قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامىتى | ئىمام ئىبنى باز


قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامىتى

 

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
(تۆۋەندىكىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن قىيامەت ئالامەتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرتىۋى مۇنداق بولىدۇ)

بىرىنچى ئالامىتى: مەھدىنىڭ چىقىشى. مەھدى ئەھلى بەيتكە تەۋەدۇر، ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ. كىشىلەرنى تەۋھىدكە ۋە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئىمام مەھدى ناھەقچىلىك ۋە رەزىللىك قاپلاپ كەتكەن زېمىنغا ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى يايىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشۈشتىن ئاز مەزگىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئىككىنچى ئالامىتى: دەججالنىڭ چىقىشى. دەججال شەرق تەرەپتىن، يەنى خۇراساندىن چىقىدۇ. يالغاندىن ئۆزىنىپەيغەمبەر دەپ جاكارلايدۇ، ئاندىن ئۆزىنى خۇدا دەپ جاكارلايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۈچىنچى ئالامىتى: ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئەينى دەۋىردە ئۆلتۈرۈلمىگەن،دارغىمۇ ئېسىلمىغان، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بەلكى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە ئاز قالغاندا ئاسماندىن چۈشىدۇ. دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ، كىشىلەرنى تەۋھىدكە چاقىرىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە چۈشكەن شەرىئەتكە ئەگىشىدۇ.

تۆتىنچى ئالامىتى: يەجۇج-مەجۇجنىڭ چىقىشى. يەجۇج-مەجۇج ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە چىقىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئۆلتۈرۈپ، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكىدىن قۇتقۇزىدۇ.

بەشىنچى ئالامىتى: زېمىندا ئىس-تۈتەك يۈز بېرىشى.
ئالتىنچى ئالامىتى: كەئبىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى.
يەتتىنچى ئالامىتى: قۇرئاننىڭ زېمىندىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى.
سەككىزىنچى ئالامىتى: زېمىندىن سۆزلەيدىغان ھايۋاننىڭ چىقىشى.
توققۇزىنچى ئالامىتى: كۈننىڭ غەربتىن چىقىشى.
ئونىنچى ئالامىتى: ئەدەندىن چىققان ئوت ئىنسانلارنى شام زېمىنىغا توپلايدۇ.(سۈرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) ئىنسانلار مەيلى نەدىلا بولمىسۇن، ئوت ئۇلارغا ئەگىشىۋالىدۇ. ھەتتا، كىشىلەرنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى ۋە چۈشلۈك ئۇيقۇسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ خالىغان پەيتتە قىيامەت يۈز بېرىدۇ. زېمىندىن سۆزلەيدىغان ھايۋاننىڭ چىقىشى ۋە كۈننىڭ غەربتىن چىقىشىدىن كېيىن، ئوتنىڭ ئوتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن ئاللاھ مەيىن شامال ئەۋەتىدۇ. شۇ شامال بارچە ئەر-ئايال مۇئمىن مۇسۇلمانلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ. پەقەت فاجىر ئىنسانلارلا ھايات قالىدۇ. قىيامەت شۇ شەقىي ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. بۇلار ئاللاھقا كۇفرلىق قىلىدىغان، بۇت،ھەيكەللەرگە چوقۇنىدىغان ئىنسانلاردۇر. ئۇلار ئوت كېلىشتىن ئىلگىرى زېمىندا ئاللاھ خالىغان مۇددەت ياشايدۇ. ئاندىن، قىيامەت مۇشۇ فاجىر ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. قىيامەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايدىغان مۇشرىك ۋە كاپىرلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. ئاللاھ بىزنى سالامەت ۋە تېنچ ئامان قىلسۇن. [ئىمام ئىبنى باز«فەتۋا نۇرۇن ئەلەد دەرب»، 4-جىلد، 264-بەت]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