مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشتىن مۇنداق قاچاتتى
ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى شۇنداق ئىدىكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھەر قانداق بىرى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق ئىشنى
ساھابىلەر بىدئەت، ھارام، رەت قىلىنىدىغان مۇنكەر ئەمەل بىلىپ قارشى تۇراتتى. مەن بۇ ھەقتە ئۆرنەكلىك دەلىلدىن بىر نەچچىنى بايان قىلىمىز
بىرىنجى ھەدىس: سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۇمۇئە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مىنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خەتىبنىڭ قولىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. (سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ ئۇيغۇرچە: مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515؛ ).- وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم) ھەدىستىن شۇ ئايدىڭ بولدىكى: ساھابە ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشىر ئىبنى مەرۋاننى ئۇ مۇنبەردە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى ئۈچۈن «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرمىدىم» دەپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلدى ۋە رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى نېمىشقا قىلىسەن دەپ نارازى بولۇپ «ئاللاھ ئىككى قولۇڭنى قۇرۇتۇۋەتسۇن» دېگەن ناھايىتى ئېغىر سۆزنى قىلدى.بۇ رەسۇلۇللاھ دىن نامىدا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئەيىبلىنىپ، قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان كۈچلۈك سەھىھ ھەدىس. رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشلارنى چەكلىمە بولمىغاندىكىن دەپ قىلىۋېرىدىغان كىشىلەر شەرئىي دەلىلگە ئەمەس، ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشتى. ئەمما، ساھابىلەر بۇلاردەك ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئەمىلىدىن سەزمەستىنلا يۈز ئۆرۈشكە مايىل كىشىلەرگە دەيمىزكى، يۇقارقى ساھابە ھاكىمغا قارشى چىقماي جىم تۇرسا بولماسمىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىشىر ئىبنى مەرۋانمۇ باشقا ئىش قىلماي پەقەت خۇتبىدە قوللىرىنى كۆتۈرۈپلا قويۇپتىغۇ؟ خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان باشلىقنى «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قارغىغان ساھابىنى «دىندا ئىختىلاپ تېرىدى، كىچىك ئىشنى يوغىنىتىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئارىسىنى بۆلدى، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ بىرلىكنى بۇزدى» دېيىش كېرەكمۇ؟ بىرەر مۇۋەھھىد مۇسۇلمان ھەر قانداق بىر بىدئەتكە قارشى چىقسا، بىدئەتكە چۆمۈپ كەتكەنلەر ئۇلارغا يۇقارقىدەك قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ كەلمەكتە.بۇ ھەدىستىن ئايدىڭكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى ھېچكىمنىڭ قىلىشقا ھەددى يوق. رەسۇلۇللاھ خۇتبىدە ئىستىسقا دۇئاسىدىن باشقا چاغدا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان ئىكەن، باشقا ھەر كىمنىڭ خۇتبىدە، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان ھەر قانداق ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى بىدئەت. بۇنىڭغا يۇقارقى ھەدىس پولاتتەك كۈچلۈك دەلىل. ئەگەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىش دۇرۇسلا بولىدىغان ئىش بولسا، ساھابە ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەرگىزمۇ بىشىرغا ئۆكتە قوپمىغان، شۇنداقلا ئۇنى «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قاغىمىغان بولاتتى. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئاتىگاچىلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشنى تاشلاپ، رەسۇلۇللاھتىن يول ئايرىپ، ئۇ زاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئاتىگاچىلىق قىلىش گۇناھى كەبىرە. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّـهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّـهَ ۚ إِنَّ اللَّـهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}{ئى مۇئمىنلەر! (ھەر قانداق ئىشتا، ھەر قانداق سۆزدە، ھەر قانداق ئەمەلدە) ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلىغۇچى، (ھەممە ئەھۋالىڭلارنى تولۇق) بىلگۈچىدۇر.} (سۈرە ھۇجۇرات، 1-ئايەت) ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى مۇشۇنداق بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشىنى قىلغان ھاكىمغا قاتتىق تەنبىھ بەرگەن
ئىككىنجى ھەدىس: ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش» بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان:ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دېگەن: مەن بۇ مەسجىدتە (يەنى ھەرەم مەسجىدىدە) شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا «سەن ئولتۇرغان بۇ يەردە ئۆمەر مەن بىلەن بىللە ئولتۇردى، ئاندىن ‹كەئبىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىشنى ئويلاشتىم› دېدى. مەن ئۆمەرگە ‹بۇنداق قىلالمايسەن› دېدىم. ئۆمەر ‹نېمىشقا؟› دېۋىدى، مەن:‹چۈنكى سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنى قىلمىدى› دېدىم. ئۆمەر ‹ئۇ ئىككەيلەن ئەگىشىش كېرەك بولغان ئۆرنەك شەخىسلەردۇر›دېدى (ۋە ئويىدىن ياندى.)»(سەھىھۇل بۇخارى 7275-نومۇرلۇق ھەدىس)[ عَنْ أَبِي وَائِلٍ، قَالَ جَلَسْتُ إِلَى شَيْبَةَ فِي هَذَا الْمَسْجِدِ قَالَ جَلَسَ إِلَىَّ عُمَرُ فِي مَجْلِسِكَ هَذَا فَقَالَ هَمَمْتُ أَنْ لاَ أَدَعَ فِيهَا صَفْرَاءَ وَلاَ بَيْضَاءَ إِلاَّ قَسَمْتُهَا بَيْنَ الْمُسْلِمِينَ. قُلْتُ مَا أَنْتَ بِفَاعِلٍ. قَالَ لِمَ. قُلْتُ لَمْ يَفْعَلْهُ صَاحِبَاكَ قَالَ هُمَا الْمَرْآنِ يُقْتَدَى بِهِمَا- المحدث:البخاريالمصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:7275 حكم المحدث: صحيح]
بايىقى سۆزۈمىزنى قايتا تەكرارلايمىز. ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى شۇنداق ئىدىكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھەر قانداق بىرى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق ئىشنى رەت قىلىنىدىغان مۇنكەر ئەمەل بىلىپ قارشى تۇراتتى.
ئۈچۈنچى ھەدىس: ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن؛) [عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىشىمۇ دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا بىرىگە «مۇئاۋىيە فەقىھتۇر» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. مەيلى ئۇمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن، مەيلى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلماسلىقنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چەك ئايرىش بولىدىغانلىقىنى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بىلگەن. شۇڭا، باشقا ساھابىلەر ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دېيىش بىلەنلا، دەرھال قىلمىشىدىن يانغان. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى مۇشۇ ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايتتى. بۇ ھەدىسلەردىن ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قانچىلىك دەرىجىدە مەھكەم ئېسىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ زات دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشنىڭ ئېغىر ئازغۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ جەننەتكە كىرىدىغان مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ «ئۇلار مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلاردۇر» دەپ بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى كىمنىڭ كۆزىگە كىچىك كۆرۈنسە ئۇ كىشى مۇتلەق ئېزىپ كېتىدۇ، ھاۋايى ھەۋىسىگە قۇل بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چەك ئايرىيدۇ. -مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى