مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى
پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ، ئالاھىدىلىكى ، شەكلى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ھەققىدە نىمىلەرگە ئىشىنىسىز ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: دۇنياغا داڭلىق ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورى
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پەرىشتىلەر ھەققىدە ئىشىنىش – ئىيماننىڭ ئالتە تۈۋرىكىنىڭ بىرى ، ياكى ئۇنىڭسىز ئىيمان ئىيمان ئەمەس . كىمكى ئۇلارنىڭ قايسى بىرىگە ئىشەنمەيدىكەن ، ئۇ مۇسۇلمان ئەمەس ، ئۇلار : ئاللاھ ھەققىدە ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ، كىتاپلىرى ، ئەلچىلىرى ، ئاخىرەت ھەمدە تەقدىر ھەققىدە ، ئۇنىڭ ياخشىسى ۋە يامىنى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاللاھتىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىشىنىش ؛ پەرىشتىلەر بولسا بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدىغان كۆرۈنمەس(غەيىپ) مەخلۇقاتلاردىن بىرى . ئاللاھ بىزگە ئۇلار ھەققىدە ئۆز كىتابىدا ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تىلى بىلەن نۇرغۇن خەۋەرلەرنى بەردى . تۆۋەندە پەرىشتىلەر ھەققىدە كەلگەن ئىشەنچىلىك ، توغرا خەۋەرلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز ، ئى سۇئال سورىغۇچى قىز! ، ئۈمىدكى ، سىز بۇ ئارقىلىق ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە پەرىشتىلەر ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئىلىپ كەلگەن بۇ دىننىڭ كاتتىلىقىنى تونۇپ يەتكەيسىز :
پەرىشتىلەر نېمىدىن يارىتىلغان ؟
ئائىشە ئانىمىز دېگەندەك ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان ، ئۇ دېدىكى ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن : « پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان ، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان ، ئادەم سىلەرگە بايان قىلىپ بەرگەن نەرسىدىن يارىتىلغان . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2996 ]
قاچان يارىتىلغان ؟
بىز ئۇلارنىڭ قاچان يارىتىلغانلىقىنى كونكرىت مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. چۈنكى، بۇ ھەقتە بايان يوق . بىراق ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بۇرۇن يارىتىلغانلىقى ئېنىق ، ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ‹مەن يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىمەن› دېدى.} [ بەقەرە( ئىنەك ) : 30 ]
ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئىنسان ياراتماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن) مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
يارىتىلىشتىكى چوڭلۇق :
ئاللاھ دوزاخ پەرىشتىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا – چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر اﷲ نىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ [ تەھرىيم (ھارام قىلىش ): 6 ]
پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى جەبرائىل ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) بولۇپ ، ئۇ تۆۋەندىكى نەقىللەردە تەسۋىرلەنگەن : ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدتىن نەقىل قىلىندىكى : پەيغەمبەر ((ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) جەبرائىلنى ئۆز قىياپىتىدە كۆرگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ 600 قانىتى بار ئىكەن ، ھەربىر قانىتى ئۇپۇقنى توسۇۋالغان ، ھەمدە ئۇنىڭ قاناتلىرىدىن ئۈنچە-مارجان ، ياقۇتلار تۆكۈلۈپ تۇرغانىكەن. ئاللاھ ئۇلارنى نىمىدىگەن بىلىدۇ –ھە! » [ ئۇنى ئىمام ئەھمەد «مەسنەد» تە نەقىل قىلغان ، ئىبنۇ كەسىير «بىدايە» دە ئۇنىڭ ئىسنادى ياخشى دىگەن ، 147 ]
