ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى
ئاپتورى: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
(بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى زامانىمىزدىكى ئەڭ مول-ھوسۇللۇق ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ)
مېھرىبان رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا چەكسىز ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسىردىكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىمامىدۇر. دىننى ئىسلاھ قىلغۇچى مۇجتەھىدتۇر. بىدئەت ۋە شېرىككە قارشى تۇرۇپ، تەۋھىد ۋە سۈننەتكە چاقىرغۇچىدۇر ۋە تەقۋادارلارنىڭ ئىمامىدۇر. ئۇ زات ئەينى چاغدا سەئۇدىي ئەرەبىستان باش مۇپتىسى ئىدى. ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ ئوتتۇز جىلدلىق پەتىۋا توپلىمى بۇ دەۋىردىكى ئاۋام خەلقلا پايدىلىنىدىغان، ئەھلى سۈننەتنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىمۇ نەقىل ئالىدىغان چوڭ ھەجىملىك مۆتىۋەر ئەسەر سۈپىتىدە كىتابخانىلارنىڭ تۆرىدىن، مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان.
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز ھىجرىيىنىڭ 1330-يىلى (مىلادى 1912-يىلى) بىر سالىھ ئائىلىدە تۇغۇلغان. بالاغەت يېشىغا يېتىشتىن ئاۋۋال قۇرئان كەرىمنى تولۇق ياد ئېلىپ بولغان. كېسەللىك سەۋەبىدىن 19 يېشىدا ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان.
بۇ زات شەرىئەت مەسىلىلىرىدە ناھايىتى چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. زالىم ھۆكۈمدارلاردىن بىرىنىڭ «قۇرئاندا ئەسھابۇل كەھف قاتارلىق ئەپسانىلەر مەۋجۇت» دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بۇ سۆزنىڭ كىشىنى كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى، دىندىن چىقىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق مەكتۇپ يازغان. زالىم ھۆكۈمدارنىڭ كاتىۋى شەيخ بىن بازغا ھۆكۈمدارنىڭ ئەسلىدە ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسلىكىنى، سۆزىدىن يېنىۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ جاۋاب قايتۇرغان. بىن باز رەھىمەھۇللاھ قايتۇرما مەكتۇپ يوللاپ، ھۆكۈمدارنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى كۇفرى سۆزىنى ئاشكارا قىلغىنىدەك، تەۋبىسىنىمۇ ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
شەيخ بىن باز فىقھ ئىلىمى بىلەن ھەدىس ئىلىمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن مۇجەددىد ئىمامدۇر. بۇ زات قۇرئاننى كىچىكىدىلا يادلاپ بولغاندىن سىرت، كۆپلىگەن ھەدىس توپلاملىرىنى ياد ئالغان. ئۇ مەشھۇر ھەدىس توپلاملىرىدىكى ھەدىسلەرنى راۋىيلىرى بىلەن قوشۇپ، ھەتتا ئۇ راۋىيلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن قوشۇپ ياد ئالغان. ئەما بولىشىغا قارىماي، (ئىلىمىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك) مۇھىم دىنىي ئەسەرلەرنى ئۇ زات تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، تۈزىتىلىپ، تەستىقلىناتتى. ئىلىمى ئوكياندەك كەڭرى ھەم چوڭقۇر بولغان شەيخ بىن باز ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئارىسىدا قاراشلاردىن پىششىق خەۋەردار ئىدى ۋە ئەھلى سۈننەت ئىماملىرىنىڭ تۇتقان يولىنىڭ سىرتىغا چىقمىغان ئىدى. بىراۋ بىن بازنىڭ قۇرئان سۈننەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھېچبىر پەتىۋاسىنى تاپالمايدۇ.
شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ پۈتۈن دىققىتىنى ھەدىسكىلا بېرىپ، فىقىھقا ۋە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن مۇھەددىسلەر بىلەن فىقىھقىلا ۋە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ ھەدىسكە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا يولنى تۇتۇپ، ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلىمىگىمۇ، فىقىھ، فىقىھ ئۇسۇلى ۋە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ئىككىلى تەرەپتىكى ئارتۇقچىلىقلارنى يۇغۇرۇپ، ھەدىس ۋە فىقھقا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن.
