۋابتىنمۇ نېسىۋىسى ئازىيىدۇ.

سەبرنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ سەبر قىلغۇچى ئۈچۈن يورۇقلۇق ئىكەنلىكى. سەبر ئۈچ تۈرلۈكتۇر:(1) ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەتتە سەبر قىلىش. (2) ئاللاھقا ئىسيان ھېسابلىدىغان ئىشلارغا قارشى ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن سەبر قىلىش. (3) ئاللاھنىڭ نەپسكە ئېغىر كېلىدىغان ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن سەبر قىلىش.

ھەدىستىكى «ناماز نۇردۇر … سەبر يورۇقلۇقتۇر» جۈملىسىدىكى نۇر بىلەن يورۇقلۇق (زىيا) ئارىسىدىكى پەرق شۇكى، يورۇقلۇقتا ئىسسىقلىق بولىدۇ. ھەدىستە بۇنداق زىكىر قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى، سەبرنىڭ ئارقىسىدىكى بەك چوڭ ئازابلار كۆمۈلىدىغانلىقى يۈزىسىدىن بولۇشى مۇمكىن.

يىگىرمە تۆتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبي ذرٍّ الغِفَارْي رضي الله عنه عَن النبي ﷺ فيمَا يَرْويه عَنْ رَبِِّهِ عزَّ وجل أَنَّهُ قَالَ: (يَا عِبَادِيْ إِنِّيْ حَرَّمْتُ الظُّلْمَ عَلَى نَفْسِيْ وَجَعَلْتُهُ بَيْنَكُمْ مُحَرَّمَاً فَلا تَظَالَمُوْا، يَا عِبَادِيْ كُلُّكُمْ ضَالٌّ إِلاَّ مَنْ هَدَيْتُهُ فَاسْتَهْدُوْنِي أَهْدِكُمْ، يَا عِبَادِيْ كُلُّكُمْ جَائِعٌ إِلاَّ مَنْ أَطْعَمْتُهُ فاَسْتَطْعِمُونِي أُطْعِمْكُمْ، يَا عِبَادِيْ كُلُّكُمْ عَارٍ إِلاَّ مَنْ كَسَوْتُهُ فَاسْتَكْسُوْنِيْ أَكْسُكُمْ، يَا عِبَادِيْ إِنَّكُمْ تُخْطِئُوْنَ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَأَنَا أَغْفِرُ الذُّنُوْبَ جَمِيْعَاً فَاسْتَغْفِرُوْنِيْ أَغْفِرْ لَكُمْ، يَا عِبَادِيْ إِنَّكُمْ لَنْ تَبْلُغُوْا ضَرِّيْ فَتَضُرُّوْنِيْ وَلَنْ تَبْلُغُوْا نَفْعِيْ فَتَنْفَعُوْنِيْ، يَا عِبَادِيْ لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ كَانُوْا عَلَى أَتْقَى قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ مِنْكُمْ مَا زَادَ ذَلِكَ فَيْ مُلْكِيْ شَيْئَاً. يَا عِبَادِيْ لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ كَانُوْا عَلَى أَفْجَرِ قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ مِنْكُمْ مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِنْ مُلْكِيْ شَيْئَاً، يَا عِبَادِيْ لَوْ أنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ قَامُوْا فِيْ صَعِيْدٍ وَاحِدٍ فَسَأَلُوْنِيْ فَأَعْطَيْتُ كُلَّ وَاحِدٍ مَسْأَلَتَهُ مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِمَّا عِنْدِيْ إِلاَّ كَمَا يَنْقُصُ المِخْيَطُ إَذَا أُدْخِلَ البَحْرَ، يَا عِبَادِيْ إِنَّمَا هِيَ أَعْمَالُكُمْ أُحْصِيْهَا لَكُمْ ثُمَّ أُوَفِّيْكُمْ إِيَّاهَا فَمَنْ وَجَدَ خَيْرَاً فَليَحْمَدِ اللهَ وَمَنْ وَجَدَ غَيْرَ ذَلِكَ فَلاَ يَلُوْمَنَّ إِلاَّ نَفْسَهُ) رواه مسلم.

ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇمنى ئۆزۈم ئۈچۈن ھارام قىلدىم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ھارام قىلدىم. ئۇنداق ئىكەن، بىر-بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ ھىدايەت قىلغانلىرىم مۇستەسنا، ھەممىڭلار ئازغۇنلۇقتىسىلەر. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن ھىدايەت تىلەڭلاركى، سىلەرگە ھىدايەت ئاتا قىلاي. ئى بەندىلىرىم! مەن تويغۇزغاندىن باشقا ھەممىڭلار ئاچسىلەر، ئۇنداقتا مەندىن يېمەك-ئىچمەك تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى تويغۇزاي. ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ كىيىم كىيگۈزگەنلىرىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچسىلەر. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن كىيىم-كېچەك تىلەڭلاركى، سىلەرگە كىيىم-كېچەك ئاتا قىلاي. ئى بەندىلىم! سىلەر كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈسىلەر. مەن بولسام پۈتكۈل گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىمەن. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن مەغفىرەت تىلەڭلاركى، سىلەرنى مەغفىرەت قىلاي. ئى بەندىلىرىم! ماڭا زىيان سالماقچى بولساڭلار، زىيان سېلىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ماڭا مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈڭلار قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلارنىڭ، ئاخىرقىلىرىڭلارنىڭ، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار (نىڭ قەلبى ئاراڭلاردىكى) ئەڭ تەقۋادار بىر كىشىنىڭ قەلبىدەك (ئىمانغا لىق تولغان تەقدىردىمۇ)، بۇنداق بولۇشى مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىن ھېچ نەرسىنى ئاشۇرالمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلارنىڭ، ئاخىرقىلىرىڭلارنىڭ، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار  (نىڭ قەلبى ئاراڭلاردىكى ئاراڭلاردىكى) ئەڭ فاجىر بىرىنىڭ قەلبىدەك بولسا، بۇ مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى قۇللىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلار، ئاخىرقىلىرىڭلار، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار بىر يەرگە توپلىشىپ مەندىن ھاجىتىڭلارنى تىلىسەڭلار ۋە ھەر بىرىڭىلارغا تىلىگىنىڭلارنى (تولۇقى بىلەن) بەرسەم، بۇ مېنىڭ دەرگاھىمدىكىدىن دېڭىزغا چىلانغان يىڭنىنىڭ دېڭىزدىن كېمەيتكىنىدىن ئارتۇقىنى كېمەيتەلمەيدۇ.

ئى بەندىلىرىم! بۇلار سىلەرنىڭ  ئەمەللىرىڭلاردۇر. مەن ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساناپ، ھېسابلاپ قويىمەن. ئاندىن ئۇنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسىنى سىلەرگە تولۇقى بىلەن بېرىمەن. كىمكى ھېسابىدا ياخشىلىقنى تاپسا، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسۇن. كىمكى ياخشىلىقتىن باشقىنى تاپسا، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئەيىبلىمىسۇن.» (مۇسلىم 2577)

يىگىرمە بەشىنچى ھەدىس

عَنْ أَبي ذَرٍّ رضي الله عنه قال: أَنَّ أُنَاسَاً مِنْ أَصحَابِ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالوا للنَّبي ﷺ يَارَسُولَ الله: ذَهَبَ أَهلُ الدثورِ بِالأُجورِ، يُصَلُّوْنَ كَمَا نُصَلِّيْ، وَيَصُوْمُوْنَ كَمَا نَصُوْمُ، وَيَتَصَدَّقُوْنَ بفُضُوْلِ أَمْوَالِهِمْ، قَالَ: (أَوَ لَيْسَ قَدْ جَعَلَ اللهُ لَكُمْ مَا تَصَّدَّقُوْنَ؟ إِنَّ بِكُلِّ تَسْبِيْحَةٍ صَدَقَة.وَكُلِّ تَكْبِيْرَةٍ صَدَقَةً وَكُلِّ تَحْمَيْدَةٍ صَدَقَةً وَكُلِّ تَهْلِيْلَةٍ صَدَقَةٌ وَأَمْرٌ بالِمَعْرُوْفٍ صَدَقَةٌ وَنَهْيٌ عَنْ مُنْكَرٍ صَدَقَةٌ وَفِيْ بُضْعِ أَحَدِكُمْ صَدَقَةٌ قَالُوا: يَا رَسُوْلَ اللهِ أَيَأْتِيْ أَحَدُنَا شَهْوَتَهُ وَيَكُوْنُ لَهُ فِيْهَا أَجْرٌ؟ قَالَ:أَرَأَيْتُمْ لَوْ وَضَعَهَا فَيْ حَرَامٍ أَكَانَ عَلَيْهِ وِزْرٌ؟ فَكَذَلِكَ إِذَا وَضَعَهَا فَي الحَلالِ كَانَ لَهُ أَجْرٌ) رَوَاهُ مُسْلِمٌ

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىمى رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ! مال-مۈلۈك ئىگىلىرى ئەجىر-ساۋاب جەھەتتە بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار بىزگە ئوخشاش ناماز ئوقۇيدۇ، بىزگە ئوخشاش روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ماللىرىنىڭ ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىدۇ» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:
    «ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن سەدىقە بولىدىغان ئەمەللەرنى بەلگىلىمىگەنمۇ؟ ھەر تەسبىھ (سۇبھانەللاھ دېيىش) سەدىقىدۇر، ھەر تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش) سەدىقىدۇر، ھەر تەھمىد (ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىش) سەدىقىدۇر، ھەر تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش) سەدىقىدۇر. ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر. سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئايالىغا كېلىشى سەدىقىدۇر.» ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! بىزدىن بىرىمىزنىڭ شەھۋىتىمىزنى بۇنىڭدىن قاندۇرۇشىمىزغا ساۋاب بولامدۇ؟» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئېيتىڭلارچۇ، شەھۋىتىنى ھارامدىن قاندۇرسا گۇناھ بولمامدۇ؟ شۇنىڭدەك، شەھۋىتىنى ھالالدىن قاندۇرغان كىشى ئۈچۈن ساۋاب يېزىلىدۇ.» (مۇسلىم 1006)