ئاللاھ ئەلچىسى جەبرائىلنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دىگەن : « مەن جەبرائىلنىڭ كۆكتىن چۈشىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقى كۆك بىلەن زىمىن ئارىسىنى ئىتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 177 ]
ئەڭ چوڭ پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ تەختى( ئەرشى) نى كۆتۈرگۈچىلەرمۇ بار ، ئۇلار تۆۋەندىكى نەقىلدە تەسۋىرلەنگەن : جابىر بىن ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : « ماڭا ئاللاھنىڭ تەختىنى كۆتۈرگۈچى پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ھەققىدە ئېغىز ئىچىشىمغا ئىجازەت بىرىلدى . ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقى بىلەن مۈرىسىنىڭ ئارلىقى 700 يىللىق مۇساپىگە توغرا كىلىدىكەن . » [ سۈنەنى ئەبۇ داۋۇت ، سۈننەت بۆلۈمى ، جۇھەمىييە بابى ]
ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بار :
ئاللاھ دەيدۇ : جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى اﷲ قا خاستۇر! اﷲ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[ فاتىر( ياراتقۇچى) : 1 ]
ئۇلارنىڭ گۈزەللىگى :
ئاللاھ جەبرائىلنى سۈپەتلەپ مۇنداق دىگەن : « ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە تەلىم بەردى . ئۇنىڭ ھۆسۈن-جامالى چىرايلىق بولۇپ يۇقۇرى(ئۇپۇقتا) تۇردى . »
[ نەجىم( يۇلتۇز) : 5-6 ]
پەرىشتىلەرنىڭ چىرايلىقلىقى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا چىڭ ئورناپ كەتكەچكە ، ئۇلار ھەمىشە چىرايلىق ئادەمنى پەرىشتىگە ئوخشىتىدۇ . خۇددى ئاياللارنىڭ يۇسۇف پەيغەمبەر ھەققىدە دىگىنىدەك : ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۇسۇفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن دېدى، ئۇلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) اﷲ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى
[ يۇسۇف: 31 ]
پەرىشتىلەرنىڭ تەق-تۇرقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكتە پەرىقلىق بولۇشى :
پەرىشتىلەرنىڭ تەق-تۇرقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى بىرخىل بولماستىن ، بەلكى ئۇلار پەزىلەت جەھەتتە ھەرخىل بولغىنىدەك ھەرخىلدۇر . ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى بەدر جىڭىگە قاتناشقانلار . مۇئاز بىن رىفائە بىن رافىئې زۇرقىي دادىسىدىن نەقىل قىلدىكى ، ئۇنىڭ دادىسى بەدر جىڭىگە قاتناشقان بولۇپ ، ئۇ مۇنداق دىگەن : » جەبرائىل پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىغا كىلىپ مۇنداق دىدى : «سىلەر ئىچىڭلاردىن بەدر جىڭىگە قاتناشقانلارغا قانداق باھا بىرىسىلەر ؟ » ئۇ : «ئەڭ پەزىلەتلىك مۇسۇلمانلارقاتارىدىن » ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى قىلدى . ئۇ : « پەرىشتىلەر ئىچىدىن بەدر جىڭىگە قاتناشقانلارمۇ ھەم شۇنداق . » دىدى . [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3992 ]
ئۇلار يىمەيدۇ ۋە ئىچمەيدۇ :
ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىيم بىلەن ئۇنى يوقلاشقا كەلگەن پەرىشتە مىھمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگ بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ ، ئاللاھ دەيدۇ : شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى (26–27) (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى [ زارىيات(سورىغۇچى شاماللار) : 26-28 ]
يەبىر ئايەتتە : ئۇلارنىڭ (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ) ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى خوش كۆرمىدى، ئۇلاردىن قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئۇلار: «قورقمىغىن (بىز رەببىڭنىڭ پەرىشتىلىرى، تاماق يېمەيمىز)، بىز ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق» دېدى [ھۇد : 70 ]
ئۇلار ئاللاھقا ئىباەدت قىلىش ۋە ئۇنى ئەسلەشتىن زىرىكمەيدۇ ، چارچىمايدۇ ؛
ئاللاھ دەيدۇ :ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ (19) ئۇلار كېچە – كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ[ ئەنبىيا ( پەيغەمبەرلەر) : 20 ]
ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (اﷲ قا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە – كۈندۈز اﷲ قا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ [ فۇسسىلەت: 38 ]
ئۇلارنىڭ سانى :
پەرىشتىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ . پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) يەتتىنچى ئاسماندىكى بەيتۇلمەئېمۇرنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دىگەن : « ئاندىن مەن بەيتۇلمەئېمۇرغا ئىلىپ چىقىلدىم . ھەر كۈنى ئۇنى 70 مىڭ پەرىشتە زىيارەت قىلىدۇ ، ئۇلار چىقىپ كەتسە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلمەيدۇ ، ئاندىن باشقا بىر گۇرۇپپا (پەرىشتىلەر ) كىلىدۇ . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3207 ]
ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئۇ كۈندە دوزاخ 70 مىڭ ئارغامچا بىلەن سۆرەپ ئەكىلىنىدۇ ، ھەر بىر ئارغامچىنىڭ قېشىدا ئۇنى تارتىدىغان 70مىڭ پەرىشتە بار . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2842 ]
ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى :
پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرى بار ، لىكىن بىز ئۇلارنىڭ پەقەت ئازغىنىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىمىز . قۇرئان ۋە ھەدىيس تېكىستلىرىدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغانلىرىغا تەپسىلىي ئىشىنىش كىرەك ، ئۇنداق بولمىسا پەرىشتىلەرگە ئومۇمى ئىشىنىش دائىرسىدە ئىشىنىش كىرەك ؛ بىز بىلىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن :
1-،2- جەبرائىل ۋە مىكائىل :
ئېيتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (اﷲ قا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ (يەنى جىبرىئىل) اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى (97) كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (اﷲ نى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۈبھىسىزكى، اﷲ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ» (98)
[ بەقەرە(ئىنەك) : 97-98 ]
3-ئىسرافىل :
ئەبۇ سەلەمە بىن ئابدۇرراھمان بىن ئەۋف نەقىل قىلىپ مۇنداق دىگەن : » مەن مۇئېمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائېشەدىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) كېچىدە نامازغا تۇرغاندا نامىزىنى نىمە بىلەن باشلايدىغانلىقىنى سورىدىم . ئۇ : » ئۇ كېچىدە نامازغا تۇرغاندا نامىزىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلايىتتى : « ئى ئاللاھ ، جەبرائىل ، مىكائىل ۋە ئىسرافىلنىڭ پەرۋەردىگارى ، ئاسمان ۋە زىمىننىڭ ياراتقۇچىسى ، كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەس نەرسىلەرنى بىلگۈچى ، بەندىلىرىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىسەن . ئىختىلاپ قىلىنغان نەرسىلەر ھەققىدە مىنى توغرىغا يىتەكلىگىن . سەن خالىغان كىشىنى توغرىغا يىتەكلەيسەن . »» دىدى . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 270 ]
4- مالىك :
ئۇ بولسا دوزاخ قاراۋۇلى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ھەمدە ئۇلار : «ئى مالىك ، پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈمنى ھۆكۈم قىلسۇن .» دەپ توۋلايدۇ . » [ زۇخرۇف ( ئالتۇن بىزەكلەر) : 77 ]
5-، 6- مۇنكەر ۋە نەكىر :
