قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر

ئايەت، سەھىھ ھەدىس ۋە تەپسىرلەردىن يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىللەر

 مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

mujtehid.com

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

بۇ ماقالە تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان:

يۈز يېپىشقا بۇيرۇغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ شەرھى

(قوشۇمچە بايان: ئاياللارنىڭ قارا رەڭدە ئورىنىشىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى)

ھىجرەتنىڭ دەسلەپ يىللىرىدا — ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى — ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپمايدىغانلىقى، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا قارايدىغانلىقىغا دەلىل

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسدىكى ھەدىس بەك زەئىپ

ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى ئېچىشى ھارام

ياشانغان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى پەرز ئەمەس

تۆۋەندە، يۇقىرىقى ماۋزۇلار تەرتىپى بويىچە يۈز يېپىشنىڭ دىندىكى ئورنى، ئۇنىڭ دەلىللىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلىمىز:

يۈز يېپىشقا بۇيرۇغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ شەرھى

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ كىيىنىش، ئورىنىش شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆت يەردە بايان قىلىنغان بولۇپ. بىز ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ مۇشۇ تۆت يەردىكى بۇيرۇقىنى نەقىل قىلىمىز، ئاندىن بۇ ئايەتلەر ھەققىدە توختىلىمىز، ئىنشائاللاھ.

بىرىنچى ئايەت: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:{وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!) مۆمىنە قىز-ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ھارامدىن ۋە نامەھرەملەردىن كۆزلىرىنى تارتسۇن؛ ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىسۇن. ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقىسىنى (نامەھرەملەر بار جايلاردا) ئاچمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن ئورانسۇن…} (سۈرە نۇر، 31-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

ئىككىنچى ئايەت: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىملىكتۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)

ئۈچىنچى ئايەت: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ}تەرجىمىسى: {ئەگەر سىلەر ئۇ ئاياللاردىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، ھىجاب ئارقىسىدىن سوراڭلار.} [سۈرە ئەھزاب 53-ئايەت].

تۆتىنچى ئايەت: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّـهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}{ھەيزدىن ۋە بالا تۇغۇشتىن قېلىپ) ياتلىق بولۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا پۈركەنجە كىيمەستىن يۈرسە، بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر. بىراق، پۈركەنجىلىرىگە تولۇق ئورىنىپ، ئىپەتلىكلىك يولىنى تۇتۇش ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ﷲ ئەسسەمىئدۇر — ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەلئەلىيمدۇر — ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.} (سۈرە نۇر، 60-ئايەت)

يۇقىرىقى تۆت ئايەت ئاياللارنى كىيىنىشكە، ئورنىشقا بۇيرۇغان. ئەمما، ئايەتتە نەرىنى ئوراش، نەرىنى يېپىش دېگەن مەسىلىلەر كونكېرت بايان قىلىنمىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ۋە قۇرئاننىڭ شەرھلىگۈچىسىدۇر. ھەر قانداق ئايەتنى ئەڭ ئاۋۋال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ، ساھابىلەرنىڭ تەپسىرلەپ بېرىشى ئارقىلىق چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۇ ئايەتتتىكى مەقسەتنى تولۇق چۈشەنگىلى بولىدۇ. قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ، ئاللاھ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقان ھەر قانداق شەخس ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئۆز كۆز قارىشىنى تېڭىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ ئېغىر گۇناھى كەبىرىدۇر. مەسىلە يۈز يېپىش ئۈستىدە بولغان ئىكەن، بىز ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتلىرىدىكى ھۆكۈمنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر قانداق ئىجرا قىلدى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە، ساھابىلەرنىڭ پېئىلىدا ئاياللارنىڭ كىيىنىشى، يۈز يېپىشى توغرىسىدا قانداق ھۆكۈملەر كەلدى، بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:{وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ} {(ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم!) مۆمىنە قىز-ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ھارامدىن ۋە نامەھرەملەردىن كۆزلىرىنى تارتسۇن؛ ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىسۇن. ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقىسىنى (نامەھرەملەر بار جايلاردا) ئاچمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن ئورانسۇن…} (سۈرە نۇر، 31-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

تۆۋەندىكى ئىككى سەھىھ ھەدىس يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئۈستى بېشىنى ئوراش ھۆكمىنى ناھايىتى ئېنىق رەۋىشتە تەپسىرلەپ بەرگەن:

[1] مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ دەسلەپكى مۇھاجىر ئايال ساھابىلەرگە رەھمەت قىلسۇن.{‏وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ‏} {لېچەكلىرى بىلەن ئورانسۇن}(24:31) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئۇلار (ئۆيدىكى) كىيىمىنى يىرتىپ،  شۇنىڭ بىلەن(فاختمرن بھا) بېشى ۋە يۈزىنى تولۇق ئورىدى.» (بۇخارى 4758؛ ئەبۇ داۋۇد 4102؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ عَائِشَةَ، – رضى الله عنها – أَنَّهَا قَالَتْ يَرْحَمُ اللَّهُ نِسَاءَ الْمُهَاجِرَاتِ الأُوَلَ لَمَّا أَنْزَلَ اللَّهُ ‏{‏ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ ‏}‏ شَقَقْنَ أَكْنَفَ – قَالَ ابْنُ صَالِحٍ أَكْثَفَ – مُرُوطِهِنَّ فَاخْتَمَرْنَ بِهَا ‏.‏

[2] ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ:{‏وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ ‏}«{لېچەكلىرى بىلەن ئورانسۇن}(24:31) ئايىتى نازىل بولغاندا، ئاياللار (ئۆيدىكى) كىيىملىرىنىڭ پۇچقاقلىرىدىن يىرتتى ۋە (فاختمرن بھا) ئۇنىڭ بىلەن بېشى ۋە يۈزىنى تولۇق ئورىدى.»(بۇخارى 4759) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: وَقَالَ أَحْمَدُ بْنُ شَبِيبٍ حَدَّثَنَا أَبِي، عَنْ يُونُسَ، قَالَ ابْنُ شِهَابٍ عَنْ عُرْوَةَ، عَنْ عَائِشَةَ ـ رضى الله عنها ـ قَالَتْ يَرْحَمُ اللَّهُ نِسَاءَ الْمُهَاجِرَاتِ الأُوَلَ، لَمَّا أَنْزَلَ اللَّهُ ‏{‏وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ‏}‏ شَقَّقْنَ مُرُوطَهُنَّ فَاخْتَمَرْنَ بِها‏.‏

مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439) دا ھىجاب ئايىتىنى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن: «اخْتَمَرْنَ» نىڭ مەنىسى ـــ ‹ئاياللار يۈزىنى ياپتى› دېگەنلىكتۇر.

