فىقھۇل مۇيەسسەر: جۈمە نامىزى ۋە ھۆكۈملىرى

فىقھۇل مۇيەسسەر: جۈمە نامىزى ۋە ھۆكۈملىرى

[107] ئۈچىنجى مەسىلە: جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى

جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىغا ئوخشاش. جۈمە نامىزى قۇياش تىكلىنىپ غەربكە قىيسىيشتىن باشلىنىپ، جىسىمنىڭ سايىسى ئۆز باراۋىرىدە ئۇزارغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىنى قۇياش غەربكە قىيسايغاندا ئوقۇيتتى. (بۇخارى 904) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يولىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بولغان. (فەتھۇل بارى، 2-450) بۇنىڭغا ئاساسەن، جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى جۈمە نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن كىشى جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرەلىگەن ھېسابلىنىدۇ. كىشى جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا پېشى نامىزى ئوقۇيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلىگەن كىشى ئۇ نامازغا ئۈلگۈرگەن ھېسابلىنىدۇ.»()[108] تۆتىنجى مەسىلە: جۈمە خۇتبىسى

خۇتبە ـــ جۈمە نامىزىنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىدۇر. خۇتبىسىز ئوقۇلغان جۈمە نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەممە جۈمە نامىز خۇتبە ئوقۇغان، خۇتبە ئوقۇشنى قەتئىي تەرك قىلمىغان. جۈمە خۇتبىسى ئىككىدۇر. جۇمە نامىزىنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئىككى خۇتبىنىڭ جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلۇشى شەرت.

[109] بەشىنجى مەسىلە: جۈمە خۇتبىسىنىڭ سۈننەتلىرى

خۇتبىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىسلاھى ئۈچۈن دۇئا قىلىش، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلاھ بولۇپ، ياخشى ئىشلاردا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشمۇ سۈننەتتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدە دۇئا قىلاتتى، بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، كىشىلەر «ئامىن» دېيىشەتتى.خۇتبە ئوقۇغۇچى خاتىب بىلەن نامازغا ئىمام بولغۇچىنىڭ بىر كىشى بولۇشى، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى ۋە ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «…(ئۇلار) سېنى ئۆرە تۇرۇپ (خۇتبە ئوقۇۋاتقىنىڭدا) تاشلاپ قويدى…»(سۈر جۇمۇئە، 11-ئايەت) دېگەن. جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى، ئاندىن ئولتۇراتتى، ئاندىن يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى. كىم ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتسا، يالغان ئېيتقان بولىدۇ.»(مۇسلىم 862)خۇتبە ئوقۇغۇچى خاتىبنىڭ مۇنبەردە ياكى ئېگىزراق يەردە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇشى سۈننەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇيتتى. مۇنبەر ئېگىزراق يەردۇر. ئېگىزراق يەردە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇش يەنە بىر جەھەتتىن ئاۋازىنىڭ تېخىمۇ بەكراق ئاڭلىنىشىنى، ۋەز-نەسىھەتنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرىدۇ.ئىككى خۇتبە ئارىسىدا بىر ئاز ئولتۇرۇش سۈننەت. چۈنكى، ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى؛ ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىنى بىر ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىيتتى.»(بۇخارى 928؛ مۇسلىم 861)خۇتبىلەرنى قىسقا ئوقۇش، ئىككىنجى خۇتبىنى بىرىنجى خۇتبىدىن قىسقا ئوقۇش سۈننەت. ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«كىشىنىڭ نامازنى ئۇزۇن، خۇتبىنى قىسقا ئوقۇشى دىننى ياخشى بىلىشىنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، نامازلىرىڭلارنى ئۇزۇن ئوقۇڭلار، خۇتبىنى قىسقا ئوقۇڭلار.»(مۇسلىم 869)(مىنبەرگە چىققاندا) خاتىبنىڭ يۈزى جامائەتكە يۈزلەنگەندە سالام بېرىشى سۈننەت. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ مۇنبەرگە چىققاندا سالام بېرەتتى.»مۇئەززىن ئەزاننى تۈگەتكۈچە خاتىبنىڭ مىنبەردە ئولتۇرۇشى سۈننەت. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنبەرگە چىققاندا مۇئەززىن (ئەزاننى) تۈگەتكەنگە قەدەر ئولتۇراتتى. ئەزان تۈگىگەندە ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى.»خاتىبنىڭ ھاسىغا ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىگە تايىنىشى سۈننەت. شۇنداقلا، خاتىبنىڭ جامائەتكە قارىشىمۇ سۈننەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق قىلاتتى.

[110] ئالتىنجى مەسىلە: جۈمە كۈنى قىلىش ھارام ھېسابلىنىدىغان ئىشلار

ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا گەپ قىلىش ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە بېرىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ.»(ئەھمەد 1-230؛ ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇلمەرام› دا ‹(بۇ ھەدىسنىڭ) سەنەدىدە مەسىلە يوق› دېگەن)پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا ھەمراھىڭغا ‹جىم تۇر› دېسەڭمۇ، ئورۇنسىز سۆز قىلغان بولىسەن.»(بۇخارى 394؛ مۇسلىم 851) يەنى، سەن قوبۇل قىلىنمايدىغان، رەت قىلىنىدىغان باتىل گەپ قىلغان بولىسەن.ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىشىلەرنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرەيلەننىڭ جامائەتنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «ئولتۇر، ئەزىيەت بېرىۋاتىسەن» دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد 1118؛ نەسائى 3-103؛ ھاكىم 1-288؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن. زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. ئەلبانى ‹سەھىھۇل ئىبنى ماجە› 916-دە ‹سەھىھ› دېگەن) چۈنكى، بۇنداق قىلىش جامائەتكە ئەزىيەت بېرىدۇ، بۇنداق قىلىش جامائەتنىڭ خۇتبە تىڭشىشىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ. ئىمامغا ـــ خۇتبىگە چىقىش ئۈچۈن جامائەتنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتمىگۈچە خۇتبىگە چىقىش ئىمكانىيىتى بولمايدىغان بولسا ـــ جامائەتنى ئاتلاپ ئۆتۈش دۇرۇس.ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش مەكرۇھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جۈمە كۈنى غۇسل قىلسا … ئاندىن بېرىپ ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەستىن ئۆزى ئۈچۈن تەقدىر قىلىنغىنى بويىچە ناماز ئوقۇسا … بۇ جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان (كىچىك) گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.»-بۇخارى 910
[111] يەتتىنجى مەسىلە: جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرۈشجۈمە نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرۈش بىلەن جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرۈش ھاسىل بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە نامىزىدىن بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن كىشى نامازغا ئۈلگۈرگەن ھېسابلىنىدۇ.»(ئىبنى ماجە 1121؛ ئەلبانى: سەھىھۇ سۇنەن ئىبنى ماجە 927-دە ‹سەھىھ› دېگەن) ئەگەر نامازخان بىر رەكئەتتىن ئېزىغا ئۈلگۈرگەن بولسا، پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