يىگىرمە ئالتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (كُلُّ سُلامَى مِنَ النَّاسِ عَلَيْهِ صَدَقَةٌ كُلُّ يَومٍ تَطْلُعُ فِيْهِ الشَّمْسُ: تَعْدِلُ بَيْنَ اثْنَيْنِ صَدَقَةٌ، وَتُعِيْنُ الرَّجُلَ في دَابَّتِهِ فَتَحْمِلُ لَهُ عَلَيْهَا أَو تَرْفَعُ لَهُ عَلَيْهَا مَتَاعَهُ صَدَقَةٌ، وَالكَلِمَةُ الطَّيِّبَةُ صَدَقَةٌ، وَبِكُلِّ خُطْوَةٍ تَمْشِيْهَا إِلَى الصَّلاةِ صَدَقَةٌ، وَتُمِيْطُ الأَذى عَنِ الطَّرِيْقِ صَدَقَةٌ) رواه البخاري ومسلم.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
    «كۈن چىققانلىكى ھەر بىر كۈندە ئىنسانغا ئۆز بەدىنىدىكى ھەر بىر بۇغۇم ئۈچۈن سەدىقە بېرىشى كېرەك بولىدۇ. ئىككى كىشى ئارىىسدا ئادالەتلىك بولۇش سەدىقىدۇر، براۋنىڭ ئۇلىقىغا مىشىنىگە ياردەملىشىشىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەشياسىنى ئۇلىقىغا ئېلىشىپ بېرىشىڭ سەدىقىدۇر. گۈزەل سۆز سەدىقىدۇر، ناماز ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭ سەدىقىدۇر. يولدىن ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىنى نېرى قىلىشىڭ سەدىقىدۇر.» (بۇخارى 2734، 2827)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىنسان بەدىنىدىكى بىرىگە تۇتاش ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆكەك ۋە بۇغۇملارنىڭ بەندىنىڭ ئىتائەت تۈرىدىكى تۈرلۈك ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشى كېرەك بولغان نېمەتلەردىن ئىكەنلىكى.

بۇ نىمەتلەرنىڭ بەندىدە ئىزچىل مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھەر كۈنى شۈكۈرنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا تەرغىب.

دۇنياۋى ئىشلىرىغا كۈچى يەتمىگەن كىشىگە ياردەم بېرىشنىڭمۇ سەدىقە ئىكەنلىكى.

ناماز ئۈچۈن ماڭغا ھەر بىر قەدەم سەدىقىدۇر. بۇنىڭغا قىياسەن، شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ماڭغان ھەر بىر قەدەم، جىھاد ئۈچۈن ماڭغان ھەر بىر قەدەم ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا سەۋەب بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن بېسىلغان ھەر بىر قەدەمنىڭ مۆمىن بەندە ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى.

بۇ ھەدىسنىڭ ئەكسىگە قىياس قىلغىنىمىزدا، ھارامغا قاراپ بېسىلغان ھەر بىر قەدەم يامانلىق ۋە گۇناھتۇر.

يىگىرمە يەتتىنچى ھەدىس

عن النواس بن سمعان رضي الله عنهما ، عن النبي ﷺ قال: (البر حسن الخلق ، والإثم ما حاك في نفسك وكرهت أن يطلع عليه الناس ) .رواه مسلم.وعن وابصة بن معبد رضى الله عنه ، قال : أتيت رسول الله ﷺ ، فقال : (جئت تسأل عن البر و الإثم ؟) قلت : نعم ؛ قال : (استفت قلبك ؛ البر ما اطمأنت إليه النفس واطمأن اليه القلب ، والإثم ما حاك في النفس وتردد في الصدر ، وإن أفتاك الناس وأفتوك) .حديث حسن

نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ياخشىلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر. گۇناھ قەلبىڭنى راھەتسىز قىلدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن  سېنى ئارامسىزلاندۇرىدىغان ئىشتۇر.» (مۇسلىم 2553)

ۋابىسە ئىبنى مەئبەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا باردىم، ماڭا «ياخشىلىق ھەققىدە سوراش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟» دېدى. «شۇنداق» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«قەلبىڭدىن سورا! ياخشىلىق — نەپسىڭنى راھەتلەندۈرىدىغان، قەلبىڭنى ئارام تاپقۇزىدىغان ئىشتۇر. گۇناھ — كىشىلەر ساڭا (توغرا دەپ) ھەر قانچە پەتىۋا بەرسىمۇ، نەپسىڭنى بىئارام قىلىدىغان، قەلبىڭدە ئىككىلىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىشتۇر.» (ئەھمەد 17999، 18001؛ دارىمى 2575)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىس ياخشىلىق بىلەن گۇناھنى چۈشىنىش ۋە ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاساس بولىدىغان ھەدىستۇر.

ھەدىستە گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتى تەكىتلەنمەكتە.

گۇناھنىڭ نەپسنىڭ بىئارامچىلىقىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.

ئىنسانىي فىترىتى بۇزۇلمىغا، دۇرۇس مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن گۇناھنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغانلىقى.

تەقۋادار-مۇتتەقى بىر مۆمىننىڭ قەلبىدە بىر ئىش توغرىسىدا راھەتلىك بولسا، ئۇ ئىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىگە دالالەت ئىكەنلىكى. (مۇتەقىلىكنىڭ بېشى دىنىي ئىلىم بولۇپ، جاھىل ھېچقاچان مۇتتەقى بولالمايدۇ. دىنىي ئىلىم نوقۇل ھالدا ئەرەپچە ئۆگىنىش ياكى كىتاپ ئوقۇش بولۇپلا قالماستىن، خەت تونۇمايدىغان، مەدرىس مەكتەپلەردە دىنىي ئىلىم ئوقۇمىغان، ئەمما ئايەت ھەدىسلەرنى ئاڭلاش، ياخشى ئالىملارنىڭ تەبلىغلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئىلىم-ھىدايەتتىن خەۋەردار بولغان كىشىدىمۇ تەقۋادارلىق بولىدۇ. ئەمما، يا دىنىي ئىلىم ئوقۇپ بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغان، ياكى تەقۋا ئالىملارغا يېپىشىپ ئۇلارنىڭ ئىلىمىدىن پايدىلانمىغان كىشىدە مۇتتەقىلىك-تەقۋادارلىق بولمايدۇ. چۈنكى، تەقۋادارلىق مۇتلەق مەنىدىكى شەرئىي ئىلىم ۋە ھىدايەتنى ئاساس قىلىدۇ. جاھىل دىننىڭ ئۇل ئاساسلىرىنى توغرا بىلمەي تۇرۇپ كۆڭلىگە بىر ئىش ياخشى بىلنەشسە، بۇ ئۇ ئىشنىڭ ياخشىلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىش ئەسلىدە قۇرئاندا ياكى سۈننەتتە چەكلەنگەن بىر ئىش بولۇشى، جاھىل بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغاچقا ئۇ ئىش نەپسىگە كۆرە ياخشى بىلنەشكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، جاھىل ياكى ئىلمىگە ئەمەل قىلمايدىغانلارنىڭ كۆڭلىگە ياخشى بىلنەشكەن ئىشنىڭ توغرا ئىش بولۇشى ناتايىن.)

تەقۋادار مۆمىننىڭ قەلبىنىڭ بىر ئىشتا ئىككىلىنىشكە ياكى بىئارامچىلىققا چۈشۈشى ئۇ ئىشنىڭ گۇناھلىق ئىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى. (بۇ ھال ئايەت ھەدىستىن شۇ ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلدۈرىدىغان ئېنىق دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا شۇنداق. تەقۋادارلىق دېگەن ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىستە بۇيرۇلغان پەرز ئەمەللەرنى بىجاندىللىق بىلەن ئورۇنداش، ئايەت ھەدىستە چەكلەنگەن ھارام ۋە بىدئەت ئىشلاردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قېچىشتىن دېرەك بېرىدۇ.-ئىبنى ئۇسەيمىن. بۇنى ئادا قىلغۇچى تەقۋاداردۇر. گۇناھقا كۆنۈپ قالغان مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە ياخشى بىلنەشكەن نەرسە ئەمەلىيەتتە ئايەت ھەدىستە چەكلىنىپ، ھارام قىلىنغان نەرسە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ تەقۋادار ئەمەس، قەلبى ياخشى بىلەن ياماننى پەر قىلالىغۇدەك ساپ ھالەتتە ئەمەس.)

پەتۋانىڭ كىشىلەرنىڭ شەك-شۈبھىلىك ئىشنى قىلىشىنى دۇرۇس قىلالمايدىغانلىقى.

يىگىرمە سەككىزىنچى ھەدىس

عَن أَبي نَجِيحٍ العربَاضِ بنِ سَاريَةَ رضي الله عنه قَالَ: وَعَظَنا رَسُولُ اللهِ مَوعِظَةً وَجِلَت مِنهَا القُلُوبُ وَذَرَفَت مِنهَا العُيون. فَقُلْنَا: يَارَسُولَ اللهِ كَأَنَّهَا مَوْعِظَةُ مُوَدِّعٍ فَأَوصِنَا، قَالَ: (أُوْصِيْكُمْ بِتَقْوَى اللهِ عز وجل وَالسَّمعِ وَالطَّاعَةِ وَإِنْ تَأَمَّرَ عَلَيْكُمْ عَبْدٌ، فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ) رواه أبو داود والترمذي وقال : حديث حسن صحيح.