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن : « مىيىت دەپنە قىلىنغاندا ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار دەپنە قىلىنغاندا ، ئۇنىڭ قېشىغا كۆك-قارا ئىككى پەرىشتە كىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرى مۇنكەر ، يەنە بىرى نەكىر دىيلىدۇ . ئۇلار ئۇنىڭدىن : » سەن بۇ كىشى ھەققىدە نىمە دەيىتتىڭ ؟ » دەيدۇ . ئۇ نىمىگە كۆنگەن بولسا شۇنى دەيدۇ : » ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ، گۇۋاھلىق بىرىمەنكى ، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى . » ئۇلار : » بىز سىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتۇق .» دەيدۇ . ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسى يەتمىشتە يەتمىش گەز كىڭەيتىلىپ بىرىلىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭغا قەبرىسى يورۇتۇلۇپ بىرىلىدۇ . ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا : » ئۇخلىغىن! » دەيدۇ . ئۇ : » ئائىلەمگە قايتىپ ئۇلارغا دەيمەن .» دەيدۇ . ئۇلار ئۇنىڭغا : » سەن خۇددى يىڭىدىن تويى بولغان يىگىتنىڭ ئۇخلىغىنىغا ئوخشاش ئاللاھ ئۇنى شۇ ياتقۇسىدىن قوپۇرغىچە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىدىن باشقا بىرى ئويغاتمايدىغان ئۇيقىدا ئۇخلىغىن . » دەيدۇ . ئەگەر ئۇ مۇناپىق بولسا : » كىشىلەرنىڭ دىگىنىنى ئاڭلىدىم-دە مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش دىدىم ، بىلمەيمەن . » دەيدۇ . ئۇلار : » بىز سىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتۇق .» دەيدۇ . ئاندىن زىمىنغا : » ئۇنى سىق !» دىيلىدۇ –دە ئۇ سىقىلىپ قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كىتىدۇ . ھەمدە ئۇ تاكى ئاللاھ ئۇنى ئورنىدىن قوپۇرغىچە ئازاپلىنىۋىرىدۇ . » [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 1071 . ھەمدە ئەبۇ ئەيسا : بۇ غەرىيب ، ياخشى ھەدىيس ، دىگەن . ھەمدە « سەھىيھ جامىئې»دا ياخشى دەپ تۈرگە ئايرىلغان ، 724 . ]
7-، 8- ھارۇت ۋە مارۇت :
ئاللاھ دەيدۇ : « بابىلدىكى ئىككى پەرىشتە ھارۇت ۋە مارۇتقا چۈشۈرۈلگەن نەرسە »
[ بەقەرە ( ئىنەك ) : 102 ]
ۋە باشقىلار ، « پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ . بۇ پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر . »
ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى
پەرىشتىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن زور كۈچ-قۇۋۋەتلەرگە ئىگە . ئۇلاردىن :
ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرەلىشى :
ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئۆز قىياپىتىدىن باشقا قىياپەتلەرگە ئۆزگىرەلىش ئىقتىدارىنى بەرگەن بولۇپ ، ئاللاھ جەبرائىلنى ئىنسان قىياپىتىدە مەريەمنىڭ قېشىغا ئەۋەتكەن . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « ئۇنىڭغا بىز روھىمىزنى(جەبرائىلنى) ئەۋەتتۇق . ئۇ مەريەمگە بىجىرىم ئادەم قىياپىتىدە كۆرۈندى . » [ مەريەم : 17 ]
ۋە پەرىشتىلەر ئىبراھىيمنىڭ قېشىغا ئادەم قىياپىتىدە كەلگەن ، ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگۈچە ئۇلارنى تونۇمىغان . ۋە شۇنىڭدەك ، پەرىشتىلەر لۇتنىڭ قېشىغا چىرايلىق يىگىتلەرنىڭ قىياپىتىدە كەلگەن . جەبرائىل پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىغا بىر نەچچە قىياپەتتە كەلگەن بولۇپ بەزىدە كىلىشكەن ساھابە دىھيە كەلبىينىڭ قىياپىتىدە كەلسە ، بەزىدە كۆچمەن ئەرەپ قىياپىتىدە كەلگەن . ھەمدە ساھابىلەر ئۇنىڭ ئىنسان قىياپىتىنى كۆرگەن . «ئىككى سەھىيھ» تە كەلدىكى ، ئۇمەر بىن خەتتاب مۇنداق دىگەن : » بىر كۈنى بىز پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىدا ئىدۇق ، ئالدىمىزدا بىر ئاپئاق كىيىملىك ، قاپقارا چاچلىق بىر ئادەم پەيدا بولدى . ئۇنىڭدا ھىچبىر سەپەرنىڭ ئالامىتى يوق ئىدى ھەمدە ئۇنى ھىچكىم تونۇمايىتتى . ئۇ كىلىپ پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى . ئىككى تىزىنى ئۇنىڭ ئىككى تىزىغا چاپلىدى ، ئىككى قولىنى ئۇنىڭ ئىككى يوتىسىغا قويدى . ھەمدە ئۇ : » ئى مۇھەممەد ، ماڭا ئىسلام توغىرسىدا سۆزلەپ بەرگىن . . … » دىدى . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 8 ]
ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ھەدىيسلەر پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسان قىياپىتىگە كىرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، يۈز ئادەم قاتىلى ھەدىيسىگە ئوخشاش ، ئۇنىڭدا : « ئۇلارغا پەرىشتە ئىنسان قىياپىتىدە كەلدى . » دەپ بار . ۋە قارغۇ ، تاز ۋە بەرەس ھەدىيسى .