بىن بازنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا ھەل قىلغۇچلۇق رولىنى ئوينىغان. ئىختىلاپلاشقان ھەممە گۇرۇپپىلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئالاتتى. ئالىملار ئۇ بار سورۇندا مۇنازىرىگە چۈشەتتى. بىن باز تارتىشىلىۋاتقان ئىختىلاپىي مەسىلىدە سۆز قىلغان ھامان، ئۇنىڭ سۆزى سورۇندىكى ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپقا ئېلىناتتى. پەتىۋا كومېتىتىكى ئالىملار ئىچىدە پەقەت بىن بازلا باشقا ئالىملار تەرىپىدىن ئىككى ئاۋازغا ئېرىشكەن، باشقا ئالىملار بولسا بىرلا ئاۋازغا ئېرىشكەن.
ئاۋام-خەلقكە كەلسەك، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پەقەت شەيخ بىن بازنىڭلا پەتىۋاسىنى قوبۇل قىلاتتى. ناۋادا، بىر مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار بولسا، ئاۋام مۇسۇلمانلىرىدىن بىرى «بولدى، ئەمدى توختايلى. بۇ ھەقتە بىن باز نېمە دېگەن؟» دەيتتى. ئاللاھنىڭ بىن بازغا ئاتا قىلغان مەرھەمەتلىرىدىن بىرى ئەھلى سۈننەتنىڭ ئالىملىرىمۇ، ئاۋام خەلقمۇ بىردەك ھالدا ئۇ زاتنى ئۆز پېشىۋاسى دەپ قوبۇل قىلغان. بۇ ھال دەۋرىمىزدە ياشىغان باشقا ھېچبىر ئىلىم ئەھلىگە نېسىپ بولمىغان ئالاھىدە ئەھۋالدۇر.
مەن ھەرگىزمۇ شەيخ بىن بازنى ئىمام شافىيدىنمۇ، ئىمام ئەھمەدتىنمۇ، ئىمام ئىبنى تەيمىييەدىنمۇ بەكراق بىلىملىك دېمەكچى ئەمەسمەن. ئۇلار ئەلۋەتتە تېخىمۇ ئىلىملىك زاتلاردۇر. دېمەكچىمەنكى، شەيخ بىن بازنىڭ دەۋرىمىزدىكى مۇھىملىق دەرىجىسى يۇقارقى ئىماملارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسىدىن تۆۋەن ئەمەس. دەۋرىمىزدە ئىلىم ئەھلىنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن، بىن باز رەھىمەھۇللاھ ئىلىم ۋە پەزىلىتى بىلەن بۇ ئەسىردە تولىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ئۇ ئاۋام خەلقنىڭ دىنىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، دىنىي مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ چۈشىنىش دەرىجىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاسان ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. ئاۋام-خەلقكە ھەرگىز ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى تەسكە توختايدىغان ئۇسلۇبتا سۆز قىلمايتتى.
شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋا بېرىشتىمۇ مۇجەددىد ئىدى. ئۇنىڭ پەتىۋالىرى بىۋاسىتە قۇرئان ۋە سۈننەتىكى دەلىللەرگە تايانغان ئىدى، زۆرۈر تېپىلسا ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىنىمۇ نەقىل قىلاتتى (ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بىر چۈشەنچە: تارىختا ئۆتكەن چوڭ ئىماملارغا ئوخشاش، شەيخ بىن بازغا دىنىي ئىلىم يادا ئىدى. پەتىۋا سورالسا ئايەت ھەدىس ۋە مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ يادا پەتىۋا بېرەتتى. بۇ بەك يۇقىرى سەۋىيە. كومپيۇتېرنى تىزىغا قويۇۋېلىپ، كىتابنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش پەتىۋا سالاھىيىتى بولمىغان تالىپنىڭ ئىشى بولسا. ئىلىمنىڭ ھەر قايسى سەۋىيىسىدە نەق مەيدان يادا پەتىۋا بېرىش ئىلىمدە پېشىۋا بولغان ئالىمنىڭ ئىشىدۇر.-تەرجىماندىن) ئىلگىرى ئۆتكەن ئالىملارنىڭ نۇرغۇنلىغان پەتىۋالىرى ھەر قايسى مەزھەپ ساھەسىدە يېزىلغان فىقھى كىتابلاردىكى مەزمۇنلارنى مەنبە قىلغان بولسا، بىن بازنىڭ پەتىۋاسى بىۋاسىتە قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلغان.