ئەبۇ نەجىھ ئىرباز ئىبنى سارىيەدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: (بىر كۈنى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق بىر ۋەز نەسىھەت قىلدىكى، بۇ سەۋەبلىك قەلىبلەر تىتىرەپ، كۆزلەردىن ياش ئاقتى. بىز «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋىدالاشقۇچى كىشىنىڭ نەسىھەتلىرىدۇر. بىزگە ۋەسىيەت قىلغايلا» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە تەقۋادارلىق قىلىشنى، بېشىڭلارغا بىر قۇل ھۆكۈمدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئۇنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ۋە راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئېسىلىشتىكى ئاساستۇر.

ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەز-تەبلىغلىرىدىن تەسىرلىنىشىدىكى پەزىلىتى.

ئىختىلاپتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئېسىلىشنىڭ پەرزلىكى. (مەسىلەن، ئىككى مۇسۇلمان خۇپتەن نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالدى. بۇنى ئىشەنچىلىك ئالىملاردىن سوراپ ياكى ھەدىس، فىقھى كىتابلاردىن ئاختۇرۇش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، شۇ ھۆكۈمگە ئېسىلىشنىڭ پەرزلىكى. «خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى كېچە يېرىمىغىچىدۇر.»- سەھىھ مۇسلىم.) ئاللاھ ھەر ئىشتا رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:«ئەگەر بىر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئۇ جەھەتتە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار.» (نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت)

راشىد خەلىپىلەرنىڭ پەزىلىتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى بۇيرۇدىكى ۋە ئۇلارنىڭ يولىنىڭ توغرا ۋە ھىدايەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. راشىد خەلىپىلەردىن مەقسەت ئەبۇكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردۇر.

ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەھكامدا دىندا كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن — يەنى بىدئەتتىن — ھەزەر ئەيلەش.

ھەر قانداق بىدئەتنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكى. (ھەدىستە «بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» دەپ ھەممە بىدئەتنى يامانلىققا نىسبەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن) بىدئەتنى ياخشى بىدئەت (بىدئەت ھەسەنە) ۋە يامان بىدئەت (بىدئەت سەييىئە) دەپ ئايرىۋېلىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى.

دىنىي مەسىلىلەرنىڭ ھەر قاندىقىدا قايتىدىغان مەنبەنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈملىرى ئىكەنلىكى.

يىگىرمە توققۇزىنچى ھەدىس

عَن مُعَاذ بن جَبَلٍ رضي الله عنه قَالَ: قُلتُ يَا رَسُولَ الله أَخبِرنِي بِعَمَلٍٍ يُدخِلُني الجَنَّةَ وَيُبَاعدني منٍ النار قَالَ: (لَقَدْ سَأَلْتَ عَنْ عَظِيْمٍ وَإِنَّهُ لَيَسِيْرٌ عَلَى مَنْ يَسَّرَهُ اللهُ تَعَالَى عَلَيْهِ: تَعْبُدُ اللهَ لاَتُشْرِكُ بِهِ شَيْئَا، وَتُقِيْمُ الصَّلاة، وَتُؤتِي الزَّكَاة، وَتَصُومُ رَمَضَانَ، وَتَحُجُّ البَيْتَ. ثُمَّ قَالَ: أَلاَ أَدُلُّكَ عَلَى أَبْوَابِ الخَيْرِ: الصَّوْمُ جُنَّةٌ، وَالصَّدَقَةُ تُطْفِئُ الخَطِيْئَةَ كَمَا يُطْفِئُ المَاءُ النَّارَ، وَصَلاةُ الرَّجُلِ فِي جَوْفِ اللَّيْلِ ثُمَّ تَلا : (تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ) حَتَّى بَلَغَ: (يَعْلَمُونْ) [السجدة:16-17] ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخْبِرُكَ بِرَأْسِ الأَمْرِ وَعَمُودِهِ وَذِرْوَةِ سَنَامِهِ ؟ قُلْتُ: بَلَى يَارَسُولَ اللهِ، قَالَ: رَأْسُ الأَمْرِ الإِسْلامُ وَعَمُودُهُ الصَّلاةُ وَذروَةُ سَنَامِهِ الجِهَادُ ثُمَّ قَالَ: أَلا أُخبِرُكَ بِملاكِ ذَلِكَ كُلِّهِ ؟ قُلْتُ:بَلَى يَارَسُولَ اللهِ. فَأَخَذَ بِلِسَانِهِ وَقَالَ: كُفَّ عَلَيْكَ هَذَا. قُلْتُ يَانَبِيَّ اللهِ وَإِنَّا لَمُؤَاخَذُونَ بِمَا نَتَكَلَّمُ بِهِ ؟ فَقَالَ: ثَكِلَتْكَ أُمُّكَ يَامُعَاذُ. وَهَلْ يَكُبُّ النَّاسَ فِي النَّارِ عَلَى وُجُوهِهِمْ أَو قَالَ: عَلَى مَنَاخِرِهِمْ إِلاَّ حَصَائِدُ أَلسِنَتِهِمْ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن صحيح.

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بىر ئەمەلنى ماڭا دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بەك چوڭ ئىش توغرۇلۇق سورۇدۇڭ. بۇ ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەرگەن كىشىگە ئاساندۇر. پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك قىلىۋالمىغىن؛ نامازلىرىڭنى مۇكەممەل ئادا قىل، زاكاتنى بەر، رامزان روزىسىنى تۇتۇ ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىل» دېدى. ئاندىن يەنە مۇنداق دېدى:«ساڭا ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ روزا قالقاندۇر. سۇنى ئوتنى ئۆچۈرگىنىدەك، سەدىقە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىنىڭ كېچىنىڭ يېرىمىدا ئوقۇغان نامىزىمۇ ھەم گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ.» ئاندىن ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايەتلىرىنى ئوقۇدى:{ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن ئۇزاقتۇر، قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، رىزىق قىلىپ بەرگەنلىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.} (سەجدە سۈرىسى، 16-ئايەت ئايەتلەر) ئاندىن «ساڭا ئىشنىڭ بېشىنى، تۈۋرۈكىنى ۋە يۇقىرى پەللىسى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر، يۇقىرى پەللىسى جىھادتۇر» دېدى. ئاندىن «ساڭا بۇلاردىن ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى. مەن «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «بۇنى ساقلا» دېۋىدى، مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سۆزلىگەن سۆزلىرىمىز سەۋەبلىكمۇ ھېسابقا تارتىلامدۇق؟» دەپ سورىدىم. «ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن! ئىنسانلارنىڭ يۈزىچىلەپ (ياكى بۇرنىچىلاپ) دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان نەرسە ئۇلارنىڭ تىللىرى ئارقىلىق قىلغان گۇناھلىرى بولماي نېمە؟» دېدى. (تىرمىزى 2616؛ ئەھمەد 22016؛ مۇھەددىسلەردىن ئەھمەد شاكىر ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن)

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* ئاخىرەتتىكى سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سەۋەبلەرنىڭ ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىكەنلىكى.

* بۇ سەۋەبلەرنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئەقىللىقلىق جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

* سائادەتنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئۇل-ئاساسىنىڭ ئىسلامدىكى بەش پەرز ئىكەنلىكى.

* روزىنىڭ، سەدىقىنىڭ ۋە كېچىنىڭ يېرىمىدا قىلىغان نامازنىڭ پەزىلىتى.

* روزا بەندىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ۋە يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ.

* سەدىقە ۋە كېچىنىڭ يېرىمىدە قىلىغان ناماز گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

* سۆز ئارىسىدا قۇرئان ئايىتىدىن دەلىل كەلتۈرۈشتە ئەئۇزۇ، بىسماللاھنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەنلىكى.

* ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى ئۆز نەپسىنىڭ ئىستەك-ئارزۇلىرىدىن ئۈستۈن تۇتۇشىنىڭ پەزىلىتى.

* ئىبادەت ۋە دۇئادا ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش.

* دىننىڭ ئەسلىنىڭ لائىلاھە ئىللەللاھ ئىكەنلىكى، دىننىڭ تۈۋرۈكىنىڭ ناماز ئىكەنلىكى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى ئىكەنلىكى. (شەيخنىڭ بۇ سۆزى دۈشمەندىن قوغدىنىش جىھادىنىڭ پەرز ئەيىنلىكىگە زىت ئەمەس. جىم تۇرغان كاپىرغا قارشى جىھاد قىلىش ئارقىلىق، ئىسلامنى كۈچەيتىش ۋە يېيىش جىھادى نەپلە جىھاد بولۇپ، بۇ ئۆلىمالار ئارىىسدىكى مەشھۇر ھۆكۈمدۇر. ھەدىستىكىسى مۇشۇ تۈردىكى جىھادنى كۆرسەتمەكتە، شەيخ سۆزىدە مۇشۇنى كۆزدە تۇتماقچى.)

* ئىشنىڭ ئاساسىنىڭ تىلنى ساقلاش ئىكەنلىكى. (يەنى بۇ ئەسلىدە ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئاسىنى، بۇنىڭ ئەكسى ھەممە گۇناھلارنىڭ بېشى.)

* تىل سەۋەبلىك يۈز بېرىدىغان گۇناھلارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى.

