ئىمام نەۋەۋى: تاھارەت ئالغاندا يۇيۇلىدىغان ھەر بىر ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت

تاھارەت ئالغاندا قايسى ئەزانى يۇيسا شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىدئەت

ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: وقال ابن القيم في «المنار المنيف» (45) :» وأما الحديث الموضوع في الذكر على كل عضو فباطل ”«تاھارەتتە ھەر ئەزانى يۇغاندا شۇ ئەزا ئۈچۈن زىكىر-دۇئا بايان قىلىنغان ھەدىس باتىلدۇر.» (مەنارۇل مۇنىف 45)
ئىمام نەۋەۋى تاھارەت ئېلىپ ئەزالارنى يۇغاندا دۇئا ئوقۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: وقال النووي عن دعاء الأعضاء في الوضوء : دعاء الأعضاء لا أصل له“ الفتوحات الربانية» (2/27-29) «ئەزالارنى يۇغاندا دۇئا قىلىشنىڭ (دىندا) ئەسلى يوقتۇر.»
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلامدا) ئۇنىڭدا يوقنەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلىنغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»[ صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم الأقضية (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد.}]پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا يوق ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»[ صحيح مسلم الأقضية (1718) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من عمل عملاً ليس عليه أمرنا فهو رد.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىبىدئەتتۇر( مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45)
بۇ ۋەجىدىن، تاھارەت ئالغاندا، ھەر بىر ئەزانى يۇيۇپ شۇ ئەزا ئۈچۈن دۇئا قىلىش – مەسىلەن، پۇتىنى يۇغاندا «ئى ئاللاھ پۇتلىرىمنى سىرات كۆۋرىكىدە مۇستەھكەم قىلغىن» دېگەندەك – ئاللاھ بۇيرۇمىغان، رەسۇلۇللاھ قىلمىغان، كېيىنكى چاغلاردا بەزى كىشىلەر ياخشى ھېساپلاپ دىنغا قوشۇۋالغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتتۇر.
– مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