بەزىلەر يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى (اخْتَمَرْنَ) كەلىمىسىنىڭ يۈزىنى يېپىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاساسسىز گەپ دەۋالغان. ھالبۇكى، بۇ مۇھەددىس ئىبنى ھەجەرنىڭلا سۆزى بولماستىن، تۆۋەندە بىز زىكىر قىلىدىغان بۇخارىنىڭ ھەدىسىدە ئائىشە ئانىمىزمۇ  (فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي) «جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم» دەپ بايان قىلغان بولۇپ، ئائىشە ئانىمىز بۇ يەردە يۈز يېپىش ئۈچۈن ئېيتقان (فَخَمَّرْتُ) «ياپتىم» كەلىمىسى بىلەن، يۇقىرىقى ھەدىستىكى «اخْتَمَرْنَ» كەلىمىسى يىتلىزداش بولۇپ، ئەرەپچىدە «خَمَّر الشيءَ» دېيىلسە «بىر نەرسىنى يۆگىدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە ئانىمىزنىڭ (فَخَمَّرْتُ وَجْهِي) دېگەن سۆزى، يۈزدە يۈز ھالدا «يۈزۈمنى ياپتىم، يۈزۈمنى يۆگىدىم» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە ئانىمىزنىڭ (فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي) دېگىنى «جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى ياپتىم» دېگەن مەنادا بولۇپ، بۇ جۈملىنى بۇنىڭدىن باشقا مەنادە چۈشىنىش مۇمكىنسىز. يۈز يېپىشنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بۇ ھەدىستىكى مۇشۇ جۈملىگە «جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى ياپتىم» باشقا مەنا بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئىلىم ئەدەپسىزلىرى بۇ ھەدىسلەرنى يۈز يېپىش دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئاساسسىز، بىلىمسىزلىك، جاھىللىق دەپ داۋا قىلىش بىلەن مۆمىنلەر ئانىسى،  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى، ئۈممەتنىڭ ئەڭ بىلىملىك ۋە تاقۋادار ساھابە ئالىمىنى جاھىلغا چىقارماقتا.  ھېچبىر مۆتىۋەر ئەھلى ئىلىم  ھىجاب ئايىتىنى تەپسىرلىگەن ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھەدىسىدىكى (فاختمرن بھا) كەلىمىسىنىڭ «ئۇنىڭ بىلەن يۈز-كۆزىنى ئورىدى» جۈملىسىگە بۇنداق ئەدەپسىزلەرچە ۋە نادانلارچە رەددىيە قايتۇرغان ئەمەس.

بۇ ۋەجىدىن، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نومۇرلۇق ھەدىسنى «…باش-كۆزىنى ئورىدى» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىز توغرا. بۇ ھەدىسلەرنى «بېشىغا ياغلىق ئورۇۋالدى، بېشىغا لىچەك سېلىۋالدى…» دېگەن مەناغا ئاپىرىپ تەرجىمە قىلىش، ھەدىستىكى ئەسلى مەقسەدنى ۋە ئايال ساھابىلەرنىڭ ئايەتتىكى بۇيرۇقنى ئورۇنداش شەكلىنى ئۆز خاھىشىغا ماسلاشتۇرۇپ بۇرمىلىغانلىق بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى كەسىر سۈرە نۇرنىڭ 31-ئايىتىنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۆمىنلەرنى نامەھرەملەرگە قارىماي، بەلكى ئاللاھ تائالا قاراشنى ھالال قىلىپ بەرگەن ئاياللىرىغا قاراشنى بۇيرۇدى. ئەگەر كۆز نامەھرەمگە مەقسەدسىز تاشلىنىپ قالغان بولسا، كۆزنى دەرھال ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىش لازىم. بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىم جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تۇيۇقسىز قاراپ قېلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا كۆزۈمنى دەرھال ئېلىپ قېچىشقا بۇيرۇدى.

{تاشقى زىننەتلىرىنى ياپسۇن} يەنى يۆگەش مۇمكىن بولمايدىغان ئەزالىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاشقى زىننەت كۆينەك قاتارلىق كىيىملىرىدۇر، دېدى. (تەپسىر ئىبنى كەسىر،4-302)

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىملىكتۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت)

يۇقىرىقى ھايەت «ھىجاب ئايىتى» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر ئايەت بولۇپ، ئايەتتە «جلابيب» كەلىمىسى تىلغان ئېلىنغان بولۇپ، بۇ «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. (تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى)

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئاياللار نامەھرەم ئەرلەردىن يۈزىنى ۋە قولىنى ياپمايتتى.  ھىجاپ ئايىتى (ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى) نازىل بولغاندىن كېيىن، يات ئەرلەردىن يۈز ۋە قولنى ياپماسلىق چەكلىنىدىغان بولدى. ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشى بىلەن (ھۆر) مۆمىنە ئاياللارنىڭ (نامەھرەم بولغانلىكى) ھەر قانداق مۇھىتتا يۈزىنى، قولىنى (ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى) يېپىشى پەرز قىلىندى. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5\46)

تابىئىننىڭ يەتتە مەشھۇر فەقىھ ئالىمىدىن بىرى بولغان ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇراھمان (ۋاپاتى: ھ. 94) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ بارچە ئەزاسى (نامەھرەم ئەرلەرگە نىسبەتەن) ئەۋرەتتۇر. ھەتتا، تىرنىقىمۇ شۇنداق.» mujtehid.com (ابن عبد البر:  التمهيد 4\327؛

ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە سۈرە ئەھزابنىڭ، 59-ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە  {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان جىلبابقا ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېگەن: (وهي الملاءة التي تشتمل بها المرأة، أي يرخين بعضها على الوجوه إذا خرجن لحاجتهن إلا عينا واحدة)  جىلباب — ئايال كىشىنى پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرىدىغان ئورىغۇچى كىيىمدۇر. يەنى، ئاياللار ھاجىتى سەۋەبلىك سىرتقا چىققاندا ئۇ ئورانچىسىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن بىر كۆزىنى ئوچۇق قويغان ھالدا يۈزىنى ئورايدۇ. (تفسير الجلالين 560)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق دېگەن: جىلباب — ئاياللار بېشىدىن باشلاپ، كىيىمىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان، ئاياللارنىڭ بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. خىمار بولسا، پەقەت باشنىلا يېپىپ تۇرىدىغان (لېچەك تۈرىدىكى) كىيىمدۇر.  يۇقىرىقى ئايەتتە بۇيرۇلغىنىدەك، ئاياللار كىيىمىنىڭ ئۈستىگە جىلباب كىيىپ، ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ياپىدۇ. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 5-جىلد، 46-بەت)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھاجىتى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىققاندا جىلباپلىرى بىلەن بېشىنىڭ ئۈستى بىلەن قوشۇپ يۈزلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇدى، ئايال كىشى بۇ شەكىلدە يۈزىنى يېپىپ (يولنى كۆرەلىشى ئۈچۈن) بىر كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤)

چوڭ تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئورانسۇن} ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: يەنى ئاياللار جىلبابلىرى بىلەن پۈركەنسۇن. جىلباب — لېچەكنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدىغان چۈمبەلدۇر. مۇسۇلمان ئايالنىڭ لېچەكلىرىنى ئۈستىگە چۈمبەل ئارتىپ ئۈستى بېشىنى، يۈز-كۆزىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى (بىلنەشمەيدىغان شەكىلدە) يېپىپ ئۆرتۈنمەي تۇرۇپ يات ئەرگە كۆرۈنۈشى ھالال ئەمەس. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥)

تابىئىنلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەپسىرشۇناس ئالىمى سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەدىنىنىڭ پاسىقلىرى (بۇلار مۇناپىقلاردۇر) قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئاياللارنى كۆزلەپ مەدىنىنىڭ كوچىلىرىغا چىقاتتى. مەدىنىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى تار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللىرى كەچ بولغاندا (جاڭگاللارغا بېرىپ) ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا ئۆيىدىن كوچىغا چىقاتتى. پاسىقلارنىڭ كۈتكۈنى دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر پاسىقلار كوچىغا چىققان ئايالنىڭ جىلباب بىلەن چۈمكەلگەن ئاياللىقىنى بايقىسا «بۇ ھۆر ئايالكەن» دېيىشىپ، بۇنداق ئايالدىن قولىنى تارتاتتى. ئەگەر جىلباب كىيمەستىن چىققان ئايالنى كۆرسە «بۇ دېدەك ئىكەن» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاتتى. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٥) يەنە باشقا بايانلاردا، دېدەك ئاياللارغا چاقچاق قىلىپ، ھاجىتىنى قاندۇرۇپ قويسا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى، دېيىلگەن.

(مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، ئىشەنچىلىك ھەدىس راۋىيسى، سەلەپ مۇھەددىسلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن) يۇنۇس ئىبنى يەزىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىز زۇھرىيدىن توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان دېدەك ئايال لېچەك كىيەمدۇ؟ دەپ سورىساق، زۇھرىي مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ توي قىلغان دېدەك بولسا، لېچەك كىيىدۇ، لېكىن جىلباب كەيمەيدۇ، چۈنكى دېدەك ئايالنىڭ جىلباپ كىيىپ ھۆر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. زۇھرىي مۇشۇنداق دەپ بولۇپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى ﴿يأيها النَّبِيّ قُلْ لِأَزْوَاجِك وَبَنَاتك وَنِسَاء الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبهنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّه غَفُورًارَحِيمًا﴾. (تفسير ابن أبي حاتم ١٠/‏٣١٥٤) * يۇنۇس ئىبنى يەزىد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق سەلەپ ئىماملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

ئىمام سۇيۇتى (ۋاپاتى: ھ 864) رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە  {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا} {(ئايال كىشى) زىننىتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنىدىن باشقىسىنى ئاشكارىلىمىسۇن} ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى ھۆكۈم بويىچە، ئەركىشى پىتنىدىن قورقسۇن قورقمىسۇن،  يات ئايالغا قارىشى ھارام. چۈنكى، ئەر كىشىنىڭ يات ئايالغا قارىشى پىتنىگە چۈشۈرۈش ئېھتىمالى مەۋجۇتتۇر. پىتنىگە پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇ تاللىنىدىغان توغرا ھۆكۈمدۇر. (تفسير الجلالين 462)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى، ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئالىملىرىدىن بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەل مۇشۇ جىلباب كەلمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نامەھرەمدىن يۈزىنى ياپقانلىقىنى بايان قىلغان. سەھىھ بۇخارىدا ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، ئائىشە ئانىمىز  مۇنداق دېگەن: ((فَعَرَفَنِي حِينَ رَآنِي وَكَانَ رَآنِي قَبْلَ الْحِجَابِ فَاسْتَيْقَظْتُ بِاسْتِرْجَاعِهِ حِينَ عَرَفَنِي فَخَمَّرْتُ وَجْهِي بِجِلْبَابِي)) «(سەفۋان) مېنى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئاۋۋال كۆرگەن بولغاچقا، مېنى تونۇپ <ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن> دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم.» (سەھىھ بۇخارى 4144-ھەدىس) (بۇ ھەدىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك تولۇق بۆلۈكى تۆۋەندە 4-نومۇرلۇق ھەدىسىمىزدە بايان قىلىنىدۇ.) ئەللامە ئىبنى بازنىڭ جىلبابنىڭ قانداق كىيىم ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يۇقىرىدا بىز نەقىل قىلغان سۆزىنىڭ توغرىلىقىغا ئائىشە ئانىمىزنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسى روشەن دەلىلدۇر.

(سەھىھ مۇسلىمدا ئۇممۇ ئەتىييەدىن بايان قىلىنغان، جىلبابى يوق ئايال ھەمشىرىسىنىڭكىنى كىيىنىپ چىقسۇن دېگەن ھەدىسنى مۇشۇ يەرگە قويىمىز. تەپسىر قۇرتۇبىدىمۇ مەۋجۇت)

بۇ ۋەجىدىن، مۇپەسسىر ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ ئايەتتىكى {يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ} {جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىسۇن} ئايىتىنى {جىلبابلىرى بىلەن يۈزلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن} دەپ تەپسىر قىلغان. (تەپسىر سەئدى، 33-سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ تەپسىرى)

جىلبابنى «ياغلىق، رومال، لېچەك» دەپ تەبىر بېرىپ، ئاندىن بۇ تەبىر بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزىنى يېپىشقا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ئىشارە قىلىپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئەسلى ئورنىدىن تولغاپ، بۇرمىلىغۇچىلارغا ئائىشە ئانىمىزنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسى ناھايىتى ياخشى ۋە كۈچلۈك رەددىيە بولالايدۇ.

[3] ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: «‹…جىلبابلىرى بىلەن بەدىنىنى ئورىسۇن…›(سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئايىتى نازىل بولغاندا، ئەنسارىيلارنىڭ خانىم-قىزلىرى بەئەينى بېشىدا قاغا باردەك ھالەتتە ئورىنىپ چىقىشتى.»(سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 4101-ھەدىس؛ ئەلبانى ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ أُمِّ سَلَمَةَ، قَالَتْ لَمَّا نَزَلَتْ ‏{‏ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلاَبِيبِهِنَّ ‏}‏ خَرَجَ نِسَاءُ الأَنْصَارِ كَأَنَّ عَلَى رُءُوسِهِنَّ الْغِرْبَانُ مِنَ الأَكْسِيَةِ ‏.‏

«سۇنەن ئەۋبۇ داۋۇدنىڭ شەرھى ئەۋنىل مەئبۇد» دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ پۈركەنجىلىرىنىڭ قاغىغا ئوخشىتىلىشىدىكى سەۋەب، پۈركەنجىلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا بولغانلىقىدىندۇر

(قوشۇمچە ماۋزۇ: ئاياللارنىڭ قارا رەڭدە ئورىنىشىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى)

ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستىن ساھابە خانىم-قىزلارنىڭ قارا رەڭلىك كىيىم كىيگەنلىكى بىلىنىدۇ. (پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى 17\110)
 ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان ئايالنىڭ لىباسىنىڭ قارا رەڭدە بولۇشى شەرت ئەمەس. مۇسۇلمان خانىم-قىزلارغا ماس بولمىغان رەڭدە بولماسلىق، يات ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىقى ۋە پىتنىگە سەۋەب بولماسلىقى شەرتى بىلەن، خالىغان رەڭدىكى كىيىمنى كىيسە بولىدۇ. كۈنىمىزدە كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قارا رەڭلىك كىيىمنى تاللاپ كىيىشىدىكى سەۋەب، قارا رەڭدە كىيىشنىڭ شەرت بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ خىل كىيىملەرنىڭ زىننەتلەردىن يىراق بولغانلىقىدىندۇر. ساھابە خانىم-قىزلارنىڭ قاراڭ رەڭلىك كىيىم كىيگەنلىكى بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر. (پەتىۋا كومېتىتى بۇ سۆزىگە يۇقاردا بىز بايان قىلغان، ئەبۇ داۋۇدنىڭ 4101-ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.) (پەتىۋ كومېتىتى پەتىۋالىرى 17\109)
شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ ھىجابىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا رەڭلىك بولۇشى شەرت ئەمەس. بىراق، (بەدەننى) يېپىشتا قارا رەڭ ئەڭ ياخشىدۇر.(ئىسلام-سوئال جاۋابلىرى پەتىۋا تورىنىڭ 898-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى)

[4] ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەپسىر بۆلۈمىدە، ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ھەدىسنى ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ باش قىسىمىدا ئائىشە ئانىمىزنىڭ تىلىدىن «ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقتىم» دەپ كەلگەن. ئائىشە ئانىمىز بۇ ئۇزۇن ھەدىسنىڭ بىر بۆلىكىدە مۇنداق دېگەن:

«… قوشۇن قوزغالغاندىن كېيىن مۇنچىقىمنى تاپتىم ۋە ئەسكەرلەر چۈشكۈن قىلغان جايغان قايتىپ كەلدىم. بىراق، ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ھېچكىم قالمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئۆزۈم قوشۇن بىلەن چۈشكەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم. قوشۇن مېنى ئالماستىن كېتىپ قالغىنىنى بىلىپ قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇيقۇم كېلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل سۇلەمى ـــ كېيىن ئەززەۋكانى دەپ ئاتالغان ـــ ئادەتتە قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن كېلەتتى. سەفۋان كېچىچە يول يۈرۈپتۇ، تاڭ سەھەردە مەن بار جايغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇخلاۋاتقان بىرىنىڭ قارىسىنى يىراقتىن كۆرۈپتۇ. ئاندىن، يېقىنلاپ كېلىپ مېنى كۆرۈپ تونۇپتۇ. ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ تونۇيالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى مېنى كۆرگەن ئىدى. ئۇ مېنى تونۇپ «ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن» دېيىشى بىلەن مەن ئويغىنىپ كېتىپ،(فخمرت وجهي بجلبابي) جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم. ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مەن بىلەن بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدى. مەن (شۇ ۋاقىتتىن تاكى قوشۇنغا يېتىشكۈچە) ئۇنىڭدىن ‹ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن› دېگىنىدىن باشقا گەپنى ئاڭلىمىدىم. سەفۋان تۆگىنى چۆكتۈرۈپ، تۆگىنىڭ ئالدى پۇتىغا دەسسەپ تۇردى. مەن تۆگىگە مىندىم. (ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ رىۋايىتىدە:‹سەفۋان ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىدى. ئاندىن، تۆگىسىنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇردى.›) (ئائىشە ئانىمىز سۆزىنى داۋام قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:) سەفۋان ئالدىمدا تۆگىنى يېتىلەپ ماڭدى. چىقچى چۈش بولغاندا، كۈننىڭ ھارارىتى سەۋەبلىك ئارام ئالغىلى چۈشكەن قوشۇنغا يېتىشتۇق. مانا مۇشۇ چاغدا ھالاك بولغانلار ھالال بولدى. بەتنامنىڭ باشچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي، ئىبنى سەلۇل ئىدى…»(سەھىھۇل بۇخارى 4750-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى؛ بۇخارى 3910؛ مۇسلىم 2770)

ئىمام ئىبنى باز ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنىڭ پەرزلىكى يۇقىرىقى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن پەتىۋاسىدا، بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم نەقىل قىلغان بولۇپ، ھەدىستىن ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇقلۇقى، ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن يۈزىنى ياپقانلىقى بىلىنىدۇ. مانا بۇ توغرا ھۆكۈمدۇر. (ئىبنى باز-نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى-مەنبە: https://binbaz.org.sa/fatwas/18418/حكم-كشف-المراة-للوجه-والكفين-لغير-المحارم)

مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەپسىرى ھېسابلانغان «فەتھۇلبارى»دا بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:

بۇ ھادىسە (يەنى ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەسى) ئاللاھ تائالانىڭ ھىجاب بۇيرۇقىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. «ھىجابلىنىش»(ئورىنىش) تىن مەقسەد ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىدۇر. ھىجاب ئايىتىدىن ئىلگىرى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلانمايتتى.

ئىمام ئىبنى ھەجەر يەنە مۇنداق دېگەن: ئاياللار ھىجابنىڭ ئىچىدە بولغان تەقدىردە، ئەرلەر ئۇلارغا خىزمەت قىلسا بولىدۇ.(بۇنى دېيىشتە ئائىشە ئانىمىزنىڭ تۆت ئەتراپى پۈتۈنلەي لاتا بىلەن قورشالغان چىمىدلىق ئىچىدە تۆگە ئۈستىدە سەپەر قىلغانلىقىنى، بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ چىمىلدىقنى كۆتۈرۈپ تۆگە ئۈستىگە قويۇپ، ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتماقتا.)

ئىمام ئىبنى ھەجەر يەنە مۇندا مۇنداق دېگەن: نامەھرەم بىرى ئۆزىگە قارىغان (قاراش ئېھتىماللىقى بولغان) ئەھۋالدا ئايال كىشى يۈزىنى يېپىشى كېرەك.

ئىبنى ھەجەر يەنە بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: ھىجاب ئايىتى ئەبۇ ئۇبەيدە ۋە بىر بۆلۈك مۇپەسسىرلەرنىڭ نەزىرىدە ھىجىرىيەنىڭ ئۈچىنچى يىلى، زۇلقەئدە ئېيىدا نازىل بولغان.

