رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۈپەتلەنگەن سەھىھ ھەدىسلەر
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى
mujtehid.com
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(أما و الله إني لأمين في السماء و أمين في الأرض)«ئاللاھ بىلەن قسەمكى! مەن ئاسماندىمۇ ئىشەنچىلىك، زېمىندىمۇ ئىشەنچىلىك-ئەمىيندۇرمەن.»(تەبرانى؛ ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ 1337)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(إن أتقاكم و أعلمكم بالله أنا)«مەن ئاراڭلاردا ئاللاھتىن ئەڭ قورققۇچى ۋە ئاللاھنى ئەڭ ياخشى تونۇغۇچىمەن.»(بۇخارى 20؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 1533)
مىقداد ئىبنى شۇرەيھ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيگە كىرىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى قايسى ئىدى؟› دەپ سورىدىم. ئائىشە ئانىمىز ‹ئېغىزىنى مىسۋاكلايتتى› دېدى.»(مۇسلىم 253)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلايتتى. كېچىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇراتتى.(تەھەججۈت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ) تۆشىكىگە قايتاتتى. مۇئەززىن ئەزان توۋلىغاندا تۇرۇپ كېتەتتى. ناۋادا غۇسلغا ئېھتىياجلىق بولسا غۇسل قىلاتتى. بولمىسا، تاھارەت ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى.(بۇخارى 1146)[كَانَ يَنَامُ أَوَّلَهُ وَيَقُومُ آخِرَهُ، فَيُصَلِّي ثُمَّ يَرْجِعُ إِلَى فِرَاشِهِ، فَإِذَا أَذَّنَ الْمُؤَذِّنُ وَثَبَ، فَإِنْ كَانَ بِهِ حَاجَةٌ اغْتَسَلَ، وَإِلاَّ تَوَضَّأَ وَخَرَجَ.]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىسى ئۇيقۇدىن تۇرغاندا چىشىنى مۇكەممەل ھالەتتە مىسۋاكلايتتى.(بۇخارى 245؛ مۇسلىم 255)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالاتتى.»(بۇخارى 214)
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، بىزگە يۈزىنى (ئالدىنى) قىلاتتى.(بۇخارى 845) [عَنْ سَمُرَةَ بْنِ جُنْدُبٍ، قَالَ كَانَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم إِذَا صَلَّى صَلاَةً أَقْبَلَ عَلَيْنَا بِوَجْهِهِ.]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە تەشەھھۇد دۇئاسىنى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتەتتى.(مۇسلىم 403؛ نەسەئىي 1278)[عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ، قَالَ كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يُعَلِّمُنَا التَّشَهُّدَ كَمَا يُعَلِّمُنَا السُّورَةَ مِنَ الْقُرْآنِ]
(تابىئىن ئالىم) ئەلقەمەمە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرى قانداق ئىدى؟ ئۇ زات مەلۇم بىر ئەمەلنى مەلۇم بىر كۈنگە خاسلاشتۇرۇپ قىلامتى؟» دەپ سورىۋىدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:«ياق. ئۇ زات ئەمەل-ئىبادىتىنى ئىزچىللىق بىلەن قىلاتتى. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىممۇ رەسۇلۇللاھتەك ئەمەل-ئىبادەت قىلىشقا قادىر بولالىسۇن؟» دېدى.(مۇسلىم 783؛ ئەبۇ داۋۇد 1370؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)[عَنْ عَلْقَمَةَ، قَالَ سَأَلْتُ أُمَّ الْمُؤْمِنِينَ عَائِشَةَ قَالَ قُلْتُ يَا أُمَّ الْمُؤْمِنِينَ كَيْفَ كَانَ عَمَلُ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم هَلْ كَانَ يَخُصُّ شَيْئًا مِنَ الأَيَّامِ قَالَتْ لاَ . كَانَ عَمَلُهُ دِيمَةً وَأَيُّكُمْ يَسْتَطِيعُ مَا كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يَسْتَطِيعُ]
ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: {كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِذَا قَامَ مِنْ اللَّيْلِ يَشُوصُ فَاهُ بِالسِّوَاكِ} پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىسى ئورنىدىن تۇرسا، ئاغزىنى مىسۋاكلايتتى. (مۇسلىم 255)(نەسائىي 1621؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ زات ئاغزىنى مىسۋاكلاۋاتقان ئىكەن. مىسۋاكنىڭ ئۇچى ئۇ زاتنىڭ تىلىدا بولۇپ، چىشىنى مىسۋاكداۋاتقان ‹ئائائائا› دەيتتى.(ئىبنى ماجگ 2536؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)[عَنْ أَبِي مُوسَى قَالَ: » دَخَلْتُ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَهُوَ يَسْتَنُّ وَطَرَفُ السِّوَاكِ عَلَى لِسَانِهِ وَهُوَ يَقُولُ: عَأْ عَأْ «
[حكم الالبانى] : حسن، ابن ماجة // (2536) – مختصرا -، الإرواء (5 / 32)]
ئىبنى شۇرەيھنىڭ دادىسىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيگە كىرسە ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال نېمىدىن باشلايتتى؟» دەپ سىرىۋىدىم «ئېغىزىنى مىسۋاكلاش بىلەن» دەپ جاۋاب بەردى.(نەسائىي 8؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ ئەبۇ داۋۇد 51؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