شەيخ بىن باز كىشىلەرگە ھەر قانداق چاغدا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى. مەسىلەن، ئۇ مەسجىد نامازنى ساقلايتتى. بەزىدە، يېنىدا قۇرئان قىرائەت قىلىۋاتقانلار بولسا، ئۇلارنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سالاتتى. ئەگەر، ياندىكى كىشى قۇرئاندىكى بىرەر تەس كەلىمىنى قىرائەت قىلغان بولسا، «بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورايتتى، ئاندىن بۇ كەلىمىنى ئۇنىڭغا ئەتىراپلىق چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. مەن ئۇستازىم بىن باز بىلەن نۇرغۇن قېتىملاپ ئۆيىدە بىللە بولاتتىم. ئۇنىڭدىن پەتىۋا سوراپ تېلفون كەلسە تېلفوندا پەتىۋا بېرىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «بۇ كىشى مۇنداق مۇنداق مەسىلە توغرۇلۇق پەتىۋا سورىدى، بىز بۇنىڭغا مۇنداق مۇنداق جاۋاب بەردۇق» دەپ بىزگە بايان قىلىپ بېرەتتى.(بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ سوئالنى ۋە بېرىلگەن جاۋابنى ياخشى ئاڭقىرىپ ئۆگىنىۋېلىشىمىزنى كۆزلەيتتى.)
شەيخ بىن باز ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى دەرسلىرىدە مۇئەللىپنىڭ بايانلىرىغا ئۆز بايانىنى ئاساسەن قوشمايتتى. ئاپتورنىڭ سۆزى ۋە كىتاب بىلەنلا بولدى قىلاتتى. كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۈچۈن بىر دەرس ياكى تەكرارلاش بىلەتتى. شەيىخنىڭ فەتھۇل بارىغا قىلغان شەرھىسى ناھايىتى يېنىك بولۇپ، پەقەت ئىزاھات بېرىش بەك زۆرۈر دەپ قارىغان يەرلەردىلا شەرھ قىلاتتى. ئۇ دائىم ئۆز شەيخلىرىنى تىلغا ئالاتتى ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلاتتى.
ئۇ ئۆز كىتابلىرىغا ئۆز ئىسمىنى «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىنتىزار بەندە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز-ئاللاھ ئۇنى مەغفىرەت قىلسۇن» دەپ يازاتتى.
ئۇنىڭ كەمتەرلىكلىرىدىن يەنە بىرى، ئۇ زات ئىشىكى ئالدىغا تىلەپ كەلگەن ئاياللارغا ئۆزى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ پۇل-مال بېرەتتى، پەتىۋا سوراپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەنلەرگە ئالدىغا چىقىپ جاۋاب بېرەتتى. بىر قېتىم، ئۇ زاتنىڭ ھوزۇرىدا زاماننىڭ چوڭ ئالىملىرى بىر مەسىلىنى قىزغىن مۇزاكىرەك قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا ئۇ زاتقا تېلفون كەلدى. تېلفون قىلغۇچى ياردەمگە موھتاج ئايال كىشى ئىكەن، بۇ چاغدا ئالىملار ئۆز ئارا دەلىل كەلتۈرۈشىۋاتاتتى، شەيخ ئالىملارنىڭ گېپىنى بۆلۈپ «بۇ ئاجىزە ياردەمگە موھتاج ئىكەن» دېدى.
شەيخ بىن باز دۇنياغا مەشھۇر مەدىنە ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دەۋرىدە مەكتەپنىڭ ئىشىك باقار ۋە دىجورنىلىرى چاقىرغان سورۇنلارغىمۇ قەدەم تەشىرىپ قىلاتتى. گەرچە ئۇ بەك ئالدىراش بولسىمۇ، سۈننەتتە چاقىرىلغان دۇرۇس سورۇنلارغا ئىشتىراق قىلىش تەرغىپ قىلىنغانلىقتىن توي مۇراسىملىرى قاتارلىق سورۇنلارغا قاتنىشاتتى.
