نامازدا ئاق سۇيۇقلۇق كەلگەن ئايال قانداق قىلىدۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىن كەلگەن ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ پاك ياكى نىجىسلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان. ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار بۇنداق سۇيۇقلۇقنى پاك دېگەن. بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ بالياتقۇسىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقنى نىجىس دەيدىغانغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىل يوق. ئىمام ئىبنى قۇدامە بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ پاكلىقىغا مۇنداق دەلىل كەلتۈرگەن: ئائىشە ئانىمىز — مۇناسىۋەت جەريانىدا — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىمىگە تېگىپ كەتكەن مەنىينى — قۇرىغاندىن كېيىن — تاتىلاپ چىقىرىۋېتەتتى. بۇنداق مەنىي دائىملا ئايال كىشىنىڭ جىنسىي يولىدىكى سۇيۇقلۇق بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ناۋادا، ئايال كىشىنىڭ جىنسىي يولىنى نىجىس دېسەك، ئۇ ھالدا ئۇنىڭدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقنىمۇ نىجىس دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. (بۇ ھالەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە تەگكەن مەنىي ئۇۋۇلاپ، تاتىلاپ چىقىرىۋېتىش بىلەن كىيىم پاكلانمىغان بولاتتى. شۇڭا، ئايال كىشىنىڭ جىنسىي يولىدىن كەلگەن ئاق سۇيۇقلۇق نىجىس ئەمەس. نىجىس بولسا، ئائىشە ئانىمىز ئۇ سۇيۇقلۇق تەگكەن كىيىمنى يۇغان بولاتتى.) (ئىسلام سوئال جاۋابلىرى پەتىۋالىرىنىڭ 155750-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى)
مۇجتەھىد فەقىھ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق سۇيۇقلۇق توغرۇلۇق مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق سۇيۇقلۇق توغرۇلۇق ئىزدەنگەندىن كېيىن، ماڭا شۇ نەرسە ئايدىڭ بولدىكى: ئەگەر ئاياللاردىن كەلگەن سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ سۈيدۈك يولىدىن ئەمەس، بالىياتقۇسىدىن كەلگەن تەقدىردە، بۇنداق سۇيۇقلۇق پاك ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بۇ سۇيۇقلۇق پاك بولغان تەقدىردىمۇ، تاھارەتنى بۇزىدۇ. چۈنكى، تاھارەتنى بۇزىدىغان نەرسىنىڭ نىجىس بولۇشى شەرت ئەمەس. ئارقا تەرەپتىن كەلگەن يەلنى مىسالغا ئالساق، ئۇ (نىجىس) ماددا ھېسابلانمايدۇ، شۇنداقتىمۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، ئايال كىشى تاھارەتلىك ھالەتتە ئۇنىڭدىن ئاق سۇيۇقلۇق كەلسە، ئۇنىڭ تاھارىتى بۇزۇلىدۇ. ئەمما، بۇنداق سۇيۇقلۇق ئايال كىشىدىن داۋاملىق كېلىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سۇيۇقلۇق تاھارەتنى بۇزمايدۇ. داۋاملىق سۇيۇقلۇق كېلىدىغان ئايال ناماز ۋاقتى كىرمىگۈچىلىك تاھارەت ئالماسلىقى كېرەك. تاھارەت ئالغاندىن كېيىن پەرز، نەپلە نامازلارنى ئوقۇسا، قۇرئان ئوقۇسا ۋە باشقا ئىبادەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ. بۇ ھال ئۆلىمالارنىڭ ئېيتقىنىدەك، سۈيدۈكى تامچىلاشقا مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ.
مانا بۇ ئايال كىشىنىڭ بالياتقۇسىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇقنىڭ پاكلىققا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمىدۇر. بۇنداق سۇيۇقلۇق پاك بولۇپ، كىيىمنى ياكى بەدەننى بۇلغىمايدۇ.
بۇ خىل يۇسۇقلۇقنىڭ تاھارەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە كەلسەك، ئۇ (كېسەللىك سۈپىتدە) داۋاملىق توختىماستىن كېلىپ تۇرىدىغان بولسا تاھارەتنى بۇزمايدۇ. داۋاملىق كەلمەستىن، پات-پات، بىرە-بىرە كەلسە تاھارەتنى بۇزىدۇ. بىراق، بۇنداق ئايال كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشى كېرەك. شۇنداقلا، تازىلىق قەغىزىدەك نەرسىنى چىڭ قويۇۋېلىشى كېرەك بولىدۇ.