ئۇلارنىڭ سۈرئىتى :
بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان ئەڭ تىز سۈرئەت بولسا نۇرنىڭ سۈرئىتى . پەرىشتىلەرنىڭ سۈرئىتى بۇ سۈرئەتتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ . سۇئال سورىغۇچى پەيغەمبەردىن سۇئال سوراشنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا ، جەبرائىل ئاللاھتىن جاۋاپنى ئەكىلىپ بولاتتى .
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى :
پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈشكە مەسئۇللىرى بار . ۋە ئۇ بولسا ئىشەنچىلىك روھ جەبرائىل ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن ) . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « كىمكى جەبرائىلغا دۈشمەنلىك قىلسا ، چۈنكى ئۇ قەلبىڭگە ئۇنى(ۋەھىينى) ئىلىپ چۈشتى . » [ بەقەرە( ئىنەك ) : 97 ]
« ئىشەنچىلىك روھ سىنىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭىگە ئۇنى چۈشۈردى . » [ شۇئەرا( شائىرلار) : 193- 194 ]
ئۇلاردىن يامغۇرغا ۋە ئۇنى ئاللاھ خالىغان تەرەپكە باشلاشقا مەسئۇللىرى بار . ۋە ئۇ بولسا مىكائىل ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) دۇر . ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇ ئۇلارغا نىمە دىسە شۇنى قىلىدۇ . شاماللارنى ۋە بۇلۇتلارنى ئاللاھنىڭ خالىغىنىدەك باشقۇرىدۇ .
ئۇلاردىن سۇر(كاناي) چىلىشقا مەسئۇللىرى بار ، قىيامەت قايىم بولغاندا ئۇنى ئىسرافىل چالىدۇ .
ئۇلاردىن جانلارنى ئىلىشقا مەسئۇللىرى بار . ۋە ئۇ بولسا ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ئېيىتقىنكى ، جىنىڭلارنى سىلەرگە مەسئۇل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى ئالىدۇ . ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرلىسىلەر . » [ سەجدە : 11 ] سەھىيھ ھەدىيستە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئەزرائىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان .
ئۇلاردىن بەندىنى ھايات داۋامىدا ئۆيىدە ، سەپەردە ، ئۇخلىغاندا ۋە ئويغاق ھالەتتە ۋە ھەممە ھالەتلىرىدە قوغداشقا مەسئۇللىرى بار . ئۇلار بولسا ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە ئېيىتقان « نۆۋەتچى پەرىشتىلەر» : ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى – كەينىدە اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى اﷲ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت – ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، اﷲ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان اﷲ تىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ [ رەئېد : 10-11 ]
ئۇلاردىن بەندىلەرنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئىش-ئەمەللىرىنى خاتىرلەشكە مەسئۇللىرى بار بولۇپ ، ئۇلار ھۆرمەتلىك پۈتۈكچىلەردۇر . ئۇلار مۇنۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن : « ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچىلارنى (قىلغان-ئەتكەننى خاتىرلىگۈچىلەرنى) ئەۋەتىدۇ . » [ ئەنئام ( چاھارپايلار ) : 61 ]
ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمىز)، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ
[ زۇخرۇف( ئالتۇن بىزەكلەر): 80 ]
ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، (ئىنساننىڭ سۆز – ھەرىكىتى خاتىرىلىنىۋاتقان) ۋاقىتتا، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ
[ قاف : 17-18 ]
« ھالبۇكى ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر بار . ئۇلار ھۆرمەتلىك پۈتۈكچىلەردۇر ، » [ ئىنفىتار ( يېرىلىش) : 10-11 ]
ئۇلاردىن قەبرىدىكى كىشىلەرنى سىناشقا مەسئۇللىرى بار . ئۇلار بولسا مۇنكەر ۋە نەكىر . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « مىيىت دەپنە قىلىنغاندا ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار دەپنە قىلىنغاندا ، ئۇنىڭ قېشىغا كۆك-قارا ئىككى پەرىشتە كىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرى مۇنكەر ، يەنە بىرى نەكىر دىيلىدۇ . ئۇلار ئۇنىڭدىن : » سەن بۇ كىشى ھەققىدە نىمە دەيىتتىڭ ؟ » دەيدۇ . » ( بۇ ھەدىيس بايام تولۇق بايان قىلىندى .)