تامىقىنى يەردە ئولتۇرۇپ يەيتتى، تولىمۇ ئاددىي-ساددا كىيىنەتتى. ئۇزۇنلۇقى پاچىقى بىلەن تىزىنىڭ ئارىسىغا كېلىدىغان كەڭتاشا، رەڭسىز رىدا ۋە ئەرەنچە ئەرزان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيەتتى. ئۇنىڭ كىيىم-كېچىكى ۋە ئايىقى ئۇنىڭ زاھىدلىقىنى كۆرسىتىدىغان، دۇنيانىڭ ھەشەم-دەرەملىرىگە ئەسلا يېقىن كەلمىگەن خۇداگۇي بەندە ئىكەنلىكىنىڭ ئالامەتلەردىن بىرى ئىدى.
شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ ئۆز مائاشىنى قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا سەرپ قىلاتتى. مائاشى يەتمىسە قەرز ئېلىپ ياردەم قىلاتتى. بىر قېتىم، ئۇنىڭغا فىلىپىندىن بىر پارچە خەت كەلدى. خەتنى بىر ئايال كىشى يازغان بولۇپ، مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:«يولدىشىم مۇسۇلمان ئىدى. خىرىستىئانلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ قۇدۇق تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. مەن تۇل قالدىم، بالىلىرىم يېتىم قالدى. مېنىڭ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەدىن باشقا ھېچكىمىم يوق. مەن ‹بۇ خەتنى كىمگە ئەۋەتسەم بولا؟ ئاللاھتىن كېيىن ماڭا كىممۇ ياردەم قولىنى سۇنار؟› دەپ كۆپ ئويلاندىم. مەن ماڭا ياردەم بېرىدىغانغا شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازدىن باشقا ھېچكىمنى تاپالمىدىم. شۇڭا، ماڭا ياردەم بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.» شەيخ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلارغا كىشىلەرگە خەت يېزىپ، بۇ ئايالغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلاردىن ئۆزلىرىدە ئېرى قۇدۇققا تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بۇ ئايالغا ياردەم قىلغۇدەك پۇل-مالنىڭ يوقلۇقى، ئىقتىسادىي جەھەتتە چەكلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق جاۋاب كەلدى. شۇنداق قىلىپ، شەيخ ئۆز كاتىۋىغا «فوندنىڭ مەسئۇلىغا ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنىڭ مائاشىمدىن ئالدىن ئون مىڭ رىيال تۇتۇپ قېلىڭ (بۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە قەرز)، شۇ ئون مىڭ رىيالنى ماۋۇ ئايالغا ئەۋەتىۋېتىڭ›» دېگەن مەكتۇپنى يازدۇرۇپ، مائاشىدىن ئالدىن قەرز ئېلىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئايالغا يەتكۈزدى.
شەيخ بىن باز ئىنشەچىلىك، تەقۋادار بەندە ئىدى. ئۇ زاتنىڭ ئالدىغا مىليونلارچە زاكات ۋە سەدىقىلەر تېگىشلىك ئورۇنلارغا تەقسىملەپ بېرىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلەتتى. ئۇ زاتنىڭ قولى ئارقىلىق تارقىتىلغان سەدىقە-زاكاتلارنى بىر مىلياردتىن كۆپ ئىدى دېسەك ھەرگىز مۇبالىغا قىلىۋەتكەن بولمايمىز.
شەيخ بىن باز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ۋە كىشىلەردىن ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇرالغا ۋە تەمىنات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەسجىدتە بامدات، پېشىن نامازلىرىدىن كېيىن ۋە ئەسىر نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنىڭ ئارىسىدا دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتى. ئوقۇغۇچىلىرىدىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئەسىر بىلەن شامنىڭ ئارىسىدا تەپسىر ئىبنى كەسىرنى ئوقۇپ بېرەتتى. ئۇ زات ئوقۇلغان مەزمۇنلاردىن ۋۇجۇدى لەززىگە كېلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلاپ كېتەتتى. بەزى چاغلاردا، بەك ئۇزۇن يىغلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا دەرس ۋاقتى ئۇزۇراپ كېتەتتى. بەزىدە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سوئال-جاۋاب شەكلىدە مۇزاكىرىگە چۈشەتتى، بولۇپمۇ مىراس مەسىلىسىدە مۇشۇنداق قىلاتتى (چۈنكى، مىراس مەسىلىسى ئىسلام شەرىئىتىكى ئەڭ زىل ۋە ئەھۋالغا قاراپ ھەر خىل ئۆزگۈرەپ تۇرىدىغان قىيىن مەسىلىدۇر). ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى سوراپ، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. ئۇلارنى ئېلىپ شەھەر سىرتىغا سەپەرلەرگىمۇ چىقاتتى. شەيخ بىن باز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىش دېگەندەك تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، چۈنكق سۈننەتكە بەك چىڭ ئېسىلغان بۇ زات ئائىشە ئانىمىز بىلەن سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىش ھەدىسىگە ئاساسەن شۇنداق قىلاتتى.