[5] سەھىھ مۇسلىمدا مۇنۇ ھەدىس مەۋجۇت: (ھەدىسنىڭ يۈز يېپىشقا ئوچۇق ئىشارە قىلىدىغان قىسىمى بايان قىلىندى) خەيبەر فەتھىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەفىيە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نى نىكاھلاپ ئالدى. كىشىلەر توي زىياپىتىدىن كېيىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانمىدۇ ياكى دېدىكى قىلغانمىدۇ؟ ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا، نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يۈزىنى ياپمىسا، دېدىكى قىلغان بولىدۇ» دېيىشتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)

ئىمام ئىبنى كەسىر سۈرە ئەھزابنىڭ 59-ئايىتىنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەيدە، قەتادە، ھەسەن بەسرىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخائىي، ئەتا خۇراسانىي ۋە باشقا بىر قاچە كىشىلەر بۇ ئايەتتىكى «پۈركەنجە» دېگەن سۆز ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن يۆگىلىدىغان پۈركەنجىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى باشتىن ئاياققىچە ئورايدىغان پۈركەنجىدۇر، دېدى.(ئىبنى كەسىر 5-71)

تابىئىن ئالىم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە رەھىمەھۇللاھ ساھابە ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى، ئەگەر ئۇلار بىرەر ئىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقسا، بىر كۆزىنى ئوچۇق قالدۇرۇپ باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن يۈزلىرىنى پۈركەنجە بىلەن ئورۇۋېلىشقا بۇيرۇدى.

مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇبەيدە ئىبنى سەلماندىن ئاللاھنىڭ «پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن» دېگەن ئايىتى ھەققىدە سورىغان ئىدىم، ئۇ سول كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ يۈزىنى ۋە بېشىنى ئوراپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردى. (ئىبنى كەسىر،5-71)

ئاياللارنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلەيدىغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ھىجاب ئايىتىدىن بۇرۇنقى ۋەقەلىكلەرنى بىلدۈرىدۇ. {يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا} {ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن. ئۈستى بېشىنى ئوراش ئۇلارنىڭ ھۆر مۆمىنە ئاياللار سۈپىتىدە تونۇلىشىغا، ئازار بېرىلمەسلىكىگە ئەڭ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر – مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىملىكتۇر.} (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت) بۇ ئايەتتە ئاللاھ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىنى، قىزلىرىنى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنى پۈركۈنجە بىلەن ئورۇنۇشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئىجرا قىلىپ ئاياللىرىنىڭ، قىزلىرىنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپقۇزغان. ئاللاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خوتۇنىنىڭ يۈزىنى يېپىپ ئىجرا قىلغان.

بەزى كىشىلەر ھىجاپ ئايىتىدە يۈز يېپىش توغرىلىق سۆز يوق، بۇ ھەقتىكى ئايەتلەردە «يۈز» دېگەن مەنانى بېرىدىغان كەلىمىمۇ يوق، دەپ ئۆز نەپسى-خاھىشىنى شەرىئەت قىلىپ كۆرسىتىپ، توغرىغا چىقارماقچى بولىدۇ. بۇنداقلار ھېچقاچان ئاللاھ ئاياللارنى ئورۇنىشقا بۇيرۇپ ئايەت نازىل قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئايەتنى قانداق شەكىلدە ئىجرا قىلدى دەپ ئويلاپمۇ باقمايدۇ. {ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر} ئايىتى دەل مۇشۇنداق ئەقىلسىزلەرچە تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەرگىمۇ خىتاب قىلماقتا.

يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان دەلىللەردىن شۇن نەرسە ئېنىقكى، ئاللاھ ئاياللارنى ئورۇنۇشقا بۇيرۇغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى ياپقۇزدى، ساھابە ئانىلىرىمىزمۇ يۈزىنى تولۇق ئورۇپ سىرتقا چىقتى ۋە بۇ ھۆكۈم باشقا ھۆكۈملەرگە ئوخشاشلا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە ھۆكۈمدۇر. ئاللاھنىڭ ياكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقى شۇ بۇيرۇقنىڭ قارشىسىدا دەلىل بولمىغۇچە، پەرزلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ئورۇنىشقا بۇيرۇدى، رەسۇلۇللاھ بۇ بۇيرۇقنى ئاياللارغا ئىجرا قىلدى ۋە ئاياللار يۈزىنى يېپىپ، تولۇق ھىجابلاندى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، بىز بۇ ماقالىمىزدە بۇ بۇيرۇقنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى سۈپىتىدە كەلتۈرگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يۈز يېپىش بۇيرۇقىنىڭ پەرز بۇيرۇق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

[6] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايال نىقاب ۋە پەلەي كەيمىسۇن.»(بۇخارى 1838؛  ئەبۇ داۋۇد 1826؛ مالىك-ھەج؛ سەھىھ نەسائىي 2672؛ سەھىھ تىرمىزى 833؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ 6680؛) لا تَتَنَقَّبِ المُحْرِمَةُ، ولَا تَلْبَسِ القُفَّازَيْنِ (بخاري) عَنِ ابْنِ عُمَرَ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ ‏ «‏ الْمُحْرِمَةُ لاَ تَنْتَقِبُ وَلاَ تَلْبَسُ الْقُفَّازَيْنِ ‏»‏ ‏.‏ «ولاَ تنتقِبُ المرأةُ الحرامُ ولاَ تلبسُ القفَّازينِ» (صحيح النسائي) 

ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايالنىڭ يۈزىگە نىقاب تاقىشىنىڭ، قولىغا پەلەي كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلانغان.

يۇقارقى ھەدىستىن ھەجگە ئېھرام باغلىمىغان-نورمال ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى (رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى بىلەن) ئوچۇق مەلۇملۇق، بۇنىڭدىن (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىلا) ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى ئومۇملاشقانلىقى ئېنىق. بۇ ھەدىستىن يەنە، ئۇلارنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىگلىك.(ئىمام ئىبنى تەيمىييە «مەجمۇئۇل پەتىۋا» 15-جىلد، 371-، 372-بەتلەر)

بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىپ، قولىغا پەلەي كىيىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار ھەجدە نامەھرەملەر ئالدىدا يۈزىنى ئېچىۋېتەمدۇ؟ ياق، ئوخشاشلا ياپىدۇ.

دەلىلى بۇ:

[7] مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئېھرامدىكى چېغىمىزدا يولۇچىلار يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق. (ئەبۇ داۋۇد 1833؛ ئىبنى ماجە 2935؛ ئىبنى خۇزەيمە ‹سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە› 4-203 تە سەھىھ دېگەن، ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: كان الرُّكْبانُ يَمُرُّونَ بِنا ونحنُ معَ رسولِ اللهِ صلَّى اللهُ عليه وسلَّمَ مُحْرِماتٌ ، فإذا حاذَوا بنا أسْدَلَتْ إحدانا جِلْبابَها مِنْ رأسِها علَى وجهِها ، فإذا جاوَزونا كشَفْنَاهُ .

[8] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان ئۇنى كۈتىۋالىدۇ.» (تىرمىزى 1173؛ ئىبنى خۇزەيمە 3-93؛ ئىبنى ھىببان 2-412؛ تەبرانى ‹ئەلكەبىر› 10115؛ تەبرانى ‹ئەلئەۋسەت› 8096؛ بەززار؛ ئىبنى ئەدىي ‹ئەل كامىل› 3-423؛ سۇيۇتى‹جامىئۇسسەغىر› دە سەھىھ دېگەن) ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: وعن عبد الله عن النبي صلى الله عليه وسلم قال : » المرأة عورة  فإذا خرجت استشرفها الشيطان » . رواه الترمذي ( 1173 ) .وقال الألباني في » صحيح الترمذي » ( 936 ) : صحيح .