قلتُ لعائشةَ بأيِّ شيءٍ كانَ يبدأُ النَّبيُّ إذا دخلَ بيتَه قالت :بالسِّواكِ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسل قىلماقچى بولسا ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ تۆكۈپ ئەۋرىتىنى يۇياتتى. ئاندىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.»(مۇسلىم 316)
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغاندا بىلەكلىرىنى ياخشى ئۇۋلاپ يۇياتتى.»(ئىبنى ھىببان 1082؛ بەيھەقى-سۈنەن كۇبرا 1-196؛ ھاكىم 1-243؛ ئىبنى خۇزەيمە 1-62؛ ئىمام ئەھمەد 4-39)
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (تاھارەت ئالغاندا) سۇنى ئېڭىكى ئاستىغا يەتكۈزەتتى ۋە سۇ بىلەن ساقىلىنى ئارىلايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 145؛ ئەلبانى-ئەلئىرۋائ-92-دە سەھىھ دېگەن)
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: خەدەك غازىتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك كولايتتى، بىز توپىنى توشۇيتتۇق. ئۇ زات بىزنى كۆرۈپ«ئاللاھىم! پەقەت ئاخىرەت ھاياتىلا ھەقىقىي ھاياتتۇر. مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنى مەغفىرەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.(بۇخارى 6414؛)((حَدَّثَنَا سَهْلُ بْنُ سَعْدٍ السَّاعِدِيُّ كُنَّا مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي الْخَنْدَقِ وَهُوَ يَحْفِرُ وَنَحْنُ نَنْقُلُ التُّرَابَ وَيَمُرُّ بِنَا فَقَالَ اللَّهُمَّ لَا عَيْشَ إِلَّا عَيْشُ الْآخِرَهْ فَاغْفِرْ لِلْأَنْصَارِ وَالْمُهَاجِرَهْ))
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاكى ۋاپات بولغۇچە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسى ئىككى كۈن ئۇدا ئارپا نېنىغا تويۇپ باققان ئەمەس.(مۇسلىم 2970)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەيدىغانغا يېمەكلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن نەچچە كېچىلەپ ئاچ قورساق يېتىپ قالاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يەيدىغان نېنى كۆپىنچە ھالدا ئارپا نېنى ئىدى. (ئەلبانى مۇختەسەر شامائىلدا سەھىھ دېگەن)
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:{« والله ما مست يد رسول الله صلى الله عليه وسلم يد امراة قط، ما كان يبايعهن إلا بالكلام.» صحيح البخاري تفسير القرآن (4891) ، صحيح مسلم الإمارة (1866) ، سنن أبو داود الخراج والإمارة والفيء (2941) ، سنن ابن ماجه الجهاد (2875) ، مسند أحمد بن حنبل (6/270). }«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى يات ئايالنىڭ قولىغا ئەسلا تېگىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ زات ئاياللاردىن پەقەت ئاغزاكى بەيئەت ئالاتتى.»(بۇ ھەدىسنى بۇخارى 4891، مۇسلىم 1866، ئەبۇ داۋۇد 2941، ئىبنى ماجە 2875 ۋە ئىمام ئەھمەد ‹6\270› قاتارلىقلار خاتىرلىگەن)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق دەيدۇ: (مَا ضَرَبَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم خَادِمًا وَلاَ امْرَأَةً قَطُّ)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خىزمەتچىسىنى ياكى ئاياللىرىنى قەتئىي ئۇرۇپ باقمىغان.»(ئەبۇ داۋۇد 4786: ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەردىن ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل ئىدى.(مۇسلىم 1654)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن گۈزەل، ھەممىدىن سېخىي، ھەممىدىن باتۇر زات ئىدى. (بەيھەقى، تىرمىزى، ئىبنى ماجە؛ ئەلبانى-سەھىھۇل جامىئ 4634)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرگە نامازنى قىسقا ئوقۇپ بېرەتتى؛ ئۆزى يالغۇز ئوقۇسا ئۇزۇن ئوقۇيتتى.(ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ يەئلا؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4636)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرگە (ئىمام بولۇپ) مۇكەممەل ھالدا يەڭگىل ناماز ئوقۇپ بېرەتتى.(مۇسلىم؛ تىرمىزى؛ نەسەئىي؛ 4637)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئاياللىرى يەيدىغان نەرسىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ئاچ قورساق يېتىپ قالاتتى. ئۇلار كۆپىنچە ئارپا نېنى يەيتتى. (ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4895)
نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كىشىلەر قولغا كەلتۈرگەن ماللار توغرۇلۇق سۆز قىلدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۈنبويى ئاچلىقتىن تولغانغىنىنى، قورسىقىنى تويغازغۇدەك ناچار خورما بولسىمۇ تاپالمىغانلىقىنى كۆردۈم. (مۇسلىم 2978؛ رىيازۇس سالىھىن 473) عن النعمان بن بشير رضي الله عنهما ، قَالَ : ذَكَرَ عُمَرُ بْنُ الخَطَّابِ ، مَا أَصَابَ النَّاسُ مِنَ الدُّنْيَا ، فَقَالَ : لَقَدْ رَأيْتُ رسول الله يَظَلُّ الْيَوْمَ يَلْتَوِي مَا يَجِدُ مِنَ الدَّقَلِ مَا يَمْلأ بِهِ بَطْنَهُ . رواه مسلم .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى مەدىنىگە كەلگەندىن باشلاپ، تاكى ئۇ زات ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇدا ئۈچ كۈن بۇغداي نېنى بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپ باقمىدى. (بۇخارى 6454؛) عَنْ عَائِشَةَ قَالَتْ مَا شَبِعَ آلُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُنْذُ قَدِمَ الْمَدِينَةَ مِنْ طَعَامِ بُرٍّ ثَلَاثَ لَيَالٍ تِبَاعًا حَتَّى قُبِضَ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى بىر كۈندە ئىككى ۋاخ تاماق يەپ باقمىدى. بىر ۋاخ تامىقى خورمىدىن باشقىسى بولمىدى.» (بۇخارى 6455؛) عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا قَالَتْ مَا أَكَلَ آلُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَكْلَتَيْنِ فِي يَوْمٍ إِلَّا إِحْدَاهُمَا تَمْرٌ
ئائىشە رەزىيەللھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئاي بويى تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئوت ياقمايتتۇق. يەيدىغىنىمىز پەقەتلا خورما بىلەن سۇ ئىدى. بىرەر پارچە گۆش كېلىپ قېلىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»(بۇخارى 6458؛) عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا قَالَتْ كَانَ يَأْتِي عَلَيْنَا الشَّهْرُ مَا نُوقِدُ فِيهِ نَارًا إِنَّمَا هُوَ التَّمْرُ وَالْمَاءُ إِلَّا أَنْ نُؤْتَى بِاللُّحَيْمِ
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرگە «ئى قىز قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! بىز ئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ ھىلال ئاينى كۆرەتتۇق، بۇ جەرياندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆيلىرىدە تاماق ئۈچۈن ئوت قالانمايتتى» دېدى. ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: «نېمە يەپ جان كەچۈرەتتىڭلار؟» دەپ سورىۋىدىم مۇنداق دېدى:«سۇ بىلەن خورمىدىن ئىبارەت ئىككى قارىنى يەيتۇق. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر قىسىم ئەنسارى قوشنىلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تېمەن تۆگىلىرى ياكى قويلىرى بار ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۆيلرىدىن سۈت ئەۋەتەتتى. ئۇ زات بىزگە ئۇنىڭدىن ئىچكۈزەتتى.»(بۇخارى 6459؛) عَنْ عُرْوَةَ عَنْ عَائِشَةَ أَنَّهَا قَالَتْ لِعُرْوَةَ ابْنَ أُخْتِي إِنْ كُنَّا لَنَنْظُرُ إِلَى الْهِلَالِ ثَلَاثَةَ أَهِلَّةٍ فِي شَهْرَيْنِ وَمَا أُوقِدَتْ فِي أَبْيَاتِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَارٌ فَقُلْتُ مَا كَانَ يُعِيشُكُمْ قَالَتْ الْأَسْوَدَانِ التَّمْرُ وَالْمَاءُ إِلَّا أَنَّهُ قَدْ كَانَ لِرَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جِيرَانٌ مِنْ الْأَنْصَارِ كَانَ لَهُمْ مَنَائِحُ وَكَانُوا يَمْنَحُونَ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ أَبْيَاتِهِمْ فَيَسْقِينَاهُ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى رەببىم! مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىگە كۈن كەچۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە رىزق ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.(بۇخارى 6460؛)عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ اللَّهُمَّ ارْزُقْ آلَ مُحَمَّدٍ قُوتًا
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسسەللەم ۋاپات بولغان چاغدا، ئۆيۈمدە تاختا بېشىدىكى ئازغىنە ئارپىدىن باشقا يېگۈدەك ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. مەن شۇ ئارپىدىن ئۇزۇنغىچە يېدىم. ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىن ئۆلچەپ باققان ئىدىم، ئارپا (تېز مۇددەتتە) تۈگەپ كەتتى. (بۇخارى 3097؛ مۇسلىم 2973) وعن عائشة رضي الله عنها ، قالت : تُوفي رسول الله، وَمَا في بَيْتِي مِنْ شَيْءٍ يَأكُلُهُ ذُو كَبِدٍ إِلاَّ شَطْرُ شَعِيرٍ في رَفٍّ لي ، فَأكَلْتُ مِنْهُ حَتَّى طَالَ عَلَيَّ ، فَكِلْتُهُ فَفَنِيَ . متفقٌ عَلَيْهِ
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىمىزدىن مۇنداق بايان قىلىنغان: (أنها كانت تشرب من الإناء وهي حائض، فيأخذه رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فيضع فاه على موضع فيها.) ئائىشە ئانىمىز ھەيزدار ھالەتتە بىر چېنىدىن سۇ ئىچەتتى، رەسۇلۇللاھمۇ شۇ چېنىنى ئېلىپ ئاغزىنى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاغزى تەگكەن يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ سۇ ئىچەتتى. (مۇسلىم 300)