ھىجرىيە 1360-يىلى ئەلدالام دېگەن يۇرتتا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. شەيخ بىن باز ئۇ يەرنىڭ خەلقىگە مەدەت بېرىش ۋە دامبا قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى ئۈچۈن دالامغا باردى. ئۇ دامبا قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كىشىلەرگە ئۆيىدىن ئالاھىدە تەييارلىۋالغان قەھۋە ۋە خورما دېگەندەك نەرىسلەر بىلەن خىزمەت قىلدى. بۇ يۇرتتا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىۋىدى، شەيخ بىن باز خەلققە ھەمدە بولۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىللە چېكەتكە ئۆلتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى.
ئۇ 1381-يىلى مەدىنە ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن ئېتىبارەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە سىنىپ ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى. بولۇپمۇ، چەتئەللىك مۇساپىر ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇلارغا كۆپلەپ كىتاب ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەردى. نامرات ئوقۇغۇچىلارغا فوندتىن پۇل ھەل قىلىپ بەردى، ئۆز مائاشىدىنمۇ ياردەم قىلدى. نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىزچىل ھالدا ئۆز مائاشىدىن ياردەم قىلغان شەيخ، بىر چاغدا مەكتەپكە تۆت يۈز لىرا قەرز بولۇپ قالغىنىنى ئۇقتى. يەنە ياردەم قىلاي دېسە يېنىدا ئىقتىساد قالمىغان شەيخ، باشقا شەيخلەرنى نامرات كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. ئۇ 1395-يىلى دىنىي تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، مەدىنىدىن مەككىگە كەتمەكچى بولغىنىدا، ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتداشلىرىغا ۋەز نەسىھەت قىلدى، تەسىرلەنگەن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىشتى.
ئۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىدارە قىلغۇچى بولۇپ، مەدىنە ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنىمۇ، دىنىي تەتقىقات ۋە كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى تەۋەلىكىدىكى پەتىۋا كومېتىتىنىمۇ ياخشى ئىدارە قىلدى. شەيخ بىن باز ۋاقتىنى، خىزمىتىنى، دەرىسىنى ۋە يىغىنلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشقا ۋە ھەممە كىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى.
شەيخ بىن بازنىڭ كۆپلىگەن مەسجىد قۇرۇلۇشى، قۇرئان يادلاش ئىنىستىتۇتلىرى قۇرۇلۇشى، ئىسلام مەركەزلىرى ۋە شەرئىي ئىنىستىتۇت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا قىلغان سەپەرۋەرلىك ۋە ياردەملىرى نۇرغۇن. ئۇنىڭ چوڭ ئۇتۇقلىرىدىن بىرى، دۆلەت دائىرىلىرى، ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ ھەر بىرىدە دىنىي ئىشلار بۆلۈمى قۇرۇپ شەرئىي ئىلىمنى پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ييىش، رادىئودا ۋە تېلۋېزوردا سوئال-جاۋابلىق پەتىۋا قاناللىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئەمگەكلەر نەتىجىسىدە دۆلەت ئىچى تېشىدا نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلار روياپقا چىقتى. ئۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ياخشىلىقلارنىڭ ساۋابىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىشىنى ۋە قىيامەتتىكى تارازىدا بۇ ئەمەللىرىنىڭ ئېغىر ئولتۇرىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز.