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن:«ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ ھەممە يېرى ئەۋرەتتۇر، ھەتتا تىرنىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىمام مالىكنىڭمۇ كۆز قارىشىمۇ مۇشۇنداق.»(مەجمۇئۇل فەتۋا ئىبنى تەيمىييە، 22-جىلد، 110-بەت)

مۇجتەھىد فەقىھ، قازى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئايال كىشىنىڭ ھەممە يىرى ئەۋرەتتۇر، بەدىنى، ئاۋازى قاتارلىقلار، ئېھتىياج ياكى زۆرۈر بولمىسا، يۈزىنى ياكى بەدىنىنى ئىچىش دۇرۇس بولمايدۇ، پەقەت گۇۋاھلىق بېرىش ياكى بەدىنىدە كېسەللىك بولسا داۋالىتىش ياكى ئاياللارنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى سوراش قاتارلىق ئىشلاردا ئېچىش ۋە سوراش دۇرۇس بولىدۇ». [ئىبنى ئەرەبىينىڭ»قۇرئان ھۆكۈملىرى» 31578-1579].

ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍتەرجىمىسى: {ئەگەر سىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، ھىجاب ئارقىسىدىن سوراڭلار.} [سۈرە ئەھزاب 53-ئايەت].

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ھاجەت بولۇپ بىر نەرسە سوراش زۆرۈر بولسا ياكى بىرەر مەسىلە توغرىسىدا پەتىۋا سوراش كېرەك بولسا، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى، ئايەتنىڭ مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ھۆكۈمگە بارلىق مۇسۇلمان ئاياللار كىرىپ كېتىدۇ. شەرىئەتنىڭ ئەسلى قائىدىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمدىمۇ ئايال كىشىنىڭ ھەممە يىرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك؛ ئاياللارنىڭ بەدىنى ياكى ئاۋازى قاتارلىقلار، شەرئى ئېھتىياج ياكى زۆرۈرىيەت بولمىغاندا ئىچىش دۇرۇس بولمايدۇ. پەقەت گۇۋاھچىلىق ئورۇنلىرى، بەدىنىدە كېسەللىك بولسا داۋالىتىش ياكى ئاياللارنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى سوراش قاتارلىق ئىشلاردا ئېچىش دۇرۇس. (تۈگىدى) [قۇرئان ھۆكۈملىرى توپلىمى (14- توم 227-بەت]. ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى توغرىسىدا مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش كېرەك بولسا، «مىئيارىل مەئرەب» ناملىق ئەسەر 10- توم165-بەت، 11-توم 226-229-بەتلەر، «مۇۋاھىبۇل جەلىل» ناملىق ئەسەر 3-توم 141-بەت، «ئەززەخىرە» ناملىق ئەسەر 3- توم-307-بەت، «ھاشىيەتۇل دۇسۇقى ئەلا شەرھىلكەبىر» 2- توم 55-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

[9]  ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بىز ئېھرامدا نامەھرەم ئەرلەردىن يۈزىمىزنى ياپاتتۇق.»(ئىبنى خۇزەيمە 4-203، ھاكىم 1-624: ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ‹جىلباب مەرئەتىل مۇسلىمە› دە ناملىق ئەسەردە سەھىھ دېگەن) عن أسماء بنت أبي بكر رضي الله عنهما قالت : ( كنا نغطي وجوهنا من الرجال في الإحرام ) رواه الحاكم ، وقال : حديث صحيح على شرط الشيخين ، ووافقه الذهبي ، قال الألباني : » إنما هو على شرط مسلم وحده » انتهى .

[10] (ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ ئەۋرىسى، تابىئىن ئالىمە) فاتىمە بىتنى مۇنزىر  مۇنداق دەيدۇ:«بىز ھەجگە ئىھرام باغلاپ يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر بىز بىلەن بىللە ئىدى.»(بۇ ھەدىس سەھىھ؛ ئەلبانى ۋە باشقىلىرى سەھىھ دېگەن. ئىمام مالىك نەزىرىدە ئىسنادى شەكسىز سەھىھ) عن فاطمة بنت المنذر قالت: كنا نخمر وجوهنا ونحن محرمات، ونحن مع أسماء بنت أبي بكر، وهذا الحديث صححه الألباني وغيره، وإسناده صحيح بلا شك عند مالك.

ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن:«…ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە بېشىنى ۋە چاچلىرىنى ياپىدۇ، يۈزىنى ياپمايدۇ. پەقەتلا، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن باش كىيىمىنىڭ بىر قىسىمى بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ.» (فەتھۇل بارى 4-57،58)پەتھۇلبارى 2-537-867-ھەدىس

ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىلگىرى ئۆتكەن ئاياللارنىڭ ۋە زامانىمىزدىكى ئاياللارنىڭ تۇتۇپ كەلگەن يولى، نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى يېپىشتۇر. (فەتھۇلبارى 9424)

غەززالى مۇنداق دېگەن: ئەرلەر زامانلاردىن بىرى يۈزى ئوچۇق ياشاپ كەلدى. ئاياللار بولسا يۈزىنى يېپىپ سىرتقا چىقىدۇ. (ئىھيا ئۇلۇمۇددىن، 253)

[11] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)

بۇ ھەدىستىنمۇ ئوخشاشلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە قىز ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغانلىقى ئېنىقلىشىدۇ. چۈنكى، ئەگەر قىز ئاياللار يۈزىنى ياپمايدىغان بولسا، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزنى مۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشىغا ئورۇن قالمىغان، بەلكى ئوچۇق ئاشكارا كۆرگەن بولاتتى.

ئادەتتە يۈزىنى ياپىدىغان مۇئمىنە قىز ئاياللار نامەھرەملەر بولۇشى ئېھتىمالى يوق جايلاردا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالماقچى بولغان قىزمۇ نامەھرەم يوق دەپ قاراپ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرگەن بىر ھالەتتە مۆكۈپ تۇرۇپ چاندۇرماستىن ئۇ قىزنى كۆرۈۋالغان. نامەھرەم بار جايدىمۇ يۈزىنى ئېچىۋېتىدىغان بولسا، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى.

