رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنىڭ پەرىزلىكى توغرىسىدىكى بەزى ھەدىسلەر

رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنىڭ پەرىزلىكى توغرىسىدىكى بەزى ھەدىسلەر

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

mujtehid.com

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار.»[ أخرجه أحمد في مسنده ، من حديث العرباض بن سارية ، برقم (17144) ، وأبو داود في كتاب السنة ، باب في لزوم السنة ، برقم (4607) ، والترمذي في كتاب العلم ، باب ما جاء في الأخذ بالسنة واجتناب البدع ، برقم (2676) ، وابن ماجه في المقدمة باب اتّباع سنة الخلفاء الراشدين المهديين ، برقم (42) ، والدارمي في المقدمة ، باب اتّباع السنة برقم (95) . {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي ، تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ.}]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:« مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.»[ سنن أبو داود السنة (4607) ، مسند أحمد بن حنبل (4/127) ، سنن الدارمي المقدمة (95). {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ وإياكم ومحدثات الأمور، فإن كل محدثة بدعة وكل بدعة ضلالة.}]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلامدا) ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلىنغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»[ صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم الأقضية (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد.}]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا يوق ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.»[ صحيح مسلم الأقضية (1718) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {من عمل عملاً ليس عليه أمرنا فهو رد.}]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى.[ صحيح البخاري الاعتصام بالكتاب والسنة (7280) ، صحيح مسلم الإمارة (1835) ، مسند أحمد بن حنبل (2/361). {كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى قيل: يا رسول الله: ومن يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة ومن عصاني فقد أبى.}]

خاتىبۇل باغدادى «ئەل كىفايە» ناملىق ئەسىرىدە، ھەسەن ئىبنى ئەتىييەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە (ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن) قۇرئاننى ئېلىپ چۈشكىنىدەك، سۈننەتنىمۇ ئېلىپ چۈشەتتى.»(سۇنەن دارىمى 588؛ خاتىبۇل باغدادى ئەلكىفايە 12؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ خەۋەرنى فەتھۇل بارىدا بەيھەقىغا نىسبەت بەرگەن ۋە «سەھىھ دەپ باھالىغان.»)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن ماڭا قۇرئان بېرىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى (سۈننەت) بېرىلدى. بىراق، يېقىندا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، بىر كىشى قورسىى توق ھالدا كۇرسىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ‹سىلەر بۇ قۇرئانغا ئەگىشىشىڭلار كېرەك. قۇرئاندا ھالال دېيىلگىنىنى ھالال، قۇرئاندا ھارام دېيىلگىنىنى ھارام بىلىمىز› دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغانلىكى ئىش، ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنى بىلەن باراۋەردۇر.» (تىرمىزى 2664؛ ئەلبانى ‹سىلسىلەتۇس سەھىھە› 2870 دە ھەسەن دېگەن.)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