ساھابە-تابىئىنلار مۇنداق زاتلار ئىدى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

بىسمىللارھىررەھمانىررەھىم

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مېنى سىلەرگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتى؛ سىلەر مېنى يالغانچى دېدىڭلار، ئەبۇ بەكرى بولسا مېنى تەسدىقلىدى. ماڭا جېنى ۋە مېلى بىلەن ياردەمدە بولدى…»(1)

ئىلىم ئىگىلىرى مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا ئىسلام ئەزىز بولدى. ئوچۇق-ئاشكارا ھىجرەت قىلدى…(2)

ئىمام ئەۋزائى مۇنداق دەيدۇ: ھەزىرتى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچە قاراڭغۇلىقىدا سىرتقا چىقتى، بۇنى تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆردى. ھەزىرتى ئۇمەر بېرىپ بىر ئۆيگە كىردى. ئاندىن باشقا بىر ئۆيگە كىردى. تاڭ ئاتقاندا تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئۆيگە بېرىپ، ئۆيدە قارىغۇ ۋە پالەچ بىر موماينى كۆردى. تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مومايغا:«بۇ ئادەم (يەنى ھەزىرتى ئۇمەر) يېنىڭغا نېمىشقا كېلىدۇ؟» دېدى. موماي:«ئۇ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى. لازىمەتلىكلىرىمنى تەييارلاپ ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆيۈمنى سۈپۈرىدۇ، دېدى. تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئۆزىگە:«ئەي تەلھە! ئاناڭ ساڭا يىغلىسۇن، ئۇمەردىن قۇسۇر ئىزدىگەنمىدىڭ؟» دېدى.(3)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئىسا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۈزىدە (ئاللاھتىن قورقۇپ كۆپ) يىغلاش سەۋەبلىك ئىككى قارا سىزىق بار ئىدى.(4)

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىنىڭ يېرىملاشقاندا (تەھەججۇت) نامىزى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى.(5)

زۇبەير ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ رۇھەيمە ئىسىملىك مومىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىلبويى روزا تۇتاتتى. كېچىڭ ئەۋۋىلىدە ئازغىنا ئۇخلىۋېلىپ، ئاندىن تۇرۇپ تاڭ ئاتقۇچە ئىبادەت قىلاتتى.(6)

ئىبىن سىرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندە، ئۇ زاتنىڭ ئايالى مۇنداق دېدى: ئونۇ ئۆلتۈرۈدۈڭلار، ھالبۇكى ئۇ پۈتۈن كېچىنى قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.(7)

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەزىرتى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىدا بولمىغان چاغلاردا قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىناتتى.(8)

قەيس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆردۈم. ئوھۇد ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قوغدىغان قولى چولاق بولۇپ قالغان ئىدى. mujtehid.com (بۇخارى 4063)

ئۇمەير ئىبنى ئىسھاق ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  أنَّ حَمْزَةَ كانَ يُقاتِلُ بَيْنَ يَدَيِ النَّبِيِّ ﷺ، بِسَيْفَيْنِ ويَقُولُ: «أنا أسَدُ اللَّهِ، وأسَدُ رَسُولِ اللَّهِ ﷺ» ھەمزە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەڭدە)  ئىككى قولىغا ئىككى قىلىچ ئالغان، «مەن ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ شىرىمەن» دېگەن ھالەتتە  ھالەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىۋاتاتتى. hedisim.com (ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبەدە، 32872؛ تەبرانى؛ ئىمام ھاكىم مۇستەدرەكتە (3\192) ھاكىم بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن دېدى، زەھەبى بۇنىڭغا قوشۇلدى)

ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ۋەكىي ئىسمائىلدىن، ئىسمائىل قەيستىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: (رَأيْتُ يَدَ طَلْحَةَ بْنِ عُبَيْدِ اللَّهِ شَلّاءَ، وقى بِها النَّبِيَّ ﷺ يَوْمَ أُحُدٍ) مەن تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چولاق ھالەتتە كۆردۈم. تەلھە ئۇھۇد كۈنى شۇ قولى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قوغدىغان ئىدى. (نەتىجىدە قولى چولاق بولۇپ قالغان ئىدى.) hedisim.com (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئىمام ئىبنى شەيبەدىن نەقىل قىلغان: سەھىھ بۇخارى 4063؛ ئىبنى ھىببان 6981؛ ئىبنى ماجە 128؛ ئەھمەد 1\161؛ ئىبنى ئەبى شەيبە 32819)

ھەسەن بەسىرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر پارچە زېمىنىنى يەتتە يۈز مىڭ دىرھەمگە ساتتى. شۇ كېچە زېمىن ساتقان پۇل يېنىدا قالدى. يېنىدىكى پۇلنىڭ خەيرلىك يولغا ئىشلىتىلمىگەنلىك قورقۇنچىسى بىلەن ئۇ كېچە ئۇخلىيالمىدى. تاڭ ئاتقاندا، ئۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى (ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە) تارقىتىۋەتتى. mujtehid.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى)

ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى زەيد دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلدى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئىچىدە سۇ بار بىر ئىدىشى بار ئىدى. كېچىسى ئاللاھ تەقدىر قىلغان مىقداردا ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاتتى. قۇشتەق يېنىك ئۇخلىۋېتىپ، ئاندىن قوپۇپ (ھېلىقى ئىدىشتىن سۇ ئېلىپ) تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيتتى. ئاندىن قايتا تۆشىكىدە ياتاتتى. قۇشتەك يېنىك ئۇخلاپ ئويغىناتتى، ئاندىن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيتتى. ئۇ بۇنى بىر كېچىدە تۆت بەش قېتىم تەكرارلايتتى. mujtehid.com (ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارە: زۇھد 975)

تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى سەئدە بىنتى ئەۋف مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تەلھە ھەر كۈنى يۈز مىڭ دىرھەم سەدىقە بەردى. كېيىن كىيىمى يىرتىق بولغىنى (ئۇ كىيىمىدە ئەۋرىتىنى ياپالمىغانلىقى ۋە يېنىدا كىيىم سېتىۋالغۇدەكمۇ پۇل قالمىغانلىقى) ئۈچۈن مەسجىدكە بارالمىدى.(9)

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسى زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ: ئوھۇد غازىتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا «ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن» دېدى.(10)

ئەمر ئىبنى مۇسئەب ئىبنى زۇبەر مۇنداق دەيدۇ: زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئون ئىككى يېشىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە غازاتقا قاتنىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلدى.(11)

نەۋفەل ئىبنى ئىياس ئەل ھۇزەلى مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بىزنىڭ بۇرادىرىمىز ئىدى. ئۇ ئاجايىپ ئېسىل بۇرادىرىمىز ئىدى. بىر كۈنى بىزنى ئۆيىگە ئېلىپ باردى، ئىچىگە كىرىپ غۇسۇل قىلدى. ئاندىن چىقىپ بىز بىلەن ئولتۇردى. بىزگە بىر تاۋاق كەلتۈردى. تاۋاقتا گۆش بىلەن نان بار ئىدى. تاۋاق داستىخانغا قويۇلغاندا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا «ئى مۇھەممەدنىڭ دادىسى، نېمىشقا يىغلايسەن؟» دېيىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسى ئارپا نېنىغا تويماستىن دۇنيادىن كەتتى. بىزنىڭ مۇكاپاتىمىز دۇنيادا بېرىلىپ بولغان (ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان مۇكاپاتىمىز قالمىغان) بولۇشىدىن قورقۇپ يىغلايمەن.(12)

سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئوھۇد غازىتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقدىنىنى چىقاردى ۋە «ئات سەئىد! ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن» دېدى.(13)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چىقىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بۇ مېنىڭ تاغامدۇر. كىمنىڭ بۇنداق تاغىسى بولسا كۆرسەتسۇن!» دېدى.(تىرمىزى3752)