بەزى ئاياللارنىڭ بۇ سۇيۇقلۇق تاھارەتنى بۇزمايدۇ، دېگەن چۈشەنچىدە بولۇشىغا كەلسەك، بۇ ئىبنى ھەزمنىڭ كۆز قارىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ خىل سۇيۇقلۇقنى تاھارەتنى بۇزمايدۇ دېگەن، بىراق، بۇ سۆزىگە ھېچقانداق دەلىل كەلتۈرمىگەن. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قۇرئان ياكى سۈننەتتىن دەلىل بولغان بولسا، ئۇ ھالدا سۆزى كۈچكە ئىگە بولغان بولاتتى. ئاياللار ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە ئۆزىنى پاكلىشىغا تىرشىشى لازىم، چۈنكى، تاھارەتسىز ھالدا ئوقۇلغان ناماز قوبۇل بولمايدۇ، ھەتتا بۇنداق ئايال كىشى (يەنى ئاق سۇيۇقلۇق كېلىدىغان كىشى ئاق سۇيۇقلۇق تاھارەتنى بۇزمايدۇ دەپ قاراپ) يۈز ۋاخ ناماز ئوقۇغان تەقدىردىمۇ نامىزى بەرىبىر قوبۇل بولمايدۇ. ھەتتا، بەزى ئۆلىمالار پاك ھالەتتە ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ بۇ قىلمىشى بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن كاپىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى توپلىمى، 1-جىلد 284-286)
دۇنياغا مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچىلىك پەتىۋا تورلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىدا بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بېرىلگەن:
ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇق پاكتۇر، سۈيدۈك يولىدىن كەلگىنى بولسا نىجىستۇر. ئىككىلىسى ئايال كىشىنىڭ تاھارىتىنى بۇزىدۇ.
بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇشى كېرەك بولغان، (بۇنداق سۇيۇقلۇق دائىم كېلىدىغان) ئايال، ھەر قېتىم چوقۇم شۇ نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ناماز ئۈچۈ تاھارەت ئېلىشى كېرەك، ناۋادا بۇنداق تاھارەتتىن كېيىن سۇيۇقلۇق كەلگەن تەقدىردە، تاكى شۇ ناماز ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر، بۇ سۇيۇقلۇق سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىپ، ئىككىنچى ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن، ئايال كىشى يەنە ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. (ئىسلام سوئال جاۋابلىرى پەتىۋالىرى 69792-نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ بىر قىسىمى)
ئاق سۇيۇقلۇق دائىم كېلىدىغان ئايال، ھەر نامازنىڭ ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن، شۇ ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ. ناماز ئوقۇۋاتقاندا سۇيۇقلۇق كەلسە نامازنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. نامازنى بۇزۇپ، تاھارەتنى قايتا ئېلىپ، نامازنى قايتا ئوقۇشىغا ھاجەت يوق. ناماز ۋاقتى كىرىشتىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىپ، ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن، ئاق سۇيۇقلۇق كەلسە، ئۇ ھالدا ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالىدۇ. ناۋادا، ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ، ناماز باشلاشتىن ئاۋۋال بۇ سۇيۇقلۇق كەلگەن تەقدىردە، بۇ سۇيۇقلۇق تاھارىتىگە تەسىر كۆسەتمەيدۇ، ۋە قايتا تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەرەپچىدىن پايدىلىنالايدىغانلار تۆۋەندىكى ئەرەپچە پەتىۋالاردىن پايدىلانسا بولىدۇ (ئېنگىلىزچىدىن ماتېرىيال كۆرەلەيدىغانلار بۇ پەتىۋانىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنىمۇ تۆۋەنكى ئۇلىنىشتىن تاللاپ كۆرەلەيدۇ):
https://islamqa.info/ar/answers/44980/هل-ينتقض-الوضوء-بخروج-الرطوبة-من-الفرج
https://islamqa.info/ar/answers/69792/حكم-افرازات-رحم-المراة
مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى باش قېتىنچىلىقىنىڭ تۈگىشى، دىنىي ھۆكۈملەرنىڭ كەڭ يېيىلىشى ئۈچۈن بۇ پەتىۋانى ۋە باشقا پەتىۋالىرىمىزنى كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى، ۋە بۇ ئارقىلىق ئىككىلى دۇنيالىق ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
توغرا شەرئىي ئىلىم تارقىتىش بەندىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ياخشىلىق مىزانىنى تولدۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ساۋابلىق ئەمەللەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
سۈيدىكى تامچىلايدىغان كىشى ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشتا قانداق قىلىدۇ؟