يۇقىرىدا ھۆر مۆمىنە ئاياللارنىڭ ھىجاب ئايىتى چۈشكەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزىنى ياپقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سەھىھ ھەدىستىن ئون بىر دەلىل كەلتۈردۇق. يۈز يېپىشنى پەرز ئەمەس سۈننەت، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئېچىشىدا گۇناھ يوق دەيدىغانلار بۇ ئون ئىككى دەلىلنىڭ ھېچبىرىگە شۇنىڭ باراۋىرىدىكى سەھىھ ھەدىس بىلەن رەددىيە بېرەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يۈز ۋە قولنىڭ ئوچۇقلۇقىنى بىلدۈرىدىغان بەزى ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈپ يۈز يېپىش پەرز ئەمەس، سۈننەت دېيىشىدۇ. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋىدالىشىش ھەججىدە يۈزى گۈزەل ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنى تۇتقۇ قىلىۋېلىپلا، چوڭقۇر ئىزدەنمەستىنلا يۈز يېپىشنى سۈننەت دەۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ يۈزى گۈزەل ئايال رەسۇلۇللاھقا ياتلىق قىلدۇرۇلۇش نىيىتىدە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبتىن يۈزىنى كۆرسەتكەنلىكى توغرۇلۇق مۇسنەد ئەبۇ يەئ‍لادا ئىبنى ئابباستىن سەھىھ ئەسەر مەۋجۇت. بۇ ۋەجىدىن، يۈز يېپىشنى سۈننەت، ياپماسلىق دۇرۇس دېگۈچىلەر تۇتقۇ قىلىۋالغان، ھىجرەتنىڭ 9-يىلى يۈز بەرگەن، سەھىھ مۇسلىم ۋە باشقا كىتابلاردا بايان قىلىنغان، فەزل ئىبنى ئابباسنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىنگىشىگلىك ھالەتتە ئۇ ئايالغا قاراۋەرگەنلىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ بولسا فەزلنىڭ بېشىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىستىن يۈز ئېچىشنىڭ دۇرۇسلۇقى چىقمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھقا نىكاھ قىلدۇرۇلۇش ئۈمىدىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە ئۇ سەۋەبتىن يۈزىنى ئاچقانلىقى ئەبۇ يەئ‍لانىڭ مۇسنەدىدە مەلۇم. يۈزنى يېپىش توغرىسىدىكى شەرئىي دەلىللەر ئوچۇق، يۈز ئېچىش توغرىسىدىكى شەرئىي دەلىل دەپ كۆتۈرۈپ يۈرۈلگەنلەر ئوچۇق ئەمەس، دەۋر نۇقتىسىدىنمۇ ھىجاپ ئايىتىدىن ئىلگىرىكى ئىشلار. ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ كىيىنىش ئەھۋالىدا ئاسمان زېمىن ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئايدىڭ تۇرسىمۇ، (خاتالىشىپ قالغان ئەھلى ئىلىملەر مۇتەسنا) بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يۈز يېپىشنىڭ پەرز ئەمەسلىكىنى ئ‍سىپاتلايمەن دەپ، ھۆكمى ئەمەلدىن قالغان بەزى ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشى، دىن ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنمىگەنلىكنىڭ ۋە ساغلام بەسىيرەتكە ئىگە بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ـــ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ـــ ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپمايدىغانلىقىغا، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا قارايدىغانلىقىغا دەلىل:

ئىبراھىم ئىبنى سەئد دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بىلەن سەئد ئىبنى رابىئەنى قېرىنداش قىلىپ قويدى. سەئىد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «مەن ئەنسارىلار ئارىسىدا ئەڭ مالدار ئادەممەن. مېلىمنى ئىككىگە بۆلۈپ (يېرىمىنى ساڭا بېرىمەن)؛ ئىككى ئايالىم بار. قارىغىن، قايسىسىنى بەك ياقتۇرساڭ ماڭا دېگەن، مەن ئۇنى تالاق قىلاي. ئىددىتى توشقاندا ئۇنى نىكاھلاپ ئالساڭ بولىدۇ» دېدى.

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف «ئاللاھ ئائىلەڭگىمۇ، مېلىڭغىمۇ بەرىكەت بەرسۇن. بازىرىڭلار نەدە؟» دېدى.

ئۇنىڭغا بەى قەينۇقانىڭ بازىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بازاردىن بىر ئاز پىشلاق ۋە ياغ بىلەن قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بازارغا ئەتىگە بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. كۈنلەردىن بىرىدە ئۇچىسىدا زەفران ئىزى بولغان ھالەتتە (رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا) كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «نېمە ئىش بولدى؟» دېۋىدى، ئابدۇرراھمان «ئۆيلەندىم» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ئايالىڭغا قانچىلىك مەھر ھەققى بەردىڭ» دەپ سورىۋىدى، ئابدۇرراھمان «بىر چېكەتكىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن» (ياكى چېكەتكە ئېغىرلىقىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن) دېدى.(راۋىي ئىبراھىم ھەدىس بايان قىلغان بۇ جەھەتتە ئىككىلىنىپ قالدى.) (بۇخارى 3780) [فەتھۇلبارى: سەئد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوھۇد كۈنى شەھىد بولدى.]

ھەدىستە، سەئىد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ«… ئىككى ئايالىم بار. قارىغىن، قايسىسىنى بەك ياقتۇرساڭ ماڭا دېگىن، مەن ئۇنى تالاق قىلاي. ئىددىتى توشقاندا ئۇنى نىكاھلاپ ئالساڭ بولىدۇ» دېگەن ئابدۇرراھمان ئەۋفكە ئايالىغا قاراشنى تەۋسىيە قىلغان. ھەم، قاراشتىكى مەقسەدنىڭ ياقتۇرۇش ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھەدىستىكى بۇ ۋەقەلىك رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېڭى ھىجرەت قىلغان چاغ ئىدى. بۇ دەۋردە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھېچبىرى يۈزىنى ياپمايتتى. بۇ ھەدىس ھىجرەتتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ  يۈزىنى ياپمايدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولىدىۇ. ئۈستىدىكى باشقا ھەدىسلەر بولسا ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ھۆر مۆمىنە ئاياللارنىڭ بىردەك يۈزىنى ياپقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.. بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجاب ئايىتىدىن كېيىن تولۇق ھىجابلىنىش، يۈزنى قوشۇپ يېپىش پەرز بولغان. ھىجاب ئايىتى ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى نازىل بولغان.
ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇقلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ھەر قانداق سەھىھ ھەدىس ھىجاب ئايىتىدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەھلى سۈننەتنىڭ مۆتىۋەر تەپسىلىرىدە يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدىكى بايانلار

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ

سوئال: «قىز بالا بويىغا يەتسە، ئۇنىڭ يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يېرىنىڭ (نامەھرەم بار يەردە) ئوچۇق بولۇشى دۇرۇس ئەمەس» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ يوق؟

جاۋاب: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد (4104) ۋەلىدتىن، ئۇ سەئىد ئىبنى بەشىردىن، ئۇ قەتادەدىن، ئۇ خالىد ئىبنى دۇرەيكتىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ: ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا نېپىز كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋېلىپ «ئى ئەسما! قىز بالا بالاغەتكە يەتسە بۇنىڭ بىلەن بۇنى (نامەھرەمگە) كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس» دەپ يۈزى بىلەن قولىغا ئىشارەت قىلىدۇ. (ئەبۇداۋۇد 4104)[عن الْوَلِيدُ عَنْ سَعِيدِ بْنِ بَشِيرٍ عَنْ قَتَادَةَ عَنْ خَالِد بْنِ دُرَيْكٍ عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا أَنَّ أَسْمَاءَ بِنْتَ أَبِي بَكْرٍ دَخَلَتْ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَعَلَيْهَا ثِيَابٌ رِقَاقٌ فَأَعْرَضَ عَنْهَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَقَالَ : يَا أَسْمَاءُ إِنَّ الْمَرْأَةَ إِذَا بَلَغَتْ الْمَحِيضَ لَمْ تَصْلُحْ أَنْ يُرَى مِنْهَا إِلا هَذَا وَهَذَا – وَأَشَارَ إِلَى وَجْهِهِ وَكَفَّيْهِ.- رواه أبو داوود (4104)]

ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ ئارقىسىدىن: بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن، دېگەن.

