چوڭ گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى يامان ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن تەقدىردە، ئاللاھ ئۇنى جازالامدۇ؟
[2852]پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتى(138650-نومۇرلۇق پەتىۋا)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
بارلىق ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچىدىن: ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە بىردەك ھالدا مۇنداق قارايدۇ: چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ئەگەر ئاللاھقا چىن دىلىدىن تەۋبە قىلغان بولسا، ئۇ ئاخىرەتتە ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقاندا ئاللاھ ئۇنى جازالىمايدۇ. چۈنكى، گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشى گۇناھ قىلمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى ھەسسىلەپ بېرىلىدىغان ئازابقا قالمايدۇ)، اﷲ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ﷲ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»(25:70)
ئىككىنچىدىن: چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ئەگەر ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغان بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھقا ئۇچراشقىنىدا، ئۇنىڭ جازالىنىشى ياكى جازالانماسلىقى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنى خالىسا جازالايدۇ، خالىسا مەغفىرەت قىلىدۇ. بىراق، خاۋارىجلار، مۇئتەزىلىلەر ۋە مۇرجىئىلەر (قاتارلىق ئەھلى بىدئەت پىرقىلىرى) نىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى بۇنىڭغا قارشى. خاۋارىجلار بىلەن مۇئتەزىلىلەر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى چوقۇم جازاغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئۇ شۇ چوڭ گۇناھى سەۋەبلىك دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇئتەزىلىلەر بولسا: كەئبىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغانلا مۇسۇلمان بولسا، چوڭ گۇناھى سەۋەبلىكمۇ جازاغا ئۇچرىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.ئاللاھ مۇنداق دېگەن:« ﷲ ھەقىقەتەن ﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ﷲ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ»(4:48)ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن:ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىدىن باشقا چوڭ گۇناھلا بولىدىكەن، ئۇ چوڭ گۇناھنى قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۇنى جازالايدۇ، خالىسا مەغفىرەت قىلىدۇ.» (قۇرئان كەرىم تەبەرى تەپسىرى، 8-جىلد، 450-بەت)
ئۈچىنچىدىن: ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئارىسىدىكى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ياكى چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن مۇئمىنلەرنىڭ ياخشى ئەمىلى گۇناھىدىن كۆپ بولسا، جازاغا ئۇچرىماستىن جەننەتكە كىرىدۇ؛ ئەگەر گۇناھى ياخشى ئەمىلىنى بېسىپ كەتسە، گۇناھىنىڭ مىقدارىدا دوزاختا كۆيۈپ، (گۇناھلىرىدىن پاكلانغاندا) جەننەتكە كىرىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر. ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر.»(7:8،9) ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:« تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ. تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ.»(101:6،9)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە بىردەك ھالدا چوڭ گۇناھ ئىشلىگەن مۇئمىنلەر دوزاختىن چىقىدۇ، شاپائەتكە ئېرىشىدۇ، بىر چوڭ گۇناھ سەۋەبلىك باشقا ياخشى ئەمەللەر بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەھلى سۇننە ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپۈنچىسى چوڭ گۇناھ ئۆز باراۋىرىدىكى ياخشى ئەمەلنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ، پەقەت كۇفۇرلا بارلىق ياخشى ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ، پەقەت سەمىمىي تەۋبىلا بارلىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ، چوڭ گۇناھ ئىشلىگەن كىشىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلسا ۋە شۇ ياخشى ئىشىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىسە، ئاللاھ گەرچە ئۇنى چوڭ گۇناھى سەۋەبلىك جازالايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ياخشىلىقىغا ئەجىر بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.»(شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ پەتىۋالىرى توپلىمى، 10-جىلد: 321-، 322-بەتلەر)ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرى ۋە يامان ئىشلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇلار ياخشى ئىشمۇ قىلىدۇ، چوڭ گۇناھلارنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يامانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ تەۋبە قىلمىغان ھالدا (ئۆلۈپ) ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقىنىدا، ئەمەللىرى (مىزاندا) ئۆلچىنىپ ياخشى ئەمىلى يامان ئەمىلىدىن ئۈستۈن چىقسا، بۇنداق كىشلەر مۇۋەپپىقىيەتكە، غەلىبىگە ئېرىشىدۇ.(يەنى جەننەتكە كىرىدۇ.) ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر. ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر.»(7:8،9)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى قاتارلىق ساھابىلەر مۇنداق دېگەن:«ئىنسانلار قىيامەت كۈنى توپلانغاندا مۇنداق ئۈچ پىرقىگە ئايرىلىدۇ. ياخشى ئەمىلى گۇناھىدىن بىرەرى ئارتۇق بولغانلىكى ئىنسانلار (يەنى مۇئمىنلەر) جەننەتكە كىرىدۇ. گۇناھى ياخشى ئەمىلىدىن بىرەرى ئارتۇق بولغانلىكى ئىنسانلار دوزاخقا كىرىدۇ. ياخشى ئەمىلى بىلەن گۇناھى تەڭلىشىپ قالغان كىشىلەر ئەئرافتا(جەننەت بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىزلىكتە) بولىدۇ.بەندىنىڭ ياخشى، يامان ئەمەللىرى (مىزاندا) ئۆلچىنىشتىن ئىلگىرى شۇ بەندىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن (باراۋەر مىقداردا) ئېلىپ بېرىلىدۇ. (شۇنداقلا، شۇ بەندىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۇنىڭغا باراۋەر مىقداردا ئېلىپ بېرىلىدۇ). شۇنىڭدىن كېيىن، بەندىنىڭ قېلىپ قالغان ياخشى، يامان ئەمەللىرى مىزاندا ئۆلچىنىدۇ. (ئىبنى قەييىم «تەرىقەتۇل ھىجرەتەين»<ئىككى قېتىملىق ھىجرەت يولى>، 1-جىلد، 562-بەت)
تۆتىنچىدىن: بۇ ھەرگىزمۇ گۇناھى ياخشىلىقىدىن بىرى ئارتۇق بولۇپ قالغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى ئۇ شۇ گۇناھى سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ جازاغا ئۇچىراش-ئۇچرىماسلىقى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولۇپ، ئەھلى سۇننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىگە بىئانائەن، ئاللاھ خالىسا ئۇنى جازالايدۇ، خالىسا مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.ھافىز ھەكەمىي رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق سورالغان:ھەدىستە «ئۇ (يەنى گۇناھ قىلغۇچى) ئاللاھنىڭ خالىشىغا باغلىق. ئاللاھ خالىسا ئۇنى مەغفىرەت قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ» دېيىلگەن.(بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان) ئەمما، يۇقىرىدا گۇناھى ياخشىلىقىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىنسان دوزاخقا كىرىدۇ، دېيىلدى. يۇقارقى ھەدىس بىلەن بۇ ئەقىدىنى قانداق قانداق چۈشىنىمىز؟ھافىز ھەكەمىي رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:بۇ ھەدىس بىلەن بۇ خىل چۈشەنچە ئارىسىدا زىتلىق يوق. ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىنى مەغفىرەت قىلماقچى بولسا، (ھېساب مەيدانىدا) ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئالىدۇ. بۇ ھەقتە ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەتتا ئۇنى ھەممە تەرەپتىن قورشايدۇ ۋە ئۇنىڭغا:«سەن مۇنداق، مۇنداق گۇناھلارنى قىلغان ئىدىڭ» دەيدۇ. بەندە «شۇنداق» دەپ، قىلغانلىرىنى تەن ئالىدۇ. ئاندىن ئاللاھ «دۇنيا ھاياتىدا شۇ گۇناھلىرىڭنى ياپقان ئىدىم، ئەمدىلىكتە شۇ گۇناھلىرىڭنى مەغفىرەت قىلدىم» دەيدۇ.(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
گۇناھى ياخشىلىقىنى بېسىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دوزاخقا چۈشكەن بەندىگە كەلسەك، ئۇ ئىنچىكە سوراققا تارتىلغان بەندىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىمدىن ئىنچىكە ھېساب ئېلىنىدىكەن، جازاغا دۇچار بولىدۇ.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم) [شەيخ ھافىز ھەكەمى رەھىمەھۇللاھ «أعلام السنة المنشورة» 171-بەت]