* دوزاخقا كىرىشنىڭ بەزى سەۋەبلىرى بولىدىغانلىقى (ۋە بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئايەت ياكى ھەدىسلەر ئارقىلىق دوزاخ بىلەن خەۋەر بېرىلگەن، لەنەت قىلىنغان، قورقۇتىلغان ياكى شۇ گۇناھنى قىلغۇچىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىدىن ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان ھارام ۋە بىدئەت ئىشلار ئىكەنلىكى)

  • دىندا بەلگىلگەنگەن پەرز ۋە نەپلە ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى.

ئوتتۇزىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ ثَعْلَبَةَ الخُشَنِيِّ جُرثُومِ بنِ نَاشِرٍ رضي الله عنه عَن رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (إِنَّ اللهَ فَرَضَ فَرَائِضَ فَلا تُضَيِّعُوهَا، وَحَدَّ حُدُودَاً فَلا تَعْتَدُوهَا وَحَرَّمَ أَشْيَاءَ فَلا تَنْتَهِكُوهَا، وَسَكَتَ عَنْ أَشْيَاءَ رَحْمَةً لَكُمْ غَيْرَ نِسْيَانٍ فَلا تَبْحَثُوا عَنْهَا) حديث حسن رواه الدارقطني وغيره.

ئەبۇ سەئەلەبە ئەلخۇشەنى جۇرسۇم ئىبنى ناشر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەزى پەرزلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنى زايە قىلۋەتمەڭلار. ئاللاھ بەزى چەك-چېگرالارنى بەلگىلىدى، ئۇلاردىن ئېشىپ كەتمەڭلار. بەزى ئىشلارنى ھارام قىلدى، ئۇلارغا يېقىن يولىماڭلار. بەزى ئىشلار توغرۇلۇق — ئۇنتۇپ قېلىپ ئەمەس، سىلەرگە رەھمەت يۈزىسىدىن — سۈكۈت قىلدى. ئۇ توغرۇلۇق كوچىلاپ يۈرمەڭلار.» (داراقۇتنى 4\184)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى:

* ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن خالىغىنىنى پەرز قىلىپ، خالىغىنى ھارام قىلىدىغانلىقى. (ۋە بۇنى ئۆز ھېكمىتىگە بىنائەن قىلىدىغانلىقى.)

* پەرزلەرنى ئورۇنداشنىڭ پەرزلىكى ۋە ئۇنى زايە قىلىشنىڭ ھاراملىقى. ھاراملاردىن ئۇزاق تۇرۇشنىڭ پەرزلىكى ۋە ئۇنىڭ چۈشۈپ قېلىشنىڭ ھاراملىقى.

* شەرىئەتتە ھالال ياكى ھاراملىقى توغرۇلۇق ناس (دەلىل) بولمىغان ئىشلارنىڭ مۇباھ ئىشلار ئىكەنلىكى. (رەسۇلۇللاھ زامانىسىدا ئىبادەت ھېسابلانمىغان ھەر قانداق ئىش كېيىنكى چاغدا ياخشى ھېسابلىنىپ قىلىنسا ئۇ بىدئەتتۇر. مەسىلەن، يۇقارقى قائىدىنى سۈيئىستېمال قىلىپ، مەۋلۇت توغرۇلۇق ئايەت ھەدىستە چەكلىمە يوق، دېمەك بۇ مۇباھ-دۇرۇس دېيىش جاھىلنىڭ ئىشى. چۈنكى، مەۋلۇتنى قىلغانلار ساۋاب ۋە ياخشى ئىش دەپ قىلىدۇ، مەۋلۇت رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەپ قۇرئان ۋە قەسىدىلەرنى ئوقۇپ، سورۇن ھازىرلاشتۇر. ھالبۇكى بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلارنىڭ دەۋرىدە يوق، شىئەلەر ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىش. رەسۇلۇللاھنىڭ «كىم دىندا بىز قىلمىغان ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ» دېگەن سۆزى، پۈتكۈل بىدئەتلەرنىڭ ھاراملىقىنى ۋە رەت قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.)

* ئېنىق ھۆكمى كەلمىگەن بىر ئىشنى كوچىلاپ، سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ پېشىگە چۈشۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى. (بۇ ۋاقىت، زېھىننى ئىسراپ قىلىش، نەپسى-خاھىشىغا ئەسىر چۈشۈ ۋە شەك-شۈبھە پەيدا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.)

ئوتتۇز بىرىنچى ھەدىس

عَنْ أَبي العَباس سَعدِ بنِ سَهلٍ السَّاعِدي رضي الله عنه قَالَ: جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النبي ﷺ فَقَالَ: يَا رَسُول الله: دُلَّني عَلَى عَمَلٍ إِذَا عَمَلتُهُ أَحَبَّني اللهُ، وَأَحبَّني النَاسُ ؟ فَقَالَ: (ازهَد في الدُّنيَا يُحِبَّكَ اللهُ ، وازهَد فيمَا عِندَ النَّاسِ يُحِبَّكَ النَّاسُ) حديث حسن رواه ابن ماجة وغيره بأسانيد حسنة.

ئەبۇل ئابباس سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئىبنى ماجە 4102؛ رىيازۇس سالىھىن 472؛ تەبرانى-ئەلكەبىر 5972؛ ھاكىم 4\313؛ ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا 1475، ھەسەن دېگەن)

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* بۇ ھەدىس زۇھد جەھەتتىكى ئاساسلاردىن بىرىدۇر. زۇھد — ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولمايدىغان ئىش ۋە نەرسىلەرنى تەرك ئېتىشتۇر.

* ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سوئال سوراشنىڭ دۇرۇسلۇقى ۋە ساھابىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھېرىسمەنلىكى.

* تەپسىلاتقا ئېھتىياج بولمىغان تەقدىردە، سوئالنى ئىخچام تۇتۇش.

* دۇنياغا نىسبەتەن زاھىد بولۇشنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىنى ياخشى كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى.

* ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈش سۈپىتىنىڭ ئىسپاتى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ سۈپىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى.

* ئىبادەت ھېسابلانمايدىغان ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ئىزدەشنىڭ دۇرۇسلۇقى.

* ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى مال-دۇنياسىدىن ئۆزىنى بىھاجەت تۇتۇشنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى.

* ئىنسانلارنىڭ ئىلىكىدىكى پۇل-مالغا كۆز سېلىش ياكى ئۇنى سوراشنىڭ ئىنسانلارنىڭ غەزەپلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر سۆز بار: ئىىنسان بالىسى ئۆزىدىن سورالغان چاغدا غەزەبلىنىدۇ.

ئوتتۇز ئىككىنچى ھەدىس

عن أبي سعيد سعد بن مالك بن سنان الخدري رضي الله عنه أن رسول الله ( ﷺ ) قال: (لا ضرر ولا ضرار) . حديث حسن رواه ابن ماجه والدار قطني وغيرهما مسنداً

ئەبۇ سەئد سەئد ئىبنى مالىك ئىبنى سىنان ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«زىيان يەتكۈزۈش يوقتۇر، زىيانغا زىيان سېلىش بىلەن قارشى تۇرۇشمۇ يوقتۇر.» (مۇۋەتتا 2\745؛ ئىبنى ماجە 2340؛ داراقۇتنى 3\77، 4\228)

(ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ياكى جەمئىيەتكە ھەر قانداق تۈردە زىيان سېلىشنىڭ ھاراملىقى. ئۆزىگە ياكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە نەرسىلەرگە زىيان سېلىنغاندا، زىيان سالغۇچىغا زىيان سېلىش بىلەن تاقابىل تۇرۇلمايدىغانلىقى. جان، مال ۋە ئىپپەت-نومۇس خەتەرگە ئۇچرايدىغان بولسا، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كىشى ياكى سەۋەبكە قارشى تۇرۇش ۋاجىب بولىدۇ. بۇ يولدا ئۆلگۈچى شەھىد بولىدۇ.)

ئوتتۇز ئۈچىنچى ھەدىس

عنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَالَ: «لَوْ يُعْطَى النَّاسُ بِدعوَاهُمْ لادَّعَى رِجَالٌ أَمْوَال قَومٍ وَدِمَاءهُمْ، وَلَكِنِ البَينَةُ عَلَى المُدَّعِي، وَاليَمينُ عَلَى مَن أَنكَر» حديث حسن رواه البيهقي هكذا بعضه في الصحيحين.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئىنسانلارغا ئۆزلىرى داۋا قىلغان ھەممە نەرسە بېرىلىدىغان بولسا، بەزى كىشىلەر باشقىلىرىنىڭ ماللىرى ۋە جانلىرى ئۈستىدە ھەققى بارلىقىنى داۋا قىلغان بولاتتى. داۋا قىلغۇچى دەلىل كەلتۈرۈشى كېرەك، ئىنكار قىلغۇچى قەسەم قىلىشى كېرەك.» (بەيھەقى-سۇنەن كۇبرا 10\252؛ بۇخارى 4277؛ مۇسلىم 1711)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* داۋاگەرنىڭ شەرىئەت تەلەپ قىلغان دەلىلى بولمىغۇچە، داۋاسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى.

* بۇ جەھەتتە ئادالەت ئىگىسى بىلەن باشقا كىشىلەر ئارىسىدا پەرق يوق بولۇپ، ھەممىسىدىن (ئۆزى دەۋا قىلغان ئىشقا) دەلىل تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى.

* داۋاچىنىڭ دەلىل يوق بولغان ۋە داۋاسىدا چىڭ تۇرغان تەقدىردە، داۋا قىلىنغۇچىنىڭ قەسەم ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىيالايدىغانلىقى.