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جەننەت قاراۋۇللىرى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ – توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ
[ زۇمەر( ئادەم توپى): 73 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دوزاخ قاراۋۇللىرى. ۋە ئۇلار بولسا زەبانىيەلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى 19 بولۇپ ئۇلارنىڭ باشلىقى مالىك ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن ) . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : كاپىرلار جەھەننەمگە توپ – توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ
زۇمەر(ئادەم توپى) : 71 ]
« ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى چاقىرسۇن . بىز زەبانىيەلەرنى(ئازاپ پەرىشتىلىرىنى) چاقىرىمىز . » [ ئەلەق ( لەختە قان) : 17-18 ]
سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ (27) ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ) (28) ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ (29) ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر (30) بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق..
[ مۇدەسسىر( كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى): 27-30 ]
«ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ
[ زۇخرۇف( ئالتۇن بىزەكلەر) : 77 ]
ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بالاياتقۇدىكى مەنىگە مەسئۇل . ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ ھەدىيسىدە كەلگەندەك ، ئۇ مۇنداق دىگەن : » راستمەنلىكى ئىسپاتلانغان ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىزگە مۇنداق سۆزلەپ بەردى : « سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارنىڭ يارىتىلىش يولى – ئۇ مەنى سۇيۇقلىقى ھالەتتە ئانىسىنىڭ بالاياتقۇسىدا 40كۈن يىغىلىپ تۇرىدۇ . ئاندىن يەنە ئوخشاش مۇددەتتە ئۇيۇل قان ھالەتتە تۇرىدۇ . ئاندىن يەنە ئوخشاش مۇددەتتە بىر پارچە گۆش ھالەتتە تۇرىدۇ . ئاندىن بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ . ئۇ ( ھامىلىگە) روھنى پۈۋلەيدۇ ۋە تۆت بۇيرۇققا مەسئۇل بولىدۇ : ئۇنىڭ رىزقىنى ، ئۆمرىنى ، ئىش-ئەمىلىنى ۋە ئۇنىڭ بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز بولىدىغانلىقىنى پۈتۈش . ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھ يوق ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار جەننەت ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ . تاكى ئۇنىڭغا كىرىشكە بىر گەز قالغاندا ، ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن نەرسە غالىپ كىلىپ ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ-دە ، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ . ھەمدە سىلەرنىڭ بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ . تاكى ئۇنىڭغا كىرىشكە بىر گەز قالغاندا ، ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن نەرسە غالىپ كىلىپ ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئىش-ئەمىلىنى قىلىدۇ-دە ،ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ . » [ بۇخارىي (3208)، مۇسلىم(2643) نەقىل قىلغان ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرشنى كۆتۈرگۈچىلەر . ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دىگەن : ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