ئەبۇ قىلابە رەزىيەلاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەمەنلىكلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كەلگەندە، ئۇلارغا سۈننەت ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىدىغان بىرەيلەننى ئەۋەتىشنى خالىدى. ئاندىن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «بۇ ئۈممىتىمنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسىدۇر» دېدى.(مۇسلىم)

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىرەر جايدا بىرەر ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك، ھۆرنىڭ ياكى قۇل، ئەرەب ياكى ئەجەمدىن بىرنى كۆرەي، ئۇنىڭ تەقۋالىقتا مەندىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلسەم، مۇتلەق ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى ئارزۇلىدىم.(14)

ئابدۇللاھ ئىبنى مىرداس مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتاتتى. بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىپلا جىم بولاتتى. بىز بولساق جىقراق سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق.(15)

رائىف ئىبنى مۇسەييەبتىن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: ۋۇجۇدىدا قۇرئاننى كۆتۈرگەرگەن ھافىز (قارىي) كېچىسى ئارقىلىق بىلىنگەي. ئىنسانلار ئۇخلاۋاتقاندا ۇ ئويغاق تۇرغاي؛ كۈندۈزدە ئىنسانلار روزا تۇتمىغاندا، ئۇ روزا تۇتقاي؛ ئىنسانلار خۇشال يۈرگەندە، ئۇ ھەسىرەت بىلەن يۈرگەي؛ ئىنسانلار كۈلۈپ يۈرگەندە ئۇ يىغلاپ يۈرگەي؛ ئىنسانلار غەۋغا چىقارغاندا ئۇ جىم بولغاي؛ ئىنسانلار كىبىر كۆرسەتكەندە ئۇ تەۋەززۇئ كۆرسەتكەي. قۇرئان ھافىزى مۇنداق بولغاي: يىغلىغاي، ھەسىرەتلەنگەي، خۇش پېئىل، ھېكىمەت ساھىبى ۋە كەمسۆز بولغاي. قۇرئان ھافىزىنىڭ ئەخمەق، غاپىل، جېدەلخور، غەۋغاچچى ۋە قوپال بولۇشى لايىق ئەمەس.(ئىمام ئەھمەد)

ئەممار ئەززۇھنى مۇنداق دەيدۇ: سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مائاشى تۆت مىڭ دىرھەم ۋە بىر خۇرجۇن رەخت ئىدى. ئۇ بۇلارنى سەدىقى قىلىۋېتىپ، زەمبىل توقۇپ دۇنيالىقىنى قامدايتتى. (16)

ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سايە نەدە بولسا، ئۇمۇ شۇ يەردە بولاتتى. ئۆيى يوق ئىدى. بىرەيلەن ئۇنىڭغا «ساڭا بىر ئۆي سالايلى، ئىسسىقتا سالقىنداپ، سوغۇقتىن دالدىنىسەن» دېدى. سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ماقۇل» دېدى. ئۇ كىشى ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن قايتماقچى بولدى. ھەزىرتى سالمان «قانداق ئۆي سالماقچى بولدۇڭ» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: شۇنداق بىر ئۆي سالايكى، ئۆرە تۇرساڭ بېشىڭ تورۇسىغا تېگىپ تۇرغاي، دېدى. سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بولىدۇ» دېدى.(17)

تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۇمەردىىمۇ تەقۋا كىشىنى كۆرمىدىم، ئىبنى ئابباستىنمۇ ئالىمراق كىشىنى كۆرمىدىم. (18)

ئەبۇ بەكرى ئىبنى ھافس مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داستىخنىغا يېتىملەر داخىل بولمىغۇچە تاماق يېمەيتتى. (19)

تۆۋەندىكىسى تابىئىنلارغا ئالاقىدار بەزى پەزىلەتلەر بولۇپ، تابىئىنلارغا ئائىت تەييارلىمىلىرىمنىڭ ئارىسىدا بۇ ھەقتە كەڭرى مەلۇماتلارنى سۇنىمەن، ئىنشائاللاھ.

ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: (مەدىنىلىك تابىئىن ئىماملاردىن) سەئىد ئىبنى مۇسەييەبكە بىر ئادەم كېلىپ، ئۇ زاتتىن ھەدىس سورىدى. ئۇ زات كېسەل بولغاچقا، يېتىقتا ئىدى. سورالغان ھەدىسكە ياتقان يېرىدىن ئولتۇرۇپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى «سېنى ئېغىرچىلىققا سېلىپ قويۇشنى خالىمايتتىم» دېدى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ «ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىنى يېتىپ تۇرۇپ سۆزلەشنى خالىمىدىم» دېدى. (20)

يەزىد ئىبنى ھىزام مۇنداق دەيدۇ: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئۈزۈلدۈرمەستىن روزا تۇتاتتى.(21)

سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىم ئاللاھ بىلەن باي بولسا، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭغا موھتاج بولىدۇ. (22)

ئەبۇ زەنناد مۇنداق دەيدۇ: (ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ نەۋرىسى) قاسىم ئىبنى مۇھەممەدتەك سۈننەتنى بەك ياخشى بىلىدىغان بىرىنى كۆرمىدىم. كىشى سۈننەتنى بىلمىگۈچە ئادەم سانالمايتتى. (23)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: (ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى) ئەلى ئىبنى ھۈسەين نامازغا تۇرغاندا ئۇنى بىر تىتىرەك باساتتى. ئۇ زاتقا «نېمىشقا تىتىرەيسەن؟» دېيىلسە «كىمنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرماقچى ئىكەنلىكىمنى ۋە كىمگە يالۋۇرماقچى ئىكەنلىكىمنى بىلەمسەن؟» دەيتتى.(24)

ناماز: ئەبۇ جەئفەر مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەھىمەھۇللاھ ھەر كۈن كېچىسى ۋە كۈندىزى مىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.(25)

(مەدىنىلىك تابىئىنلاردىن) زىياد ئىبنى ئەبۇ زىياد رەھىمەھۇللاھ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن ھەدىس رىۋايەت قىلاتتى. ئىمام مالىك ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: زىياد ئابىد كىشى ئىدى. ئاللاھنى بەك كۆپ زىكىر قىلاتتى. تولىمۇ ئاددىي كىيىنەتتى ۋە گۆش يېمەيتتى.(26)

2016-يىلى، 5-ئاي، ئىستانبۇل

نەقىل مەنبەلىرى:

(1)بۇخارى 3361

(2)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ 121-بەت؛

(3)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ 123-،124-بەت؛

(4)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ 125-بەت؛

(5)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ 121-بەت؛

(6)، (7) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇسمان بابى؛ 121-بەت؛

(8) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئەلى بابى؛ 138-بەت؛

(9) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى تەلھە بابى؛ 150-بەت؛

(10) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى زۇبەير بابى؛ 152-بەت؛

(11) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى زۇبەير بابى؛ 153-بەت؛

(12) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بابى؛ 156-بەت؛

(13) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس بابى؛ 158-بەت؛

(14) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئەبۇ قەتادە بابى؛ 163-بەت؛

(15) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئىبنى مەسئۇد بابى؛ 182-بەت؛

(16)، (17) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى سەلمان فارىسى بابى؛ 243-بەت؛

(18) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر بابى؛ 256-بەت؛

(19) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر بابى؛ 259-بەت؛

(20)، (21) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب بابى؛ 405-بەت؛

(22) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب بابى؛ 406-بەت؛

(23) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكر سىددىق بابى؛ 411-بەت؛

(24) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى تالىب بابى؛ 413-بەت؛

(25) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى تالىب بابى؛ 417-بەت؛

(26) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، زىياد ئىبنى ئەبۇ زىياد بابى؛ 420-بەت.

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