* داۋا قىلىنغۇچى قەسەم قىلىشتىن يانسا، داۋاچىنىڭ داۋاسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى.

* شەرىئەتنىڭ زالىم كىشىلەرنىڭ زۇلمىغا قارشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى قوغدايدىغانلىقى.

ئوتتۇز تۆتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبي سَعيدٍ الخُدريِّ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعتُ رِسُولَ اللهِ ﷺ يَقولُ: (مَن رَأى مِنكُم مُنكَرَاً فَليُغَيِّرْهُ بِيَدِهِ، فَإِنْ لَمْ يَستَطعْ فَبِلِسَانِهِ، فَإِنْ لَمْ يَستَطعْ فَبِقَلبِه وَذَلِكَ أَضْعَفُ الإيمَانِ) رواه مسلم.

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«سىلەردىن كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، ئۇنى تىلى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە قەلبى بىلەن قارشى تۇرسۇن. يامانلىققا قەلبىدە قارشى تۇرۇش ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ نۇقتىسىدۇر.» (مۇسلىم 49)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* بۇ ھەدىس ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتىكى مۇھىم ئاساستۇر.

* يامانلىقنى توسۇش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ پەرزلىكى. بۇ ۋاجىپلىق ياكى ئۇ يامان ئىشنىڭ يوق قىلىنىشى ۋەياكى ئۇنىڭدىن كېلىدىغان يامانلىقنىڭ يېنىكلەشتۈرۈلۈشى، ۋەياكى يامانلىقنى قىلغۇچىغا شەرئىي جازانىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن بولىدۇ.

* يامان ئىشتىن توسۇش ۋە ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇ توغرۇلۇق ئىلىمگە ئىگە بولغان، قولى ئارقىلىق ياكى تىلى ئارقىلىق ئۇ يامان ئىشنى توسۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالىغۇچىلارغا پەرز كۇپايە. يامان ئىشقا قەلبىدە نارازى بولۇش پەرز ئەيندۇر.

* يامانلىققا تىل بىلەن قارشى تۇرۇش — شۇ يامانلىقنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى بايان قىلىش بىلەن، ئۇ يامان ئىشتىن ھەزەر قىلدۇرۇپ، ئۇنى قىلىشقا تىل ئارقىلىق قارشى تۇرۇش بىلەن، يامان ئىشنى قىلغۇچىنى ئەيىبلەش ۋە تەۋبە قىلىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بولىدۇ.

* يامانلىققا قەلب بىلەن قارشى تۇرۇش — ئۇ يامانلىقنى قەلبىدە يامان كۆرۈش، شۇ يامانلىقنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇلاش، ئىمكان بولغان تەقدىردە مۇنكەرنى سۆز ۋە پېئىل ئارقىلىق توسۇشقا قەلبتە ئىنتىلىش بىلەن بولىدۇ.

* يامان ئىشقا قارشى تۇرۇش قول بىلەن قارشى تۇرۇش، تىل بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە دىل بىلەن قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مەرتىۋىگە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى قول بىلەن توسۇش، ئەڭ تۆۋىنى دىلدا قارشى تۇرۇشتۇر. مۇنكەرگە قولى بىلەن توسۇشقا قادىر بولالايدىغان تۇرۇپ تىلى بىلەن قارشى تۇرۇش، تىلى بىلەن قارشى تۇرالايدىغان تۇرۇپ دىلىدا نارازى بولۇشى دۇرۇس ئەمەس.

* كۈچى يەتكەن دائىرىدە مۇنكەرگە قارشى تۇرغۇچى ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ئۇ ھەقتە جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

* يامانلىققا قارشى تۇرۇش ئىمان جۈملىسىدىندۇر.

* مەيلى قەلبنىڭ ئەمىلى بولسۇن، مەيلى ئەزالارنىڭ ئەمىلى بولسۇن ئىماندىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەدىس بۇ نۇقتىدىن ئەمەلنى ئىمان جۈملىسىدىن سانىمايدىغان مۇرجىئە پىرقىسىغا قارشى رەددىيەدۇر.

* پەرز ئەمەل كىشىنىڭ كۈچى يېتىش دەرىجىسىگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. (يەنى بەزى ئىش بىر كىشىگە پەرز بولغان بىلەن، يەنە بىر كىشىنىڭ كۈچى يەتمەسلىكى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا پەرز بولمايدۇ.) بىراق، يامانلىققا قەلبىدە قارشى تۇرۇش پەرز بولۇپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۆزرە يوقتۇر.

* شەرىئەتتە تەلەپ قىلىنغىنى يامان ئىشقا قارشى تۇرۇشتىنلا ئىبارەت بولماستىن، ئۇ يامان ئىشنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكى. ئەگەر يامان ئىشقا قارشى تۇرۇش سەۋەبلىك شۇ يۈز بېرىۋاتقان چاغدىكىدىنمۇ چوڭ بىر يامانلىققا يول ئاچىدىغان بولسا، بۇ خىل ھالەتتە ئۇ يامانلىقنى ئىنكار قىلىش خاتا قىلمىش بولۇپ قالىدۇ. (مەسىلەن، …) بۇنداق ئەھۋالدا مۇنكەرگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش كىشىنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغان بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.(قۇدرىتى يەتمىگەن ئىكەن، ئۇ مۇنكەر توسۇش ۋە ئۆزگەرتىش مەسئۇلىيىتى شۇ تۈردىكى مۇئەييەن كىشىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەمما، دىلدا قارشى تۇرشۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا پەرز ئەين. چۈنكى، دىلدا قارشى تۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولمايدۇ.)

* بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئاساس ۋە پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاسانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىغا شاھىد بولىدۇ.

ئوتتۇز بەشىنچى ھەدىس

عَنْ أَبي هُرَيرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (لاَ تَحَاسَدوا، وَلاَتَنَاجَشوا، وَلاَ تَبَاغَضوا، وَلاَ تَدَابَروا، وَلاَ يَبِع بَعضُكُم عَلَى بَيعِ بَعضٍ، وَكونوا عِبَادَ اللهِ إِخوَانَاً، المُسلِمُ أَخو المُسلم، لاَ يَظلِمهُ، وَلاَ يَخذُلُهُ، وَلا يكْذِبُهُ، وَلايَحْقِرُهُ، التَّقوَى هَاهُنَا – وَيُشيرُ إِلَى صَدرِهِ ثَلاَثَ مَراتٍ – بِحَسْبِ امرىء مِن الشَّرأَن يَحْقِرَ أَخَاهُ المُسلِمَ، كُلُّ المُسِلمِ عَلَى المُسلِمِ حَرَام دَمُهُ وَمَالُه وَعِرضُه) رواه مسلم

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر-بىرىڭلارغا ھەسەت قىلىشماڭلار! بىرى-بىرىڭلارغا قارشى باھا ئۆرلەتمەڭلار. بىر-بىرىڭلارغا نەپرەت ساقلىماڭلار ۋە يۈز ئۆرۈشمەڭلار. بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ، سودا قىلىۋالمىسۇن. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، قېرىنداش بولۇشۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئۇنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ. تەقۋا بۇ يەردىدۇر — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ قولى بىلەن ئۈچ قېتىم كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلدى. كىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى تۆۋەن كۆرۈشى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك يامانلىقتۇر. مۇسۇلماننىڭ قېنى، مېلى ۋە شان شەرىپى مۇسۇلمانغا ھارامدۇر.» (مۇسلىم 2564؛ رىيازۇس سالىھىن 234)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* ھەدىستىكى «بىر-بىرىگە قارشى باھا ئۆرلىتىش» بىر مالغا يالغان خېرىدار بولۇپ، يەنى بىر خېرىدار بىر مالغا قىزىقىپ ئۇ مال توغرۇلۇق مال ئېگىسىدىن مەلۇمات ئېلىۋاتقاندا، ئۇ مالنى ئېلىش نىيىتى بولمىغان بىرىنىڭ مالنى ئېلىش نىيىتى بار كىشىنىڭ ئالدىدا «مانچە پۇل كېلەمدۇ» دەپ مال ئېگىسىگە سۆز ئېچىشىدۇر. بۇ مال باھاسىنى ئۆرلىتىنىشنىڭ بىر خىل شەكلى. يەنە بىر خىل شەكلى بولسا، مالنى ساتقۇچىنىڭ مالنىڭ باھاسىنى شۇ تۈردىكى ئوخشاش مالدىن يۇقىرى تۇتۇۋېلىشىدۇر.

* مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنى يامان كۆرۈشى ۋە نەپرەت ساقلىشى ھارامدۇر.

* مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا يۈز ئۆرۈپ  (كۆرۈشمەي، گەپلەشمەي، ماي تارتىپ) تۇرۇۋېلىشىنىڭ ھاراملىقى.

* باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلىۋېلىش دېگەنلىك، بىر مالنى بىرەيلەندىن ئون لىراغا سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدارغا باشقا بىرەيلەن كېلىپ — ئۇ كىشى بىلەن سودىنى بۇزۇپ ئۆزى بىلەن سودىلاشسۇن ۋە مېنىڭ مېلىم سېتىلسۇن دەپ ئۈمىد قىلىپ — «مەن ساڭا بۇ مالنى توققۇز لىراغا بېرىمەن» دېيىشىدۇر. (شۇنداقلا، بىراۋ بىر مالنى ئون لىراغا ئېلىشقا پۈتۈشۈۋاتقاندا، يەنە بىرى كېلىپ، مەن مېلىڭغا ئون بىر لىرا بېرىمەن، ماڭا سات دەپ سودىنى بۇزۇشىمۇ مۇشۇ تۈردىكى ھارام قىلىنغان سودا شەكلىدىن سانىلىدۇ.)