جابىر رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىر سەپەرگە چىققان ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقلاشمىغۇچە ھاجەت قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرمايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 2؛ ئىبنى ماجە 355؛ لەۋزى ئىبنى ماجەنىڭ؛ ئىسنادى سەھىھ؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1-160)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىدىن چىققاندا ‹«غفرانك» (سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن)› دەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 17؛ تىرمىزى 7؛ تىرمىزى ‹ھەسەن غەرىب› دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4707-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت قىلماقچى بولسا، يەرگە يېقىنلاشمىغۇچە كىيىمىنى كۆتۈرمەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 14؛ تىرمىزى 14؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4652-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەپەر قىلسا، پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۈپلەپ ئوقۇيتتى. (ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام بۇخارى توپلىغان. ئەلبانى سەھىھۇل جامئى 4917)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېشەككە مىنەتتى، ئايىقىنى ، كۆڭلىكىنى ياماپ كىيەتتى، يۇڭ كىيىم كىيەتتى ۋە «كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس» دەيتتى. (ئەلبانى سەھىھۇل جامئى 4946)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەنسارلارنى يوقلايتتى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا سالام قىلاتتى، بالىلارنىڭ بېشىنى سىلايتتى.(نەسەئىي؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئى 4947)
پەيغەمبە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدىكى بىرىنچى سەپكە ئۈچ قېتىم، ئىككىنچە سەپكە بىر قېتىم مەغفىرەت سورىغان. (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە، ھاكىم؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئ 4952)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى-پۇتلىرى ئىششىپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇيتتى. (بەيھەقى، تىرمىزى، نەسەئىي، ئىبنى ماجە؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئى 5003)
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى، ئاندىن ئولتۇراتتى، ئاندىن يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى. كىم ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئولتۇرۇۋېلىپ خۇتبە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتسا، يالغان ئېيتقان بولىدۇ.»(مۇسلىم 862)
ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىنمۇ قاتتىق ئاغرىق ئازابى تارتقان بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. (بۇخارى 5646؛ ئەلبانى-سەھىھ ئىبنى ماجە 1325)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلاتتى، قۇرۇق گەپ قىلمايتتى؛ نامازنى ئۇزۇن، خۇتبىنى قىسقا ئوقۇيتتى؛ چوڭچىلىق قىلماستىن تۇل ئاياللار، مىسكىنلەر ۋە قۇللار بىلەن تاكى ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچە بىللە ماڭاتتى.(نەسەئىي، ھاكىم؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامئى، 5005)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلىماقچى بولسا، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.»(مۇسلىم 305)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت سۇندۇرماقچى بولسا يىراقلارغا ئۇزاپ كېتەتتى. (ئەلبانى سىلسىلەتىس سەھىھە 3-149؛ سەھىھ؛ ۋادىئى-سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 920)
