رەسۇلۇللاھ غەيىپنى بىلەمدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

رەسۇلۇللاھ غەيىپنى بىلەمدۇ؟

سوئال: «معارج القبول» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى ھەقىقىي مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە مۇسۇلماندارچىلىقى يوقلارنىڭ ئەقىدىسىنى تىلغا ئېلىپ «بىز ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئۆزىمىزگە گۇۋاھچى قىلىمىز» دېگەن. بۇ گەپتە خاتالىق بارمۇ؟

ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 19446-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

جاۋاب: ئاللاھ مۇئەللىپنى مەغفىرەت قىلغاي ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغايكى، ئۇ بۇ گەپتە خاتا كەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ زاتنى گۇۋاھچى قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غەيىبنى بىلمەيدۇ. شۇنداقلا، ۋاپاتىدىن كېيىن ئۈممىتىنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن بولغىنىنىمۇ بىلمەيدۇ. (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقىغا تۆۋەندىكى ھەدىس دەلىل بولىدۇ.) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «(قىيامەت كۈنى) بىر گۇرۇپ ھەمراھلىرىم ھەۋزى كۆلۈمدىن ھەيدىلىدۇ. مەن ‹ئۇلار مېنىڭ ساھابىلىرىم ئىدى› دەيمەن. ماڭا ‹ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن› دېيىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، بۇخارى، مۇسلىم 1796؛ ئەبۇ يەئلا، ئىبنى ئەبۇ ئاسىم، ئەجۇرىي قاتارلىق ئىماملار توپلىغان.) تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. رەسۇلۇللاھقا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ؛ سالىھ ئەلفەۋزان؛ بەكر ئەبۇ زەيد
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