* بۇ (ۋە بۇقاتاردىكى ئايەت ۋە) ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە بىنائەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ياردەملىشىشى ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، بىر-بىرىگە يۇمشاق ۋە كىچىك پېئىل بولۇش پەرز. مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىش ھارام.

* تەقۋانىڭ ئەسلى ۋە ھەقىقىتى ئۇنىڭ قەلبتە بولىشىدۇر. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئەزالاردا كۆرۈلگەن نەرسىلەر شۇ قەلبتىكى تەقۋانىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇ سۆزىمىزگە ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى شاھىدتۇر:{كىمكى ئاللاھنىڭ شەرئىتىنى ئۇلۇغلىسا، شۈبھىسىزكى بۇ قەلبلەرنىڭ تەقۋالىقىندىندۇر.}(ھەج سۈرىسى، 32-ئايەت)

* سۆز ۋە ئەمەللەردىكى ئازغۇنلۇق قەلبتىكى تەقۋانىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

* مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى پەس كۆرۈپ ياراتماسلىقى چوڭ يامانلىق بولۇپ، ئۇ باشقا يامانلىقلارنىمۇ تۇغدۇرىدۇ.

* ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتى ئۈستۈندۇر. ئاللاھ نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ جېنى، مېلى ۋە ئىززىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ھارام قىلىشى مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىندۇر. بۇنىڭ دەلىل مۇنۇ ھەدىستۇر:«شۈبھىسىزكى، جانلىرىڭلار، ماللىرىڭلار ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار مۇشۇ كۈن، مۇشۇ ئاي ۋە مۇشۇ زېمىننىڭ ھاراملىقىغا ئوخشاش بىر-بىرىڭلارغا ھارامدۇر.»(بۇخارى 1652؛ مۇسلىم 1218)

* بۇ ھەدىستىن يەنە مۇسۇلماننىڭ كاپىردىن ئۈستۈنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ.

ئوتتۇز ئالتىنچى ھەدىس

عَنْ أَبي هُرَيرَة رضي الله عنه عَنِ النبي ﷺ قَالَ: (مَنْ نَفَّسَ عَنْ مُؤمِن كُربَةً مِن كُرَبِ الدُّنيَا نَفَّسَ اللهُ عَنهُ كُربَةً مِنْ كرَبِ يَوم القيامَةِ، وَمَنْ يَسَّرَ على مُعسرٍ يَسَّرَ الله عَلَيهِ في الدُّنيَا والآخِرَة، وَمَنْ سَتَرَ مُسلِمَاً سَتَرَهُ الله في الدُّنيَا وَالآخِرَة، وَاللهُ في عَونِ العَبدِ مَا كَانَ العَبدُ في عَونِ أخيهِ، وَمَنْ سَلَكَ طَريقَاً يَلتَمِسُ فيهِ عِلمَاً سَهَّلَ اللهُ لهُ بِهِ طَريقَاً إِلَى الجَنَّةِ، وَمَا اجتَمَعَ قَومٌ في بَيتٍ مِنْ بيوتِ اللهِ يَتلونَ كِتابِ اللهِ وَيتَدارَسونهَ بَينَهُم إِلا نَزَلَت عَلَيهُم السَّكينَة وَغَشيَتهم الرَّحمَة وحَفَتهُمُ المَلائِكة وَذَكَرهُم اللهُ فيمَن عِندَهُ،وَمَنْ بَطَّأ بِهِ عَمَلُهُ لَمْ يُسْرِعْ بهِ نَسَبُهُ ) رواه مسلم بهذا اللفظ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقىدىن بىرىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقىنى يوق قىلىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىقتا قالغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. مۆمىن بەندە دىنىي قېرىندىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى مۇددەتتە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. مۆمىنلەردىن كىمكى دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا كىرسە، بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بىر توپ مۆمىن كىشى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە توپلىنىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇسا ۋە ئۇنى ئۆز-ئارا دەرسلىك قىلىپ ئۆگەنسە، چوقۇمكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خاتىرجەملىك چۈشىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت قورشايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ، ئاللاھ ئۆز دەرگاھدىكىلەرگە ئۇلارنى ماختاپ بېرىدۇ. ئەمەل-ئىبادىتى (كەمتۈكلۈك ۋە ناقىسلىق سەۋەبلىك) ئارقىدا قويغان كىشىنى، نەسەبى ئۈستۈن قىلالمايدۇ.» (مۇسلىم 2699؛ رىيازۇس سالىھىن 245)

فەقىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىس ھەققىدىكى شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

* بىر مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسىگە يېمەك-ئىچمەك ئالالمىغانلىقىنى بىلسەڭ، بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسەڭ، ئاللاھ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئىشىڭنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدا ئەھۋال مۇشۇنداق. ئەمما، زۆرۈرىيە ھالىتىدە بولسا — يەنى ياردەم بەرمىگەن تەقدىردە مۇسۇلمان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال بولسا — ئۇ ھالدا بۇنداق كىشىگە ياردەم بېرىشىڭ شەرت ھېسابلىنىدۇ.

شۇنداقلا، قىيىن ئەھۋالدىكى بىر مۇسۇلماندىن ئېلىشىڭ بولسا، ئۇنىڭغا ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىشىڭ (قەرزنى سۈيلەپ چىڭ تۇرۇۋالماستىن ساقلىشىڭ) كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئەگەر قەرز بولغۇچى قىيىنچىلىقتا بولسا، ئۇ كەڭرىچىلىككە چىققانغا قەدەر ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىڭلار» (بەقەرە سۈرىسى، 280-ئايەت) ئالىملار مۇنداق دېگەن: قىيىنچىلىقتا قالغان بىرىدىن ئېلىشى بولغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتىكى كىشىدىن قەرزنى قايتۇرۇشنى قىستاپ تۇرۇۋېلىشى ۋەياكى ئۇنى ھاكىمغا شىكايەت قىلىشى ھارام. ئەكسىچە، ئۇنى (قەرزنى قايتۇرالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىچە) ساقلاش پەرز.

بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان بىر مۇسۇلماندىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن كىشىنىڭ قەرزنى تەلەپ قىلغۇچىغا گۇناھلىق ئىش قىلىۋاتقىنىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قىيىنچىلىقتىكى كىشىگە مۆھلەت بېرىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك بولىدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھى)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  • ھەدىستە مۆمىنلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يوق قىلىش تەرغىپ قىلىنغان.

  • ھەدىستە قىيامەتنىڭ ھەقلىقىگە ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ بەك قىيىن بىر كۈن ئىكەنلىكىگە ئىسپات بار.

  • شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدىغان سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكى.

  • ھەدىستە قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئۇنىڭ مەنالىرىنى دەرسلىك قىلىش ئۈچۈن مەسجىلەرگە يىغىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق كۆرسەتمە بار.

  • قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەنا-ھۆكۈم ۋە تىلاۋەت قائىدىلىرىنى دەرسلىك قىلىشنىڭ پەرىشتىلەرنىڭ يېقىنلىشىشىغا ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسىنى زىكىر قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.

  • پەرىشتىلەرنىڭ زىكىرنى، شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنى ۋە شەرئىي ئىلىم ئۆگەنگۈچى مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.

  • قۇرئان تىلاۋىتى ۋە شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ زىكرۇللاھ (ئاللاھنى زىكىر قىلىش) ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇ ئىككى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى ئاللاھنىڭ بۇ ئەمەلنى قىلغۇچىلارنى زىكىر قىلىشىدۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن:{مېنى ياد ئېتىڭلاركى، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتەي.}(سۈرە بەقەرە، 152-ئايەت) ھەدىستە مۇنداق دېگەن:«ئەگەر بەندەم مېنى ئۆز ئالدىغا ياد ئەتسە، مەنمۇ ئۇنى ئۆز ئالدىمغا ياد ئېتىمەن. ئەگەر بىر توپ كىشى بار يەردە ياد ئەتسە، مەن ئۇنى بىر توپ (پەرىشتىلەر) ئالدىدا ياد ئېتىمەن.»(بۇخارى 6970؛ مۇسلىم 2675؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)

  • بۇ ھەدىستە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا دەلىل بار. سەھىھ ھەدىستە (مۇسلىم 2689، بۇخارى 6045) بايان قىلىنىغدەك، زىكىر سورۇنلىرىنى ئىزدەپ، كېزىپ يۈرىدىغان مەخسۇس پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقى.

  • شەرەپ ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ سالىھ ئەمەلگە باغلىق ئىكەنلىكى.

  • ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەزىلەت دەرىجىلىرىنىڭ نەسەپكە باغلىق بولماستىن تەقۋالىققا ۋە سالىھ ئەمەلگە باغلىق ئىكەنلىكى.

  • نەسەبلەر ئارىسىدا ئۈستۈن، تۆۋەنلىكنىڭ بولىدىغانلىقى. بىراق، نەسەبلەردە ئۈستۈن تۆۋەنلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا بولىدىغانلىقى.