[ غافىر(كەچۈرگۈچى) : 7 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زىكرى( ئاللاھنى ئەسلەش) سورۇنلىرىنى ئىزدەپ ، زىمىندا ساياھەت قىلغۇچىلار . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن :« ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى بار . ئۇلار زىكرى ئەھلىنى ئىزدەپ ، يوللارنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ . ئۇلار ئاللاھنى تىلغا ئىلىۋاتقان كىشىلەرنى تاپقاندا ، ئۇلار باشقىلىرىنى چاقىرىپ : » سىلەر ئىچىرقاپ كەتكەن نەرسەڭلەرگە كىلىڭلار ! » دەيدۇ . ھەمدە ئۇلار قاناتلىرىنى دۇنيا ئاسمىنىغا كەرگەن ھالدا ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ . پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ياخشىراق بىلىدىغان تۇرۇپ ، ئۇلاردىن سورايدۇ : « بەندىلىرىم نىمە دەۋاتىدۇ ؟ » ئۇلار : » ئۇلار سىنى ( شىرىك، ئەيىپتىن) پاك دەۋاتىدۇ ، سىنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ ، سىنى مەدھىيلەۋاتىدۇ ھەمدە سىنى مۇقەددەس دەۋاتىدۇ . ئۇ : « ئۇلار مىنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟ » دەپ سورايدۇ . ئۇلار : » ياق ! ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئۇلار سىنى كۆرۈپ باقمىغان . » دەيدۇ . ئۇ : « ئەگەر ئۇلار مىنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى ؟ » دەپ سورايدۇ . ئۇلار : » ئۇلار سىنى كۆرگەن بولسا ، ئىبادەت قىلىشتا ، ۋە سىنى مەدھىيلەشتە تىخىمۇ قىزغىن ۋە قاتتىق بولغان بولاتتى .» دەيدۇ . ئۇ : « ئۇلار مىنىڭدىن نىمىنى سوراۋاتىدۇ ؟ » دەيدۇ . ئۇلار : » ئۇلار سىنىڭدىن جەننەتنى سوراۋاتىدۇ .» دەيدۇ . ئۇ : « ئۇلار ئۇنى كۆرگەنمۇ ؟ » دەيدۇ . ئۇلار : » ياق! ،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئى پەرۋەردىگار ، ئۇلار ئۇنى كۆرمىگەن . » دەيدۇ . ئۇ : « ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى . » دەيدۇ . ئۇلار : » ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا ، ئۇنىڭغا تىخىمۇ ھىرىسمەن بولاتتى ، ئۇنى تىخىمۇ قاتتىق تەلەپ قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا تولىمۇ قىزىققان بولاتتى . » دەيدۇ . ئۇ : « ئۇلار نىمىدىن پاناھلىق تىلەۋاتىدۇ ؟ » دەيدۇ . ئۇلار : » دوزاختىن .» دەيدۇ . ئۇ : « ئۇلار ئۇنى كۆرگەنمۇ ؟ » دەيدۇ . ئۇلار : » ياق! ،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئى پەرۋەردىگار ، ئۇلار ئۇنى كۆرمىگەن . » دەيدۇ . ئۇ : « ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى . » دەيدۇ . ئۇلار : » ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا ، ئۇنىڭدىن قاتتىق قاچقان ، ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق قورىققان بولاتتى . » دەيدۇ . ئۇ : « مىنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولۇڭلاركى ، مەن ئۇلارنى كەچۈرۋەتتىم . » پەرىشتىلەرنىڭ بىرى :» پالانى كىشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەمەس ئىدى . ئۇ بۇ سورۇنغا باشقا سەۋەپلەر بىلەن كىلىپ قالغان . » دەيدۇ . ئۇ : « ئۇلار بولسا سورۇنداش . ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى چىقىرۋىتىلمەيدۇ .» دەيدۇ . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 6408 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاغلارغا مەسئۇل . ئائىشەدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ پەيغەمبەرگە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : » سىزنىڭ بىشىڭىزغا ئۇھۇد كۈنىدىنمۇ ئىغىرراق بىر كۈن كەلگەنمۇ ؟ «دىدى . ئۇ : « مەن خەلقىڭنىڭ قولىدا ئازاپ تارىتتىم . مەن تارىتقان ئەڭ ئىغىر ئازاپ بولسا ئەقەبە كۈنىدىكى ئۇچرىغان ئازاپ . ئۇ چاغدا مەن ئىبنۇ ئابدۇ يالەيل بىن ئابدۇ كۇلالنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا باردىم . ئۇ مەن كۈتكەن نەرسىگە ئاۋاز قوشمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن قايغۇرغان ، ۋە ئۆزۈمنىڭ قەيەرگە كىتىۋاتقانلىقىمنى بىلمىگەن ھالدا ئايرىلدىم . مەن تاكى قەرنىس سەئالىبتا ئىكەنلىكىمنى بىلگۈچە ئەسلىگە كىلەلمىدىم . مەن بىشىمنى كۆتۈرسەم ، بىر بۇلۇت ماڭا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ –دە قارىسام ، ئۇنىڭدا جەبرائىل تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىنى چاقىردى ۋە : » ئاللاھ خەلقىڭنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ، ۋە ئۇلارنىڭ ساڭا قانداق جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى .ھەمدە ئۇ تاغلار پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى. شۇڭا سەن ئۇلارغا قارىتا نىمە قىلىشنى خالىساڭ ، ئۇنىڭغا دىسەڭ بولىدۇ . » دىدى . تاغلار پەرىشتىسى مىنى چاقىردى ۋە سالام قىلدى . ئاندىن : » ئى مۇھەممەد ، مىنى نىمە قىلدۇرۇشنى خالىساڭ ، ماڭا دىگىن . ئەگەر سەن خالىساڭ ، ئۇلارنى ئىككى تاغ ئارىسىغا ئىلىپ مىجىۋىتىمەن . » دىدى . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى: « مىنىڭ بارلىق ئۈمۈدۈم شۇكى ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئۇنىڭغا ھىچنىمىنى شىرىك قىلمايدىغان كىشىلەرنى چىقارغاي . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 3231 ]
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى « دائىملىق زىيارەت قىلىنىدىغان ئۆي» بەيتۇل مەئېمۇرنىڭ زىيارەتچىلىرى . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇزۇن ئىسراۋە مىئېراج ھەدىيسىدە دىگەندەك :« شۇنىڭ بىلەن بەيتۇل مەئېمۇرغا ئىلىپ چىقىلدىم-دە ، جەبرائىلدىن سورۇدۇم ، ئۇ : » بۇ بەيتۇل مەئېمۇر بولۇپ ، ئۇنىڭغا ھەر كۈنى 70 مىڭ پەرىشتە زىيارەت قىلىپ قايتىدۇ . ئۇلار بىر چىقسا ، قايتا كىرمەيدۇ . ئاندىن يەنە باشقا بىر گۇرۇپپا پەرىشتە كىلىدۇ . »
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەپ بولۇپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بولۇپ ، ئۇلار ھەرگىز چارچاپ قالمايدۇ ، ئۆرە تۇرغانلىرى ئولتۇرمايدۇ ، تازىم ۋە سەجدە قىلىپ تۇرغانلار بىشىنى كۆتۈرمەيدۇ . ئەبۇ زەردىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « مەن سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىنى كۆرىمەن ، سىلەر ئاڭلىمايدىغان نەرسىنى ئاڭلايمەن . ئاسمان ئاھ ئۇرغاندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ . ئۇنىڭ شۇنداق ھەققى بار ( ياكى ھەيران قالارلىق ئەمەس) . چۈنكى ، ئۇنىڭدا ھەر تۆت بارماق ئارلىقتا بىر پەرىشتە بار بولۇپ ، ئۇلار ئۇلار پىشانىسىنى قويۇپ سەجدە قىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار ، ئەلۋەتتە ئاز كۈلەتتىڭلار ، كۆپ يىغلايىتتىڭلار . ھەمدە ئاياللىرىڭلار بىلەن كۆرپىلەردە ئاز ھوزۇرلىناتتىڭلار ۋە ئاللاھقا يىلىنغان ھالدا كوچىغا چىقاتتىڭلار . » [ سۇنەن تىرمىزىي ، 2312 ]
بۇ ، ئاللاھنىڭ ئىسىل پەرىشتىلىرى ھەققىدىكى ئىسلام تەلىماتىنىڭ خۇلاسىسى .
ئاللاھتىن بىزنى ئۇلار ھەققىدە ئىشىنىدىغان ، ئۇلارنى سۆيىدىغانلاردىن قىلىشىنى سورايمىز . ھەمدە ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن.
سەيپىدىن ئابدۇلئەزىز قارىم تەرجىمە قىلغان
www.islamqa.com
Post Views: 26
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