بىر سورۇندا نۇرغۇن كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، شەيخ بىن باز ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، ئاۋازىدىنلا كىشىلەرنى تونۇۋېلىشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. سورۇندا بىرى گەپ قىلسا، ئۇنىڭ ئاۋازىنى نەچچە يىل ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، ئاۋازىدىن گەپ قىلغۇچىنى شۇ ھامان تونۇۋالالايتتى. كىشىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالى (يەنى بىلىم سەۋىيىسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئائىلە ئەزالىرى، بالىلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرى، دەردى، ئۈمىدى قاتارلىقلار توغرۇلۇق) توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە ئىدى. باشقىلاردىن ھال-ئەھۋال سورايتتى. ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ھال ئەھۋالىنى سورايتتى. ئۇرۇق تۇغقىنى قانچە جىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىدىن ھال ئەھۋالىنى ئاڭلاپ چىقاتتى.
شەيخ بىن باز ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلاتتى. ھەتتا ئىككى كاپام تاماقنىڭ ئارىسىدىمۇ ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى. «لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» نى كۆپ دەيتتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كۆپلەپ دۇئايى سالام يوللايتتى. ناۋادا ئۇ بار سورۇندا بىرەر كىشى ئورۇنسىز، لەغۋى گەپ قىلىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا «سەببىھ، سەببىھ»(يەنى‹سۇبھاناللاھ› دەپ ئاللاھنى زىكىر قىل) دەيتتى. كۆپ سۈكۈت قىلاتتى (ئاز سۆزلەيتتى)، كۆپ ئويلىناتتى. ئەگەر بىرەرسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالسا، بېشىنى ئۇنىڭغا ئېگىپ، سۆزىنى دىققەت بىلەن تىڭشايتتى. ئاللاھ بۇ زاتقا كۈچلۈك ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان بولۇپ، ھەق گەپ قىلىپ راست سۆزلىگۈچى بىلەن يالغان سۆزلەۋاتقاننى ئايرىۋالالايتتى. كىشىلەرنى ئىشقا قويغاندا، ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلارنى ناھايىتى ياخشى تاللاپ ئىشقا قويالايتتى.
شەيخ بىن باز پەتىۋا بېرىشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىدى. بەزىدە «بىز بۇ مەسىلىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى»، «ئانالىز قىلىشىمىز ئۈچۈن پەتىۋا كومېتىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە ئانالىز قىلىشىمىز ئۈچۈن مەسىلىنى ئۇلارغا ئەۋەتەيلى» دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى. مەن ئۇ زاتتىن يىگىرمە يىل ئىلىم ئېلىش جەريانىمدىكى بىر تۈركۈم سوئاللىرىمغا مۇشۇنداق دېگەن ئىدى. ئۇ ھەرەم مەسجىدىنىڭ ھويلىسىدا دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرغاندا، مەسجىدكە لىق تولغان جامائەت ئالدىدا «بۇ مەسىلە مېنىڭ كاللامدا ئېنىق ئەمەس» دېيىشتىن نومۇس ھېس قىلىپ ئولتۇرمايتتى.
ئۇ ئاللاھتىن بەك قورقاتتى. ئاللاھ قورقۇنچىدىن كۆپ يىغلايتتى. ئايەت-ھەدىسلەردىنساھابە تابىئىنلار ۋە باشقا تەقۋادارلارنىڭ بېشىن ئۆتكەن ۋەقەلىكلەردىن تەسىرلىنىپ كېتەتتى. بۇ خىلدىكى ھېسسىياتىدىن غالىپ كېلىپ، يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ھېسسىياتىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن دەرس بېرىشتىن بىر ئاز توختاپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالېشقا بەك تىرىشاتتى. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.»(35:28)
ئۇ كەئىب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلانغانغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلغاندا، ئەنسارلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا بەيئەت قىلىشىنى سۆزلىگەندە، ئۇلىغىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ بوينى سۇنۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئاز ئەمەل بىلەن كۆپ ساۋابقا ئېرىشكەن بەدەۋىينىڭ ۋەقەلىكىنى تىلغا ئالغاندا بۇلاردىن تەسىرلىنىپ، تەۋبە قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇپ، ئىبرەت ئېلىپ، قەلبى يۇمشاپ يىغلايتتى.
