ئىسلامدا مۇرتەدكە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى mujtehid.com
«مۇرتەدلىك»(الردة) نىڭ لۇغەت مەنىسى: بىر نەرسىدىن چېكىنىش (بىر نەرسىدىن يېنىش) دېگەنلىكتۇر. ئىسلامدىن يېنىشمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.
مۇرتەدلىكنىڭ شەرئىي مەنىسى: مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۆزى خالا تۇرۇپ مەيلى سۆز ياكى، ياكى ئېتىقاد بىلەن، ياكى شۈبھە بىلەن، ياكى بىر ئەمەل بىلەن (ئىسلامدىن يېنىپ) كاپىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
(1) بىر كىشى مەجبۇرلىنىش سەۋەبلىك مۇرتەدلىككە ئاپىرىدىغان بىر سۆزنى قىلغان بولسا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شۇ ئايىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا مۇرتەدلىك ھۆكۈمى بېرىلمەيدۇ:«قەلبى ئىمان بىلەن ساغلام بولغان ھالدا زورلانغان كىشى بۇنىڭدىن (مۇرتەدلىكتىن) مۇستەسنا.»(نەھل سۈرىسى، 106-ئايەت)
(2) مۇرتەدنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تەۋبە قىلسا مەسىلە يوق تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقىغا ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىگە ئائىت بولىدۇ.
(3) مۇرتەدنىڭ ئۆز مال-مۈلكىگە ھوقۇقدار بولۇشى چەكلىنىدۇ. ئەگەر ئىسلامغا قايتسا مال-مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما، مۇرتەد ھالدا ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە ـــ مۇرتەدكە ھېچكىم مىراسخور بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ـــ مېلى مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇل مالىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمان كاپىرغا مىراسخور بولالمايدۇ. ھەر قانداق بىر كاپىر مۇسۇلمانغا مىراسخور بولالمايدۇ. چۈنكى، كاپىر مۇرتەدلىك ھالىتىدە قويۇلمايدۇ.
(4) مۇرتەدنىڭ ئۆلۈكى يۇيۇلمايدۇ، جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ، مۇرتەدلىكى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا كۆمۈلمەيدۇ.
(5) مۇرتەدنىڭ تەۋبىسى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ:«مەن ئىنسانلار ‹لائىلاھە ئىللەللاھ› دېگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇلار بۇنى دېسە ـــ ئۆلتۈرۈلۈشنى ھەق قىلغانلىرىدىن باشقىلىرى ـــ مەندىن قېنىنى ۋە مېلىنى قوغداپ قالىدۇ.» (بۇخارى 25؛ مۇسلىم 21)
دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىنكار قىلىش سەۋەبلىك مۇرتەد بولغۇچىنىڭ تەۋبىسى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزى رەت قىلغان ئىشنى ئىقرار قىلىشى ۋە ئۇ ئىشنى ئىنكار قىلىشتىن يېنىش بىلەن بولىدۇ.
بىر گۇرۇپپا ھەرەم ئالىملىرى يازغان «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق ئەسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى mujtehid.com
مۇرتەدلىك توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
مۇرتەدنىڭ دۇنيادىكى ھۆكمى ـــ ئۆلتۈرۈلۈشتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم دىنىنى (ئىسلامدىن باشقىغا) ئۆزگەرتسە ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار.»(بۇخارى 6524) بىراق، مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، ئىسلامغا دەئۋەت قىلىنىشى، ئۇنىڭ (ئىسلامغا قايتىشى ئۈچۈن) زورلۇق كۈچ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىنىشى كېرەك. ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مۇرتەد بولغان يەھۇدىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستۇر. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(بۇ يەھۇدىي ھەققىدە) ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «(بۇ مۇرتەد) ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ئۇلىغىمدىن چۈشمەيمەن» دېگەن ۋە ئۇ مۇرتەد ئۆلتۈرۈلگەن.»(ئەبۇ داۋۇد 4355؛ ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارى 12-278 تە ئىشەنچىلىك دېگەن) شۇنداقلا، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى، بىراق تەۋبە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىم-مۇۋەتتائ 2-737؛ 16-نومۇر)