بۇ ھەدىس زەئىپتۇر، دەلىلگە يارىمايدۇ. ھەدىسنىڭ زەئىپلىك سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ھەدىسنىڭ ئىسنادى ئۈزۈك (يەنى بۇ ھەدىس مۇنقەتىئ). ئىمام ئەبۇ داۋۇد «بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن» دېگەن.

(2) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە سەئىد ئىبنى بەشىر ئەل ئەزدى ـــ ئەبۇ ئابدۇرراھمان بار. بەزى ھەدىس ئالىملىرى ئۇنى ئىشەنچىلىك دېگەن بولسىمۇ. ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مەئىن، ئىبنى مەدىنىي، نەسائىي، ھاكىم ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى زەئىپ دېگەن.

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى نۇمەير ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ھەدىسى ئىنكار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ھېچنېمىگە يارىمايدۇ، ھەدىس رىۋايىتىدە ئىنشەچىلىك ئەمەس. ئۇ قەتادەدىن مۇنكەر رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلغان.

ئىمام ئىبنى ھىببان ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار، رىۋايىتىدە چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئۇنى «زەئىپ» دېگەن.

(3) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە (يۇقارقىدە زەئىپ راۋىيلاردىن باشقا) يەنە قەتادە بولۇپ، ئۇ مۇدەللىستۇر. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىسىدىن ئاڭلىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق سۆز قىلمىغان. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە يەنە ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم بار. ئۇ توغرۇلۇق ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ئۇ ئىشنەنچىلىك، ئەمما ئوخشاشلا مۇدەللىس. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلمىغان.

ھەدىس سەنەدىدە مانا مۇشۇنداق نەچچىلىگەن ئىللەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپ ھەدىستۇر.(انظر فتاوى اللجنة الدائمة ( مجلة البحوث 21/68))

بۇنىڭدىن سىرت ئىبنى قەتتا بۇ ھەدىس توغرۇلۇق

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ ھەدىسنى سەھىھ ياكى بۇ ھەقتىكى باشقا رىۋايەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كۈچلەنگەن دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئالىملار بۇ ھەدىستىكى ۋەقەلىكنىڭ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىمام ئىبنى قۇدامە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە كەلسەك، ھەدىستىكىسى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىش دەپ چۈشىنىلىدۇ.»

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ھەدىستىكى ئەھۋال ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.»[ كتاب عودة الحجاب (3/336)]

(ھەدىستىكى يۇقارقىدەك نەچچىلىگەن زەئىپلىكتىن سىرت) ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەدىستىكى ئەھۋالنىڭ تولىمۇ غەيرى بىر ئەھۋاللىقىنى تونۇپ يېتىمىز. چۈنكى، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا تولىمۇ تەقۋا ۋە ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ئۇ يۇقارقى زەئىپ ھەدىستىكىدەك نېپىز كىيىم بىلەن يۈرىدىغان، ھەم بۇنداق كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كىرىدىغان ئايال ئەمەس.

ئايەت ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان توغرا قاراش، ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەر بار يەردە پۈتۈن بەدىنىنى ئورىشىنىڭ ۋاجىبلىقىدۇر.(ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 23496-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

ئائىشە ئانىمىزنىڭ سۆزلىگەنلىكىگە نىسبەت بېرىلگەن يۇقارقى زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن سەئىد ئىبنى بەشىر ئەبۇ ئابدۇراھمان بۇسرى ھەققىدە بىردىن كۆپ سەلبىي باھا مەۋجۇت.[ قال ابن القطان : ومع هذا فخالد مجهول الحال ، قال المنذري : وفيه أيضا سعيد بن بشير أبو عبد الرحمن البصري نزيل دمشق مولى بني نضر ، تكلم فيه غير واحد-][نصب الراية في تخريج أحاديث الهداية-412]

شەيخ بىن باز بۇ ھەدىسنى بىر نەچچە جەھەتتىن بەك زەئىپ دەپ باھالىغان.[ وأنه ضعيف جداً من وجوه كثيرة…]بىن بازنىڭ بۇ ھەدىسكە پەتىۋاسى: https://www.binbaz.org.sa/noor/2684

ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى ئېچىشى ھارام

پەتىۋا بەرگۈچى: پەتىۋا كومېتىتى

پەتىۋا نومۇرى: 10178-نومۇرلۇق پەتىۋا

ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى يېپىشى پەرز. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام. [ تغطية المرأة وجهها وكفيها عن الرجال الأجانب واجب، ويحرم عليها كشفهما لغير محارمها. وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.](پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10178-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ-1420، م-1999)؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.]

ياشانغان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى پەرز ئەمەس

ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّـهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}{ھەيزدىن ۋە بالا تۇغۇشتىن قېلىپ) ياتلىق بولۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا پۈركەنجە كىيمەستىن يۈرسە، بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر. بىراق، پۈركەنجىلىرىگە تولۇق ئورىنىپ، ئىپەتلىكلىك يولىنى تۇتۇشى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ﷲ ئەسسەمىئدۇر — ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەلئەلىيمدۇر — ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.} (24:60)

ئىمام ئىبنى ئەرەبى مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتە بالا تۇغۇش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاياللار باشقا ئاياللاردىن پەرقلەندۈرۈلۈپ تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارغا مەيل تارتمايدۇ. (ئىمام ئىبنى ئەرەبى، ئەھكامۇل قۇرئان  3\419) 

ئەللامە ئابدۇرراھمان سەئدى مۇنداق دېگەن:«…پۈركەنجە كىيمەستىن يۈرسە، بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوقتۇر.» ئايەتتىكى «كىيىم»دىن مەقسەد جىلباب، ھىمارغا ئوخشاش ئايال كىشىنىڭ باشتىن ئاياق پۈتۈنلەي ئورىنىدىغان كىيىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەيل تارتمايدۇ. بۇ خىل ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىشى دۇرۇس، چۈنكى، يۈزىنى ئېچىشىدا پىتنە كۆرۈلمەيدۇ. (تەپسىر سەئدى، 24-سۈرە، 60-ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ بىرقىسىمى)

ئايەتنىڭ لەۋزى بەك ئوچۇق، كۆپ تەپسىرلەشكە ئېھتىياج كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە كۆپ توختىلىش ئارتۇقچە دەپ بىلىمىز.

 «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