شەيخ بىن باز رەببىگە ئىبادەت قىلىشتا ناھايىتى چىڭ تۇراتتى. تائىفتىن رىيازغا قىلغان سەپىرىدە ئۇنىڭ ھەمراھ بولغانلار مۇنداق دېدى: يېرىم كېچە سائەت ئىككى بولغاندا شەيخ ھەمراھلىرىغا «بىزگە ھارغىنلىق يەتكەندەك تۇرىدۇ. سەپىرىمىزنى توختىتىپ ئارامئالايلى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن توختىدۇق. قاتتىق ئۇيقۇمىز كەلگەنلىكى ئۈچۈن يەرگە ئاران ئاران دەسسەيتۇق. ئارىمىزدىكى سالىھ كىشىلەر ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر رەكئەت ياكى ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇدى. شەيخمۇ نامازغا تۇردى. بامداتقا ئاز قالغاندا ئۇيقۇمىزدىن ئويغانغىنىمىزدا شەيخ بىن بازنىڭ تېخىچە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.
مەن شەيخنى مۇنۇ ھەدىستە بايان قىلىنغىنىدەك، ئاللاھ كۈلۈمسىرەيدىغان ئۈچ كىشىدىن بىرى دەپ ئويلايمەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئۈچ كىشىگە كۈلۈمسىرەيدۇ. بىرى، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئۇچرشقان ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ھەمراھلىرىغا يول ئېچىپ بەرگەن كىشىگە؛ يەنە بىرى، كىشىلەر كېچىنىڭ ياخشى پەيتىدە تاكى يەرگە چۈشۈشنى ئارزۇ قىلغۇچە سەپەر قىلغان، ئاندىن سەپىرىنى توختىتىپ ئارام ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايرىلىپ، ئارام ئېلىشقا تۇتۇنغان ھەمراھلىرىدىن بىر ئاز يىراققا يۆتكىلىپ، تاكى ھەمراھلىرىنىڭ سەپىرىنى باشلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتقانغا قەدەر ناماز ئوقۇغان كىشىگە؛ يەنە بىرى، قوشنىسىنىڭ ئەزىيىتىگە ئۇچرىغان، ياكى ئۆزى ياكى قوشنىسى ۋاپات تاپقۇچە ۋەياكى ئۆزى ياكى قوشنىسى باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتكۈچە قوشنىسىنىڭ ئەزىيىتىگە سەبر قىلغان كىشىگە (ئاللاھ كۈلۈمسىرەيدۇ.)»(ئىمام ئەھمەد، 20377؛ سەھىھ جامىئ 3074)
ئاللاھ شەيخ بىن بازغا پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇنى تونۇشى ۋە ھۆرمەتلىشىدىن ئىبادەت كاتتا شۆھرەت ئاتا قىلغان. دەئۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن بىرى مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئافرىقىغا دەئۋەت ئۈچۈن باردۇق. بىر قېرى موماي بىزدىن «نەدىن كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. بىز تەرجىمان ئارقىلىق سەئۇدىيدىن كەلگىنىمىزنى ئۇقتۇرىۋىدۇق، موماي بىزگە «سالىمىمنى شەيخ بىن بازغا يەتكۈزۈپ قويساڭلار» دېدى. بىر قېتىم، نېپالدىن بىر بۆلەك نامرات مۇسۇلمانلار سەئۇدىيغا ئىشلەش ئۈچۈن كېلىپ، شەيخ بىن بازنىڭ ئۆزىگە ئىش تېپىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى.
شەيخ بىن باز مۇئەززىنگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، سوئال سورىغان كىشىلەرگە جاۋاب بېرىشنى توختىتاتتى. ئەتىراپىدا سوئال سورايمىز دەپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي، نامازدىن كېيىنكى زىكىرلەرنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيتتى. مەسجىدتىن ئايرىلىدىغاندا زىكىر قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىتە سۆزىنى توختىتاتتى.
شەيخ بىن باز ئىككىلى ئايالىغا بەك ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى. كېچىسى قونماقچى بولغان ئايالىنىڭ ئۆيىدە شام نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. (چۈنكى، كۈن كىرگەندىن كېيىنلا كېچىگە ھېساب. كېچىنىڭ ئازراق بىر قىسىمىنىمۇ يەنە بىر ئايالىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزۈپ قېلىش سەۋەبلىك، باشقا بىرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.)