ئوتتۇز يەتتىنچى ھەدىس

عَن ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنِ النبي ﷺ فِيْمَا يَرْوِيْهِ عَنْ رَبِّهِ تَبَارَكَ وَتَعَالى أَنَّهُ قَالَ: (إِنَّ الله كَتَبَ الحَسَنَاتِ وَالسَّيئَاتِ ثُمَّ بَيَّنَ ذَلِكَ؛ فَمَنْ هَمَّ بِحَسَنَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً،وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ عَشْرَ حَسَنَاتٍ إِلَى سَبْعِمائَةِ ضِعْفٍ إِلىَ أَضْعَاف كَثِيْرَةٍ. وَإِنْ هَمَّ بِسَيِّئَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً،وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ سَيِّئَةً وَاحِدَةً) رَوَاهُ البُخَارِيُّ وَمُسْلِمٌ في صَحِيْحَيهِمَا بِهَذِهِ الحُرُوْفِ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئاللاھ تابارەك ۋەتەئالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:

«ئاللاھ تائالا ياخشىلىقلارنى ۋە يامانلىقلارنى تەقدىر قىلىپ يازدى. ئاندىن بۇنى روشەن رەۋىشتە بايان قىلدى: (مۆمىنلەردىن) كىمكى بىر ياخشىلىقنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئەمما ئۇ ئىشنى قىلالمىغان بولسا، ئاللاھ (پۈتۈكچى پەرىشتىلەرگە) ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە ئۇنىڭ ئۈچۈن كامىل بىر ياخشىلىقنى يازدۇرىدۇ. ئەگەر بەندە ياخشى ئىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، شۇ ياخشىلىقنى قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن (قىلغان ئەمىلىنىڭ) ئون ھەسسىسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىسىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قات-قات ئاشۇرۇپ ياخشىلىق يازدۇرىدۇ. بەندە بىر يامان ئىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇ ئىشنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن كامىل بىر ياخشىلىق يازدۇرىدۇ. ئەگەر بەندە بىر يامان ئىشنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئارقىدىن ئۇنى قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىگە شۇ ئىشنىڭ مىقدارىدا يامانلىق يازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 6491؛ مۇسلىم 131)

ئوتتۇز سەككىزىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (إِنَّ اللهَ تَعَالَى قَالَ: مَنْ عَادَى لِي وَلِيَّاً فَقَدْ آذَنْتُهُ بِالحَرْبِ. وَمَا تَقَرَّبَ إِلِيَّ عَبْدِيْ بِشَيءٍ أَحَبَّ إِلِيَّ مِمَّا افْتَرَضْتُهُ عَلَيْهِ. ولايَزَالُ عَبْدِيْ يَتَقَرَّبُ إِلَيَّ بِالنَّوَافِلِ حَتَّى أُحِبَّهُ، فَإِذَا أَحْبَبتُهُ كُنْتُ سَمْعَهُ الَّذِيْ يَسْمَعُ بِهِ، وَبَصَرَهُ الَّذِيْ يُبْصِرُ بِهِ، وَيَدَهُ الَّتِي يَبْطِشُ بِهَا، وَرِجْلَهُ الَّتِي يَمْشِيْ بِهَا. وَلَئِنْ سَأَلَنِيْ لأُعطِيَنَّهُ، وَلَئِنْ اسْتَعَاذَنِيْ لأُعِيْذَنَّهُ) رواه البخاري

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مۇنداق دېدى: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئاچىمەن. بەندەم ماڭا ئۆزىگە پەرز قىلغانلىرىمنى ئورۇنداشتىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك ئەمەل بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ. بەندەم ماڭا نەپلە ئەمەللەر ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاقىۋەتتە مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشىدۇ. مەن بەندەمنى ياخشى كۆرسەم ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن. مەندىن سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، مەندىن پاناھ تىلىسە، ھىماھەيمگە ئالىمەن.» (بۇخارى 6502)

ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:

«كىم مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلسا…» بۇ يەردىكى «ئاللاھنىڭ دوستى»دىن مەقسەت، ئاللاھنى تونۇيدىغان، ئۇنىڭغا ئىزچىل ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئىبادەتلىرىدە ئىخلاسلىق بولغان مۆمىن كىشىدۇر.

رافىزىلارنىڭ ئەبۇ بەكرىگە بولغان دۈشمەنلىكى، بىدئەتچىلەرنىڭ سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىپ ئەمەل قىلغۇچىلارغا بولغان نەپرىتى «ئاللاھنىڭ دوستىغا دۈشمەنلىك قىلىش» نىڭ ئۆرنەكلىرىدىندۇر. ئاللاھنىڭ دوستىغا ئۆچمەنلىك قىلىش سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان پاسىقمۇ مۇشۇ جۈملىدىندۇر.

(ھەدىستىكى بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى) كىم ماڭا خالىس قۇلچىلىق قىلغۇچى بەندەمگە دۈشمەنلىك قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ مېنىڭ ھالاك قىلىشىمغا تاشلىغان بولىدۇ. شۇنداقلا، كىم مېنىڭ بەندەمگە ئۇرۇش ئاچسا، بىر جەڭچى دۈشمەنگە قانداق مۇئامىلە قىلسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن.

بۇ ھەدىستە شىددەتلىك تەھدىت مەۋجۇت. چۈنكى، ئاللاھقا ئۇرۇش ئاچقۇچىنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كىشىنى يامان كۆرىدىغان كىشى ئاللاھقا قارشى چىققان بولىدۇ. ئاللاھقا قارشى چىققۇچىنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، كىم ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ.

«بەندەم ماڭا ئۆزىگە پەرز قىلغانلىرىمنى ئورۇنداشتىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك ئەمەل بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ.» پۈتكۈل پەرز ئەين ۋە پەرز كۇپايىلەر ھەدىستىكى بۇ جۈملىنىڭ دائىرىسىدىدۇر. ھەدىستىكى بۇ جۈملىدىن پەرزلەرنى ئادا قىلىشنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەللەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.

ئۆزىگە پەرز بولغان ئىبادەتنى قىلغۇچى بەندە بەزىدە بۇ ئىبادەتنى (قىلماسلىق سەۋەبلىك كېلىدىغان) ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئورۇندايدۇ. پەرز ئەمەللەرنى ئورۇنداشتىن سىرت، نەپلە ئەمەللەرنى قىلغۇچى بۇ ئەمەللەر ئارقىلىق پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇنىڭ مۇكاپاتى ئاللاھنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشقۇچى بەندىنىڭ غايىسى دەل ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشتۇر.

سەلەف ئالىملىرىدىن بىرى مۇنداق دېگەن: كىمكى پەرزلەرنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلالماي قالسا، نەپلە ئەمەللەرنى قىلمىغانلىقىدىن ئۆزۈرلۈكتۇر. بىراق، نەپلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ، پەرزلەرنى زايە قىلىۋەتكۈچى ئالدانغۇچىدۇر.

«ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن» خەتتابى مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىن مەقسەت، —ئاللاھنىڭ، بەندىسىنىڭ بۇ ئەزالىرى ئارقىلىق قىلىدىغان سالىھ ئەمەللىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈلىشىنى ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىنىڭ بۇ ئەزالىرىنى ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىشى ھەدىستىكى يۇقىرىقى جۈملىنىڭ مەناسىدۇر. ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىنى قۇلىقى بىلەن ناخشا-مۇزىكا، غەيۋەت قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى ئاڭلىشى، كۆزى بىلەن ئاللاھ قاراشتىن، كۆرۈشتىن چەكلىگەن نەرسىگە قارىشى، تۇتۇشى ھارام قىلغىنغاننى قولى بىلەن تۇتۇشى ۋە پۇتى بىلەن ھارام ئىش ئۈچۈن مېڭىشى قاتارلىقلاردىن ئاللاھ ساقلايدۇ. ئاللاھ بۇنداق بەندىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، پەقەتلا ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، بەندە ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن تەقدىردە، ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارغا تۇتۇش قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولىدۇ.

بۇ ھەدىستىن ئۆزىگە ۋاجىپ (پەرز) بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنداپ، نەپلە ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشقان كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ رەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، بۇ (مەزكۇر ھەدىستە) قەسەم بىلەن ئېيتىلغان ۋەدىدۇر. (فەتھۇلبارى- سەھىھ بۇخارىنىڭ 6502-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھى)

ئوتتۇز توققۇزىنچى ھەدىس

عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَال: (إِنَّ اللهَ تَجَاوَزَ لِي عَنْ أُمَّتِي الخَطَأَ وَالنِّسْيَانَ وَمَا اسْتُكْرِهُوا عَلَيْهِ) حديث حسن رواه ابن ماجه والبيهقي وغيرهما.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىشىپ قېلىش، ئۇنتۇپ قېلىش ۋە مەجبۇرلىنىش يۈزىسىدىن (قىلغان گۇناھلىرىنى) مەن سەۋەبلىك مەغفىرەت قىلىۋەتتى.» (ئىبنى ماجە 2123، بەيھەقى 5\357؛ ئىبنى ھىببان 7219؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1664)

قىرىقىنچى ھەدىس

عَنِ ابْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: أَخَذَ رَسُولُ اللهِ ﷺ بِمنْكبيَّ فَقَالَ: (كُنْ فِي الدُّنْيَا كَأَنَّكَ غَرِيْبٌ أَوْ عَابِرُ سَبِيْلٍ) وَكَانَ ابْنُ عُمَرَ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا يَقُوْلُ: إِذَا أَمْسَيْتَ فَلا تَنْتَظِرِ الصَّبَاحَ، وَإِذَا أَصْبَحْتَ فَلا تَنْتَظِرِ المَسَاءَ. وَخُذْ مِنْ صِحَّتِكَ لِمَرَضِكَ، وَمِنْ حَيَاتِكَ لمَوْتِكَ

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۈرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ «دۇنيادا بىر غېرىپتەك ياكى مۇساپىردەك بولغىن» دېدى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دائىم مۇنداق دەيتتى:«كەچ قىلساڭ سەھەرنى كۈتمە؛ سەھەر قىلساڭ ئاخشام بولۇشىنى كۈتمە. كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ساق ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل، ساڭا ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ھاياتىڭنى غەنىيمەت بىل.» (بۇخارى 6053، 6416)

شەيخ ئابدۇرراھمان ناسىر ئەلبەرراكنىڭ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

مۆمىن دۇنياغا نىسبەتەن بىر مۇساپىرغا ئوخشايدۇ. مۇساپىر ئۆز يۇرتىدىن باشقا يەردە ياشىغان كىشىدۇر. مۇساپىر يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ھازىرلىق قىلىدۇ. ئۆزى مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ خەلقى كۆڭۈل بۆلگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ئازلىقىغا بىئارام بولۇپ يۈرمەيدۇ. ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن:«مۆمىن دۇنياغا نىسبەتەن مۇساپىرغا ئوخشايدۇ. ئۇ دۇنيادىكى تۆۋەنلىكتىن خارلىق ھېس قىلمايدۇ، دۇنيادىكى ئىززەت ئۈچۈن مۇسابىقىگە چۈشمەيدۇ. ئۇنىڭ دەردى باشقا، ئىنسانلارنىڭ دەردى باشقىدۇر.» (ئىبنى رەجەب: جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم)

مۆمىن دۇنيا ھاياتى بىلەنلا بەنت بولۇپ كەتمەيدۇ. دۇنيانى ئاخىرەتكە تېگىشىشكە رازى بولمايدۇ.