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: (إِنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَتَى سُبَاطَةَ قَوْمٍ فَبَالَ قَائِمًا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەزى قەۋمنىڭ ئەخلەتخانىسىغا بېرىپ ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلدى. (نەسەئىي 27؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 251)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: (عَائِشَةَ قَالَتْ مَنْ حَدَّثَكُمْ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بَالَ قَائِمًا فَلَا تُصَدِّقُوهُ مَا كَانَ يَبُولُ إِلَّا جَالِسًا) كىمكى رەسۇلۇللاھ ئۆرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلدى دېسە يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ. پەيغەمبەرسسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئولتۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلاتتى. (نەسائىي 29؛ ئەلبانىي سەھىھ دېگەن)[ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەخلەتخانىغا بېرىپ كىچىك تەرەت قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن.]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايىقىنى كىيىش، چاچ تاراش، تاھارەت ئېلىش، جۈملىدىن پۈتۈن ئىشلىرىنى ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.(بۇخارى 168؛ مۇسلىم 26)
عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ، قَالَ كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَجْوَدَ النَّاسِ، وَكَانَ أَجْوَدُ مَا يَكُونُ فِي رَمَضَانَ حِينَ يَلْقَاهُ جِبْرِيلُ، وَكَانَ يَلْقَاهُ فِي كُلِّ لَيْلَةٍ مِنْ رَمَضَانَ فَيُدَارِسُهُ الْقُرْآنَ، فَلَرَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَجْوَدُ بِالْخَيْرِ مِنَ الرِّيحِ الْمُرْسَلَةِ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخيسى ئىدى. ئۇ زات رامزاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقىنىدا سېخىيلىقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتەتتى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ھەر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ ئۇ زاتقا قۇرئاننى ئۆگۈتەتتى. بۇ چاغلاردا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇچقۇر شامالدىنمۇ بەك سېخىيلىشىپ كېتەتتى. (بۇخارى 6)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سابىت بولغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كان النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يدخل الخلاء، فأحمل أنا وغلام نحوي إداوة من ماء وعنزة، فيستنجي بالماء»«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىغا كىرىدىغاندا ـــ مەن كىچىك بالا ھالىتىمدە ـــ بىر تۇلۇم سۇ بىلەن كىچىك بىر تاياق ئېلىۋالاتتىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلاتتى.»(مۇسلىم 271)
جابىر رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىر سەپەرگە چىققان ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۆرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقلاشمىغۇچە ھاجەت قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرمايتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 2؛ ئىبنى ماجە 355؛ لەۋزى ئىبنى ماجەنىڭ؛ ئىسنادى سەھىھ؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1-160)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولسا «بسم الله اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث» (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن؛ ئى ئاللاھ، كۆرىدىغان ۋە كۆرمەيدىغان نىجاسەتلەردىن ساڭا سېغىنىمەن) دەيتتى. (بۇخارى 142؛ مۇسلىم 375)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەتخانىدىن چىققاندا ‹«غفرانك» (سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن)› دەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 17؛ تىرمىزى 7؛ تىرمىزى ‹ھەسەن غەرىب› دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4707-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت قىلماقچى بولسا، يەرگە يېقىنلاشمىغۇچە كىيىمىنى كۆتۈرمەيتتى.»(ئەبۇ داۋۇد 14؛ تىرمىزى 14؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 4652-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسسەللەم ۋاپات بولغان چاغدا، ئۆيۈمدە تاختا بېشىدىكى ئازغىنە ئارپىدىن باشقا يېگۈدەك ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. مەن شۇ ئارپىدىن ئۇزۇنغىچە يېدىم. ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىن ئۆلچەپ باققان ئىدىم، ئارپا (تېز مۇددەتتە) تۈگەپ كەتتى. (بۇخارى 3097؛ مۇسلىم 2973) وعن عائشة رضي الله عنها ، قالت : تُوفي رسول الله، وَمَا في بَيْتِي مِنْ شَيْءٍ يَأكُلُهُ ذُو كَبِدٍ إِلاَّ شَطْرُ شَعِيرٍ في رَفٍّ لي ، فَأكَلْتُ مِنْهُ حَتَّى طَالَ عَلَيَّ ، فَكِلْتُهُ فَفَنِيَ . متفقٌ عَلَيْهِ
ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىنمۇ قاتتىق ئاغرىق ئازابى تارتقان بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. (بۇخارى 5646؛ ئەلبانى-سەھىھ ئىبنى ماجە 1325)
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى
mujtehid.com
Post Views: 70
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