شەيخ بىن باز ناھايىتى سەبىرچان، چىدامچان ۋە چىقىشقان ئىدى. ئۇ دالام دېگەن رايوننىڭ قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتاۋاتقان چاغدا، كىشىلەردىن بىرى كېلىپ شەيخكە تىل سېلىپ ھاقارەتلىدى. شەيخ ئۇنىڭ تىل ئاھانەتلىرىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈت قىلدى. كېيىن، شەيخ ھەج ئۈچۈن مەككىگە باردى. بۇ چاغدا ئۆزىگە ھېلىقى دالامدىكى ئۆزىگە تىل سالغان ھېلىقى كىشى ئۆلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ مىيىتى ئىمامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ. ئىمام ئۆلگۈچىنىڭ شەيخ بىن بازنى يۈز تۇرانە تۇرۇپ ھاقارەتلىگەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەن. شۇڭىلاشقا، ئۇنىڭ مىيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشنى رەت قىلىپ «مەن ئالىمغا تىل سالغۇچىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيمەن، ئۇنىڭ نامىزىنى ئۆزۈڭلار چۈشۈرۈڭلار» دەپ كېتىپ قاپتۇ. بىن باز ھەجدىن قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى كىشىنىڭ ئۆلگىنىدىن ۋە ئىمامنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرمىگىنىدىن خەۋەر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆلگۈچىگە ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەپ، ئىمامنىڭ قىلغمىشىنى تەنقىدلىدى. ئاندىن، ئۆزىنى ۋاپات تاپقۇچىنىڭ قەبرىسىگە باشلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆلگىنىگە بىر نەچچە كۈن بولغان ئۇ كىشىنىڭ قەبرە بېشىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى.
مەن شەيخ بىن بازغا ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى:«ئۇستاز، سىلىدىن كەچۈرۈم تىلەيمەن. چۈنكى، نەچچە يىللاردىن بۇيان سىلىگە تۇتقان مۇئامىلەمدە ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە قۇسۇر-كەمچىلىكلەر بولغانلىقى تەبئىي. ياكى، سىلى چۈشەندۈرگەن بەزى مەسىلىنى خاتا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولۇشۇم، ياكى سىلىنىڭ پەتىۋالىرىنى خاتا يەتكۈزۈپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. مېنى كەچۈرسىلە» دېدىم. شەيخ بىن باز:«سىزنى كەچۈردۈم، كەچۈردۈم. ئاللاھمۇ سىزنى مەغفىرەت قىلسۇن» دېدى.
شەيخ بىن باز خەقلەرگە بەك مەرتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ ئۇزۇن ئەرەنچە كۆڭلىكىنى سورىغان بىرەيلەنگە بېرىۋەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ زىنھار تاماقنى يالغۇز يېمەيتتى. كۆپىنچە چاغدا تۈركۈم تۈركۈملەپ مېھمانلىرى بولاتتى. ئاغرىپ يېتىپ قالغان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تاماق تەييار بولغاندا شەيخ بىن باز بىزگە «قورسىقىڭلارنى تويغۇزىۋېلىڭلار. سىلەرگە ھەمراھ بولالمىغىنىم ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىلىڭلار» دېگەن ئىدى.
ئۇ تاكى نەپسى توختىغۇچە تىنىمسىز ئىشلىدى. تاكى ئاغرىپ يېتىپ قالغۇچى دەرسلىرى داۋام قىلدى. شەيخ بىن بازنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى بامداتتىن كېيىنكى دەرىسى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلاتتى.
شەيخ بىن باز ئەللىك يەتتە يىل دىنىي خىزمەت قىلدى. بۇ جەرياندا بىر قېتىممۇ دەم ئېلىش قىلىپ باقمىدى. ئۇ تولۇق مائاش بىلەن يىگىرمە يىل بۇرۇنلا پىنسىيىگە چىقىش تەكلىۋىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما، ئىسلامغا خىزمەت قىلىش يولىدا بۇن خىلدىكى يۇقىرى سومما بىلەن پىنسىيەگە چىقىش تەكلىۋىنى رەت قىلدى.
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز ھىجرىيەنىڭ 1420-يىلى (مىلادىيە 1999-يىلى) مۇھەررەم ئېيىنىڭ 27-كۈنى بامدات ۋاقتى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
شەيخنىڭ ۋاپاتى ئىككى تۈرلۈك كىشىلەردىن باشقىسىنى قايغۇغا سالدى. ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈكى ئىسلامنى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىۋېتىشنى قەستلىگەن مۇناپىقلار، يەنە بىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەس ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان بىدئەتچىلەر ئىدى.
Post Views: 87
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