دۇنيا ھاياتى ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن ئوزۇق توپلاش (سالىھ ئەمەلنى ئاخىرەتكە ئەۋەتىش) ۋاقتىدۇر.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىدە، ھاياتلىقنى پۇرسەت بىلىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا تەشۋىق بار.

قىرىق بىرىنچى ھەدىس

عَنْ أَبِيْ مُحَمَّدٍ عَبْدِ اللهِ بِنِ عمْرِو بْنِ العَاصِ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم: (لاَيُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى يَكُونَ هَواهُ تَبَعَاً لِمَا جِئْتُ بِهِ) حَدِيْثٌ حَسَنٌ صَحِيْحٌ .

ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ نەپسى-خاھىشى مەن ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ئەگەشمىگۈچە ئىمات ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ زەئىپلىكى توغرىسىدا ھەدىسشۇناسلار ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام نەۋەۋى سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى باز ھەدىس زەئىپ، مەنىسى سەھىھ دېگەن)

شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىگە ئەگىشىش توغرىسىدىكى ئاساسلاردىن بىرىدۇر. قۇرئاندىكى كۆپلىگەن ئايەتلەر بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىگە شاھىدتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئۇلۇغ رەببىڭ بىلەن قەسەمكى! ئۆز ئارىلىرىدا چىققان مەسىلىلەردە سېنى ھۆكۈم قىلغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلمىغۇچە، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (سۈرە نىسا، 65-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) (شەيخ ئەلبەرراك شەيخ بىن بازغا ئوخشاشلا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكى بايان قىلىپ، ئىبنى رەجەبنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمىنى نەقىل قىلغان. ھەدىستىكى مەنانىڭ سەھىھلىكىدە بىن باز ۋە باشقا ئۆلىمالارغا مۇۋاپىقلاشقان. سۆزنى ئۇزارتماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى قۇرلارنى قىسقىچە بايان قىلدىم-ت.)

مەيلى ئېتىقادىي، مەيلى ئەمەلىي پۈتۈن دىنىي ئىشلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىشنىڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھۆكمىگە رازىمەنلىك ۋە تەسلىمىيەت كۆرسىتىشنىڭ پەرزلىكى.

بەندىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى كۆرگەن بارچە ئىشنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئىماننىڭ كامالىتى جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىنى مەخلۇقاتتىن ھەر قانداق بىرىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كۆرۈشنىڭ پەرزلىكى.

ئىنسانلاردىن بىرەرسىنىڭ سۆزىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىنىڭ ئالدىغا قويۇۋېلىشنىڭ ھاراملىقى. (يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىگە ئۇيغۇن ئەمەس بىر سۆزنى تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىنى تاشلاشنىڭ ھاراملىقى.)

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىر ئىشتا ھۆكۈم چىقارسا، ھېچكىمنىڭ ئۇ جەھەتتە خالىغىنىنى قىلىش ھەققىنىڭ يوقلۇقى.

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياقتۇرمايدىغان ئىش ۋە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھاراملىقى ۋە ئىمانغا زىت ئىكەنلىكى.

قىرىق ئىككىنچى ھەدىس

عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ يَقُولُ: قَالَ اللهُ تَعَالَى: (يَا ابْنَ آَدَمَ إِنَّكَ مَا دَعَوتَنِيْ وَرَجَوتَنِيْ غَفَرْتُ لَكَ عَلَى مَا كَانَ مِنْكَ وَلا أُبَالِيْ، يَا ابْنَ آَدَمَ لَو بَلَغَتْ ذُنُوبُكَ عَنَانَ السَّمَاءِ ثُمَّ استَغْفَرْتَنِيْ غَفَرْتُ لَكَ، يَا ابْنَ آَدَمَ إِنَّكَ لَو أَتَيْتَنِيْ بِقِرَابِ الأَرْضِ خَطَايَا ثُمَّ لقِيْتَنِيْ لاَ تُشْرِك بِيْ شَيْئَاً لأَتَيْتُكَ بِقِرَابِهَا مَغفِرَةً) رَوَاهُ التِّرْمِذِيُّ وَقَالَ: حَدِيْثٌ حَسَنٌ صَحَيْحٌ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسان بالىسى! سەن ماڭا (تەۋبىكار قەلب بىلەن) دۇئا قىلىپ، مەندىن (گۇناھىڭنىڭ مەغفرەت قىلىنىشىنى) سورىغانلىكى تەقدىردە، مەن سېنى قىلغان گۇناھىڭغا پەرۋا قىلماستىن مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! گۇناھلىرىڭ (كۆپىيىپ) ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا تاقاشقان تەقدىردىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا تەۋبە قىلىپ مەغفىرەت سورىساڭ، سېنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! سەن ماڭا يەر يۈزى توشقۇدەك گۇناھ بىلەن كېلىپ، ھېچنەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىۋالمىغان ھالەتتە مەن بىلەن ئۇچراشساڭ، مەنمۇ ساڭا يەر يۈزى تولغۇدەك مەغفىرەت بىلەن كېلىمەن.» (تىرمىزى 3540؛ جامىئۇل ئۇلۇم ۋە ھىكەم 2\400؛ سەھىھ ھەدىس)

شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى:

  • بۇ ھەدىس تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە دۇئا، ئىستىغپار جەھەتتىكى ئاساسلاردىن بىرىدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رەببىدىن — ئۇنى سۆزى سۈپىتىدە — نەقىل قىلغان ھەدىس قۇدسىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر. بىراق، قۇرئان ئايىتى ھۆكمىدە ئەمەس (يەنى نامازدا تىلاۋەت قىلىنمايدۇ ۋە قۇرئان ئايىتى سۈپىتىدە قۇرئانغا يېزىلمايدۇ)

  • ھەدىستىكى «ئى ئادەم بالىسى» سۆزى پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [بەنى ئىسرائىل (ئىسرائىل ئوغۇللىرى) دېيىلگەندە ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋە پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللارنى كۆرسەتكىنىدەك-ت]

  • ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئۆزىدىن سوراپ دۇئا قىلىشىنى ۋە ئۆزىگە تەۋھىد كەلتۈرۈشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.

  • ئاللاھنىڭ پەزلىنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە چەكسىز مەرتلىكى.

  • شىركتىن پۈتۈنلەي ئۇزاق بولغان تەۋھىدنىڭ، پۈتكۈل گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.

  • تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى، شىركنىڭ زىيىنى.

  • دۇئا ۋە ئىستىغفارغا تەرغىپ.

  • ئەمەلنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىشقا تەرغىپ.

  • شىركنىڭ (يەنى ئۇنىڭدىن يېنىپ، تەۋھىدكە قايتمىغۇچە، ئاللاھقا شىرك قوشقۇچى مۇشرىكنىڭ) مەغفىرەت قىلىنمايدىغانلىقى.

  • ئىنساننىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئىسپاتى.

——

بۇ كىتابنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈشكە مۇۋەپپەت قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى ھەققىدە

فۇرقان دەۋەت مەركىزى سەلەپ ئەقىدىسىكى مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ   ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە توغرا رەۋىشتە ئېسىلىشى ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشىنى كۆزلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىسلامىي قۇرۇلۇشتۇر.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى رىياسەتچىلىكىدىكى خىزمەتلىرىمىز:

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى mujtehid.blogspot.com

قۇرئان تەپسىرى بلوگى     tepsir.blogspot.com 

سەھىھ ھەدىسلەر بلوگى   hedisim.blogspot.com   

ئۇيغۇر ئىسلام بلوگى   uyislam.blogspot.com

تۋىتېر قانىلىمىز https://twitter.com/tewhidnuri

تېلگرام قانىلىمىز             https://t.me/mujtehid

فۇرقان دەۋەت مەركىزىمىز تارقاتقان بەزى ئەسەرلەر:

ئاياللار ئۈچۈن يۈز ھەدىس (فۇرقان دەۋەت مەركىزى)

رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى (مۇھەددىس ئەلبانى)

نۇرلۇق ۋەھىي (ئەللامە ئىبنى باز، مۇھەددىس ئەلبانى)

قىرىق ھەدىس ۋە قىسقىچە شەرھى (نەۋەۋى، مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى بىلەن)

بىدئەت رىسالىسى (شەيخ سالىھ فەۋزان)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